ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2021

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە بېرىلىدىغان شەرئىي جازالار

 گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە بېرىلىدىغان شەرئىي جازالار

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەنىۋىي جازالار گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن چەكلىيەلمىسە ياكى قەلبىڭگە تەسىر كۆرسىتەلمىسە، ئۇنداقتا شەرىئەت بەلگىلىگەن جازالارنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگىن! مەسىلەن: ئۈچ تەڭگە مىقدارىدا نەرسە ئوغرىلىغان ئادەمنىڭ قولى كېسىلىدۇ. بىگۇناھ ئادەمنىڭ مېلىنى بۇلىغان ياكى قاراقچىلىق قىلغان ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرى كېسلىدۇ. مەسۇم ئادەملەرگە تۆھمەت چاپلىغان تۆھمەتخور ياكى ھاراق ئىچكەن ئادەم قامچا بىلەن ساۋىلىدۇ. زىناخور چالما-كېسەك قىلىنىدۇ. ناۋادا زىناخور توي قىلمىغان بولسا چالما-كېسەك جازاسى يەڭگىللىتىلىپ، يۈز تەزىر ئۇرۇلىدۇ ۋە ناتونۇش يۇرتلارغا بىر يىللىق پالىنىدۇ. ئۆزىنىڭ مەھرەم تۇققانلىرى بىلەن زىنا قىلغان ئادەم ۋە پەرز نامازنى (قەستەن) تەرك ئەتكەن ياكى كۇفرى كەلىمىسىنى سۆزلىگەن ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدۇ. بەچچىۋازلىق قىلغان ئادەملەر، ھايۋانلارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلار (ھايۋانلار بىلەن قوشۇپ) ئۆلتۈرۈلىدۇ. جامائەت نامىزىغا قاتناشمايدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇۋېتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن جازالار بار. ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى بىلەن جىنايەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار ۋە بۇ جىنايەتلەردىن يىرگىندۈرىدىغان ئامىللارغا قارىتا جازا بەلگىلىگەن.

ناۋادا جىنايەتلەر تەبىئىي يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ جىنايەتلەر تېزەك يېيىش، قان ئېچىش، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشتەك ئەسلى ئىنسان تەبىئىتىمۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار بولسا، ئۇنىڭغا خاراكتېر ۋە تەبىئەتتە ئۈندەيدىغان بىر ئۈندەك بولمىسا، بۇ ئادەملەرگە تەزىر ئۇرۇلىدۇ ۋە ھېلىقى خاتالىقتىن چەكلىنىدۇ. ئەمما بۇلار شەرئىي جىنايى جازاغا تارتىلمايدۇ.

ئىنساننىڭ تەبىئىتى تەقەززا قىلىدىغان جىنايەتلەرگە شۇ جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان ئاقىۋىتىگە قارىتا ۋە شۇ جىنايەتكە بولغان تەبىئەتتكى ئىستەك ۋە تەقەززالارنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقىغا قارىتا جازا بېرىلىدۇ.

ئىنسان تەبىئىتىدە زىناغا ناھايىتى كۈچلۈك بىر تەقەززالىق ۋە تەبىئىي تەلەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. زىنانىڭ ئەڭ يەڭگىل جازاسى يۈز تەزىر ئۇرۇلۇش ۋە پالىنىشتۇر.

بەچچىۋازلىقتا ئىككى خىل جىنايەت شەكىللىنىدۇ. بىرى زىنا جىنايىتى، يەنە بىرى زىنانى ئەر بىلەن ئەرنىڭ قىلىشى. شۇنداق بولغاچقا بەچچىۋازلارغا ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئوغرىلىققا ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە كۈچلۈك بىر تەقەززالىق ۋە تەلەپ بولغاچقا ۋە ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاقىۋىتى ئېغىر بولغاچقا، ئوغرىلارنىڭ قولى كېسىلىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ جىنايەتكە بىۋاستە ۋاستە بولىدىغان ئەزالارنى جازالاش ھەققىدىكى ھېكمىتىنى ئويلىنىپ باقايلى! مەسىلەن: قاراقچىنىڭ قولى ۋە پۇتى كېسۋېتىلىدۇ. ئەمما بۆھتانخورنىڭ تىلى كېسىلمەيدۇ. چۈنكى تىلىنى كېسىشنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ بۆھتانخورلۇق جىنايىتىنىڭ زىيىنىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنى قامچىلاش ئارقىلىق پۈتۈن بەدىنىگە جازا يۈرگۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

بەزىلەر «نېمىشقا ئوغرىنىڭ قولى كېسىلىدۇ-يۇ، ئەمما زىناخورنىڭ جىنايەتكە ۋاستە بولغان جىنسىي ئەزاسى كېسىۋېتىلمەيدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.

زىناخورنىڭ جىنسىي ئەزاسى كېسۋېتىلمەسلىكتە تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل سەۋەب بار:

بىرىنچى، جىنسىي ئەزا كېسىۋېتىلسە، بۇ، جىنايەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئېغىر بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، جىنسىي ئەزا كېسىۋېتىلسە بۇ ئادەم نەسىل قالدۇرۇش ئېقتىدارىدىن مەھرۇم قالىدۇ ۋە ئۆزىمۇ تۈگىشىپ كېتىدۇ.

ئىككىنچى، جىنسىي ئەزا كىيىمنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇنى كېسىۋېتىش ئارقىلىق ئوغرىنىڭ قولىنى كەسكەنگە ئوخشاش باشقا مۇشۇ خىلدىكى جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرگە ئىبرەت قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، ئوغرىنىڭ بىر قولى كېسىلسە يەنە بىر قولى قالىدۇ. ئەمما جىنسىي ئەزا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.

تۆتىنچى، زىنانىڭ لەززىتى بارچە بەدەنگە تارقايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، جازاسىنىمۇ بارچە بەدەن تەڭ تارتىشى كېرەك. مانا بۇ، مۇئەييەن ئەزانى جازالىغاندىن ياخشى.

شەرئىي جىنايى جازالار ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ مۇۋاپىق، ئەقىلگە، مەنپەئەتكە ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە يولغا قويۇلغان.

خۇلاسىكالام، شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شەرئىي جازالارغا ياكى تەقدىرنىڭ جازاسىغا ياكى ھەر ئىككى جازاغا تەڭلا ئۇچرايدۇ. ئاللاھ چىن ئىخلاس بىلەن تەۋبە قىلغانلاردىن جازالارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

 تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

باشقا خىزمەتلەر