ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ

 

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىپ، ئۇنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدۇ. قولدىن كەتكەن ھەر قانداق نېئمەتلەرگە ۋە دۇچار بولغان ھەرقانداق جازالارغا گۇناھ-مەئسىيەتلەر سەۋەبكاردۇر. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بالا-مۇسىبەت پەقەت گۇناھ-مەئسىيەت سەۋەبىدىنلا يۈز بېرىدۇ، ئۇنى تەۋبە ئارقىلىقلا كۆتۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ.»

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار).»[1]

«بۇ (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلىمىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.»[2]

يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا «بەندىلەر ئىتائەتنى گۇناھ-مەئسىيەتكە، شۈكۈرنى كۇپرىلىققا، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى نارازى قىلىدىغان ئىشلارغا ئالماشتۇرمىسىلا، ئۇلارغا بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئازابقا ئالماشتۇرمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.» ناۋادا ئالماشتۇرۇپلا قالسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغىنىغا ماس ھالدا جازا بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ.

ناۋادا بەندە گۇناھ-مەئسىيەتنى ئىتائەتكە ئالماشتۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چۈشۈرگەن جازانى ئامانلىققا، خارلىقنى ئەزىزلىككە ئالماشتۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېئمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ). ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ.»[3]

ئىلاھىي ئەسەرلەردە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «مېنىڭ ئەزەمىتىم ۋە بۈيۈكلىكىم بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ بىر بەندەم مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىش ئۈستىدە تۇرۇپ، مەن يامان كۆرىدىغان ئىشلارغا يۆتكىلىپلا كېتىدىكەن، مەن ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھالدىن يامان كۆرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىمەن. بىر بەندەم مەن يامان كۆرىدىغان ئىشتىن مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا يۆتكىلىپلا قالسا، مەن ئۇنى ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئىشتىن ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا يۆتكەپ قويىمەن.»

بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:

پاراغەت ئىچىدە ئۆتسە ھاياتىڭ،

دىققەت قىل، كەتكۈزەر ئۇنى مەئسىيەت.

گۇناھنى تائەتتە تۇرمىساڭ قوغلاپ،

كۆپ ئۆتمەي رەببىمىز جازالار دەھشەت.

يىراق تۇر زۇلۇمدىن بار كۈچۈڭ بىلەن،

زالىملىق كەلتۈرەر ئېغىر ئاقىۋەت.

كەزدۈرگىن قەلبىڭنى ئىنسانلار ئارا،

ئاياندۇر زالىمدىن قالغان ئالامەت.

ئۇلارنىڭ ئۆي-جايى، خارابىلىرى،

شاھىدتۇر ئۇلارغا، ئەمەس، بۇ، تۆھمەت.

زۇلۇم، ئۇ، زالىمغا ئەڭ ئېغىر زىيان،

زۇلۇم، ئۇ، زالىمغا كەلتۈرەر قىسمەت.

قالدىغۇ زالىمدىن باغۇ-ۋارانلار،

قالدىغۇ قەسىرلەر ئاجايىپ ھەيۋەت.

ھوزۇردىن ئايرىلىپ، كىردى دوزاخقا،

كۆرگىنى دۇنيادا چۈش بولدى پەقەت.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە شۇرا 30-ئايەت

[2] سۈرە ئەنفال 53-ئايەت

[3] سۈرە رەئىد 11-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر