ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارنى مالامەتكە دۇچار قىلىدۇ

 

گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارنى مالامەتكە دۇچار قىلىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارنىڭ شەرەپ ۋە ئىپىتخارىنى يوقىتىپ، ئورنىغا ھاقارەت ۋە كەمسىتىش ناملىرىنى يۈكلەپ قويىدۇ.

گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارنىڭ مۇئمىن، ياخشى، ئىخلاسمەن، تەقۋادار، ئىتائەتمەن، ئاللاھقا قايتقۇچى، ئاللاھنىڭ دوستى، پەرھىزكار، سالىھ، ئابىد، ئاللاھتىن قورقىدىغان، تەۋبە قىلغۇچى، پاك، ئالقىشلانغان... دېگەندەك شەرەپلىك ناملىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇزۇق، ئاسىي، گەدەنكەش، رەزىل، بۇزغۇنچى، ئىپلاس، زىناخۇر، ئوغرى، قاتىل، يالغانچى، خائىن، بەچچە، رەھىمسىز، ئالدامچى... دېگەندەك ناملارنى يۈكلەپ قويىدۇ. مانا بۇ، پاسىقلارنىڭ ناملىرىدۇر.

بۇ ناملار بىلەن ئاتالغانلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ. دوزاخقا كىرىدۇ. دۇنيادا خار ۋە رەسۋا ھالەتتە ياشايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىماندىن كېيىن فىسقى بىلەن ئاتىلىش نېمىدېگەن يامان!»

مۇئمىن، ياخشى، ئىخلاسمەن، تەقۋادار، ئىتائەتمەن، ئاللاھقا قايتقۇچى، ئاللاھنىڭ دوستى، پەرھىزكار، سالىھ، ئابىد، ئاللاھتىن قورقىدىغان، تەۋبە قىلغۇچى، پاك، ئالقىشلانغان... دېگەندەك شەرەپلىك ناملار بىلەن ئاتالغانلار بولسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە جەننىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ناۋادا گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك قەبىھ ناملاردىن باشقا جازاسى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئاقىل ئادەملەرنىڭ ئەقلى ئۇنداق گۇناھ-مەئسىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن چەكلىگەن بولاتتى. ناۋادا تائەت-ئىبادەت ۋە ئاللاھقا قىلىنغان قۇللۇقنىڭ يۇقىرىقى شەرەپلىك ناملاردىن باشقا مۇكاپاتى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئەقىل چوقۇم ئۇ ئىشلارغا بۇيرۇغان بولاتتى. (ئاللاھ بەرگەننى توسقۇچى، ئاللاھ بەرمىگەننى بېرەلىگۈچى، ئاللاھ يىراق قىلغاننى يىقىنلاشتۇرالىغۇچى، ئاللاھ يىقىن قىلغاننى يىراقلاشتۇرالىغۇچى يوقتۇر)

«ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.»[1]

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] سۈرە 18-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر