ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىززەت-ئابرۇينى چۈشۈرۈۋېتىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىززەت-ئابرۇينى چۈشۈرۈۋېتىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىنساننىڭ ئاللاھ ئالدىكى ۋە ئىنسانلار ئالدىدىكى ئىززەت-ئابرۇيىنى چۈشۈرۈۋىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئالدىدا ھۆرمەت ۋە ئىززەتكە ئەڭ مۇناسىپ ئادەملەر ئەڭ تەقۋادار، ئاللاھقا ئەڭ يىقىن تۇرغان، ئاللاھقا ئەڭ بەك ئىتائەت قىلغان ئادەملەردۇر. بەندىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى ئۇنىڭ ئاللاھقا قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرى ۋە تەقۋادارلىقىغا قارىتا بولىدۇ. ناۋادا بەندە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بەندىلىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرىۋىتىدۇ. ناۋادا بىر ئادەم ئۆزى بىللە ياشاۋاتقان كىشىلەردىن ئۆزىگە تېگىشلىك ھۆرمەتكە، ئىززەتكە ئىرىشەلمىسە، باشقىلار ئۇنىڭغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى كۆزگە ئىلمىسا، بۇنىڭدىنمۇ خار، بۇنىڭدىنمۇ بىچارە ھايات بولامدۇ؟! بۇنداق ئادەملەر نامسىز، قەدىرسىز، ھالسىز ھالەتتە ياشايدۇ-دە، ھاياتتا ھېچقانداق خۇشاللىقى، ھۆرمىتى بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، تىلغا ئېلىنماسلىق، قەدىرسىزلىك، ئابرويسىزلىق بارلىق غەم-قايغۇ، ھەسرەت-نادامەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ لەززىتىگە قارىغاندا ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان نادامەتلىرى، ئەلەملىرى نېمىدېگەن ئېغىر-ھە!

كىشىلەرنىڭ تىلىدا داستانغا ئايلىنىش، قەدىر-قىممەتكە سازاۋەر بولۇش، ئىززەت-ھۆرمەتلەرگە مۇشەررەپ بولۇش، ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېئمەتلەردىندۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى باشقىلارغا نىسىپ بولمىغان ھۆرمەت، قەدىر-قىممەت، ئابرويلارغا ئىگە قىلغان ۋە ئۇلارنى تىللاردا داستان قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن.  ئۇلارنى بىز پاك-خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشىلەر قىلدۇق.»[1]

ئاللاھنىڭ دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نامىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كېيىنكىلەر ئىچىدە تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان قەدىر-قىممەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىرىشتۈرۈشنى تېلەپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن.»[2]

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق.»[3]

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق.»[4]

ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرگە قانچىكى ئەگەشكەنسېرى، ئۇلارغا ئاتا قىلىنغان شەرەپ، ھۆرمەتلەردىن نېسىۋىدار بولىدۇ. شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدىن قانچە يېراقلاشقانسېرى، ئۇلارغا قانچىكى قارشىلىق قىلغانسېرى شەرەپ، ھۆرمەت، قەدىر-قىممەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە ساد 45، 46-ئايەتلەر

[2] سۈرە شۇئەرا 84-ئايەت

[3] سۈرە مەريەم 50-ئايەت

 

باشقا خىزمەتلەر