ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاڭسىزلىق ۋە دېتسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەرنى كور قىلىپ، ئۇنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. مەرىپەت يوللىرىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ ھىدايەتكە ئىرىشكىلى قويمايدۇ.
ئىمام مالىك ئىمام شاپىئىي بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭدا چېچەنلىك ئالامەتلىرىنى بايقاپ مۇنداق دېگەنىكەن: ھېس قىلىشىمچە ئاللاھ ساڭا نۇر ئاتا قىپتۇ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ زۇلمىتى بىلەن نۇرنى ئۆچۈرۈپ قويما!
ئىنساننىڭ قەلبىدىكى نۇر ئاجىزلىشىۋېرىپ ئاخىرىدا يوقىلىپ كېتىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر كۈچەيگەنسېرى قەلبنى قارىدىتىپ زۇلمەت كېچىگە ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر قەلبىنىڭ قارىلىقىدىن ھالاك بولىدۇ. بۇلار گويا قاراڭغۇ كېچىدە ئىگىز-پەس يوللاردا كېتىۋاتقان ئەماغا ئوخشايدۇ.
ساقلىقتىنمۇ زور بايلىق بارمۇ؟! قەلبنىڭ كورلىقىدىنمۇ تىز ھالاك قىلىدىغان نەرسە بارمۇ جاھاندا؟!
قەلبتىكى زۇلمەت ۋە قارىلىق زورىيىپ، قەلبتىن باشقا ئەزالارغا سىرغىيدۇ-دە، قەلبنىڭ قارىلىقى چىرايغىمۇ چىقىپ كېتىدۇ. قەلبتىكى قارىلىقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا قاراپ چىرايى نۇرلۇق ياكى خۈنۈك بولىدۇ. ناۋادا قەلبى قارا، دىلى كور ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، قەبرىسى زۇلمەتكە توشقۇزىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ماۋۇ قەبرىدىكىلەر زۇلمەت ئىچىدە. مېنىڭ ئۇلارغا دۇئا قىلىشىم سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى نۇرلاندۇرىدۇ.»[1]
مەھشەرگاھ كۈنىدە بۇ قارا يۈزلەرنىڭ كۆمۈردەك قاپقارا بوپ كەتكەنلىكىنى ھەممە ئادەم ئوپئۇچۇق كۆرىدۇ. بۇ ئازابلار ھېلىقى گۇناھكار چۈشتەك ياشىغان بىر نەچچە ۋاقىت ئەمەس بەلكى دۇنيانىڭ باشتىن-ئاخىر بارلىق لەززەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندىمۇ نېمىدېگەن ئېغىر-ھە!
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر