ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەرىكەتنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ

گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەرىكەتنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئۆمۈرنىڭ، رىزىقنىڭ، ئىلىمنىڭ، ئەمەلنىڭ ۋە ئىبادەتنىڭ بەرىكىتىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا گۇناھ-مەئسىيەتلەر دىن ۋە دۇنيانىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ. ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئۆمرىدە، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئازراقمۇ بەرىكەت قالمايدۇ. زېمىندىكى بەرىكەتلەرمۇ پەقەت گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىقلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان-زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق.»[1]

«ئەگەر ئۇلار توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.»[2] بەرھەق، ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.

بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق ئىلھام قىلدى: ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە تېگىشلىك رىزقىنى كامىل ئېلىپ بولماي تۇرۇپ ۋاپات بولمايدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھتىن چىرايلىقچە تەلەپ قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ قېشىدىكى نەرسىلەرگە پەقەت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىقلا ئىرىشكىلى بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، رازىلىق ۋە چىنپۈتۈشتە خۇشال-خۇراملىق بار. گۇمان ۋە ئاچچىقلىنىشتا غەم -قايغۇ بار.»[3]

ئىمام ئەھمەد «ئەززۇھدۇ» ناملىق كىتابتا مۇنداق بىر ئەسەرنى تىلغا ئالىدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ناۋادا مەن رازى بولسام بەرىكەت ئاتا قىلىمەن، مېنىڭ بەرىكىتىمنىڭ چېكى بولمايدۇ. ناۋادا مەن غەزەپلەنسەم لەنەت قىلىمەن، مېنىڭ لەنىتىم يەتتىنچى ئەۋلادىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

رىزىقنىڭ كۆپلۈكى باياشاتلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. يىل، ئايلارنىڭ كۆپلۈكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىك ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ئەڭ مۇھىمى بەرىكەتتۇر.

بىراۋنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ ھايات مۇددىتى دېمەكتۇر. باشقىلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ھايات ئەمەس. بەلكى، ھايۋانلارنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئەۋزەلرەك! شۈبھىسىزكى، ئىنساننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ھاياتى ۋە روھىنىڭ ھاياتىدۇر. ياراتقۇچىسىنى تونۇمىغان، ياراتقۇچىسىغا مۇھەببەت باغلىيالمىغان، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلالمىغان، ئۇنىڭغا قايتالمىغان، ئۇنى ئەسلەپ ئامانلىق ھېس قىلالمىغان، ئۇنىڭ بىلەن يىقىنلىشىپ ئازادىلىك ھېس قىلالمىغان ئىنساننىڭ قەلبىدە ھاياتلىق يوقتۇر. بۇ خىل ھاياتلىقتىن مەھرۇم بولغانلار پۈتۈن ياخشىلىقلاردىن قۇرۇق قالىدۇ. پۈتۈن دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرنى سەرپ قىلىپمۇ بۇ ھاياتلىققا ئىرىشكىلى بولمايدۇ. بەندە قولدىن بېرىپ قويغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئورنىنى توشقۇزغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئاللاھتىن مەھرۇم قالسا ئۇنىڭ ئورنىنى توشقۇزىدىغان ھېچ نەرسە يوق، ئەلۋەتتە.

قانداقسىگە نامرات باينىڭ، ئاجىز كۈچلۈكنىڭ، ئۆلۈك ئەبەدىي تىرىكنىڭ، مەخلۇق ياراتقۇچىنىڭ ئورنىنى باسالىسۇن؟! قانداقسىگە ئۆزى ئۆزىنىڭ ھېچ نەرسىسىگە ئىگە بولالمايدىغان ئادەم ئۆز زاتىدىن كامالى، بايلىقى، بارلىقى، ھاياتى، رەھمىتى بولغان زاتنىڭ ئورنىنى باسالىسۇن؟! قانداقسىگە زەررە ئېغىرلىقىدا بىر نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ئادەم ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ھەقىقى خوجىسى ئاللاھنىڭ ئورنىنى باسالىسۇن؟!

شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەت رىزىق ۋە ۋاقتنىڭ بەرىكىتىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى، گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزگۈچىلەرگە شەيتان ھەمراھتۇر. ئۇلارغا شەيتان خوجا بولۇۋالىدۇ. شەيتان ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدىكىلەرنى ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەدلى-ئادالەت قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. شەيتانغا باغلانغان، شەيتانغا جۈر بولغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ بەرىكىتى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا يىگەندە، ئېچكەندە، كېيگەندە، مېنگەندە، جىما قىلغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى زىكرى قىلىشقا بۇيرۇدى. ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىش ئارقىلىق شەيتاننى قوغلىغىلى بولىدۇ. شەيتان قوغلانغان يەردە بەرىكەت بولۇشى شەكسىز. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ بەرىكىتى تارتىۋېتىلىدۇ. بەرىكەت ئاتا قىلىدىغىنى پەقەتلا ئاللاھتۇر. بارلىق بەرىكەتلەر پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىندۇر. ئاللاھقا نىسبەت بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە بەرىكەتلىكتۇر. ئاللاھنىڭ كالامى بەرىكەتلىك، رەسۇلى بەرىكەتلىك. ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى ھەم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا بەرىكەتتۇر. بەيتۇللاھ بەرىكەتلىك، ئاللاھنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ئېسىلى بولغان شام زېمىنى بەرىكەتلىكتۇر. ئاللاھ تائالا شام زېمىنىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالتە يېرىدە بەرىكەتلىك دەپ سۈپەتلىدى. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىشى بەرىكەت ئاتا قىلالمايدۇ. ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقى، مۇھەببىتى ۋە رازىلىقىغا مەنسۇپ بولمىغان ھېچ نەرسىدە بەرىكەت يوق. كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ئۇنى ئاللاھ پەرۋىش قىلىدۇ. ئۆزى، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئاللاھتىن يىراقلاشقان كىشىلەردە بەرىكەت ۋە ياخشىلىق بولمايدۇ. ھەرقانداق ئىشلاردا ئاللاھقا قانچىلىك يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە بەرىكەتكە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

بەرىكەتنىڭ كۈشەندىسى لەنەتتۇر. ئاللاھ لەنەت قىلغان زېمىن، ئاللاھ لەنەت قىلغان ئادەم ياكى ئاللاھ لەنەت قىلغان ئىش ياخشىلىق ۋە بەرىكەتتىن تولىمۇ يىراقتۇر. مەلئۇنغا يىقىنلاشقان، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە ئورناتقانلارنىڭ ھەممىسى بەرىكەتسىزلىككە دۇچار بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىبلىسقا لەنەت قىلىپ، ئۇنى ئۆزىدىن ئەڭ يىراق قىلىۋەتتى. ئىبلىسقا ئەگەشكەنلەر ئۇنىڭغا قانچىكى يىقىنلاشقانسېرى ئاللاھنىڭ لەنىتىگە شۇنچە ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئۆمۈر، رىزىق، ئىلىم ۋە ئەمەلنىڭ بەرىكىتىنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىلدۇر. ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىنغان ۋاقىت، ئاسىيلىق يولىدا سەرپ قىلىنغان ئېقتىساد، ئاسىيلىققا ئىشلىتىلگەن بەدەن، يۈز-ئابروي، ئىلىم ياكى ئەمەل ئۆز ساھىبىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئىنسانغا ھەقىقى مەنپەئەت بېرىدىغىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە سەرپ قىلىنغان ئۆمۈر، ئېقتىساد، كۈچ-قۇۋۋەت، يۈز-ئابرۇي، ئىلىم ۋە ئەمەلدۇر.

بۇ ھاياتتا يۈز يىللارچە ياشاپ، ئون يىل ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەملەر بار. شۇنىڭدەك دۆۋە-دۆۋە ئالتۇن-كۆمۈشلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق ھەقىقى ئېقتىسادى مىڭ تەڭگىگە يەتمەيدىغانلارمۇ بار. يۈز-ئابرۇي ۋە ئىلىممۇ دەل شۇنداق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا لەنەتگەردىدۇر. دۇنيادىكى نەرسىلەر لەنەتگەردىدۇر. ئەمما ئاللاھنىڭ زىكرى، ئاللاھنى دوست تۇتقۇچىلار، ئىلىم ئۆگەنگۈچى ياكى ئۆگەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»[4] يەنە بىر ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر لەنەتگەردىدۇر. لېكىن ئاللاھقا تەۋە، ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئىشلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» مانا مۇشۇ ھەقىقى بەرىكەتتۇر، ھەقىقى بەرىكەت پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىنغان ئىشلاردىدۇر. (ئاللاھ ھەمىمىزنى بەرىكەتسىزلىكتىن ساقلىغاي!)

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] سۈرە ئەئراف 96-ئايەت

[2] سۈرە جىن 16،17-ئايەتلەر

[3] جامىئۇسسەغىردە رىۋايەت قىلىنغان

[4] تىرمىزى رىۋايىتى

باشقا خىزمەتلەر