ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر نېئمەتلەرنى كەتكۈزىۋېتىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر نەق نېئمەتلەرنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ. ئىرىشىۋاتقان نېئمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىرىشىپ بولغانلىرىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بېرىلىۋاتقانلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئاللاھقا بولغان ئىتائەتتىن بەكرەك مۇھاپىزەت قىلالايدىغان بىر نەرسە يوق. قولدىن كەتكەن نېئمەتلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشتە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىنمۇ ئارتۇقراق بىر ۋاستە يوق. ئاللاھنىڭ قېشىدىكى ياخشىلىقلارغا پەقەت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىقلا ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەۋەب بولىدىغان سەۋەبلەرنى ۋە قولدىن كېتىشكە سەۋەب بولىدىغان تەقدىر قىلغان. دېمەك ئاللاھ ئۆزىگە قىلىنغان ئىتائەتنى ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىگە سەۋەب قىلدى. بۇ نېئمەتلەرنى قولدىن كەتكۈزىدىغان نەرسە گۇناھ-مەئسىيەتتۇر. ناۋادا ئاللاھ بىراۋغا بەرگەن نېئمەتلەرنى قوغداپ بەرمەكچى، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرمەكچى بولسا، ئۇ بەندىگە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق نېئمەتنى قوغداپ قىلىشقا ئىلھام قىلىدۇ. ناۋادا بىر بەندىگە بەرگەن نېئمىتىنى تارتىۋالماقچى بولسا، ئۇ بەندە ئاللاھقا تۇزكورلۇق قىلىدۇ-دە، شۇ سەۋەپتىن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
مۇشۇنداق ئالامەتلەر ئۆزىدە كۆرۈلگەن ياكى باشقىلاردا كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، گويا ئۆزى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغاندەك ياكى ئۆزى ئىنسانلار توپىغا تەۋە ئەمەس خۇسۇسىي بىر ئادەمدەك، باشقىلاردا يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار بىلەن ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتەك ئىزچىل گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن ياشايدىغانلار ئاجايىپ ھەيران قالارلىقتۇر.
بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جاھىللىق بارمۇ؟! بۇنىڭدىنمۇ ئۆتەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش بولامدۇ؟! ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر