ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ھالاكەتكە سۆرەيدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھ قىلغۇچىلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاكەتكە سۆرەيدۇ. شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىر بەندىنى كونترول قىلىۋالسا، ئۆز ئېلكىگە ئېلىۋالسا ئۇنى تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، بەدەن ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان غىزالارنى ئىستىمال قىلىش ۋە مىكروپلارنى، بۇزۇق خىلتلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش ۋە زىيانلىق نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىش ئارقىلىق ساغلاملىشىدۇ. ناۋادا بەدەننى مىكروپ ۋە بۇزۇق خىلتلار قاپلاپ كەتسە تۈگەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش قەلبنى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەردىن غىزالاندۇرۇش، سەمىمىي تەۋبە ئارقىلىق ئۇنىڭ مىكروپلىرىنى ۋە بۇزۇق خىلتلىرىنى تازىلاش ۋە ساغلاملىققا پايدىلىق غىزالارنى ئېسىتىمال قىلىش ۋە زىيانلىق ماددىلاردىن پەرھىز قىلىش ئارقىلىق قەلبنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
تەقۋادارلىق يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئام بىر ئۇقۇمدۇر. ناۋادا بىر ئادەم بۇ ئۈچ ئىشنىڭ بىرەرىدىن مەھرۇم قالسا تەقۋادارلىقتىن شۇنچىلىك مەھرۇم قالغان بولىدۇ.
دېمەك، گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەرنى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن غىزالاندۇرۇش، سەمىمىي تەۋبە ئارقىلىق ئۇنىڭ مىكروپلىرىنى ۋە بۇزۇق خىلتلىرىنى تازىلاش ۋە ساغلاملىققا پايدىلىق غىزالارنى ئېسىتىمال قىلىش ۋە زىيانلىق ماددىلاردىن پەرھىز قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشقا قارشى كېلىدۇ.
قاراپ باقايلى، قاتمۇ-قات باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ئامىللىرى قاپلىۋالغان، ئۇنىڭدىن تازىلانمىغان، پەرھىز تۇتمىغان بەدەن قانداقسىگە ساغلام بولالىسۇن؟!
بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:
ساقلىققا ئىنتىلگەچ ھەرىكەت ئىشلەپ،
جىسمىڭنى قوغدايسەن ئاغرىق-سىلاقتىن.
ئەسلىدە لايىقتى ئاللاھتىن قورقۇپ،
ساقلىنىش خاتادىن ھەمدە گۇناھتىن.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بوي سۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن پەرھىز قىلغان، سەمىمىي تەۋبە ئارقىلىق ئۆزىنى پاكلىغان ئادەملەر ياخشىلىقلارنى تەرك ئەتمەي ئىز قوغلاپ قىلىدۇ. يامانلىقلاردىن پۈتۈن كۈچى بىلەن يىراق تۇرىدۇ. (ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بوي سۇنغان، چەكلىمىلىرىدىن پەرھىز قىلغان، سەمىمىي تەۋبە ئارقىلىق ئۆزىنى پاكلىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر