ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەرنى كېسەل قىلىپ قويىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەرنى كېسەل قىلىپ قويىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ساغلام ۋە مۇستەھكەم قەلبلەرنى كېسەل قىلىپ، نورمال يۆنىلىشىدىن بۇرۇۋىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ قەلبلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى كېسەللەرنىڭ بەدەنگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئوخشايدۇ. بەلكى گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي كېسىلىدۇر. گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تەرك ئەتمەي تۇرۇپ، قەلبلەرنى داۋالىغىلى بولمايدۇ.

ئاللاھقا يۈزلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئورتاق قارىشى شۇكى، قەلبلەر پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنمىگىچە ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ئىرىشەلمەيدۇ. قەلبلەر ساغلام، ساپ بولمىغىچە پەرۋەردىگارىغا يۈزلىنەلمەيدۇ. قەلبلەردىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي كېسەللەرنىڭ داۋاسىنى تاپمىغىچە قەلبلەر ساغلام بولالمايدۇ ۋە تازىلانمايدۇ. قەلبىي كېسەللەر ھاۋايى-ھەۋەسلەردۇر. ئۇنىڭ دورىسى ھاۋايى-ھەۋەسلەرنى تىزگىنلەشتۇر. ناۋادا ھاۋايى-ھەۋەسلەر تىزگىنلەنمىگەندە قەلبنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالىدۇ-دە، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ ياكى چالا ئۆلۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

شۇنىڭدەك ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە چەك قويالىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلىيەلىگەن كىشىلەر جەننەتكە كىرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك جەننىتىيلەرنىڭ قەلبىمۇ مۇشۇ دۇنيادىلا نەق جەننەتتە ياشايدۇ. بۇلار بىلەن ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى قويۇپ بېرىپ، بولۇشىغا ياشاپ ئۆتكەنلەرنىڭ راھەت-پاراغىتى، ھوزۇر-ھالاۋىتى بىر-بىرىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. بەلكى بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق خۇددى دۇنيا نېئمەتلىرى بىلەن ئاخىرەت نېئمەتلىرى ئارىسىدىكى پەرقتەكلا تەسۋىرلىگۈسىزدۇر. قەلبى يۇقىرىقى تۇيغۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى بىۋاستە ھېس قىلىپ باقمىغان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.

«مۇئمىنلەر شەك-شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ.  كاپىرلار شەك-شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ»[1] دېگەن ئايەت ئاخىرەتنىڭ مۇكاپات ۋە جازالىرىغىلا قارىتىلغان ئەمەس. بەلكى دۇنيا ھاياتى، قىيامەتكىچە بولغان قەبرە ھاياتى ۋە جەننەت ياكى دوزاختىكى مۇقىم ئورنىدىن ئىبارەت ئىنسان چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچ باسقۇچنىڭ ھەممىگە قارىتىلغان. بۇ دۇنيادا جەننەتتە ياشىغانلار قالغان ئىككى ھاياتتىمۇ جەننەتتە ياشايدۇ. بۇ دۇنيادا دوزاختا ياشىغانلار قالغان ئىككى ھاياتتىمۇ دوزاختا ياشايدۇ. بۇ دۇنيادا كۆڭلى خاتىرجەم، قەلبى ئارامىدا، ئىلاھىي سۆيگۈ پەيزىگە چۆمگەن ئادەمدىنمۇ بەكرەك ھوزۇر-ھالاۋەتتە، جەننەتتە ياشىغان ئادەم بولامدۇ؟!

بۇ دۇنيادا غەم-قايغۇ ۋە ئەندىشە ئىچىدە، قەلبى سىقىلىپ، ئاللاھ ۋە ئاخىرەتتىن غاپىل ھالدا ئاللاھنىڭ غەيرىگە باغلىنىپ، ئاللاھقا پەرۋا قىلماي ياشىغان ئادەمدىنمۇ بەكرەك ئازابتا، دوزاختا ياشىغان ئادەم بولامدۇ؟! ھاياتتا بىراۋ قايسى يولدا ياشىسا، قەبرە ۋە ئاخىرەتتىمۇ نىسىۋىسى شۇنداق بولىدۇ. ئاللاھنى قويۇپ، باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلاپ ياشىغانلارغا ئاللاھ تائالا دەرتلىك ئازاب تىتقۇزىدۇ.

ئاللاھتىن باشقىغا مۇھەببەت باغلاپ ياشىغانلار مۇشۇ دۇنيادىلا ئۈچ قېتىم ئازابلىنىدۇ. مۇھەببەت باغلىغان نەرسىسىگە ئىرىشىش يولىدا قاتتىق ئازاب چىكىدۇ. ئىرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ۋە ئۈنۈمىنى كۆرەلمەسلىكتىن، مەنپىئەتلىنەلمەسلىكتىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئىزتىراپلىق تۇيغۇلار ئىلكىدە ئەنسىرەپ، خەۋپسېرەپلا ياشايدۇ. ناۋادا ئىرىشكەن نەرسىدىن مەھرۇم قالسا، ئۇنىڭ ئازابى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. مانا بۇ ئاللاھتىن باشقىغا مۇھەببەت باغلىغانلار تارتىدىغان مۇشۇ دۇنيادىكى ئۈچ تۈرلۈك ئازابتۇر.

ئەمما قەبرىدىكى مەڭگۈلۈك ھىجران ئازابى، ئاللاھقا خىلاپلىق قىلىش ئارقىلىق بۈيۈك نېئمەتتىن مەھرۇم قالغانلىق ئازابى، ئاللاھنىڭ رەھىمىتىگە ئىرىشەلمىگەنلىك ئازابى، باغرىنى خۇن قىلغان ھەسرەت-نادامەتلەر، غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەملەر گويا ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى قۇرت يېگەندەك غاجىلايدۇ. بۇ خىل ھالەت ئاللاھ جەسەتكە جاننى قايتۇرۇپ بەرگەنگە قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. جەسەتكە جان قايتۇرۇلغاندا بولسا، ئازاب تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا باغلانغان، ئاللاھقا مۇشتاق بولغان، ئىلاھىي سۆيگۈدىن شادلانغان، ئاللاھنى ئەسلەش ئارقىلىق كۆڭلى ئارام تاپقان كىشىلەر ھېس قىلدىغان ھالاۋەتلەرنى ھەرگىزمۇ ھېس قىلالمايدۇ.

ئاللاھقا باغلانغان، ئاللاھقا مۇشتاق بولغان، ئىلاھىي سۆيگۈدىن شادلانغان، ئاللاھنى ئەسلەش ئارقىلىق كۆڭلى ئارام تاپقان كىشىلەر قەبزى روھ قىلىنغاندا خۇشاللىقتىن «ۋاھ، قالتىسقۇ!» دېيىشىپ شادلىنىپ كەتكەنىكەن.

يەنە بەزىلەر «ناۋادا ئەھلى جەننىتىلەر جەننەتتە بىز ھازىر ياشىغاندەك ياشايدىغان بولسا، ئۇنداقتا جەننەت ھاياتىمۇ بەك پەيزىكەن» دېگەنىكەن.

قەلبى ئاللاھقا ئۇلاشقان بەزى كىشىلەر مۇنداق دېگەن: ھەقىقى مىسكىنلەر دۇنيادا لەززەتنىڭ تەمىنى تىتالماي، دۇنيادىكى ئەڭ شېرىن تەمنى ھېس قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەنلەردۇر. دۇنيادىكى لەززەت ۋە شېرىن تەم دىللارنىڭ ئاللاھقا باغلىنىشىدۇر.

يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ناۋادا پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىز ھازىر ھېس قىلىۋاتقان راھەتنى بىلىپ قالغان بولسا، قېلىچ كۆتۈرۈپ بىزدىن شۇ راھەتنى تالاشقان بولاتتى.

يەنە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: شۈبھىسىزكى، دۇنيا جەننەتتۇر. كىمكى دۇنيادىكى جەننەتتە ياشىمىغان بولسا، ئاخىرەتتىكى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ.

قىممەتلىك نېسىۋىنى ئەرزىمەس ماتالارغا سېتىۋېتىپ پۈتۈنلەي زىيان تارتقان ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق، ھە! ئۇلار ئوتتۇرىدىكى ھەقىقى قىممەتنى بىلمىسە سورىشى كېرەك ئىدىغۇ!

سېتىۋالغۇچى ئاللاھ، پۇلى جەننەت، ۋاكالەتچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولغان تىجارەتنى رەت قىلىپ، قولىدىكى نەرسىلىرىنى غايەت دەرىجىدىكى خارلىققا سېتىۋەتكەن ئادەملەر... توۋا، بۇ نېمىدېگەن ھەيران قالارلىق ئىش، ھە؟!

قىلمىسا بىر ئادەم ئۆزىگە ھۆرمەت،

كىم قىلار بەخشەندە ئۇنىڭغا ئىززەت!

 

«ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ»[2]

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە ئىنفىتار 13،14-ئايەتلەر

[2] سۈرە ھەج 18-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر