ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ ئاسارەتلىرى

 گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ ئاسارەتلىرى

گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ كىشىلەردە پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇن ئاسارەتلىرى بار بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلاردىن بىر قانچىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

1. ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم بولۇش

شۈبھىسىزكى، ئىلىم ئاللاھنىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھ ئۇنى قەلىبلەرگە تاشلايدۇ. گۇناھ-مەئسىيەت نۇرنى ئۆچۈرىدۇ.

ئىمام شاپىئىي مۇنداق دەيدۇ:

دەرت تۆككەنتىم ۋەكىئكە،

ئەس-ئېقتىدار ناچار دەپ.

تەكلىپ بەردى ئۇ ماڭا:

گۇناھلارنى تاشلاڭ دەپ.

دېدى: بىلگىن، ئى تالىپ!

ئىلىم دېگەن پەزىلەت.

ئۇ پەزلەتكى، بېرىلمەس،

ئاسىيلارغا تائەبەت.

 

2. رىزىقتىن مەھرۇم بولۇش

مۇسنەددە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «شۈبھىسىزكى بىر بەندە ئۆزى قىلغان گۇناھلار تۈپەيلىدىن رىزىقتىن مەھرۇم بولىدۇ.» شۇنداقلا، بىر ئادەم ئاللاھقا قانچىكى تەقۋالىق قىلغانسېرى ئۇنىڭ رىزقى كەڭ بولىدۇ. تەقۋالىقتىن قانچە يىراقلاشقانسېرى نامراتچىلىققا قالىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قول ئۈزگەندىنمۇ بەكرەك كەڭ رىزىققا سەۋەب بولىدىغان نەرسە يوق.

 

3. ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدا يېتىمسېراش تۇيغۇسى ھېس قىلىپ قېلىش

ئاسىي ئادەملەرنىڭ ئىچىدە دائىم بىر خىل ياتسېراش تۇيغۇسى بولىدۇ. بۇ تۇيغۇ ئۇ ئادەم بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىغا توسالغۇ بولۇۋالىدۇ-دە، ئۇ ئادەم لەززەت، راھەت دېگەنلەرنى ھېس قىلالمايدۇ. ناۋادا دۇنيانىڭ پۈتۈن لەززەتلىرى ئۇ ئادەمگە تەل بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ ياتسېراش تۇيغۇسىنى باسالمايدۇ. بۇ، قەلبىدە ھاياتلىق بار ئادەملەرلا ھېس قىلالايدىغان بىر تۇيغۇ. ئۆلۈك ئادەملەر جاراھەتتىن ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ ئەمەسمۇ؟! (ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىنماي) پەقەت مۇشۇ تۇيغۇدىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تەرك ئېتىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئەقىللىق ئادەملەر گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تەرك ئەتكەن بولاتتى.

بىر ئادەم دائىم كۆڭلىنىڭ يېرىم تۇرىدىغانلىقى، كۆڭلىدە بىر خىل يېتىمسېراش تۇيغۇسىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا بىر ئارىفقا دەرت تۆكۈپتۇ.

ئارىف مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:

گۇناھلار يېتىرقاش ئىلكىگە ئالسا،

تەرك ئەت گۇناھنى، ئازادە ياشا.

 

ئىنساننىڭ قەلبىدە گۇناھ-مەئسىيەتتىن پەيدا بولغان ياتسېراش تۇيغۇسىدىنمۇ بەكرەك ھەسرەتلىك بىر تۇيغۇ بولمىسا كېرەك! (ئاللاھ ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر)

 

4. باشقىلار بىلەن ئارىسىدا يېتىمسېراش تۇيغۇسى ھېس قېلىش

گۇناھكار ئادەم بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا يېتىمسىراش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ گۇناھكار ئادەم ئۆزى بىلەن ياخشى ئادەملەر ئارىسىدا بىر ھاڭ شەكىللىنىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.

ئۇ ئادەمدە يېتىمسىراش تۇيغۇسى قانچە كۈچەيگەنسېرى كىشىلەردىن ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئالغىلى تۇرىدۇ. ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغان پايدا-مەنپەئەتلەر ئازىيىشقا باشلايدۇ. ئاللاھ تائالادىن قانچە يېراقلاشقانسېرى شەيتانىي يوللارغا يىقىنلاشقىلى تۇرىدۇ. بۇ تۇيغۇ ۋايىغا يەتكەندە ئۇنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالىدۇ-دە، ئايالى ۋە باللىرى، يىقىن-يورۇقلىرى ئارىسىدىمۇ، ئۆزىدىمۇ بۇ تۇيغۇلارنى ھېس قىلغىلى تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئادەم ئۆزىدىنمۇ يىرگىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بىر قىسىم سەلەف ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ قويساملا، شۇنىڭ تەسىرى ئۇلىغىمنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ خۇلقىدا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.»

 

5. ئىشى ئوڭ كەلمەسلىك

گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىشلىرى ئوڭ كەلمەيدۇ. ئۇ بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغان ھامان ئالدىدا نۇرغۇن توسالغۇلار پەيدا بولىدۇ ياكى قىيىنچىلىقلار يۈز بەرگىلى تۇرىدۇ. تەقۋادارلىق قىلغان ئادەملەرنىڭ ئىشلىرى ئوڭايلاشقاندەك، پاسىقلىق قىلغان ئادەملەرنىڭ ئىشلىرى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. قىيىنچىلىقلار ۋە توسالغۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگەن ئادەم قانداقسىگە ياخشىلىق ئېشىكلىرىنى تاپالىسۇن!

 

6. قەلبى قارىداپ كېتىش

گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قەلبىنىڭ خۇددى كېچىدەك قارىداپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەنىۋىي قاراڭغۇلۇق بەئەينى ماددىي قاراڭغۇلۇققا ئوخشاپ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىتائەت نۇر، گۇناھ-مەئسىيەت زۇلمەتتۇر. زۇلمەت كۈچەيگەنسېرى گاڭگىراش ئېغىرلىشىدۇ. ھەتتاكى ئۇ ئادەم ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقلارغا، ھالاكەتلەرگە چۈشۈپ قالىدۇ. خۇددى قاراڭغۇ كېچىدە يالغۇز سىرتقا چىققان ئەمادەك قايمۇقۇپ قالىدۇ. گۇناھكار ئادەمنىڭ قەلبىدىكى قارىلىق كۈچەيگەنسېرى كۆزگە كۆرۈنگىلى تۇرىدۇ. ئاندىن يەنە كۈچىيىپ چىرايىغىمۇ چىقىدۇ ۋە باشقا ئادەملەرنىڭ كۆزىگىمۇ قارا (قورقۇنۇشلۇق) كۆرۈنگىلى تۇرىدۇ.

ئابدۇللا ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ياخشىلىق يۈزلەرگە يورۇقلۇق، قەلبلەرگە نۇر بېغىشلايدۇ، رىزقنى كەڭ قىلىدۇ، بەدەنگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ. يامانلىق چىراينى سەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ، قەلبنى قارايتىۋېتىدۇ، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، رىزىقنى كېمەيتىۋېتىدۇ، باشقىلارنىڭ قەلبىدە يامانلىق قىلغۇچىلارغا نەپرەت پەيدا قىلىدۇ.»

 

7. مەنىۋىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىق

گۇناھ-مەئسىيەت قەلب ۋە جىسمانىيەتنى تەڭلا ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. قەلبنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا بولدى قىلماستىن، بەلكى تېخى پۈتۈن ھاياتىدىنمۇ ئايرىۋېتىدۇ.

مۇئمىننىڭ كۈچى قەلبىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ قەلبى كۈچەيگەنسېرى جىسمانىيىتى كۈچەيگىلى تۇرىدۇ. گۇناھكار ئادەملەر گەرچە قارىماققا بەدىنى كۈچلۈكتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ ئاجىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچلۈك قاۋۇل بەدەنلىرى ئەڭ زۆرۈر پەيتلەردە كارغا كەلمەي قالىدۇ. پارىس ۋە رۇملارنىڭ جىسمانىي كۈچى ھەققىدە ئويلىنىپ باقايلى! ئۇلار كۈچكە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولغان شۇ مېنۇتلاردا ئۇلارنىڭ كۈچى ئەسقاتتىمۇ؟ مۇئمىنلار جىسمانىي ۋە روھىي كۈچى ئارقىلىق ئۇلارنى بويسۇندۇرمىدىمۇ؟!

 

8. تائەت-ئىبادەتتىن مەھرۇم بولۇش

گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جازاغا ئۇچرىماي قالغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئورنىغا تائەت-ئىبادەتتىن مەھرۇم بولىدۇ. باشقا تائەت-ئىبادەت يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. گۇناھ ئارقىلىق ئۇ ئادەملەر ھەربىر دۇنيا ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ئارتۇقراق بولغان نۇرغۇن ياخشىلىق يوللىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالى بۇزۇلۇپ قالغان تاماقنى يەۋالغان ئادەم باشقا ياخشى تاماقلارنىمۇ يىيەلمىگەندەكلا بىر ئىش. (ئاللاھ ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر)

 

9. ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدۇ

شۈبھىسىزكى گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئۆمۈرنى قىسقارتىپ، بەرىكەتنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ. ئېنىقكى، ياخشىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتقاندەك گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ.

گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ئۆمۈرنى ۋە رىزىقنى قىسقارتىش توغرىسىدا ئەھلى ئىلىملەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوخشىمىغان قاراشلىرى بار:

بىر قىسىم ئەھلى ئىلىملەر مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھ-مەئسىيەت گۇناھ قىلغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ.» بۇ توغرا قاراش. ئەمما بۇ، گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ قىسمەن تەسىرلىرىدۇر.

يەنە بىر قىسىم ئەھلى ئىلىملەر مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھ-مەئسىيەت گۇناھ قىلغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ، دېگەنلىك، گۇناھ-مەئسىيەت خۇددى رىزىقنى كىمەيتكەندەك ئۆمۈرنى ھەقىقەتەن قىسقارتىۋېتىدۇ، دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا رىزىقنىڭ بەرىكىتىنى ئاشۇرىدىغان ۋە كېمەيتىدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۆمۈرنىڭمۇ ئۇزارتىدىغان ۋە قىسقارتىدىغان سەۋەبلىرى بولىدۇ.

ئۆمۈر سەۋەب ئارقىلىق ئۇزارغاندەكلا سەۋەب ئارقىلىق قىسقىرايدۇ. رىزىق، ئەجەل، بەخت-سائادەت، بەختسىزلىك، ساغلاملىق، كېسەللىك، بايلىق، نامراتلىق قاتارلىقلار گەرچە ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئۆزى خالىغان نۇرغۇن سەۋەبلەرنى ۋاستە قىلدى.

يەنە بىر قىسىم ئەھلى ئىلىملەر مۇنداق دەيدۇ: گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ ئۆمۈرنى تۈگەشتۈرۈشى مۇھەققەق. چۈنكى ھەقىقى ھاياتلىق قەلبنىڭ ھاياتلىقى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى ئۆلۈك دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇلار بۇ قاراشلىرىغا مۇنۇ ئايەتنى دەلىل قىلىدۇ: «ئۇلار تىرىك ئەمەس ئۆلۈكتۇر»[1]

ھاياتلىق ماھىيەتتە قەلبنىڭ ھاياتلىقىدۇر. ئىنساننىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ مۇددىتىدۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئىنساننىڭ ئاللاھ يولىدا ئۆتكۈزگەندىن باشقا ھاياتى بولمايدۇ. بۇ ھايات ئىنساننىڭ ھەقىقى ئۆمرىدۇر. ياخشىلىق، تەقۋادارلىق، ئەمەل-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقىت ئىنساننىڭ ھەقىقى ئۆمرىدۇر. ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئۆمرى بولمايدۇ.

خۇلاسىكالام، بەندە ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چۆمۈپ كەتسە، ئۇ ھەقىقى ھاياتىنى نابۇت قىلىۋەتكەن بولىدۇ. ئۇلار نابۇت قىلىۋەتكەن بۇ ھاياتىغا ھامان بىر كۈنى ئېچىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»[2]

ئۆمرىنى گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەملەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشى لازىم. ئەگەر ئويلىنىپ باقمايلا كېتىۋېرىدىغان بولسا، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى زايا قىلىۋەتكەن، ھاياتىنى بىكار ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ناۋادا ئويلىنىپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن قول ئۈزۈپ، توغرا يولدا ماڭىمەن دېگەن تەقدىردىمۇ بۇرۇن خاتا يوللاردا ئۇزاق يۈرۈپ كەتكەن بولغاچقا، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا، توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ۋاقتنى كەلسە-كەلمەس يوللاردا ئۆتكۈزۈشى ھەقىقەتەن ئۆمۈرنى زايە قىلىۋەتكەنلىكتۇر.

مەسىلىنىڭ نېگىزى شۇكى، ئىنساننىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىنىڭ ھەممىسىدۇر. پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنمىگەن، پەرۋەردىگارىنىڭ سۆيگۈسى بىلەن بەھرلەنمىگەن، ئۇنى ئەسلەش بىلەن راھەتلەنمىگەن، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ياشىمىغان ئادەملەر ھايات دەپ قارالمايدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە نەھل 21-ئايەت

[2] سۈرە فەجر 24-ئايەت

 

باشقا خىزمەتلەر