ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ بەزى جازالىرى
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
سەن ئاللاھ تائالا گۇناھلارغا بېرىدىغان بىر قىسىم جازالارنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگىن ۋە ئۆزۈڭنى شۇ جازالارغا ئۇچرىغۇچى دەپ پەرەز قىلغىن-دە، شۇ تۇيغۇڭنى جازالارغا سەۋەپ بولغان گۇناھ-مەئسىيەلەرنى تەرك ئېتىشنىڭ تۈرتكىسى قىلىۋال! مەن «ئاقىلغا ئىشارەت» دېگەن ھېكمەت بويىچە تۆۋەندە قىسمەن جازالارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.
قەلبلەرگە پىچەت ئۇرۇلۇش
قەلبلەر ۋە قۇلاقلارنىڭ پېچەتلىنىشى، كۆزلەرنىڭ پەردىلىنىشى، قەلبلەرنىڭ قۇلۇپلىنىشى ۋە پەردىلىنىشى، داتلىشىشى ۋە مۆھۈرلىنىشى، قەلب ۋە كۆزلەرنىڭ ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشى، ئىنسان بىلەن قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولۇش، قەلبنىڭ ئاللاھنى ئەسلەشتىن غاپىل قېلىنىشى، ئىنسانغا ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، ئاللاھنىڭ پاكلىماسلىقى، قەلبى گويا ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك سىقىلىپ كېتىش، قەلبلەرنىڭ كېسىلىنىڭ زىيادىلىشىپ كېتىشى، تۇرغانسېرى ھەقتىن يىراقلىشىپ، پۈتۈنلەي ھەقتىن مەھرۇم قېلىش قاتارلىق ئىشلار گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ جازالىرى قاتارىدىندۇر.
ئىمام ئەھمەد ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «قەلبلەر ساغلام قەلب، پەردىلەنگەن قەلب، چېكىنگەن قەلب، ئارىسالدى قەلب دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ. ساغلام قەلبتە ئۇنى يورۇتۇپ تۇرغان بىر چىراق بولىدۇ، ئۇ-مۇئمىننىڭ قەلبىدۇر. پەردىلەنگەن قەلب – كاپىرنىڭ قەلبىدۇر. چېكىنگەن قەلب-مۇناپىقنىڭ قەلبىدۇر. ئارىسالدى قەلب – ئىمان ۋە مۇناپىقلىقنىڭ ئارىسىدا تالاشقا قالغان قەلب بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسى كۈچەيسە، قەلب شۇنىڭغا تەۋە بولۇپ كېتىدۇ.»
ئىتائەت ئىرادىسىنىڭ سۇندۇرۇلۇشى ۋە ئىتائەتكە مۇۋەپپەق بولالماسلىق
قەلبنىڭ پاڭ، گاچا، كور بولۇپ كېتىشىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ جازالىرى قاتارىدىندۇر. گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلب بىلەن ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەقىقى پاڭ بىلەن ئاۋاز، ھەقىقى قارىغۇ بىلەن رەڭلەر، ھەقىقى گاچا بىلەن گەپلەر ئارىسىدىكىگە ئوخشايدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. دېمەككى، ھەقىقىي قارىغۇلۇق، پاڭلىق، گاچىلىق قەلبتە بولىدۇ. قۇلاق، كۆز ۋە تىلدىكى بولسا ئادەتتىكى جىسمانىي كېسەللىكتۇر.
«ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا، ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقى كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ).»[1]
مەزكۇر ئايەتتىكى مەقسەت كۆزنىڭ ھېسسىي قارىغۇلىقىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەما (جىھادقا چىقالمىسا) گۇناھ يوقتۇر.»[2] مۇنۇ ئايەتتىمۇ ئەمانىڭ مېيىپلىقى ئالاھىدە قاتارغا ئېلىندى. بەلكى بۇ ئايەتلەردىكى مەقسەت چىن مەنىدىكى قارىغۇلۇق ئەمەلىيەتتە قەلبنىڭ قارىغۇلۇقىدۇر، دېمەكچى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «باتۇرلۇق سۈرئەتتە ئەمەس، بەلكى ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتا». ئۇ يەنە «مىسكىن دېگىنىمىز بىر لوقما، ئىككى لوقما ئۈچۈن قاتراپ يۈرىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ سەدىقىسىگە ئىرىشىش ئۈچۈن دىققىتىنى تارتمايدىغان كىشىدۇر» دەيدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ئىنتايىن تولا.
خۇلاسىكالام، قەلبلەرنىڭ قارىغۇ، پاڭ، گاچا قىلىۋېتىلىشى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ جازالىرىدىندۇر.
پەس كۆڭۈللۈك
پەس كۆڭۈللۈك گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ جازالىرى قاتارىدىندۇر. بىراۋ گۇناھ-مەئسىيەتلەردە داۋاملىشىش ئارقىلىق ئۆزى تۇيمىغان ھالدا كۆڭلى پەس ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئادەملەرنىڭ نەدىكى بىر رەزىللىكلەر، ئىپلاسلىقلار، پەسەندىلىكلەردىن قول ئۈزەلمەسلىكى ئۇنىڭ كۆڭلى پەسلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇنىڭدەك ئاللاھ ئۈستۈن قىلغان، ئاللاھ كۆتۈرگەن قەلبكە ئىگە، كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە ئادەملەر دائىم ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ ئەتراپىنىلا چۆگىلەيدۇ.
ماددىي ۋە مەنىۋىي ياخشىلىقلاردىن يىراقلىشىش، بۈيۈك ئىشلار، ئالىيجاناب گەپ-سۆزلەردىن ۋە يۈكسەك ئەخلاقتىن چەتنەشمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ جازالىرىدىندۇر.
بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى قەلبلەر ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى قەلبلەر ئەرشنى ئايلانسا، بەزى قەلبلەر نىجاسەتلەر ئەتراپىنى ئايلىنىدۇ.»
قەلبى مۇبەددەل بولۇپ كېتىش
سۈرىتى مۇبەددەل بولۇپ كەتكەنگە ئوخشاشلا قەلبلەرمۇ مۇبەددەل بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇبەددەل بولۇپ كەتكەن بۇ قەلب ئەخلاقى، ئەمەلى ۋە تەبىئىتىدە ئوخشاش بولغان ھايۋانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بەزى قەلبلەرنىڭ ساھىبى چوشقا مىجەزلىك بولغاچقا، ئۇ قەلبلەرمۇ چوشقا قەلىب بولۇپ كېتىدۇ. بەزى قەلبلەر ئۆز ساھىبىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە خۇي-پەيلىنىڭ ئوخشىماسلىقلىرىغا قاراپ ئىت قەلب، ئېشەك قەلب، يىلان قەلب، چايان قەلب بولۇپ كېتىدۇ. سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە ئاللاھ تائالانىڭ «مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر(يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھفۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ).»[3] دېگەن ئايىتىنى مۇشۇنداق چۈشەنگەن.
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئىچىدە يىرتقۇچ مىجەز، ئىت مىجەز، چوشقا مىجەز، ئېشەك مىجەز ئادەملەر بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە توزدەك ياسىنىپ يۈرىدىغان ئادەملەر بار. ئېشەكتەك دۆت ئادەملەرمۇ بار. خورازدەك شەخسىيەتچى، يەنە بەزىلەر كەپتەردەك كۆنۈشكەك، يەنە بەزىلەر تۆگىدەك قىساسخور، بەزىلەر قويغا ئوخشاش يۇۋاش-يۇمشاق كېلىدۇ. يەنە بەزىلەر تۈلكىگە ئوخشاش قوۋ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا نادان، جاھىللارنى بەزىدە ئېشەككە ئوخشاتسا، بەزىدە ئىتقا ئوخشتىدۇ، يەنە بەزىدە چار-پايلارغا ئوخشىتىدۇ. ئادەملەر مىجەز-خاراكتېرى جەھەتتە ھايۋانلارغا ئوخشاپ قېلىپ، تەدرىجىي ھالدا سۈرەتتىمۇ شۇلارغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. چېچەن ئادەملەر بۇنى بايقىيالايدۇ. ئۇلار ھەممە ئادەملەر بىلەلەيدىغان دەرىجىدە ھېلىقى ئۆزى خۇيىنى ئالغان ھايۋانلارنىڭ قىلىقىنى قىلغىلى تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنداق داۋاملىشىپ ئاخىرىدا سۈرىتى بەدبەشىرە بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سۈرىتى مۇبەددەل بولۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىشتۇر. ئاللاھ تائالا ئاخىرىدا ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھايۋان سىياق قىلىۋېتىدۇ. يەھۇدىي ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرى ئاللاھنىڭ شۇنداق جازاسىغا ئۇچرىغان. ئاللاھ مۇشۇ ئۇممەتتىن بىر قەۋمنىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
سۇبھاناللاھ! قانچىلىغان قەلبلەر ھەق يولدىن بۇرۇلۇپ كەتتى، ۋەھالەنكى ئۇ قەلبلەرنىڭ ساھبىسى تۇيمايدۇ. قانچىلىغان قەلبلەر پەسكەشلىككە مايىل بولۇپ كەتتى. قانچىلىغان قەلبلەر مۇبەددەل بولۇپ كەتتى. قانچىلىغان ئادەملەر كىشىلەرنىڭ ماختاپ-ئۇچۇرۇشلىرىغا مەپتۇن بولۇپ كەتتى. قانچىلىغان ئادەملەر ئاللاھنىڭ ئۇنى رەسۋا قىلمىغانلىقىدىن، ئاللاھنىڭ نازۇ-نېئمەتلىرىگە ئىرىشىۋەرگەنلىكىدىن مەغرۇرلىنىپ ھەددىدىدىن ئاشتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ئۇلارغا جازا ئىدى، ئۇلارغا ئاھانەت ئىدى. نادان ئادەملەر بۇ ئىشلارنى كارامەت دەپ ئويلايدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ سۇيىقەستچىلەرنىڭ سۇيىقەستلىرىنى تىرە-پىرەن قىلىشى، ئاللاھنى ئالدايمەن دېگۈچىلەرنىڭ ئالدامچىلىقىنى گۇمران قىلىشى، ئاللاھنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ مەسخىرىسىگە لايىقىدا جازا بېرىشى، ھەقتىن تايغانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئازدۇرۇۋېتىشى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ بىر قىسم جازالىرىدۇر.
قەلبتىكى ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى
قەلبنىڭ ھەقنى ناھەق، ناھەقنى ھەق دەپ قاراپ قېلىشى؛ ياخشىلىقنى يامانلىق، يامانلىقنى ياخشىلىق دەپ قاراپ قېلىشى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن دەپ قاراپ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قويۇشى؛ ئاللاھ يولىغا چاقىرىۋاتىمەن دەپ قاراپ ئاللاھ يولىدىن توسۇپ قويۇشى؛ ئۆزىنى ھىدايەت ئۈستىدە دەپ قاراپ، ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلىپ، ئازغۇنلۇققا چۈشۈپ قېلىشى؛ پەرۋەردىگارىمغا ئەگىشىۋاتىمەن دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ھاۋايي-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ كېتىشلىرى؛ مانا بۇلارمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ قەلبتە كۆرۈلىدىغان جازالىرىدىندۇر.
قەلب بىلەن پەرۋەردىگار ئارىسىغا پەردە شەكىللىنىپ قېلىش
بۇ دۇنيادا قەلبنىڭ پەرۋەردىگاردىن پەردىلىنىپ قېلىشى، قىيامەت كۈنى پەرۋەدىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئىي قىلىنىشىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ قەلبتە كۆرۈلىدىغان جازالىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان.»[4]
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارنى قەلبى بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى مۇساپىنى كېزىپ، قەلبكە كىرىپ، قەلبنى ئىسلاھ قىلىدىغان، پاكلايدىغان ياكى قەلبنى بۇزىدىغان ۋە بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر يەنە قەلبلەر بىلەن پەرۋەردىگار ئارىسىغا پەردە بولۇۋالىدۇ-دە، قەلبلەرنى ئاللاھقا يەتكىلى، ئاللاھقا يىقىنلاشقىلى، ئاللاھنىڭ كارامىتىنى ھېس قىلغىلى، خۇرسەن بولغىلى، ئازادە ياشىغىلى قويمايدۇ. بەلكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكارلار بىلەن پەرۋەردىگار ئارىسىغا توسالغۇ بولۇۋالىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
[1] سۈرە ھەج 46-ئايەت
[2] سۈرە نۇر 61-ئايەت
[3] سۈرە ئەنئام 38-ئايەت
[4] سۈرە مۇتەففىفىين 14-15-ئايەتلەر
باشقا خىزمەتلەر