ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىر-بىرىنى سۆرەپ كېلىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىر-بىرىنى سۆرەپ كېلىدۇ. گۇناھ يەنە بىر گۇناھنى تۇغىدۇ. شۇنداق قىلىپ گۇناھكار گۇناھتىن ئايرىلالماس، پۇتىنى تارتالماس ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: «يامانلىقنىڭ جازاسى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن يامانلىقتۇر. ياخشلىقنىڭ مۇكاپاتى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ياخىشىلىقتۇر. بىراۋ ياخشى ئەمەل قىلسا شۇ ياخشى ئەمەلنىڭ ئەتراپىدىكى ياخشىلىقلارمۇ: ئى ئادەم مېنىمۇ قىلمامسەن! دېگىلى تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچى ياخشىلىقلاردا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى كۆپىيىدۇ. قاتمۇ-قات پايدىغا ئېرىشىدۇ.
يامانلىقلارمۇ ياخشىلىقلارغا ئوخشاشلا بىر-بىرىنى سۆرەپ كېلىدۇ. بىر يامانلىق يەنە بىر يامانلىقنى تۇغىدۇ. ھەتتاكى ياخشىلىقلار ياكى گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىر بەندىنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن زىچ بىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئايرىلماس بىر سۈپىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ناۋادا ياخشىلىق قىلغۇچىلار ياخشىلىقتىن ئايرىلىپ قالسا، ئىچى سېقىلىپ، شۇنچە كەڭرى دۇنيا تار كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئۆزىنى گويا سۇدىن ئايرىلغان، سۇغا قايتقاندىلا راھەت تېپىپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، خۇرسەنلىك ھېس قىلالايدىغان بېلىققا ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
گۇناھ قىلغۇچىلار گۇناھتىن ئايرىلىپ ئەمەل-ئىبادەتكە ئارىلىشىپ قالسا، يەنە ئەسلىدىكى پاسىقلىق ھالىتىگە قايتقانغا قەدەر ئىچى سىقىلىپ يۈرىكى ئاغرىغىلى تۇرىدۇ. قىلىۋاتقان ئىشلىرى (ئەمەل-ئىبادەتلىرى) شۇنچە قىيىن تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. نۇرغۇنلىغان پاسىقلار گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ھوزۇر ھېس قىلمىغان، قىلىۋاتقان ۋاقتىدا ئىچىدە كۈچلۈك ئىنتىلىش بولمىغان تەقدىردىمۇ، گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئايرىلىپ قالغاندىكى ياكى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئىمكانىيىتى بولماي قالغاندىكى بىئاراملىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ھەسەن ئىبنى ھانىي بىر شېئىرىدا مۇنداق دەيدۇ:
دەسلەپكى قەدەھنى ئىچتىم ھوزۇر دەپ،
كېيىنكىنى ئۇنىڭغا شىپا بولسۇن دەپ.
يەنە بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:
كېسىلىم ئۆزىگە ئۆزىدۇر دورا،
گوياكى زابويغا ھاراقتۇر دورا.
بىراۋ تائەت-ئىبادەت يولىدا ئىزچىل تېرىشىپ، ئاخىرىدا تائەت-ئىبادەتكە كۆنۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، ئۆزىگە ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. ھەتتاكى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ تائەت-ئىبادەتكە ئۈندەيدىغان ۋە قىزىقتۇرىدىغان؛ تائەت-ئىبادەتسىز ھوزۇر-ھالاۋەتلەر ۋە سورۇن-باراۋەتلەردىن بىئاراملىق ھېس قىلدۇرىغان پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ.
بىراۋ گۇناھ-مەئىسيەتلەرگە كۆنۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندرۇۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنى شەيتانلارغا تاشلاپ قويىدۇ، شەيتانلار ئۇنى گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە كۈشكۈرتىدۇ. بىرىنچى خىل ھالەتتىكى، تائەت-ئىبادەت قوشۇنلىرى بولۇپ، ئۇلار ھېلىقى ئادەمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ياردەمچىلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، گۇناھ-مەئسىيەت گۇماشتىلىرى، ئۇلار ئاسىيلارغا مەدەت بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇپپاڭچىلىقىنى قىلىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر