ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاسىيلارنى شەيتاننىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ بېرىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
ئاسىيلار دائىم شەيتان چاڭگىلىدا، شەھۋەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەر كونتروللىقىدا ياشايدۇ. دېمەك ئۇ، ئەسىر ئېلىنغان تۇتقۇندۇر. ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغاندىنمۇ ئېغىر كۈندە ياشايدىغان تۇتقۇن بولمىسا كېرەك! ھاۋايى-ھەۋەسلەر تۈرمىسىدىنمۇ تارراق كامىر بولمىسا كېرەك! شەھۋەت ئىشكەللىرىدىنمۇ بەكرەك قىينايدىغان ئىشكەل بولمىسا كېرەك! ئەسىر ئېلىنغان، تۈرمىگە قامالغان، ئىشكەللەنگەن قەلب قانداقمۇ ئاللاھ تەرىپىگە، ئاخىرەت تەرىپىگە يۈزلىنەلىسۇن! بۇنداق قاتمۇ-قات ئىشكەل، قاتمۇ-قات باغلاقتا تۇرغانلارنىڭ ئالدىغا بىر قەدەم تاشلىيالىشى مۇمكىنمۇ!؟
ئىنساننىڭ قەلبى ئىشكەللىنىپ، قامال قىلىنغانسېرى ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپلەردىن خىلمۇ-خىل ئاپەتلەر يوپۇرۇلۇپ كەلگىلى تۇرىدۇ. قەلبلەر ئۇچارلىقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇچارلىقلار قانچىكى ئىگىز ئۇچقانسېرى خەتەرلەردىن شۇنچە يېراق بولىدۇ. قانچىكى پەس ئۇچقانسېرى قاپقانلارغا چۈشۈپ قېلىشى، خىلمۇ-خىل بالايى-ئاپەتلەرگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شەيتان ئىنساننىڭ بۆرىسى.»[1]
پادىچىسى بولمىغان قوي ئاسانلا بۆرىگە يەم بولىدۇ. شۇنىڭدەك بىر ئادەمگە ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھاپىزەتچى بولمايدىكەن ئۇنى شەيتاننىڭ ئوۋلىشى شەكسىزدۇر. تەقۋادارلىق ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مۇھاپىزىتىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. تەقۋادارلىق ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ بۆرىسى (شەيتىنى) ئارىسىدىكى قورغاندۇر. تەقۋادارلىق ئىنسان بىلەن دۇنيا ئازابلىرى ئارىسىدىكى قورغاندۇر. ئۇ ئىنسان بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئازابلىرى ئارىسىدىكى قالقاندۇر. قوي پادىچىغا يىقىنراق تۇرسا يىرتقۇچتىن ساقلىنىپ قېلىشقا پايدىسى بار. پادىچىغا قانچە يىراق تۇرسا ھالاكەتكە شۇنچە يىقىن تۇرغان بولىدۇ. بۆرىمۇ پادىدىن ئايرىلغان قوينى ئوۋلايدۇ.
دېمەك، قەلىب ئاللاھتىن قانچە يېراقلاشسا، ئۇ ناھايىتى تىزلا ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. ئاللاھقا قانچە يىقىن بولسا ھالاكەتتىن شۇنچە يىراق بولىدۇ. ئاللاھتىن يىراقلىشىشمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بەزىلەر بەك يىراقلىشىدۇ، بەزىلەر بوشراق يىراقلىشىدۇ. غاپىللىق قەلبنى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر غاپىللىقتىنمۇ بەكرەك يىراقلاشتۇرىدۇ. بىدئەت گۇناھ-مەئسىيەتلەردىنمۇ بەكرەك يىراقلاشتۇرىدۇ. مۇناپىقلىق ۋە مۇشرىكلىق يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىدىن بەكرەك يىراقلاشتۇرىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر