ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىنساننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىنساننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىنسانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان شەيتانغا مەدەت بولۇپ، شەيتاننىڭ ئىنسانغا قارشى كۆرەش قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شەيتان ئىنساندىن مىنۇت-سېكۇنت ئايرىلمايدۇ. ئۇ ئۇخلاپ قالمايدۇ، غاپىل قالمايدۇ. شەيتان ۋە شەيتاننىڭ شايكىلىرى ھەر دائىم ئىنساننى كۆزىتىپلا تۇرىدۇ. ئۇ ھەر دائىم بار كۈچى بىلەن ئىنسانغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ئىنسانغا قولىدىن كېلىشىچە ھېلە-مېكىر، سۇيىقەستلەرنى قىلغىلى تۇرىدۇ. ئىنسانغا قارشى ھەرىكەتتە جىنلار ئىچىدىكى شەيتانلار ۋە ئادىمىي شەيتانلاردىن ياردەم سورايدۇ. ئىنسانغا توزاقلارنى قۇرۇپ، قېيىنچىلىق تۇغدۇرغىلى تۇرىدۇ. ئىنساننىڭ ئەتراپىغا ئۆزىنىڭ گۇماشتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تور-قاپقانلارنى قۇيىدۇ ۋە گۇپپاڭچىلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇلار، سىلەرنىڭ ۋە ئەجدادىڭلارنىڭ دۈشمىنى ئىنساندۇر. بۇنى قەتئىي قولدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۇ جەننەتكە كىرىپ، بىز دوزاخقا كىرىپ كەتسەك بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىپ، بىز غەزىپىگە يولۇقساق بولمايدۇ. بىز مۇشۇ ئىنسانلارنىڭ كاساپىتىدىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىپ، رەسۋالارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمىزنى بىلىسىلەرغۇ! ئۇنداق بولغانىكەن، بىز ھەسرەتلىرىمىزگە، مۇسىبەتلىرىمىزگە ئۇلارنى شېرىك قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بار تېرىشچانلىقىڭلارنى كۆرسىتىڭلار! بىز ئۇلارنىڭ ياخشىلىرى بىلەن جەننەتكە شېرىك بولالمىغان ئىكەنمىز، ئۇلار بىزگە جەھەننەمدە شېرىك بولسۇن! ئاللاھ تائالانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىزنىڭ بارلىق مۇسىبەتلىرىمىز مۇشۇ دۈشمىنىمىز سەۋەبىدىن بوپتىكەن. بىزمۇ بۇلارغا ئوبدان تەييارلىق كۆرۈپ قويايلى!

ئاللاھ تائالا ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى شەيتان ئارقىلىق سىنىدى ۋە بۇ ئىككى سەپتىكىلەرگە نۇرغۇن ياردەمچى قوشۇنلارنى سەپلەپ بەردى. ئۇلار شۇ قوشۇنلىرى بىلەن بىر سەپ ھاسىل قىلىپ بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەت ھاياتىغا نىسبەتەن بىر تىنىقتەكلا قىسقا بۇ ھاياتتا ئۆمۈرلۈك كۆرەش باشلىنىپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارغا جەننەتنى بېرىپ، جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلغانلىقى، ۋەدىگە ئاللاھتىنمۇ بەكرەك ۋاپادار بىرىنىڭ يوقلىقى توغرىسىدا تەۋرات، ئىنجىل ۋە «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت ساماۋىي كىتابلىرىدا خەۋەر بەردى. ئاندىن بۇ سودىنىڭ قىممىتىنى بىلگەنلەر، جانلىرىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ كىملىكىنى، تاپشۇرۇلىدىغان پۇلنىڭ نېمىلىكىنى، بۇ توختام ۋە پۈتۈمنىڭ كىمنىڭ قولى ئارقىلىق ئىمزالانغانلىقىنى بىلگەنلەرنىڭ بۇ سودىدىن خۇشال بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق غەلىبە بارمۇ؟! بۇ تىجارەتتىنمۇ پايدىلىق تىجارەت بارمۇ؟!

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر.  (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمى تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.  سىلەرگە مەرھەمەت قىلىنىدىغان) سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىككىنچى بىر نىئمەت ئاللاھتىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلبە (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى)دۇر، (ئى مۇھەممەد!) مۇئمىنلەرگە (بۇ روشەن مەرھەمەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن.»[1]

ئاللاھ تائالا شەيتانغا بارچە مەخلۇقلار ئىچىدە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن مۇئمىنلارنى ئازدۇرۇشقا، بولۇپمۇ مۇئمىنلار ئىچىدىكى مۇجاھىدلارنى ئازدۇرۇشقا ئىمكان بەرمىدى. جىھاد ۋە مۇجاھىد ئاللاھ ياراتقان بارچە مەخلۇقلار ئىچىدە ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىگە ئىگە. ئۇلار ئاللاھقا ئەڭ يېقىن. جىھاد ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى. ئاللاھ تائالا جىھاد تۇغىنى ئىنسانلارنىڭ جەۋھىرى بولغان قەلبكە چەگدى. قەلب ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلاش، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئىخلاس قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئاللاھقا قايتىشتىكى بىردىنبىر مەركەز. شۇنداق بولغاچقا، ئاللاھ تائالا بۇ جىھادنى مۇئمىنلارگە تاپشۇردى. مۇئمىنلارگە ئايرىلماس پەرىشتىلەر بىلەن مەدەت بەردى. «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار.»[2]

پەرىشتىلەر بىر توپى كەتسە، بىر توپى كېلىپ ئىنسانلارنى نۆۋەتلىشىپ قوغدايدۇ. پەرىشتىلەر ئىنسانلارنىڭ قەدىمىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ۋە ئۇنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۆز ھىمايىسىگە ئالىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كارامىتىنى ۋەدە قىلىدۇ ۋە سەۋرىگە ئۈندەيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ياراش سائەتلىك ئىش، ئەمما ئۇنىڭ راھىتى مەڭگۈلۈك بولىدۇ.»

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ۋەھىي ۋە كالاملىرى بىلەن مەدەت بېرىدۇ. ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىدۇ ۋە كىتابلىرىنى نازىل قىلىپ كۈچىگە كۈچ، قۇۋۋىتىگە قۇۋۋەت، تەييارلىقىغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. تېخى ئۇنىڭدىن سىرت ئىنسانغا پىلانچى ۋە يېتەكچى قىلىپ ئەقىل ئاتا قىلدۇ. ئىنسانغا كۆرسەتمە ۋە نەسىھەتچى بولسۇن دەپ مەرىپەتنى ئاتا قىلدۇ. ئىنساننى بەقارار قىلسۇن، كۈچلەندۈرسۇن ۋە ياردەم بەرسۇن دەپ ئىمان ئاتا قىلدۇ. ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرسۇن دەپ جەزمىيەتنى ئاتا قىلدۇ. يۇقىرىقى ئىنئاملارغا نائىل بولغان ئىنسان گوياكى ئاللاھ ئۆزىنىڭ دوستلىرى ۋە ئەسكەرلىرىگە بەرگەن دۈشمەنلەرگە قارشى جىھادتىكى ۋەدىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغاندەك؛ ئەقىل ئەسكەرنىڭ ئىشىنى پىلانلاۋاتقان؛ مەرىپەت جەڭڭە ئالاقىدار ئىشلار، سەۋەبلەر ۋە ئۇنىڭغا تېگىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە يوليۇرۇق بېرىۋاتقان؛ ئىمان ئۇنى بەقارار قىلىۋاتقان ۋە كۈچەيتىۋاتقان، سەبىر ئاتا قىلىۋاتقان؛ جەزمىيەت تۇيغۇسى ئۇنى ئالغا ئىنتىلدۈرۈۋاتقان، بار ۋۇجۇدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ئۈندەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ.

ئاللاھ تائالا جىھاد قىلغۇچىلارغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن مەدەتلەرنى بېرىدۇ. كۆز ئۇلارنىڭ جىسەكچىسىگە، قۇلاق خەۋەرچىسىگە، تىل تەرجىمانىغا، قول-پۇتلىرى ياردەمچىلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ۋە ئەرشنى كۆتۈرگۈچى پەرىشتىلەر مۇجاھىدقا مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن ئۇنى يامانلىقلاردىن ساقلاشنى ۋە جەننەتكە مۇشەررەپ قىلىشنى سورايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇجاھىدلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە قوغداشنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى «ئۇلار مېنىڭ قوشۇنلىرىم، ئاللاھنىڭ قوشۇنلىرى غەلىبىگە ئىرىشىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر، بېلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.»[3]

«بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلبە قىلغۇچىلاردۇر.»[4]

ئاللاھ تائالا بۇ جىھاد ۋە كۆرەشنىڭ ماھىيىتىنى مۇنۇ ئايەتتە مۇنداق تۆت سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! تائەت ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چىگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار).»[5]

جىھاد پەقەت يۇقىرىقى تۆت ئىش ئارقىلىقلا مۇكەممەللىشىدۇ. سەبىر پەقەت دۈشمەن بىلەن توقۇنۇشقاندا چىدامچانلىق كۆرسىتىش، دۈشمەنلەرگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇلار بىلەن مەيدانغا چۈشۈش دېمەكتۇر.

ناۋادا ئۇزاق مەزگىل دۈشمەن بىلەن تىركىشىش ياكى كۈچ سېنىشىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغاندا، چىگرالارنى ياخشى ساقلاش ۋە ئىزچىل تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇش لازىم. قەلبلەرگە شەيتان كىرىۋالماسلىق ئۈچۈن ئۇنى ياخشى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. كۆز، قۇلاق، تىل، قورساق، قول، پۇت چىگرالىرىنى ياخشى قوغداش لازىم. يۇقىرىقى چىگرالاردىن دۈشمەنلەرنىڭ كىرىۋېلىشى ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلۇق قىلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. دۈشمەن كىرىۋېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق يوچۇقلارنى ياخشى نازارەت قىلىش كېرەك.

ساھابىلەر پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئەڭ ياخشى، شەيتاندىن ناھايىتى ياخشى قوغدانغان ۋە ئۆزىنى ساقلىغان كىشىلەر تۇرۇقلۇق، ئوھۇد كۈنىدە نازارەت قىلىشقا، قوغداشقا بۇيرۇلغان جايلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يەردىن دۈشمەن كىرىۋېلىپ نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈردى.

مەزكۇر سەبىر، كۆرەش ۋە تەييارلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسى تەقۋالىقتۇر. تەقۋالىقى بولمىغان كىشىلەرنىڭ سەۋرىسى، كۆرەشلىرى ۋە تەييارلىقلىرى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. تەقۋادارلىق پەقەت سەبىر قىلىش ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

 

ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ئوخشىمىغان ئىككى كۈچنىڭ ئېلىشىشى

 

قاراپ باقىدىغان بولساق، ئىچىمىزدە ئۆزئارا قارشى ئىككى قوشۇننىڭ ئېلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىككى ئەسكەرنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بىر نۆۋەت بىز يىقىتساق يەنە بىر نۆۋەت بىزنىڭ رەقىبىمىز يىقىتىدۇ.

كاپىرلانىڭ شاھى شەيتان ئۆزىنىڭ يانتاياقچىلىرىنى ۋە قۇيرۇقچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، قەلبنىڭ تولۇق قوغدىنىپ مەملىكەت كۇرسىسىدا ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ياردەمچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ ئاتاكىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. شەيتان بۇ قەلبكە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى ۋە ئەسكەرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە يېقىن كىشىلىرى كىم؟ دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئەسكىرى نەپىس دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. شەيتان چاپارمەنلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: نەپىسنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ نېمىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى تەقلەپ بېرىڭلار! خاھ ئويغاق، خاھ ئۇخلىغان ۋاقىتلىرىدا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى كۆز ئالدىدىن كەتمەيدىغان قىلىۋېتىڭلار! بۇ خىل ھالەتكە كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى شەھۋەت قارماقلىرى ۋە كانارىلىرىغا ئېلىپ سۆرەپ كېلىڭلار! ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىگەللەپ ئۆزۈڭلەرگە ئەگەشتۈرۈپ بولساڭلار ئۇلارنىڭ كۆز، قۇلاق، تىل، ئېغىز ۋە پۇت-قوللىرى سىلەرگە ئەگەشتى دېگەن گەپ. سىلەر بۇ چېگرالارنى ياخشى مۇداپىئە قىلىڭلار! سىلەر بۇ چېگرالار ئارقىلىق قەلبكە كىرەلىسەڭلار، قەلبنى ئۆلتۈرەلەيسىلەر ياكى ئەسىرگە ئالالايسىلەر ياكى ئېغىر يارىدار قىلالايسىلەر. بۇ چېگرالاردىكى پوستنى بوشاشتۇرۇپ قويماڭلار. بولمىسا ئۇ يەردىن باشقا قوشۇنلار كىرىۋېلىپ، سىلەرنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. ناۋادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىساڭلار، قارشى سەپنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تېرىشىڭلار. ئۇلار ھەرگىزمۇ قەلبنى كونترول قىلىۋالمىسۇن. ناۋادا قەلبكە كىرىۋالدى دېگەن تەقدىردىمۇ كۈچى ئاجىز ھالەتتە كىرسۇنكى، قەلبكە تەسىر كۆرسىتەلمىسۇن!

 

كۆز چېگراسى

ئىبلىس ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ناۋادا يۇقىرىقى چېگرالارنى قامال قىلىپ بولساڭلار، كۆزلەرنى شەيئىلەرگە ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارىغىلى قويماڭلار. كۆزلىرىنى نېمىگە قارىسا تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن مەقسىتىدە قارايدىغان قىلىۋېتىڭلار! ناۋادا كۆزلەر شەيئىلەرگە ئىبرەت كۆزى بىلەن قاراپ قالسا، ئۇنى دەرھال بۇزۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىن، تولىمۇ سۆيۈملۈك، تولىمۇ قولاي بولغان غەپلەت، شەھۋەت، كۆڭۈل ئېچىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان قىلىۋېتىڭلار. كۆزلەرنىڭ چېگرالىرىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىڭلار. بىز مەقسىتىمىزگە كۆزلەر ئارقىلىق يېتەلەيمىز. مەن ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتا، بۇزۇشتا كۆزدىن ئۈنۈملۈكرەك ۋاستە بار دەپ قارىمايمەن. مەن قەلبلەرگە شەھۋەت ئۇرۇقلىرىنى تىكىپ قويىمەن. ئۇ ئۇرۇقلارنى ئارزۇ-ئارمان سۇلىرى بىلەن سۇغىرىمەن. ھەمىشە ئۇنى پەرۋىش قىلىپ ناھايىتى كۈچەيتىۋېتىمەن. ئۇنى شەھۋەت تىزگىنىدىن تۇتۇپ يېتىلەپ پاكلىقىدىن ۋاز كەچكۈزىمەن. بۇ چېگرانى قوغداشقا قەتئىي سەل قارىماڭلار! قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئۇنى بۇزۇۋېتىڭلار. قەلبنى چېگرا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، پەرۋاسىز قىلىۋېتىڭلار. كۆزلەرگە «شەيئىلەرگە قانچە قارىغانسېرىڭ، ياراتقۇچىغا شۇنچە كۆپ تەسبىھ ئېيتالايسەن. ئۇنىڭ يارىتىشتىكى ئاجايىباتلىرى ھەققىدە ئويلىنالايسەن. بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەر ئاللاھنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە يارىتىلغان. ئاللاھ كۆزلەرنى بىكارغا ياراتمىغان. بۇ كۆرۈنۈشلەر قارىماسلىق ئۈچۈن يارىتىلمىغان» دەپ پىچىرلاڭلار. ناۋادا يۇقىرىقى باسقۇچتا بىلىمسىز، چولتا ئەقىل كىشىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالسىاڭلار، ئۇلارغا يەنە «بۇ كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەت كۆرۈنۈشلىرى ياكى ھەقنىڭ جۇلاسى» دېگىلى تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى «ئىتتىھاد» قارىشىغا قايىل بولۇشقا چاقىرىڭلار. ناۋادا بۇ قاراشنى قوبۇل قىلمىسا، ھېچبولمىغاندا «ھۇلۇل» قارىشىغا قايىل قىلىڭلار. بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن ئۇنى يۇقىرىقى قاراشلار ئارقىلىق ناسارالار سېپىگە ئەكىرىپ قويۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى ئىپپەتلىك بولۇش، ئۆزىنى ساقلاش، ئابدلىق ۋە زاھىتلىققا چاقىرىڭلار. ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ نادانلارنى ئوۋلاڭلار. مانا بۇلار مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزباسارلىرىم ۋە بۈيۈك قوشۇنلىرىمدۇر. بەلكى تېخى مەنمۇ بەزىدە ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە ياردەمچىلىرى بولۇپ قالىمەن.

 

قۇلاق چېگراسى

ئىبلىس ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا يەنە مۇنداق دەيدۇ: قۇلاق چېگرىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قامال قىلىپ، ئىشلىرىڭلارنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنى قەتئىي كىرگۈزمەڭلار. قۇلاقلاردىن پەقەت نەپسكە چىرايلىق كۆرۈنىدىغان، شېرىن تۇيۇلىدىغان، قولايلىق دەپ قارىلىدىغان باتىللا كىرسۇن. باتىل پىكىر ۋە باتىل گەپ-سۆزلەرگە ناھايىتى تاڭسۇق، جەلىبكار، ئەقىللەرنى لال قىلىدىغان سۆزلەرنى تاللاپ بېرىڭلار ۋە ئۇ گەپلەرنى كۆڭۈلگە ناھايىتى يېقىشلىق نەرسىلەرگە ئارىلاشتۇرۇڭلار.

ئۇلارغا شۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ گەپلەرگە مايىللىق كۆرۈلسە، دەرھال شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى تۆككىلى تۇرۇڭلار. بۇ سۆزلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى بايقىساڭلار ئۇلارنىمۇ شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى سۆزلەيدىغان قىلىپ قويۇڭلار. بۇ چېگرانى ناھايىتى ياخشى مۇداپىئە قىلىڭلار! ئۇنىڭدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كالامى ياكى باشقا نەسىھەتچىلەرنىڭ سۆزلىرى ئۆتۈپ قالمىسۇن! ناۋادا بۇ چېگرادىن يۇقىرىقى كالام ياكى گەپ-سۆزلەر ئۆتۈپ قېلىپ، سىلەر ئۇتۇققا ئىرىشەلمىسەڭلار، قارشى گەپلەرنى قېلىش ئارقىلىق ياكى ئۇلار ئاڭلاپ قالغان ھەق سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ قارىشىدا ھەيۋەتلىك، ئادەتتىن تاشقىرى مۇقەددەس كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇ سۆزلەرنى توغرا چۈشەنگىلى، تەپەككۇر قىلغىلى، بۇ كالام ۋە گەپ-سۆزلەر توغرىسىدا ئويلانغىلى، ئۇنىڭدىن نەسىھەت قوبۇل قىلغىلى قويماڭلار. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كالاملىرى ياكى نەسىھەتچىلەرنىڭ ھەق سۆزلىرىنى ھەيۋەتلىك، ئادەتتىن تاشقىرى مۇقەددەس كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ھەق كالاملار ئوتتۇرىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلار بۇ كالاملارنى چۈشىنىش ئۆزىگە نېسىپ بولمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى ئۇسۇللار كار قىلمىسا، يۇقىرىقى گەپ-سۆزلەرنى تولىمۇ ئادەتتىكىچە، ئەرزىمەس قىلىپ كۆرسىتىڭلار ۋە ئۇلارنى ھەممە ئادەم مۇھىم ۋە چوڭ دەپ قارايدىغان ۋە باشقىلارغا يوچۇن بىلىنىدىغان، بازارلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكتەك؛ ھەقىقەت ئاقمايدىغاندەك، ھەقىقەت تەرىپىدە تۇرىدىغانلار نۇرغۇن قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغاندەك؛ ھەقىقى پايدا ئالىمەن دېگەنلەر ھەقىقەتنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ تۇرۇشى كېرەكتەك تۇيغۇلارغا كەلتۈرۈپ قويۇڭلار-دە، ئۇلارغا باتىلنى قوبۇل قىلالايدىغان، يەڭگىل شەكىلدە تاشلاپ بېرىپ، ھەقىقەتنى يامان كۆرسىتىپ، ئېغىر بىلىندۈرۈپ تۇرۇپ تارتىپ چىقىڭلار!

بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئادىمىي شەيتاندىن ئىبارەت ئاكا-ئۇكىلىرىغا قاراپ باقايلى. ئۇلار ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى ئارتۇق ئىش، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، ھالاكەتكە يۈز تۇتقانلىق، كىشىلەر ئىچىدە پىتنە پەيدا قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چولتا ئەقىل، كالتە پەم كىشىلەرگە ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان، كۆڭلىگە ياقىدىغان سۆزلەرنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. بۇلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق. ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر-بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ.»[6] ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئايەتتە ئۇلارنىڭ باتىل گەپلىرىنى شېرىن سۆز دەپ ئاتىدى. چۈنكى باتىل تەرەپتىكىلەر قولىدىن كېلىشىچە گەپنى ياساپ، يېقىشىلىق قىلغىلى تۇرىدۇ-دە، تۇراقسىز ئادەملەر بۇ گەپلەر ئارقىلىق ئالدىنىپ قالىدۇ.

خۇلاسىكالام، شەيتان قۇلاق چېگرالىرىنى قامال قىلىپ، ئۇنىڭدىن بەندىگە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى توسۇپ قالىدۇ. ناۋادا ئەھمىيەتلىك گەپ-سۆزلەر كىرىپ قالدى دېگەن تەقدىردىمۇ شەيتان ۋە ئادىمىي شەيتانلار ئۇنى ئۆز پېتىچە ئەمەس، بەلكى بۇزۇپ چۈشەندۈرىدۇ.

 

تىل چېگراسى

ئىبلىس ئەتراپىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىي بۇرادەرلەر، ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنى ياخشى قامال قىلىڭلار! ئۇ ناھايىتى مۇھىم چېگرادۇر. ئۇ ئىنساننىڭ باشقا ئەزالىرىغا نىسبەتەن شاھلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. تىللارنى پايدىسىز قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئەمەك قىلىڭلار. ئاللاھنى ئەسلەش، ئىستىغپار ئېيتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش، مەنپەئەتلىك ئىلىم يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت پايدىلىق ئىشلارغا كەلگەندە ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇڭلار! سىلەر تىل چېگرالىرىنى ياخشى قامال قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى مۇھىم ئىككى نەتىجىگە ئىرىشەلەيسىلەر. بۇ ئىككى نەتىجىنىڭ قايسى بىرىگە ئىرىشسەڭلار، سىلەر يەنە زور ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بولىسىلەر.

بىرىنچى: باتىل گەپلەرنى دېگىلى سالالايسىلەر. ئۇ باتىل گەپ قىلغان ھامان سىلەرنىڭ بۇرادىرىڭلارغا، سىلەرنىڭ ئەسكىرىڭلارغا، سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلارغا ئايلىنىدۇ.

ئىككىنچى: ھەقىقەتتىن سۈكۈت قىلدۇرالايسىلەر. گويا بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر سۆزلەش ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇرادىرىڭلارغا ئايلانغاندەك، ھەقىقەتتىن سۈكۈت قىلغان ئادەممۇ سىلەرنىڭ گاچا بۇرادىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ. تېخى ئىككىنچى خىلدىكىلەرنىڭ پايدىسى بىرىنچى خىلىدىكىلەردىن زور ۋە ئۈنۈملۈكرەك بولىدۇ. بىر نەسىھەتچنىڭ «باتىلنى سۆزلىگەن تىللىق شەيتان، ھەقتىن سۈكۈت قىلغان تىلسىز شەيتان» دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭلار؟!

تىل چېگراسىنى ناھايىتى ياخشى قوغداڭلار! بۇ يوچۇقتا بار كۈچۈڭلار بىلەن پوستتا تۇرۇپ، ئۇنى مۇستەھكەم قامال قىلىڭلار! ئۇ ھەقنى سۆزلەپ قالمىسۇن، باتىلدىن توختاپ قالمىسۇن! باتىل سۆزلەرنى ۋە ئۇ سۆزلەرنى قىلىشنى بار كۈچۈڭلەر بىلەن چىرايلىق كۆرسىتىڭلار. ھەق سۆزدىن ۋە ئۇنى سۆزلەشتىن ھەرخىل ئاماللار بىلەن قورقۇتۇڭلار.

ئىي بالىلىرىم! شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، تىلى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولغان. تىل تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئادەم دوزاخلارغا مەھكۇم بولغان. مەن قانچىلىغان ئادەملەرنى تىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمگە، ئەسىرلىككە، يارىدارلىققا مەھكۇم قىلغانلىقىمنى بىلەمسىلەر؟!

ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئى بالىلىرىم! مەن سىلەرگە بىر ۋەسىيەت قىلاي، ئۇنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار. بىرىڭلار ئىنسانلار ئىچىدىن چىققان بۇرادىرىڭلارنىڭ تىلىدا سۆزلەڭلار. يەنە بىرىڭلار ئۇنىڭ ئاڭلىغۇچىسى قىياپىتىدە تۇرۇپ سۆزلەڭلار. سۆزلىگەندە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ھەيۋەتلىك، ئەڭ قايىل قىلارلىق سۆزلەرنى تاللاپ سۆزلەڭلار. ئۇنى ئىنسانلار ئىچىدىن چىققان بۇرادىرىڭلارغا ئۆگىتىپ قويۇڭلار. سىلەر ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئادىمىي شەيتانلارغا ياردەم بېرىڭلار. ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئادەملەر قېشىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ يوللىرىغا چازا قۇرۇڭلار. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا نېمىدەپ قەسەم قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغان بولغىيتىڭلار ھەقىچان؟! مەن مۇنداق قەسەم قىلغان: «سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكرى قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن.»[7]

ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىي پەرزەنتلىرىم، قاراپ بېقىڭلار! مەن ئىنسانلارنىڭ يوللىرىنى قانداق قامال قىلدىم. ئۇلار مەن قامال قىلغان يولدىن باشقا يوللاردىن ئۆتىمەنلا دەيدىكەن، مەن ئۇ يوللارنىمۇ قامال قىلىمەن. ھەتتاكى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن بولسىمۇ مەقسىتىمگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، شەيتان ئىنساننىڭ بارلىق يوللىرىنى قامال قىلىپ، ئۇنى ئىسلامدىن توسۇپ «سەن ئۆزۈڭنىڭ ۋە ئەجدادلىرىڭنىڭ دىنىنى تاشلاپ مۇسۇلمان بولامسەن؟!» دېگىلى تۇرىدۇ. ئۇ ئادەم شەيتاننىڭ گېپىنى ئاڭلىماي مۇسۇلمان بولۇۋېرىدۇ. ئاندىن شەيتان ئۇنىڭ ھىجرەت يولىنى توسۇپ «زېمىنلىرىڭنى تاشلاپ ھىجرەت قىلامسەن؟!» دېگىلى تۇرىدۇ. ئۇ ئادەم شەيتاننىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ھىجرەت قىلىۋېرىدۇ. ئاندىن شەيتان ئۇنىڭ جىھاد يولىنى توسۇپ: «جىھاد قىلامسەن، سەن جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ، ماللىرىڭنى باشقىلار بۆلۈشىدۇ، خوتۇنۇڭنى باشقىلار ئالىدۇ؟!» دېگىلى تۇرىدۇ.»[8]

ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىي بالىلىرىم، سىلەر بارلىق ياخشىلىق يوللىرىنى قامال قىلىڭلار! بىرەر ئادەم سەدىقە قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئالدىنى توراپ، دىلىغا «ماللىرىڭنى مۇشۇنداق چىقىم قىلىۋەرسەڭ مۇشۇ سائىلغا ئوخشاش بولۇپ قالىسەن» دەپ ۋەسۋەسە قىلىڭلار! سىلەر مېنىڭ سەدىقە سورالغان بىر ئادەمنىڭ تىلىغا «بۇ دېگەن بىزنىڭ مال، بۇنى سىلەرگە بېرىۋەتسەك، سىلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالمامدۇق؟!» دېگەن گەپنى تاشلاپ قويغانلىقىمنى ئاڭلىمىغانمۇ؟!

ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىي بالىلىرىم، ھەج يوللىرىنى قامال قىلىڭلار! كىشىلەرگە «ھەج يولى تولىمۇ خەۋپلىك، جاپالىق يول، بۇ يولغا ماڭغۇچىلار ئۆزىنى ۋە مېلىنى تۈگەشتۈرىدۇ» دەپ ۋەسۋەسە قىلىڭلار.

شۇنىڭدەك بارلىق ياخشىلىق يوللىرىنى قامال قىلىپ، ئۇلارنى ئۈركىتىپ، ئۇ يولنىڭ قېيىنچىلىق ۋە ئاپەتلىرىنى ئەسلىتىڭلار. ئاندىن كېيىن گۇناھ-مەئسىيەت يوللىرىنى قامال قىلىپ، ئۇ يوللارنى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكىلى تۇرۇڭلار. دىللىرىغا گۈزەل ھېس قىلدۇرۇڭلار. بۇ جەھەتتە ئاياللاردىن ياخشى پايدىلىنىڭلار، ئۇلارنى ياردەمچى قىلىڭلار. ئاياللار ئارقىلىق كىشىلەرنى ئازدۇرۇڭلار. ئاياللار سىلەرگە تولىمۇ ياخشى ھەمكاردۇر.

ئاندىن كېيىن قول ۋە پۇت چېگرالىرىنى ياخشى مۇداپىئە قىلىڭلار. ئۇلارنى سىلەرگە زىيانلىق ئىش-ھەرىكەتلەردە بولغىلى قويماڭلار.

 

يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس

ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىي پەرزەنتلىرىم، بىلىڭلاركى، بۇ چېگرالارنى قوغداشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىڭلار يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپستۇر. سىلەر ئۇ نەپس بىلەن ھەمكارلىشىڭلار. مەدەت بېرىڭلار. يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئارام تاپقان نەپسلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئارام تاپقان نەپسنى سۇندۇرۇش ۋە كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن تېرىشىڭلار. بۇنىڭ بىردىنبىر يولى ئارام تاپقۇچى نەپسنىڭ ئوزۇقلۇق يولىنى كېسىپ تاشلاشتۇر. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق يولى كېسىپ تاشلىنىپ، يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس كۈچەيسە ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى سىلەرگە بوي سۇنغىلى تۇرسا قەلبنى قورغىنىدىن چىقىشنى تەلەپ قىلىڭلار-دە، دەرھاللا ئۇنى مەملىكىتىن چەتلەشتۈرۈڭلار. ئۇنىڭ ئورنىغا يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپسنى ھۆكۈمران قىلىپ قويۇڭلار. يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس پەقەت سىلەر خالايدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمايدۇ. سىلەر كۆرسەتمە بەرگەن ئىشلاردا سىلەرگە قەتئىي خىلاپلىق قىلمايدۇ. بەلكى سىلەر بىر ئىشقا بۇيرۇساڭلار دەرھاللا ئۇنى بىجا كەلتۈرىدۇ. ناۋادا قەلب بىلەن يامانلىققا تەلپۈنگۈچى نەپس ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە، سىلەر ئۇنى ئەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن نەپس بىلەن قەلب ئارىسىنى نىكاھلاپ قويۇڭلار ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە چىرايلىق كۆرسىتىڭلار. قەلبكە يامانلىققا تەلپۈنگۈچى نەپسنى يېڭى توي قىلغانلاردەك ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە كۆرسىتىڭلار. ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: ھازىرغىچە ئۇرۇشنىڭ دەردىنى تارتقاندەك، نەيزە-قېلىچنىڭ تەمىنى تىتقاندەك ۋىسالنىڭ تەمىنى تىتىڭلار. يېڭى توينىڭ پەيزىنى سۈرۈڭلار. نەپس بىلەن قەلىب ئارىسىدىكى مەسلىنى بۇ ئۇرۇش ۋە جەڭگى-جىدەللەرگە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار. جەڭگى-جىدەلنى ئاخىرلاشتۇرۇڭلار. ئۇرۇش دېگەن بىر كۈندە تۈگىمەيدۇ. بۇ جەڭگى-جىدەللەر ئۆلگىچە داۋاملىشىدۇ. ئىزچىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق كۈچلىرىڭلار ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.»

ئىبلىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى زور قوشۇن بار. ناۋادا بۇ قوشۇنلار بىلەن بىر سەپ بولالىساڭلار سىلەر مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايسىلەر.»

بىرىنچى: غەپلەت قوشۇنى. سىلەر پۈتۈن چارە-ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ ئادەم بالىلىرىنىڭ قەلبىنى ئاللاھتىن، ئاخىرەتتىن غاپىل قالدۇرۇڭلار. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بۇ قوشۇندىنمۇ پايدىلىنىشتىنمۇ ئۈنۈملۈك يول يوق. قەلىپ ئاللاھتىن غاپىل بولسا، ئۇنى پۈتۈنلەي ئىگەللىيەلەيسىلەر ۋە ئازدۇرالايسىلەر.

ئىككىنچى: شەھۋەت قوشۇنى. شەھۋەتنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ياساپ كۆرسىتىڭلار ۋە كۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسىتىڭلار. سىلەر غەپلەت ۋە شەھۋەت قوشۇنلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار. ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتا بۇ ئىككى قوشۇندىن ياخشىراق ھەمكار بولمايدۇ. غەپلەت ۋە شەھۋەتنى ئۆزئارا ياردەملەشتۈرۈڭلار ۋە بۇ ئىككى غاپىلنى بىرلەشتۈرۈپ ئاللاھنى ئەسلەيدىغان نەپسكە قارشى ھەرىكەت قىلىڭلار. ئاللاھنى ئەسلەيدىغان نەپس ئۆزى يالغۇز ھالدا غەپلەتكە بېرىلگەن نەپس ۋە ئۇنىڭ شەيتىنى، شەھۋەتكە بېرىلگەن نەپس ۋە ئۇنىڭ شەيتىنى، شەيتانغا ئەگەشكەن نەپىس قاتارلىق بەش نەرسىگە قارشى تۇرالمايدۇ. ناۋادا بىر توپ كىشىلەر يىغىلىپ ئاللاھنى ئەسلەش، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى، چەكلىمىرىنى ۋە دىنىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە زىيان سالماقچى بولسا، سىلەر ئۇلارغا قارشى تۇرالماي قالساڭلار دەرھال بىكار-تەلەت ئادىمىي شەيتانلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارغا يىقىنلاشتۇرۇڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىڭلار.

ئومۇمەتەن قىلىپ ئېيتقاندا، سىلەر بارلىق ئىشلارغا ئۆزىگە تېگىشلىك ئادەملەرنى تەيىنلەڭلار. مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئادىمىي شەيتانلارنى ھەمكارلاشتۇرۇپ ۋە ياردەمگە چاقىرىپ، ئىنساننىڭ شەھۋەت ۋە ئىرادە يوللىرىدىن ھۇجۇم قىلىڭلار. ئاللاھ ئۇلارنى بەرداشلىق بېرىشكە ۋە سىلەر بىلەن كۆرەش قىلىشقا، چېگرالارنى مۇستەھكەملەپ سىلەرنىڭ كىرىۋېلىشىڭلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇغان بولسا، سىلەرمۇ بەرداشلىق بىرىڭلار ۋە ئۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ چېگرالىرىنى قامال قىلىش ئۈچۈن تېرىشىڭلار. ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ۋە شەھۋىتى قوزغالغاندا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۇلارنى مەغلۇب قىلىڭلار. ئىنسانلارنى ئوۋلاشتا، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتا غەزەبلىنىش ۋە شەھۋەتتىنمۇ قىممەتلىك يەمچۈك يوق.

شۇنى بىلىڭلاركى، ئىنسانلار ئىچىدە شەھۋىتىگە قۇل بولغان، ئەمما ئاچچىقى ئانچە يامان ئەمەس ئادەملەر بار. بۇلارنى ئازدۇرۇشتا ئۇلارنىڭ شەھۋىتىنى ئاساس قىلىش ۋە ئاچچىقلىنىش يوللىرىنى داغداملاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئاچچىقى يامان ئەمما شەھۋىتى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان ئادەملەرمۇ بار. ئۇلارنى ئازدۇرۇشتا شەھۋىتى بىلەن تولا ھەپىلەشمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. ئەمما شەھۋەت چېگرالىرىنى بىكار تاشلاپ قويماسلىق كېرەك. ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ئادەملەر ئەلۋەتتە شەھۋىتىنىمۇ كونترول قىلالمايدۇ. سىلەر ئۇلاردىكى شەھۋەت ۋە غەزەپ يوللىرىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ، غەزەبنى تۇتقا قىلىپ شەھۋەتكە، شەھۋەتنى تۇتقا قىلىپ غەزەبكە ئۈندىيەلەيسىلەر...

شۇنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلاركى، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتا شەھۋەت ۋە غەزەب ئىنتايىن مۇھىم ئەڭگۈشتەر. ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم شەھۋىتىنى دەپ جەننەتتىن چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ پەرزەنتىلىرى ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكەن، قان تۆكۈشكەن، مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشكەن.

بىلىڭلاركى، غەزەب ئىنساننىڭ قەلبىدىكى بىر تال چوغقا ئوخشايدۇ. شەھۋەت ئىنساننىڭ قەلبىدىن بىخلىنىدۇ. سۇ چوغنى ئۆچىرىدۇ. يەنى تاھارەت، ناماز، زىكىر-تەسبىھلەر قەلبتىكى غەزەپ چوغلىرىنى ئۆچۈرىدۇ. سىلەر ھوشيار تۇرۇڭلاركى، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاچچىقى كەلگەندە، شەھۋىتى قوزغالغاندا تاھارەت ئېلىپ قالمىسۇن، ناماز ئۆتەپ قالمىسۇن. ناۋادا شۇ ئىشلارنى قىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ غەزەپ ئۇچقۇنلىرى ۋە شەھۋەتلىرى ئۆچۈپ قالىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرى ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، غەزەپ ئىنساننىڭ قەلبىدىكى بىر تال چوغدۇر. قاراپ بېقىڭلار، ئىنسان ئاچچىقلانغاندا كۆزلىرى قىزىرىپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟! كىمكى مۇشۇنداق ھالەتكە كېلىپ قالسا دەرھال تاھارەت ئالسۇن!»

پەيغەمبىرى ئۇلارغا «ئوتنى سۇ ئۆچۈرىدۇ» دەۋاتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا «شەيتانلارغا سەبىر ۋە ناماز بىلەن قارشى تۇرۇڭلار» دەپ تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. سىلەرمۇ ئىنسانلارنىڭ شەھۋىتىنى ۋە غەزىپىنى قوزغاش ئارقىلىق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىڭلار. ئىنسانلارنى مەغلۇپ قىلىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئۆتكۈر قورال غەپلەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىشتۇر.

ئىنسانلارنىڭ سىلەردىن قوغدىنىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ۋە مۇستەھكەم قورغىنى ئاللاھنى ئەسلەشتۇر ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ھاي بېرىشتۇر. بىراۋنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە قارشىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭ ئۆزىگىغۇ يىقىنلاشماڭلار، سايىسىدىنمۇ يىراق قېچىڭلار.

دېمەك، گۇناھ-مەئسىيەتلەر قورال ۋە مەدەتتۇركى، ئىنسان ئۇ قوراللار ۋە مەدەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۈشمىنىنى ئۆزىگە قارشى كۈچەيتىپ قويىدۇ ۋە مەدەت بېرىپ قويىدۇ. شەيتاندىن ئىبارەت دۈشمەن ئىنساننى ئۆز قورالى ئارقىلىق ھالاك قىلىدۇ. ئىنسان گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى شەيتان بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىكتۇر.

نادانلار ئۆزىگە سالغان زىياننى،

دۈشمەنمۇ ئۇنچىلىك سالالماس ئۇنى.

 

ئۆزىگە شەرەپ، ئىپتىخار، ئەڭ بۈيۈك نېسىۋېلەرنى ئىستەيدىغان بىر ئادەمنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنى خار ۋە زەبۇنلۇقلارغا مۇپتىلا قىلىشى ناھايىتى ھەيران قالارلىقتۇر.

بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالىرى خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەنىكەن: نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىگە شەرەپ ۋە ئىپتىخار ئىستەيدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىدۇ-يۇ، ئەمما گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنى خارلايدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە لايىق ئالاھىدە ئادەم بولۇشنى ئىستەيدۇ-يۇ، ئۆزىنى زايا قىلىپ، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بىلەن بىر سەپ بولۇپ ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارنى قىلسا، دۈشمەنلەر قىلمىغان زىيانكەشلىكنى ئۆزىگە ئۆزى قىلسا، بۇنى ئۇچىغا چىققان نادانلىق دېمەي نېمە دېگۈلۈك؟!

(ئاللاھ ھەممىمىزنى شەيتانلار ئۈسىتىدىن غەلىبە قىلىدىغان روھقا ئىگە قىلسۇن)

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە سەف 10،11،12،13-ئايەتلەر

[2] سۈرە رەئدە 11-ئايەت

[3] سۈرە مۇجادەلە 22-ئايەت

[4] سۈرە ساففات 173-ئايەت

[5] سۈرە ئال ئىمران 200-ئايەت

[6] سۈرە ئەنئام 112-ئايەت

[7] سۈرە ئەئراف 16،17-ئايەتلەر

[8] ئەھمەد ۋە نەسەئىي رىۋايىتى

باشقا خىزمەتلەر