ھىجرىيە: | مىلادىي: 5 Temmuz 2022
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارنى روھى چۈشكۈن قىلىپ قويىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋالىدۇ. ئۇنى خار قىلىپ، كۆزگە ئېلىنماس، ئېتىبارسىز بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. تائەت-ئىبادەتلەر بەندىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇنى پاكلايدۇ ۋە ئالىيجانابلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.»[1]
دېمەككى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، تائەت-ئىبادەت قىلغان ئادەم روھىنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ، ئالىيجاناب روھقا ئىگە بولالايدۇ، روھىي غالىبلاردىن بولالايدۇ. روھىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق روھىنى خارلىغان، دەپسەندە قىلغان ئادەملەر زىيان تارتىدۇ.
ئاسىيلار گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنى توپىغا ئېلىشتۇرغان ئادەملەردۇر. گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئۇ ئادەمنى ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا، باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ئالدىدىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشىلىقلار ئىنساننىڭ روھىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئىپتىخار تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئەڭ پاك ۋە ئالىيجاناب روھقا ئىگە قىلىدۇ. ئىنسان ئەسلى ئاللاھنىڭ ئالدىدا شۇنچە ئەرزىمەس، كىچىك بىر مەخلۇق تۇرۇقلۇق، تائەت-ئىبادە ۋە ئىتائەت ئارقىلىق شۇنچە بۈيۈك ئىززەتلەرگە، شەرەپلەرگە ئىرىشەلەيدۇ. ئىنساننى گۇناھ-مەئسىيەتتىن بەكرەك خار قىلىدىغان، تائەت-ئىبادەتتىن بەكرەك ئەزىز ۋە شەرەپلىك قىلىدىغان نەرسە يوق.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر