ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارنى قىيىنچىلققا مۇپتىلا قىلىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
دۇنيادا قىيىن تۇرمۇشقا مۇپتىلا بولۇش، قەبرىدە ۋە ئاخىرەتتە ئازابلارغا ئۇچراش قاتارلىقلارمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ جازالىرى قاتارىدىندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپىرىمىز.»[1]
مەزكۇر ئايەتتىكى تارچىلىق (خاتىرجەمسىزلىك) تەپسىرلەردە قەبرە ئازابى دەپ تەپسىر قىلىنغان. قەبرە ئازابىمۇ تارچىلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىكتۇر. لېكىن بۇ ئايەت يۇقىرىقىدىنمۇ ئاممىبابراق مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھ تائالا تارچىلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىكنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بايان قىلىدۇ. ناۋادا بىر ئادەم بۇ ھاياتتا ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ، پاراۋان، باياشات تۇرمۇشتا ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئېنىقكى ياتسېراش، خارلىق، ھەسرەت تۇيغۇلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى لەختە قىلىدۇ. تۈگىمەس ئارزۇ-ئارمانلار، دەرمانسىز ئارمانلار كويىدىكى ئازابلار ئۇنى قىينايدۇ. بۇ خىل ئادەملەر چوقۇمكى شەھۋەت، ئىشىق، دۇنياپەرەسلىك ۋە مەنسەپپەرەسلىكنىڭ مەستلىكىدە ياشايدۇ. بۇلار ئىچمەي مەست بولىدىغانلاردۇر. يۇقىرىقى ھەۋەسلەرنىڭ مەستلىكى ھاراقنىڭ مەستلىكىدىنمۇ كۈچلۈكتۇر. ئېچىپ مەست بولغانلار ھامان مەستلىكىدىن يېشىلىدۇ، ھوشىغا كېلىدۇ. ئەمما ھاۋايى-ھەۋەس، دۇنياپەرەسلىك مەست قىلغان ئادەملەر ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھوشىنى تاپمايدۇ. دېمەك، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر مەيلى بۇ دۇنيادا بولسۇن، قەبرىدە بولسۇن ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن، چوقۇمكى، تارچىلىققا، قىيىنچلىققا مۇپتىلا بولىدۇ. بۇلار خۇشاللىق تاپالمايدۇ، كۆڭۈل خاتىرجەملىككە ئىرىشەلمەيدۇ. قەلبلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىلاھىنى تاپمىغۇچە، ھەقىقى ئىلاھىدىن باشقىنى ئىنكار قىلمىغۇچە خاتىرجەملىككە ئىرىشەلمەيدۇ. ھەقىقى پەرۋەردىگارىنى تاپقانلار تامامەن خۇشاللىققا ئىرىشەلەيدۇ. ھەقىقى پەرۋەردىگارىنى تاپالماي قايمۇقۇپ ياشىغانلار دۇنيادا ھەسرەت-نادامەتكە مۇپتىلا بولىدۇ. چوقۇمكى ئاللاھ تائالا خاتىرجەم تۇرمۇش، پاك ھاياتنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ھەدىيە قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەر-ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.»[2]
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى دۇنيادا ياخشى ھايات بىلەن، ئاخىرەتتە تېخىمۇ بۈيۈك ياخشىلىقلار بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى. دېمەككى، ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئىككىلا دۇنيادا ياخشى ھاياتقا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇلار ئىككىلا دۇنيادا ھاياتلاردۇر.
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، (ئازابقا دۇچار بولىسلەر) سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن.»[4]
تەقۋادارلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىگە ئىرىشەلەيدۇ. ئۇلار ھەر ئىككى دۇنيادا كۆڭۈللۈك ھاياتقا ئىرىشەلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ھارام شەھۋەتلەرنى تەرك ئېتىش، شۈبھىلەردىن يىراقلىشىش ئارقىلىق دىللارنىڭ مەمنۇنلىقى، شاد-خۇراملىقى، ھوزۇرى، يايرىشى، خاتىرجەملىكى، قەلبلەرنىڭ سۈزۈلۈشى، نۇرلىنىشى، كەڭرىشى، شىپالىقىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ. مانا بۇلار جىسمانىي ھالاۋەتلەرگە سېلىشتۇرغىسىز دەرىجىدىكى ھالاۋەتتۇر.
بۇ خىل ھالاۋەتنى تىتىغان بىر قىسىم ئادەملەر «ناۋادا پادىشاھلار، شاھزادىلەر بىز تىتىغان ھالاۋەتنى بىلىپ قالىدىغان بولسا، ئۇنى بىزدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن قوراللىق ئۇرۇش ئاچاتتى» دېگەنىكەن.
ھەقىقى ئىماننىڭ تەمىنى تىتىغان يەنە بىر قىسىم ئادەملەر «مەندە شۇنداق بىر مېنۇتلار بولىدۇكى، جەننەت ئەھلى مۇشۇنداق ياشايدىغان ئىش بولسا، ئۇلار ھەقىقەت ياخشى ھاياتتا ئىكەن دەپ كېتىمەن» دېگەنىكەن.
يەنە بىر ئادەم مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، دۇنيادا بىر جەننەت بار، ئۇ ئاخىرەتتىكى جەننەتكە ئوخشايدۇ. كىمكى بۇ دۇنيادا ھېلىقى جەننەتتە ياشىيالمىغان بولسا، ئاخىرەتتىكى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ.»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قاچانىكى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن ئۆتسەڭلار ئوتلاپ ئۆتۈڭلار. ساھابىلەر: جەننەتنىڭ باغچىلىرى دېگەن نېمە؟ دەپ سورىۋېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ ئەسلەنگەن سورۇنلار، دەپ جاۋاب بەردى.»[5]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئۆيۈم بىلەن مىنبىرىمنىڭ ئارىلىقى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر.»[6]
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر