ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر پەسكەشلىككە ئېلىپ بارىدۇ

 

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر پەسكەشلىككە ئېلىپ بارىدۇ

 

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئەسلىدە ئاللاھ ياخشى ئادەملەردىن بولۇش ئۈچۈن تەييارلىغان كىشىلەرنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ناچار، پەسكەش ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى ياخشى ۋە يامان دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ياخشىلار جەننەتتە، يامانلار جەھەننەمدە بولىدۇ. ئىتائەتمەن بەندىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ جەننىتىدە ياشايدۇ. گۇناھكارلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ دوزىخىدا ياشايدۇ. ئىتائەتمەنلەر ئاللاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر. ئاسىيلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەڭ خارلاردۇر.

ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن قىيامەتنىڭ ئالدىدا قېلىچ بىلەن ئەۋەتىلدىم. مېنىڭ رىزقىم نەيزەمنىڭ سايىسىدا قىلىندى. خارلىق ۋە پۈچەكلىك ماڭا خىلاپلىق قىلغانلارغا قىلىندى.»[1]

ئادەم قانچىكى گۇناھ-مەئسىيەت قىلغانسېرى تۆۋەنلەپ ئەڭ ناچار ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. قانچىكى تائەت-ئىبادەت قىلغانسېرى دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ، ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ ئالىيجاناب ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ.

گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن تائەت-ئىبادەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلىدىغان بەزى كىشىلەر بار. بۇلارنىڭ قايسى ئىشى يەنە بىرىنى بېسىپ كەتسە، ئۇ شۇ تۈرگە تەۋە بولىدۇ. يۈز بالداق ئۆرلەپ، بىر بالداق چۈشكەن ئادەم بىر بالداق ئۆرلەپ يۈز بالداق چۈشكەن ئادەمگە ئوخشاش بولمايدۇ.

بۇ ھەقتە ئادەمنىڭ خىيالىغا كېچىپ قالىدىغان بىر قىسىم خاتا قاراشلار بار. ئۇ بولسىمۇ، بىر بەندە بەزىدە بىرەر خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن شۇنچىلىك يىراققا قوغلىنىپ كېتىدۇكى، ئۇنىڭ بىر بالداق قوغلىنىشىغا مىڭ بالداق ئۆرلىشىمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، بىر ئادەم خىيالىي تۇرۇپلا بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ قويىدۇ-دە، شۇ تۈپەيلىدىن دوزاخنىڭ مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىدەك يىراق چوڭقۇرلۇقىغا تاشلىنىدۇ.» مۇنداق چوڭقۇرغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم قانداق ئۆرلەپ بولالايدۇ؟ سەللا دىققەت قىلمىغاندا بۇنداق چوڭقۇرلارغا چۈشۈپ كېتىش تۇرغانلا گەپ!

كىشىلەر ئىچىدە غەپلەتكە چۈشۈپ قىلىپ، ھوشىنى تېپىپلا ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كېلىۋالىدىغان ياكى قانچە ئويغانغانسېرى شۇنچە ئەسلىدىكىدىنمۇ يۇقىرى بالداققا چىقالايدىغانلار بار.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا تائەت-ئىبادەتنى كۆڭلىگە پۈكمەيدىغان ئادەتتىكىچە بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغانلار بار. بۇلار تائەت-ئىبادەتكە بېرىلىپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالسا ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ كېلەلىشى ياكى كېلەلمەسلىكى ياكى بۇرۇنقىدىنمۇ يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئىرىشەلىشى مۇمكىن. ئۇ، بۇرۇنقىدىن ھىممەتلىكراق ياكى ھىممەتسىزراق ياكى بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش ھىممەتكە كېلەلىشى مۇمكىن!

بەندىلەر چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇلار سەمىمىي تەۋبە قىلىش ۋە چىن قەلبىدىن ئاللاھقا قايتىش ئارقىلىق ئۆزىنى تۈزۈۋالالايدۇ.

ئۆلىمالار گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزگەنلەر تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كېلەلەمدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى.

بەزىلەر «تەۋبە گۇناھنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۆرۈپ، ئۇ گۇناھنى قىلمىغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈۋېتىدۇ» دېگەن قاراشقا ئاساسلىنىپ گۇناھكار تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى گۇناھ قىلمىغان ھالەتكە قايتىپ كېلەلەيدۇ، دەپ قارىدى.

يەنە بەزىلەر «تەۋبە پەقەت گۇناھنىڭ جازاسىنى ساقىت قىلىدۇ» دېگەن قاراشقا ئاساسلىنىپ، گۇناھكار تەۋبە قىلىش ئارقىلىق گۇناھىنىڭ جازاسىدىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ئەمما ئەسلىدىكى گۇناھ قىلمىغان ھالىتىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ، دەپ قارىدى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مەزكۇر ئىككى قاراشقا مۇنداق ئاقىلانە ھۆكۈم چىقاردى: «ئەمەلىيەت شۇكى، تەۋبە قىلغۇچىلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىنمۇ يۇقىرىراق مەرتىۋىگە يېتەلەيدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ ئەسلى دەرىجىسىگە يېتەلەيدىغانلار ياكى يېتەلمەيدىغانلارمۇ بولىدۇ (بۇ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ ئىخلاسى ۋە ئىپادىسىگە قارىتا بولىدۇ).»

مېنىڭچە، گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ تەۋبىدىن كېيىن ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ كېلەلىشى ياكى كىلەلمەسلىك مەسىلىسى تەۋبىنىڭ كۈچى ۋە مۇكەممەللىكىگە ۋە گۇناھىغا ئېچىنىپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، ئاللاھقا يېلىنىپ، ئاللاھقا قايتالىغانلىقىغا، ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆكەلىگەنلىكىگە قاراشلىق. مەزكۇر ئىشلار كۈچەيگەنسېرى گۇناھ ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇنقى ھالىتىدىنمۇ ساپ ھالەتكە قايتالايدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ خاتالىقى بەزىدە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولۇپمۇ قالىدۇ. چۈنكى ھېلىقى خاتالىقلار ئۇنىڭ كۆرەڭلىك ۋە ئۆزىگە ئىشىنىپ كېتىش كېسەللىرىگە مەلھەم بولىدۇ. ئۇنى ئۆز مەركەزچىلىك ئىدىيىسى ۋە ئۆزىنى «ئاكاڭ قارىغاي» قىلىپ كۆرسىتىش ئىللەتلىرىدىن خالاس قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان، ئۆزىنى بىچارە ھېس قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۆزىگە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ، ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاجىز بەندە ئىكەنلىكىنى، پەرۋەردىگارىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە، ئەپۇسىغا، مەغپىرىتىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدىكى تائەت-ئىبادەت كۆرەڭلىكىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. كىبىر، مەغرۇرلۇقلىرىنى ياكى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئالاھىدە چاغلاش تۇيغۇلىرىنى سۇندۇرىدۇ. ئۇنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزگەن؛ گۇناھكار سۈپىتىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۇنىڭدىن ھايا قىلغان؛ ئۇنىڭدىن قورققان؛ ئۆزىنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىنى ئاز ھېس قىلغان؛ خاتالىقلىرىنى كۆپ ھېس قىلغان؛ ئۆزىنىڭ تولىمۇ كەمتۈك ۋە مالامەتكە لايىق ئادەم ئىكەنلىكىنى؛ پەرۋەردىگارىنىڭ كامالەت، مەدھىيە ۋە ۋاپا بابىدا يىگانە زات ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:

ۋاپا ۋە مەدھىيە ئاللاھقىلا خاس،

مالامەت ئەسلىدە ئىنسانغىلا ماس.

 

يۇقىرىقى كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن نىسىپ بولغان ھەر قانداق نېئمەتلەرنى كۆپ ھېس قىلىپ قوبۇل قىلىدۇ. ئۆزىنى ئۇ نېئمەتلەرگە نالايىق دەپ قارايدۇ. ئۆزىگە يەتكەن ھەر قانداق جازا ياكى بالا-مۇسىبەتلەرنى ئۆزىگە ھەق، ئۆزىنى تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق؛ پەرۋەردىگارىم ماڭا كۆپ ياخشىلىق قىلپ، مېنى جىنايىتىمگە لايىق جازالىمىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى ماڭا بەك يەڭگىل بولدى؛ ئەسلى ماڭا تېگىشلىك جازاغا مەندەك ئاجىز بەندە تۈگۈل مۇستەھكەم تاغلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيتتى، دەپ قارايدۇ. شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر قانچىكى كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ، بارلىق نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىۋاتقان بۈيۈك پەرۋەردىگارغا نىسبەتەن ئىنتايىن قەبىھ ۋە رەزىل ئىشتۇر.

مۇئمىن بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن ئاقسۆڭەكلەر ۋە مەشھۇر ئادەملەرگە ئەيبلىك ھالەتتە ئۇچرىشىپ قېلىشنى؛ ئۇلارغا ناچار ئىشلار ئۈستىدە كۆرۈنۈپ قېلىشنى ياقتۇرمايدىغان تۇرسا، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئىنسان قانداقمۇ ئوڭايسىزلانمىسۇن؟! ناۋادا ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن رەھمىتى غالىپ، جازاسىدىن مەغپىرىتى ئىلگىرى بولمىغان بولسا، ئاللاھقا نالايىق ھالەتتە ئۇچرىشىپ قالغانلارنى زېمىنغا دۈمكۆمتۈرۈۋەتكەن بولاتتى. ناۋادا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە ئېغىر – بېسىىقلىقى بولمىغان بولسا، بەندىلەرنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاسمان ۋە زېمىن تەۋرەپ كەتكەن بولاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇپپارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.»[2]

بۇ ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى ئاللاھنىڭ «ھەلىم ۋە مەغفىرەت قىلغۇچى» دېگەن ئىككى ئىسمى ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى!

ناۋادا ئاللاھ جىنايەتچىلەرنى جىنايىتىگە قارىتا جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان؛ ئاسىيلارنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرۈم قىلمايدىغان بولسا ئىدى، ئاسمان ۋە زېمىن مۇستەھكەم تۇرالمىغان بولاتتى...

ئاللاھ تائالا بەزى كاپىرلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى.»[3]

ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانىنى ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىگە پەرۋاسىز قاراپ، قىلىپ قويغان بىر خاتالىقى تۈپەيلىدىن جەننەتتىن چىقىرىۋەتتى. ئىبلىسنىمۇ خاتالىقى ۋە ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بوي سۇنمىغانلىقى تۈپەيلىدىن قوغلاندى قىلىۋەتتى.

ناۋادا بىز گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋېرىپ، ئاللاھنىڭ جەننىتىنى چۈشەپلا ياشايدىغان بولساق تولىمۇ ئەخمەقلىق قىلغان بولىمىز.

بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:

گۇناھتىن قول يىغاي دېمەستىنلا ھېچ،

مەڭگۈلۈك جەننەتتىن ئۈمىدىمىز بار.

بىر گۇناھ تۈپەيلى ئادەم ۋە ھەۋۋا،

جەننەتتىن قوغلاندى خەۋىرىمىز بار.

 

خۇلاسىكالام: بەندە گۇناھ-مەئسىيەتتىن كېيىن تەۋبە قىلسا، بەزىدە بۇرۇنقىدىنمۇ يۈكسەك مەرتىۋىلەرگە ئىرىشەلەيدۇ. بەزى خاتالىقلار ئۇنىڭ ئىرادىسىنى، ھىممىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قەلبىنى كېسەل قىلىپ قويىدۇ–دە، ئۇنىڭ تەۋبە دورىسى خاتالىق كېسەللىكىدىن تامامەن ساقايتالمايمۇ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەۋبە قىلغان »[ ھالىتىگە قايتالمايدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتتىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزۈۋالغاندىن كېيىن قەلبى ساغلام ھالىتىگە كەلسە گۇناھ-مەئسىيەتتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى دەرىجىسىگە كېلەلەيدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلىرى پەقەت گۇناھ-مەئسىيەت ۋە خاتالىقلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلار. ئەمما شەك-شۈبھە ۋە مۇناپىقلىققا ئوخشاش ئىمانغا دەز كەتكۈزىدىغان، ئىمانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىش قىلىپ قويغان ئادەملەرگە ئىسلامىنى يېڭىلاشتىن باشقا يول يوق!

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] تىرمىزى رىۋايىتى

[2] سۈرە فاتىر 41-ئايەت

[3] سۈرە مەريەم 90-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر