ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارنى ئىخلاسمەنلەر سېپىدىن چىقىرىۋېتىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارنى ئىخلاسمەنلەر سېپىدىن چىقىرىۋېتىدۇ-دە، ئۇلارنى ئىخلاسمەنلەرنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قويىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىخلاس بىراۋنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتسا، ئۇنى گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ئەسلەش، ئاللاھقا مۇھەببەت باغلاش، ئاللاھتىن قورقۇش، چىن قەلبىدىن ئاللاھتىن ئۈمىدۋار بولۇش ئارقىلىق ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلغىلى ۋە گويا ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېسسىياتلارغا كەلگىلى بولىدۇ. مانا مۇشۇ تۇيغۇ، مۇشۇ ھېسسىيات كىشىنى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، خىيالىغا كەلتۈرۈشتىنمۇ ساقلاپ قالىدۇ. ناۋادا كىشىلەر ئىخلاسنى تەرك ئەتسە، ئۆزىنىڭ خاس بۇرادەرلىرىدىن ۋە ئازادە-كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىدىن، راھەت-پاراغەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى مۇئمىنلەر سېپىدە توختىتىپ قالىدۇ. ناۋادا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «زىناخور مۇئمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ. ھاراقكەش مۇئمىنلىق ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ. ئوغرى مۇئمىنلىق ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ. بۇلاڭچى باشقىلارنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى مۇئمىنلىق ھالىتىدە تۇرۇپ بۇلىمايدۇ.»[1] دېگەن ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك ئىمان دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئاسىيلىقلارنى قىلسا، ئۇلارغا ھەر دائىم تەۋبە دەرۋازىسى ئوچۇقتۇر. ئاللاھ ساقلىسۇنكى، يۇقىرىقىدەك گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز لازىم.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر