ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر كۈنداشلىق (غورۇر) تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ

 

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى 

گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبلەردىكى كۈنداشلىق(غورۇر) تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بەدەنگە جان قانداق زۆرۈر بولسا، كۈنداشلىق (غورۇر) تۇيغۇسى ئىنساننىڭ ئىسلاھاتى ۋە ھاياتى ئۈچۈن شۇنداق زۆرۈردۇر. دېمەك، كۈنداشلىق (غورۇر) تۇيغۇسى ئىنساننىڭ ھارارىتى ۋە ئوتىدۇركى، ئىنسان شۇ ئوت ئارقىلىق گويا تۆمۈر ۋە مېتاللار ئوت ئارقىلىق دات ۋە ئارىلاشمىلاردىن پاكلانغاندەك، رەزىللىكلەر ۋە ئىپلاسلىقلاردىن پاكلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئېسىل، ئەڭ ھىممەتلىكراقى ئۆزىگە، خاس ئادەملىرىگە ۋە ئومۇمى كىشىلەرگە نىسبەتەن كۈنداشلىقى قاتتىقراق بولغىنىدۇر. [1] شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممىتىگە نىسبەتەن ھەممىدىن كۈنداشلىقى قاتتىق ئىدى. ئاللاھنىڭ كۈنداشلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭكىدىنمۇ قاتتىقتۇر. «سەھىھۇل بۇخارى»دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «سىلەر سەئىدنىڭ كۈنداشلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟ مېنىڭ كۈنداشلىقىم ئۇنىڭدىن ئېغىر، ئاللاھنىڭ كۈنداشلىقى مېنىڭدىنمۇ ئېغىر».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈن تۇتۇلغان كۈنىدە خۇتبە ئوقۇپ مۇنداق دېگەن: «ئى مۇھەممەد ئۇممىتى! قۇلى ياكى دېدىكىنىڭ زىنا قىلىشىغا ئاللاھتىنمۇ بەكرەك كۈنداشلىقى كېلىدىغان بىر كىشى يوق.»[2]

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھتىن كۈنداشلىقى قاتتىقراق كىشى يوق. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا يوشۇرۇن-ئاشكارا زىنا-پاھىشەنىڭ ھەممىنى ھارام قىلدى. تەۋبىنى ئاللاھتىن بەكرەك قوبۇل قىلىدىغان بىر كىشى يوق. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. مەدھىيىنى ئاللاھتىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشى يوق، شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆزىنى مەدھىيىلىدى.»[3]

مەزكۇر ھەدىستە قەبىھلىك، رەزىللىك، ئىپلاسلىقلارنى يامان كۆرۈش مەنىسىدىكى كۈنداشلىق (غورۇر) بىلەن ئاللاھنىڭ ئادالىتى، رەھمىتى، ئېھسانىغا سەۋەب بولىدىغان تەۋبىنى بىللە بايان قىلىندى. ئاللاھ تائالانىڭ كۈنداشلىقى شۇنچە قاتتىق تۇرۇقلۇق، بەندىسىنىڭ تەۋبە قىلىشىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاگاھلاندۇرماي تۇرۇپ بىر بەندىنى بىرەر جىنايىتى تۈپەيلىدىنلا جازالىمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەنىدىلىرىگە ئۆزرە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرىدىغان، بىشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن، كىتابلارنى نازىل قىلغان. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ غايەت زور ساخاۋىتى، ئېھسانى ۋە چېكىگە يەتكەن كامالىتىدۇر.

نۇرغۇن كۈنداشلىقى قاتتىق كىشىلەرنىڭ تەلۋە غورۇرى باشقىلارنىڭ ئۆزرىسىگە ئادىل پوزىتسىيە تۇتماستىن، ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلماستىن، تىزلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە، «تېرە ئۈستىدە پۇل قىلىۋېتىش»كە سەۋەب بولىدۇ. بەلكى ھېلىقى خاتالىقنىڭ ئۆزىدە بىر ئۆزرە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلارنىڭ تەلۋە غورۇرى خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمەيدۇ.

يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر باركى، ئۇلار تولىمۇ قوبۇلچان. ئۇلارنىڭ قوبۇلچانلىقى ئۇلارنى كۈنداشسىز، غورۇرسىز بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. ئۇلارنىڭچە ئۆزرىنىڭ چېكى يوق، ئۆزرە قوبۇل قىلىنمايدىغان يەرلەردىمۇ ئۆزرىسى بار دەپ تۇرۇۋالىدۇ. تېخى بەزىلەر تەقدىرنى باھانە قىلىپ ئۆزرە ئېيتىقىلى تۇرىدۇ. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتلەردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كۈنداشلىق (غورۇر) ئىچىدە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغانلىرى ۋە ئاللاھ يامان كۆرىدىغانلىرى بار. ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۈنداشلىق (كۈنداشلىقى تۇتقاندا كۆزى ھېچ نەرسىنى كۆرمەيدىغان) تەرسا، تەلۋىلەرنىڭ كۈنداشلىقىدۇر.»

ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كۈنداشلىق (غورۇر) باشقىلارنىڭ ئۆزرىسىنى ئاڭلاپ باقىدىغان، كۈنداشلىق قىلىشقا توغرا كەلگەن يەردە كۈنداشلىق قىلىدىغان، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ئۆزرىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈنداشلىق (غورۇر)ىدۇر. كىمدە مۇشۇنداق كۈنداشلىق (غورۇر) تېپىلىدىكەن، ئۇ، مەدھىيىگە لايىق ئادەمدۇر.

بارلىق كامالەت سۈپەتلىرى ئاللاھقا مۇجەسسەملەنگەچكە، ئاللاھ مەدھىيىگە سازاۋەردۇر. ھىچ ئادەم ئاللاھنى ئاللاھ ئۆزى مەدھىيىلىگەندەك، ئۆزى ئۇلۇغلىغاندەك لايىقىدا مەدھىيىلەپ بولالمايدۇ. كۈنداشلىقى بار ئادەم ئاللاھ تائالاغا كۈنداشلىق دېگەن سۈپەتتە ئۇيغۇنلاشقان بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەر سۈپەتتە ئاللاھ بىلەن ئۇيغۇنلاشسا، شۇ سۈپەت ئۇ ئادەمنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ ئاپىرىدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدۇ، رەھمىتىگە ئۇلاشتۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئىرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا رەھىمدىلدۇر، ئۇ رەھىمدىل ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ. سېخىيدۇر، سېخىي ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالىمدۇر، ئالىملارنى ياخشى كۆرىدۇ. كۈچلۈكتۇر، كۈچلۈك مۇئمىنلارنى ئاجىز مۇئمىنلاردىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. ھايالىقتۇر، ھايالىق كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. گۈزەلدۇر، گۈزەل (پاكىزە) كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. تاقتۇر، تاقنى ياخشى كۆرىدۇ.

ناۋادا گۇناھ-مەئسىيەت قىلغۇچىلار باشقا جازاغا ئۇچرىماستىن، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن نىسىۋىدار بولۇش شاراپىتىدىن مەھرۇم قالغان بولسىمۇ، بۇ يېتەرلىك جازا بولالايتتى. شۈبھىسىزكى، خىيال ۋەسۋەسىگە، ۋەسۋەسە نىيەتكە، نىيەت كۈچىيىپ ئىرادىگە ئايلىنىدۇ-دە، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ ئىشلار ئاخىرىدا گۇناھ قىلغان ئادەمنىڭ خاراكتېرىگە، ئايرىلماس خاسلىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. گۇناھ ئۇ ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە ئايرىلماس خاسلىقىغا ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، گۇناھتىن قول ئۈزۈش گويا ئەسلى خاسلىقلىرىدىن ئايرىلىش مۇمكىن بولمىغاندەك مۇمكىنسىز بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

دېمەك، ئىنسان گۇناھ-مەئسىيەتكە قانچىكى باش چۆكۈرۈپ كەتكەنسېرى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىگە، خاس ئادەملىرىگە، ئائىلىسىگە، ئومۇمى كىشىلەرگە قارىتا كۈنداشلىق (غورۇر)ى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ. ھەتتاكى، ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن يىرگەنمەيدىغان، ئىپلاسلىقلىرىدىن نەپرەتلەنمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلار شەكسىزكى ھالاكەتكە يۈز تۇتقانلاردۇر.

نۇرغۇنلىغان ئادەملەر رەزىللىك، ئىپلاسلىق، پەسكەشلىكلەردىن نەپرەتلەنمەيلا قالماستىن، بەلكى پاھىشە ۋە زۇلۇملارنى بېزەپ باشقىلارغا چىرايلىق كۆرسەتكىلى تۇرىدۇ. باشقىلارنى ئۇنىڭغا ئۈندەيدۇ، قىزىقتۇرىدۇ. يامان ئىشلار يولىدا ھارغۇچە چاپىدۇ. شۇڭلاشقا دەيۈزلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىپلاس ئادەملەردۇر. ئۇلارغا جەننەت ھارام قىلىنغان. شۇنىڭدەك زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزغا رۇخسەت قىلغان، زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزنى چىرايلىق كۆرسەتكەن، مەدھىيىلىگەن ئادەملەر كۈنداشلىقى يوق، غورۇرى يوق، ۋىجدانسىز ئادەملەردۇر.

يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن ئايان بولدىكى، دىن دېمەك كۈنداشلىق (غورۇر) دېمەكتۇر. كۈنداشلىقى بولمىغان ئادەمدە دىن بولمايدۇ. كۈنداشلىق (غورۇر) قەلبلەرنى ياشارتىدۇ، قەلبلەر بەدەنلەرگە كۈچ بېغىشلايدۇ. بەدەندىكى كۈچ يامان ئىللەتلەرگە، پاھىشەلەرگە قارشى تۇرىدۇ. كۈنداشسىزلىق (غورۇرسىزلىق) قەلبلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆلگەن قەلبنىڭ جىسمانىي بەدىنىمۇ ئۆلۈك بولىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن ئۆلگەن بەدەننىڭ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولمايدۇ.

قەلبتىكى كۈنداشلىق (غورۇر) بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىگە ئوخشايدۇ. كۈچلۈك ئىممۇنېت كۈچىگە ئىگە بەدەننىڭ كېسەللەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچى يوقاپ كەتسە، كېسەل ھېچقانداق قارشىلىقسىزلا بەدەنگە كىرىۋالىدۇ-دە، بەدەننى تۈگەشتۈرىدۇ. كۈنداشلىق (غورۇر) گوياكى سۇ كالىسىنىنىڭ مۆڭگۈزىگە ئوخشايدۇ. سۇ كالىسى مۆڭگۈزى ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە بالىلىرىنى قوغدايدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ مۆڭگۈزى سۇنۇپ كەتسە يىرتقۇچلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرايدۇ.



 [1]ئېسىل، ئالىي ھىممەتلىك ئادەملەر ئۆزى، خاس ئادەملىرى ۋە ئومۇمىي كىشىلەرنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ قېلىشىغا يول قويمايدۇ، ۋىجدانى باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇشقا ئۈندەيدۇ. غورۇرى كۈچلۈك بولىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

[2] مۇسلىم رىۋايىتى

[3] مۇسلىم رىۋايىتى

باشقا خىزمەتلەر