ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ زىيانلىرى
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
بىز «دەرتلەر داۋاسى» ناملىق بۇ كىتابىمىزنىڭ تېمىسىدىكى دەرتلەر (ئىزچىل داۋاملاشسا ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىنى بۇزىدىغان قەلبىي كېسەللەر)نىڭ چارىلىرى ھەققىدە قايتا بىر توختىلايلى.
شۇنى بىلىۋېلىش لازىمكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر زىيانلىقتۇر. ئۇنىڭ قەلبكە كۆرسىتىدىغان زىيىنى زەھەرنىڭ بەدەنگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئوخشايدۇ. دۇنيا-ئاخىرەتتە قانداقكى بىر كېسەللىك ۋە رەزىللىك بولسا، ئۇنىڭ سەۋەبچىسى گۇناھ-مەئسىيەتتۇر.
ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنى ھوزۇر-ھالاۋەت، شاد-خۇراملىق ماكانى بولغان جەننەتتىن دەرت-ئەلەم، قايغۇ-ئازاب، بالايى-مۇسىبەت دۇنياسىغا چىقارغىنى نېمە؟
ئىبلىسنىڭ قوغلاندى، لەنەتكەردە قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان؛ ئۇنى بارلىق قەبىھ رەزىللىكلەرنىڭ، ئىپلاسلىقنىڭ، پەسكەشلىكنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن نەرسە زادى نېمە؟ ئى ئاللاھىم، ساڭا بويۇنتاۋلىق قىلىشتىن، چەكلىمىلىرىڭگە پەرۋاسىزلىق قىلشتىن ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن!
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى سۇغا غەرق قىلدۇرۇۋەتكەن، ئاد قەۋمىنىڭ بوران ئاپىتىگە دۇچار بولۇشىغا سەۋەب بولغان، سەمۇد قەۋمىنىڭ قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە زادى نېمە؟!
لۇت قەۋمىنىڭ دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلىشىگە، پۈتۈنلەي ھالاك قىلىنىشىغا، تاش ياغدۇرۇلۇشقا، ئۇلارغا ھېچبىر ئادەملەرگە كەلمىگەن ئازابلارنىڭ كېلىشىگە سەۋەب بولغىنى زادى نېمە؟ شۇلاردەك گۇناھ قىلغانلارنى جازالاشقا ئاللاھ قادىردۇر، ئاللاھنىڭ ئازابى زالىملارغا يىراق ئەمەس.
شۇئەيب قەۋمىگە سايىغا ئوخشايدىغان ئازاب بۇلۇتى ئەۋەتىلىپ، ئۇلارغا يالقۇنلۇق ئوتلارنىڭ ياغدۇرۇلىشىغا سەۋەب بولغىنى نېمە؟
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭ دېڭىزغا غەرق قىلىنىپ، جانلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، جەھەننەمگە تاشلىنىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟
قارۇننى بالا-چاقىلىرى، مال-بىساتلىرى بىلەن قوشۇپلا يەر يۇتقۇزۇۋېتىلىشكە سەۋەب بولغىنى نېمە؟
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن باشقا نۇرغۇن ئاھالىلەرنى خىلمۇ-خىل ئازاب-ئۇقۇبەتلەرگە گىرىپتار قىلغىنى، پۈتۈنلەي دۈم كۆمتۈرۈۋېتىشكە سەۋەب بولغىنى نېمە؟
ئەنتاكىيە ئاھالىسىنى بىر ئاۋاز بىلەنلا پۈتۈنلەي كۈكۈم-تالقان قىلىۋېتىشكە سەۋەب بولغىنى نېمە؟
بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە دەسلەپتە كۈچتۆڭگۈر بىر خەلقنى مۇسەللەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەھەللىلىرىنىڭ ئاختۇرۇلۇشىغا، ئەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاياللىرى، بالىلىرىنىڭ ئەسىر ئېلىنىشىغا، مەھەللىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ، مال-مۈلكىنىڭ بۇلىنىشىغا سەۋەب بولغان؛ (ئۇلارغا ياردەم بېرىلىپ قەددىنى رۇسلىغاندىن كېيىن) يەنە ئىككىنچى قېتىم شۇ كۈچلۈك قەۋمنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىشقا، قولدىن كېلىدىغانلىكى ئەسكىلىكلەرنى قىلىشقا، ھەممە نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە سەۋەب بولغىنى نېمە؟
ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش، پالىنىش، يۇرت-مەھەللىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا؛ زالىم پادىشاھلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچراش، سۈرىتى مۇبەددەل بولۇپ كېتىش، مايمۇن، چوشقىلارغا ئايلىنىپ قېلىش قاتارلىق خىلمۇ-خىل جازالارغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغىنى زادى نېمە؟ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.»[1]
ئابدۇراھمان ئىبنى جۇبەير دادىسىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «قبرىس پەتىھ قىلىنغان كۈنى قىبرىسلىكلەر (ئەسىر سۈپىتىدە) تەقسىم قىلىندى. ئۇلار ئۆزئارا يىغلاشقىلى تۇردى. مەن ئەبۇ دەردانىڭ ئۆزى يالغۇز يىغلاپ ئولتۇرغانلىقى كۆرۈپ: ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى شۇنچە ئەزىز قىلغان تۇرسا، سەن نېمىگە يېغلايسىەن؟ دېسەم، ئۇ: ۋاي ساڭا، ئى جۇبەير! ئادەملەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بوي سۇنمىغاندا ئۇلارنى جازالاش ئاللاھقا نېمىدېگەن ئوڭاي ھە! قىبرسىلىكلەر كۈچلۈك، غالىپ، پادىشاھى بار خەلق ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا پەرۋاسىزلىق قىلىۋىدى، ئاقىۋىتى مانا سەن كۆرگەندەك بولدى، دەپ جاۋاب بەردى.»[2]
ئەمرى ئىبنى مۇررە مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىشىلەرنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمىگۈچە ئۇلار ھەرگىزمۇ ھالاك بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ. [3]
ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹ئۇممىتىم ئىچىدە گۇناھ-مەئسىيەت ئومۇملىشىپ كەتسە ئاللاھ ئۇلارغا ئومۇميۈزلۈك ئازاپ ئەۋەتىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. مەن يا رەسۇلۇللاھ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ياخشى ئادەملەر بار ئەمەسمۇ؟! دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇلارغۇ بار، دېدى. مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: باشقىلارغا كەلگەن ئازاب ئۇلارغىمۇ كېلىدۇ. ئەمما ئۇلار كېيىن ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىغا ئىرىشەلەيدۇ، دېدى.»[4]
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ناۋادا قارىلىرى ھۆكۈمرانلارغا مايىل بولۇپ كەتمىسىلا، ياخشىلىرى يامانلىرىنى ئاقلىمىسىلا، ياخشىلىرى يامانلىرىنى چوڭ بىلىپ كەتمىسىلا -بۇ ئۇممەت ئاللاھنىڭ ئېلكىدە ۋە ھىمايىسىدە بولىدۇ. ئەگەر ئۇلاردا يۇقىرىقى ئىشلار تېپىلىپ قالسا ئاللاھ ئۇلاردىن قولىنى كۆتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلارغا زوراۋان، زالىملارنى ھۆكۈمران قىلىپ قويىدۇ. ئۇلار خەلققە قاتتىق ئازاپ سالغىلى تۇرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ بۇ ئۇممەتنى نامراتچىلىق ۋە يوقسۇللۇققا مۇپتىلا قىلىدۇ.»
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئادەم ئۆزى قىلغان خاتالىق تۈپەيلى رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ.»[5]
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بارلىق خەلقلەر سىلەرگە خۇددى قاچىدىكى تاماققا يوپۇرۇلغاندەك يوپۇرۇلۇپ كەلگىلى تۇرىدۇ. ساھابىلەر: سانىمىزنىڭ ئازلىقىدىن شۇنداق بولامدۇ؟ يا رەسۇلۇللاھ! دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، ئۇ چاغدا سانىڭلار كۆپ، لېكىن سىلەر سەلنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاپ قالىسىلەر؟ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەرنىڭ ھەيۋەڭلار كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا قورقۇنچ چۈشىدۇ، دېدى. ساھابىلەر: قورقۇنچ دېگەنلىرى نېمە؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قورقۇنچ دېگىنىمىز-ھاياتنى ياخشى كۆرۈپ كېتىپ، ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش، دەپ جاۋاب بەرگەن.»[6]
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدۇ: «مەن مىراج كېچىسى قوغۇشۇن تىرناقلىرى بىلەن يۈزلىرىنى ۋە مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنىڭ قېشىدىن ئۆتتۈم. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن: ئۇلار كىملەر؟ دەپ سورىدىم. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەيدىغانلار (غەيۋەتخورلار) ۋە كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا چېقىلىدىغانلار، دەپ جاۋاب بەردى.»[7]
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «زامان ئاخىرىدا بىر ئادەملەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار دىننى دەپ دۇنيالىقتىن ۋاز كەچكەن. ئۇلار كىشىلەرگە شۇنچە مۇلايىم كۆرۈنىدۇ. تىللىرى شېكەردىن تاتلىق، قەلبى بۆرىنىڭ قەلبىدەك (ۋەھشىي). ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (مېنىڭ رەھمىتىمدىن) مەغرۇرلىنىپ كېتىۋاتامدۇ! ئۇلار ماڭا قارشى جۈرئەتلىك بولۇپ كەتتىمۇ! ئۆزۈم بىلەن قەسەم، مەن ئۇلارغا شۇنداق بىر پىتنە ئەۋەتىمەنكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر-بېسىق ئادەممۇ گاڭگىراپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ.»[8]
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، ئىسلامنىڭ پەقەت نامىلا قالىدۇ. قۇرئاننىڭ پەقەت شەكلىلا قالىدۇ. ئۇ زامانلار مەسچىتلەر ئاۋاتلاشقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ھىدايەتسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى جاھاندىكى ئەڭ ناچار ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ، پىتنە شۇلاردىن تارقىلىپ، شۇلارنىڭ ئىچىگە قايتىدۇ.»
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر يۇرتتا زىنا-پاھىشە ۋە جازانىخورلۇق ئەۋج ئالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ يۇرتنىڭ ھالاكىتىگە رۇخسەت قىلىدۇ.»
ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئىلىمگە كۈچەپ ئەمەلنى تاشلاپ قويسا؛ تىلىدا دوستلىشىپ، قەلبىدە يامان كۆرۈشسە؛ سىلە-رەھىمنى ئۈزسە، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ، ئۇلارنى گاس، كور قىلىۋېتىدۇ.»
ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلگەن ئون مۇھاجىرنىڭ ئونىنچىسى ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى مۇھاجىرلار، بەش تۈرلۈك ئىش بار. مەن ئاللاھقا سېغىنىپ شۇ ئىشلارنىڭ سىلەردە يۈز بېرىپ قېلىشىدىن پاناھ تېلەيمەن. بىر قەۋمدە زىنا-پاھىشە ئەۋج ئېلىپ، ئومۇمى كەيپىياتقا ئايلىنىپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ قەۋمنى ۋابا كېسىلى ۋە بۇرۇنقى كىشىلەردە كۆرۈلمىگەن ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ. بىر قەۋم جىڭ-تارازىدا ساختىلىق ئىشلەتسە، ئاللاھ ئۇلارنى ئاچارچىلىققا، تۇرمۇش بېسىمىغا، ھۆكۈمەتنىڭ زۇلۇمىغا مۇپتىلا قىلىدۇ. بىر قەۋم زاكات بېرىشتىن باش تارتسا، ئاللاھ ھۆل-يېغىننى كېمەيتىۋېتىدۇ. ناۋادا چارۋىلار نەزەرگە ئېلىنمىسا، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىلمەيدۇ. بىر قەۋمدە ۋەدە، ئەھدىلىرىگە ۋاپاسىزلىق ئەۋج ئېلىپ كەتسىلا، ئاللاھ ئۇلارغا يات دۈشمەنلەرنى ھۆكۈمران قىلىپ قويىدۇ. ئۇ ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ قول-ئېلكىدىكى نەرسىلەرنى تارتىۋالىدۇ. بىر قەۋمنىڭ ئىماملىرى ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش-پائالىيەت ئېلىپ بارمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزئارا جەڭچى-جىدەلگە مۇپتىلا قىلىدۇ.»[9]
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن خاتا ئىش قىلىپ قويسا، ئۇنىڭ خاتالىقىنى توسۇپ، ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر ئادەم كېلەتتى-دە، بىر كۈن ئۆتسىلا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ، يەپ-ئېچىشىدىغان ئىش بار ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۆزئارا قارشى قىلىپ قويدى. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدا لەنەت قىلدى. ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشىغا ئاسىيلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەب بولدى. جېنىم ئېلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، يا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىق توسىسەن، يول تاپالمىغاننىڭ قولىدىن يېتىلەپ ھەقىقەتكە يېتەكلەيسەن ياكى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ئۆزئارا قارشى قىلىپ قويىدۇ، ئاندىن كېيىن خۇددى (بۇرۇنقىلارغا) لەنەت قىلغاندەك سىلەرگىمۇ لەنەت قىلىدۇ.»[10]
ئىبراھىم ئىبنى ئەمرى سەنئانىيدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالا يۇشەئ ئىبنى نۇنغا «مەن قەۋمىڭنىڭ ياخشىلىرىدىن 40مىڭنى، ناچارلىرىدىن 60مىڭنى ھالاك قىلىمەن» دەپ ۋەھىي قىلدى. ئۇ، ئى پەرۋەردىگارىم، ناچارلارنىغۇ ھالاك قىلالا، ئەمما ياخشىلارنى نېمىشقا ھالاك قىلىلا؟ دەپ سورىدى. ئاللاھ تائالا: «ئۇ «ياخشى»لار مەن ئۈچۈن ئاچچىقلانمىدى (مەن نارازى بولىدىغان ئىشلارغا ئاچچىقلانمىدى)، يامانلار بىلەن ھەمتاۋاق، ھەمداستىخان بولۇشتى، دەپ جاۋاب بەردى.
ئەبى ئىمراندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر مەھەللىنى مەھەللىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ دۈمكۆمتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئىككى پەرىشتە ئەۋەتتى. پەرىشتىلەر ئۇ مەھەللىدە مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. پەرىشتىلەر: ئى پەرۋەردىگارىم، بۇ مەھەللىدە پالانى بەندەڭ باركەن، ئۇ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ، دېدى. ئاللاھ تائالا: مەھەللە ۋە مەھەللىدىكىلەرنى ھېلىقى ئادەم بىلەن قوشۇپلا دۈمكۆمتۈرۈۋېتىڭلار! چۈنكى، (ھېلىقى مەھەللىدىكى بولمىغۇر ئىشلارغا قارىتا) ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ باقمىغان، دېدى.»
مىسئەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر پەرىشتە بىر مەھەللىنى يەر يۇتقۇزۇۋېتىشكە پەرمان قىلىندى. ئۇ پەرىشتە: ئى پەرۋەردىگارىم، بۇ مەھەللىدە تولىمۇ ئىبادەتگۇي بىر بەندەڭ بارئىكەنغۇ! دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇ پەرىشتىگە: ئاۋۋال شۇ ئادەمدىن باشلا! چۈنكى، (شۇ يەرلەردە يۈز بېرىۋاتقان بولمىغۇر ئىشلارغا ئېچىنىپ) ئۇنىڭ چىرايى بىرەر سائەتمۇ ئۆڭۈپ باقمىغان، دەپ ۋەھىي قىلدى.»
ۋەھىب ئىبنى مۇنەببەھتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «داۋۇد ئەلەيھىسسالام خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، ئۇ ئاللاھقا ‹ئى پەرۋەردىگارىم، مېنى كەچۈر، دېدى› ئاللاھ تائالا سېنى كەچۈردۈم. ئەمما بۇ گۇناھنىڭ ۋابالىنى بەنى ئىسرائىل تارتىدۇ. داۋۇت ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم، ئۆزۈڭ ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدىغان ئادىل زاتسەن، نېمىشقا مېنىڭ خاتالىقىمنىڭ ئۇۋالى باشقىلارغا بولىدۇ؟ دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا «سەن خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار سېنى توسۇشقا ئالدىرىمىدى» دەپ ۋەھىي قىلدى.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن ۋە يەنە بىرەيلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىردۇق. ھېلىقى ئادەم: ئى مۇئمىنلارنىڭ ئانىسى، بىزگە يەر تەۋرەش توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسەڭ! دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «كىشىلەر زىناغا يول قويسا، ھاراق ئېچىشسە، نەغمە-ناۋاغا بېرىلىپ كەتسە، ئاللاھ ئاسماندا تۇرۇپ بۇلارغا قاتتىق كۈندەشلىك قىلىدۇ، ئاندىن زېمىنغا: ئى يەر، ئۇلارنى تەۋرىتىۋەتكىنە! دەيدۇ. ناۋادا ئۇلار تەۋبە قىلسا قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ، تەۋبە قىلمىسا زېمىن ئۇلارغا دۈمكۆمتۈرۈۋېتىلىدۇ» دېدى. ھېلىقى ئادەم: بۇ ئۇلارغا بېرىلگەن ئازابمۇ؟ دەپ سورىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: يوقسۇ، بەلكى بۇ، مۇئمىنلارغا نەسىھەت ۋە رەھمەت بولىدۇ، كاپىرلارغا ئازاب، جازا ۋە ئاللاھنىڭ نارازىلىقى بولىدۇ، دېدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن مېنى بۇ ھەدىستىنمۇ بەك خۇرسەن قىلىدىغان ھەدىس ئاڭلاپ باقمىدىم، دېگەن.
ئىبنى ئەبى دۇنيا مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يەر تەۋرىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى يەرگە قويۇپ: ئى زېمىن، جىم تۇر! تېخى ۋاقتى كەلمىدى، دېدى. ئاندىن ساھابىلىرىگە يۈزلىنىپ: پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزىنى رازى قىلىشىڭلارنى سوراۋاتىدۇ، ئاللاھنى رازى قىلىڭلار! دېدى. ئاندىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە بىر قېتىم يەر تەۋرىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئادەملەر، يەر سىلەر قىلىپ قويغان ئىشلار تۈپەيلىدىن تەۋرەيدۇ، جېنىم ئېلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناۋادا يەر يەنە تەۋرىسە مەن سىلەر بىلەن تۇرمايمەن، دېدى.
ئىبنى ئەبى دۇنيا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە يەر تەۋرىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەرگە قولىنى قويۇپ، نېمە بولدى، نېمە بولدى! ئەگەر قىيامەت قايىم بولىدىغان ئىش بولسا زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى سۆزلەيتتى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «قاچانىكى قىيامەت بولسا، زېمىندا بىرەر گەز ياكى بىرەر غېرىچ يەر قالماي، ھەممىسى سۆزلىگىلى تۇرىدۇ» دېدى.
سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە مەدىنىدە يەر تەۋرىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ئى ئادەملەر، بۇ نېمە ئىش؟ سىلەرنىڭ بىدئەت پەيدا قىلىشىڭلار نېمە دېگەن تىز بولۇپ كەتكەن ھە! ناۋادا يەر قايتا تەۋرىسە مەن بۇ يەردە سىلەر بىلەن تۇرمايمەن.»[11]
كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، يەرنىڭ تەۋرىشى يۈز بېرىۋاتقان گۇناھ-مەئسىيەتلەر تۈپەيلىدىندۇر. يەر، پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزىگە غەزەپ قىلىشىدىن قورقۇپ تەۋرەيدۇ.»
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىگە مۇنداق مەكتۇپ يوللىغان: «شۈبھىسىزكى، يەرنىڭ تەۋرىشى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە كايىغانلىقىدۇر. مۇئەييەن ۋاقىتلاردا سىرتلارغا چىقىپ ئىبادەت قىلىڭلار، كىمنىڭ قېشىدا بىر نەرسە بولسا سەدىقە قىلسۇن! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى.»[12]
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز يەنە مۇنداق بۇيرىدى: ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن دۇئا قىلىڭلار! ئادەم ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى: «پەررۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغفىرەت قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز». [13]
نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن دۇئا قىلىڭلار! «ئەگەر ماڭا مەغفىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن». [14]
يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن دۇئا قىلىڭلار! «(پەرۋەردىگارىم!) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەفسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم.»[15]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «كىشىلەر پۇل-پۈچەكتە بېخىللىشىپ كەتسە، سودا-سېتىقتا شەكلى ئۆزگەرگەن جازانىلەرنى قىلسا، دېھقانچىلىق بىلەنلا بولۇپ، ئاللاھ يولىدىكى جىھادنى تەرك ئەتسە، ئاللاھ ئۇلارغا بالا-مۇسىبەت چۈشۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز دىنىغا قايتقانغا قەدەر مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋەتمەيدۇ.»[16]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساھابىلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىگە قېرىندىشىدىنمۇ لايىقراق ئەمەس، دەپ قارايمەن.»
ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «كىشىلەر پۇل-پۈچەكتە بېخىللىشىپ كەتسە، سودا-سېتىقتا شەكلى ئۆزگەرگەن جازانىلەرنى قىلسا، ئاللاھ يولىدىكى جىھادنى تەرك ئەتسە، دېھقانچىلىق بىلەنلا بولۇپ كەتسە، ئاللاھ ئۇلارغا بالا-مۇسىبەت چۈشۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز دىنىغا قايتقانغا قەدەر مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋەتمەيدۇ.»
ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پىتنە-پاسات ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن جازاسىدۇر.»
بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ بەزىسى بۇختۇنەسسەرنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىگە قارىتا مۇنداق دېگەنىكەن: «قىلغان يامانلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئاللاھ بىزگە ئاللاھنى تونۇمايدىغان، بىزگە رەھىم قىلمايدىغان زالىمنى ھۆكۈمران قىلىپ قويدى.»
بۇختۇنەسسەر دانىيال ئەلەيھىسسالامدىن: سېنىڭ قەۋمىڭنى ماڭا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نەرسە نېمە؟ دەپ سورىدى. دانىيال ئەلەيھىسسالام: سېنىڭ گۇناھىڭنىڭ ئېغىرلىقى ۋە قەۋمىمنىڭ ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىشى، دەپ جاۋاب بەردى.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «قاچانىكى ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى جازالىماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا جازا ئەۋەتىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىچدە رەھىم قىلىنىپ ساقلىنىپ قالىدىغانلار بولمايدۇ.»
مالىك ئىبنى دىنار مەن مۇنداق بىر ھېكمەتنى ئوقۇغان دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا: «مەن شاھىنشاھ ئاللاھتۇرمەن، بارلىق شاھلارنىڭ قەلبى مېنىڭ قولۇمدا. كېملەركى ماڭا ئىتائەت قىلسا شاھلارنى ئۇلارغا رەھمەت قىلىپ بېرىمەن. ناۋادا ئاسىيلىق قىلسا، شاھلارنى ئۇلارغا جازا قىلىپ قويىمەن. سىلەر پادىشاھنى تىللاش بىلەن بولۇپ كەتمەي، ماڭا تەۋبە قىلىڭلار. مەن ئۇلارنى سىلەرگە رەھىمدىل قىلىپ بېرىمەن» دەيدۇ.»
ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىرەر قەۋمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇلارغا ئېغىر-بېسىق، مېھرىبان كىشىلەرنى باش قىلىدۇ. قەۋملەرنىڭ ئىقتىسادىنى سېخىي ئادەملەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. ناۋادا بىر قەۋمگە يامانلىقنى ئىرادە قىلسا ھاماقەت ئادەملەرنى ئۇلارغا باش قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى بېخىل ئادەملەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ.»[17]
قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم، ئۆزلىرى ئاسماندا، بىز زېمىندا، سىلىنىڭ ئاچچىقلانغانلىقلىرىنى ياكى مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى قانداق بىلىمىز، دەپ سورىدى. ئاللاھ تائالا: سىلەرگە ئەڭ ئەسكى ئادەملەرنى باش قىلىپ قويغىنىم مېنىڭ سىلەرگە بولغان نارازىلىقىمنىڭ ئىپادىسى، دېدى.»[18]
ئىبنى ئەبى دۇنيا فۇزەيل ئىبنى ئىيازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا بەزى پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق ۋەھى قىلغان: قاچانىكى مېنى تونۇيدىغانلار ماڭا ئاسىيلىق قىلغىلى تۇرسا، ئۇلارنى مېنى تونۇمايدىغانلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ قويىمەن.»[19]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ كاززاب ئەمىرلەرنى، گۇناھكار ۋەزىرلەرنى، خائىن ياردەمچىلەرنى، زالىم ئارىپلارنى، پاسىق قارىلارنى ئەۋەتمەي تۇرۇپ، قىيامەتنى قايىم قىلمايدۇ. ئۇلار كۆرۈنۈشتە راھىبلاردەك پەرھىزكار كۆرۈنگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ قەلبى تاپتىنمۇ سېسىق. ئۇلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرى ھەر خىل. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلمەتلىك ئىغىر پىتنىلەرنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار شۇ پىتنىدە قايمۇقۇپ يۈرىدۇ. مۇھەممەدنىڭ جېنى ئېلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئىسلام بىر-بىرلەپ يېقىلىدۇ، ھەتتاكى ‹ئاللاھ، ئاللاھ› دەيدىغان ئادەممۇ قالمايدۇ. چوقۇمكى سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىسىلەر ياكى ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئەڭ ئەسكى ئادەملەرنى باش قىلىپ قويىدۇ. ئۇلار سىلەرگە دەرتلىك ئازابلارنى تىتقۇزىدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەردىن ياخشى ئادەملەر دۇئا قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ دۇئايى ئىجابەت بولمايدۇ. ئەلۋەتتە سىلەر ياخشىلققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىسىلەر ياكى ئاللاھ سىلەرگە كىچىكلىرىڭلارغا رەھىم قىلمايدىغان، چوڭلىرىڭلارغا ھۆرمەت قىلمايدىغان كىشىلەرنى ھۆكۈمران قىلىپ قويىدۇ.»[20]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر قەۋم جىڭ-تارازىلاردا ساختىلىق ئىشلىتىپلا قالسا، ئاللاھ ئۇلاردىن يامغۇرنى چەكلەپ قويىدۇ. بىرەر قەۋمدە زىنا-پاھىشە ئەۋج ئېلىپ كەتسە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈم-يېتىمنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. بىرەر قەۋمدە جازانىخورلۇق ئەۋج ئېلىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساراڭ بولۇپ قالىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. بىرەر قەۋمدە قاتىللىق ئەۋج ئېلىپ كەتسە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۇلارغا ھۆكۈمران قىلىپ قويىدۇ. بىرەر قەۋمدە بەچچىۋازلىق ئەۋج ئېلىپ كەتسە، ئۇلاردا يەر يۇتۇپ كېتىدىغان ئىشلار كۆپ يۈز بېرىدۇ. بىرەر قەۋم ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى تەرك ئەتسە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ، دۇئالىرى ئىجابەت بولمايدۇ.»[21]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قېشىمغا ھاسىرىغان ھالدا كىردى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ ھاسىراپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بىر ئىش بارلىقىنى پەملىدىم. ئۇ گەپ قىلماستىنلا تاھارەت ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن ھۇجرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نېمە قىلىدىغىنىغا قاراپ تۇرسام، ئۇ، مىنبەرگە چىقىپ ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتتى. ئاندىن كېيىن: ئى ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلمايدىغان، ياردەم تەلەپ قىلساڭلار، ياردەم بەرمەيدىغان، سورىساڭلار بەرمەيدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇڭلار.»[22]
ئەمرى زاھىد مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ نارازى بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆزىگىمۇ ھېچقانداق پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئادەملەردىن قورقۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىمەيلا بىپەرۋا ھالدا كېتىپ قېلىشىڭ، ئۆزۈڭدىن غاپىل بولغانلىقىڭ ۋە ئاللاھتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىڭنىڭ ئىپادىسىدۇر.»
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مەخلۇقلاردىن قورقۇپ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن ئىتائەت تارتىۋېتىلىدۇ. ناۋادا ئۇ، بالىسىنى ياكى خىزمەتكارلىرىنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا، ئۇلار ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا سەل قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ.»
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەملەر، سىلەر «ئى مۇئمىنلەر! ئۆزەڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»[23] دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىسىلەر-يۇ، توغرا چۈشەنمەيۋاتىسىلەر! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «شۈبھىسىزكى، كىشىلەر زالىملارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارنى توسمىسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرىدۇ.»[24]
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «خاتالىق مەخپىي قىلىنسا زىيىنىنى پەقەت قىلغۇچىلا تارتىدۇ. ناۋادا خاتالىق ئوچۇق-ئاشكار بولۇپ مەيدانغا چىقسا، ئۇنىڭغا تۈزىتىش بېرىلمىسە، ئۇنىڭ ۋابالى ھەممە ئادەمگە بولىدۇ.»
ئىمام ئەھمەد مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پات-يېقىندا ئاۋات يۇرتلار خاراپ بولۇپ كېتىدۇ، دېدى. ساھابىلەر: ئاۋات يۇرتلار قانداقسىگە خاراپ بولۇپ كېتىدۇ، دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قاچانىكى، خەلق ئىچىدىكى ئەسكىلەر ياخشىلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرسا، قەبىلە مۇناپىقلارنى باش قىلىپ تەينلىسە، ئاۋات يۇرتلار خاراپ بولۇپ كېتىدۇ-دېدى.»
ھەسسان ئىبنى ئەتىييە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «پات-يېقىندا ئۇممىتىم ئىچىدىكى ئەڭ ناچار كىشىلەر ياخشى كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ. ھەتتا خۇددى ھازىر بىزنىڭ ئىچىمىزدە مۇناپىقلار يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندەك، ئۇ كۈنلەردە مۇئمىنلەرمۇ يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ.»
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، ئۇ كۈندە مۇئمىننىڭ قەلبى تۇز سۇدا ئىرىگەندەك ئېرىپ كېتىدۇ. ساھابىلەر: يارەسۇلۇللاھ، نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇئمىنلار خاتا ئىشلارنى كۆرىدۇ-يۇ، ئەمما ئۇنى تۈزىتىشكە قادىر بولالمايدۇ، دېدى.»
جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىرەر قەۋمدە گۇناھ-مەئسىيەتلەر قىلىنسا، قەۋمدىكى گۇناھ-مەئسىيەت قىلمىغانلار قىلغانلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك تۇرۇپ، گۇناھ قىلغۇچىلارنى تۈزىتىشكە ئۇرۇنمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك جازالايدۇ.»
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى بىر ئادەم كەلتۈرۈلۈپ، دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچەيلىرى سۆرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ خۇددى تۈگمەننىڭ ئەتراپىدىن ئايلانغان ئېشەكتەك دوزاختا ئايلىنىدۇ. دوزاختىكلەر ئۇنىڭ چۆرىسىگە كېلىپ: ئى ئادەم، ساڭا نېمە بولدى؟ سەن بىزنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتىڭغۇ؟! دەيدۇ. ئۇ ئادەم: مەن ياخشىلىققا بۇيرۇيتتىم، ئەمما ئۆزۈم قىلمايتتىم. يامانلىق توساتتىم-يۇ، ئۆزۈم ئۇنى قىلىۋېرەتتىم، دەيدۇ.»[25]
مالىك ئىبنى دىنار مۇنداق دەيدۇ: «بەنى ئىسرائىللارنىڭ بىر ئالىمى بولۇپ، نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۇنىڭ ئۆيىگە يىغىلاتتى. ئالىم يىغىلغانلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى، ئۆتمۈشتىكى ئىبرەتلىك ۋەقەلەر توغرىسىدا ئۇلارغا قىسسە بايان قىلىپ بېرەتتى. ئۇ بىر كۈنى پەرزەنتىلىرىدىن بىرىنىڭ ئاياللارغا كۆز قىسىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە: ئالدىرىمىغىن ئوغلۇم، ئالدىرىمىغىن، دەپلا قويدى. ئاندىن ئۇ ئادەم كارىۋاتتىن يىقىلىپ كېتىپ يۇلۇنى ئۈزۈلۈپ كەتتى. خوتۇنىنىڭ ھامىلىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى، پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇنداق ۋەھى قىلدى: «پالانى ئالىمغا خەۋەر بەرگىن، مەن ئۇنىڭ نەسلىدىن مەڭگۈ سىددىق ئادەم چىقارمايمەن. ئۇ، ئوغلى گۇناھ ئىش قىلىۋاتسا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا ‹ئالدىرىمىغىن ئوغلۇم› دەپ قويۇش بىلەنلا چەكلەندى.»[26]
ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كۆزگە ئېلىنمايدىغان (كىچىك) گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ گۇناھلار بىر ئادەمدە يىغىلىپ، يېغىلىپ ئاخىرىدا ئۇنى تۈگەشتۈرۈۋېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: (كىچىك گۇناھلارنىڭ يىغىلىپ بىر ئادەمنى ھالاك قىلىشى) چۆللۈك زېمىنغا چۈشكەن، ئۇستا بىر ئادەم كېلىپ (تاماق ھازىرلاش ئۈچۈن ئوت قالىماقچى بولغان). كىشىلەر بىردىن ئىككىدىن تەمەچ تىرىپ كېلىپ، بىر دۆۋە بولغاندىن كېيىن، ئوتۇن دۆۋىسىگە ئوت يېقىپ تاماق پېشۇرغان بىر قەۋمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ.»[27]
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھالاك قىلغۇچى گۇناھلار دەپ قارايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى سىلەر قىلدىنمۇ كىچىك كۆرۈپ (پەرۋاسىز ھالدا) قىلىۋاتىسىلەر.»[28]
ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر ئايال بىر مۈشۈككە يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسە بەرمەي ياكى ئۇنى زېمىندىكى جانلىقلارنى تۇتۇپ يېگىلى قويماي، سولاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلكى ئۈچۈن دوزاختا ئازابلاندى.»[29]
ھۇزەيفەدىن: بەنى ئىسرائىل بىر كۈندىلا دىندىن چىقىپ كەتكەنمۇ؟ دەپ سورىلىۋىدى. ئۇ: ياق، بەنى ئىسرائىل بىر ئىشقا بۇيرۇلسا، قىلمايتتى. بىر ئىشتىن چەكلەنسە شۇنى قىلاتتى. ئۇلار شۇنداق قىلىۋېرىپ ئاخىرى بىر ئادەم كېيىمىنى سېلىپ تاشلىغاندەكلا دىنىدىن چىقىپ كەتكەن، دەپ جاۋاب بەردى.
بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھ-مەئسىيەت كاپىرلىقنىڭ ئەلچىسى، سۆيۈش جىمانىڭ ئەلچىسى، ناخشا-مۇزىكا زىنانىڭ ئەلچىسى، يات ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشى ئېشىقنىڭ ئەلچىسى، كېسەل ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسى.
«ھۇليە» دېگەن كىتابتا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئى، گۇناھكار، گۇناھىڭنىڭ ئاقىۋىتىدىن خاتىرجەم بولۇپ كەتمە! سەن قىلغان ھەر بىر گۇناھ تېخىمۇ چوڭ بىر گۇناھقا سەۋەب بولىدۇ. گۇناھ قىلىۋاتقاندا ئوڭ-سول تەرىپىڭدىكى پەرىشتىلەردىن ھايا قىلماسلىقىڭ قىلغان گۇناھىڭدىن ئېغىرراق. گۇناھلارنى قىلىپ قويۇپ، ئاللاھنىڭ جازاسىدىن پەرۋاسىز ھالدا، كۈلۈپ ئۆتۈپ كېتىشلىرىڭ قىلغان گۇناھىڭدىن ئېغىرراق. گۇناھ قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىسەڭ خوش بولۇپ كەتكىنىڭ، گۇناھ قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىسەڭ قايغۇرۇپ كەتكىنىڭ شۇ گۇناھنى قىلغاندىن ئېغىرراق. سەن گۇناھ قىلىۋاتقاندا شامال پەردەڭنى تەۋرەتسە، سەن «ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەننى ئويلىماستىن، پەردىنىڭ تەۋرىشىدىن خەۋپسىرەپ قالغىنىڭ قىلىۋاتقان گۇناھىڭدىن ئىېغىرراق. ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشىغا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن نۇرغۇن سورۇنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەب بولغىنى نېمە، بۇنى بىلەمسەن؟! بىر بىچارە ئادەم ئەييۇب ئەلەيھىسسالامدىن زالىمدىن قوغداپ قېلىشنى ئۆتۈنسە، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ياردەم بەرمىگەن، زالىمنى زۇلمىدىن توسمىغان، شۇڭلاشقا ئاللاھ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنى خىلمۇ-خىل بالا-مۇسىبەتلەرگە دۇچار قىلغان.»
ۋەلىد ئەۋزائىي بىلال ئىبنى سەئەددىن مۇنداق ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «سەن خاتالىقلارنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، ئاسىيلىق قىلىنىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارا!»
فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دەيدۇ: «سەن گۇناھنى قانچىكى كىچىك كۆرسەڭ، ئۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا شۇنچە چوڭ ھېسابلىنىدۇ. سەن گۇناھنى قانچىكى چوڭ كۆرسەڭ، ئۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا شۇنچە كىچىك ھېسابلىنىدۇ.»
مۇنداق بىر رىۋايەت بار: «ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق ۋەھى قىلدى: ‹مېنىڭ مەخلۇقلىرىم ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال ئۆلگىنى ئىبلىستۇر. ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنى ئۆلۈك ھېسابلايمەن.»
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مۇئمىن خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇنىڭ قەلبىگە بىر قارا چېكىت ئۇرۇلىدۇ. قاچانىكى تەۋبە قىلىپ، گۇناھتىن قول يىغسا ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭ قەلبى سۈزۈلىدۇ. ناۋادا گۇناھلاردىن قول ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇۋەرسە قەلبىدىكى قارىلىق زورىيىپ قەلبنى قاپلايدۇ. بۇ، ئاللاھ تائالا «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن» دېگەن ئايەتتە تىلغا ئالغان قارىلىقتۇر.»[30]
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەندە گۇناھ قىلسا ئۇنىڭ قەلبىگە بىر قارا چېكىت ئۇرۇلۇپ، ئاخىرى ئۇنىڭ قەلبى كۈلرەڭ قويغا ئوخشاپ قالىدۇ.»
ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى قۇرەيش خەلقى، سىلەر ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمىساڭلارلا بۇ ئىشنىڭ (خەلىپىلىكنىڭ) ئىگىسى بولۇپ تۇرىسىلەر. ناۋادا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلساڭلار ئاللاھ خۇددى مۇشۇ ياغاچ ياغاچنى غاجىلىغاندەك غاجىلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىدۇ، دەپ قولىدىكى ياغاچنى كۆرسەتتى. ئاندىن كېيىن ياغاچنى ياغاچقا سۈرگەن ئىدى، ئۇ ياغاچ ئاقلىنىپ كەتتى.»[31]
ۋەھەب مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېگەن: ‹مەن ئىتائەت قىلىنسام رازى بولىمەن، رازى بولسام بەرىكەت بېرىمەن، مېنىڭ بەرىكىتىمنىڭ چېكى يوق. ناۋادا ئاسىيلىق قىلىنسام غەزەبلىنىمەن، غەزەبلەنسەم لەنەت قىلىمەن، مېنىڭ لەنىتىم يەتتىنچى ئەۋلادىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»[32]
ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق مەكتۇپ يازدى: ‹شۈبھىسىزكى بىر ئادەم ئاللاھنى نارازى قىلىدىغان ئىشنى قىلسا، ئۇنى ماختايدىغان ئادەملەر سۆكىدىغان بولۇپ قالىدۇ.»[33]
ئەبۇ جەئدى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەر ئادەم ئۆزى تۇيماي قېلىپ مۇئمىنلارنىڭ كۆڭلىدە لەنەتكەردە بولۇپ كېتىشتىن ئاگاھ بولۇشى لازىم، دېدى ۋە نېمىشقا لەنەتكەردە بولۇپ كېتىدۇ، بىلەمسەن! دېدى. مەن: ياق، بىلمەيدىكەنمەن، دېسەم، ئۇ: بىر بەندە يالغۇز يەرلەردە ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئاللاھ ئويلىمىغان يەردىن مۇئمىنلارنىڭ قەلبىگە ئۇنىڭغا قارشى نەپرەت تۇيغۇسىنى سېلىپ قويىدۇ، دېدى.»
«ئەززۇھدۇ» ناملىق كىتابتا مۇنداق بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ: «مۇھەممەد ئىبنى سىرىن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، غەمگە چۈشۈپ قالغاندا ‹بۇ غەملەر مەن قىرىق يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرىم تۈپەيلىدىن بولدى› دېگەن.»
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
[1] سۈرە ئەئراف 167-ئايەت
[2] ئەھمەد رىۋايىتى
[3] ئەھمەد ۋە ئەبى داۋۇد رىۋايىتى. ئەلبانى سەھىھ دېگەن
[4] ئەھمەد رىۋايىتى
[5] ئەھمەد رىۋايىتى
[6] ئەھمەد رىۋايىتى
[7] ئەھمەد رىۋايىتى
[8] تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانى ئاجىز دېگەن
[9] ئىبنى ماجە رىۋايىتى
[10] ئەھمەد رىۋايتى
[11] ئەھمەد رىۋايىتى
[12] سۈرە ئەئلا 14،15-ئايەتلەر
[13] سۈرە ئەئراف 23-ئايەت
[14] سۈرە ھۇد 47-ئايەت
[15] سۈرە ئەنبىيا 87-ئايەت
[16] ئەھمەد رىۋايىتى
[17] ھەيسەمى بۇ ھەدىسنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىز دېگەن
[18] ئەھمەد رىۋايىتى
[19] ئاجىز
[20] ھەسەن ھەدىس
[21] مۇئجەم تەبەرانىدا بايان قىلىنغان
[22] ئەھمەد رىۋايىتى
[23] سۈرە مائىدە 105-ئايەت
[24] ئەھمەد رىۋايىتى (بۇ ھەدىس مەزكۇر ئايەتنى «بۇ ئايەت ھەر ئادەم ئۆز ئىشىغا پۇختا بولسۇن، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ چۈشەنگەنلەرگە قارىتىلغان)
[25] بۇخارى رىۋايىتى
[26] ئەھمەد رىۋايىتى
[27] ئەھمەد رىۋايىتى
[28] بۇخارى رىۋايىتى
[29] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايتى
[30] تىرمىزى رىۋايىتى ، ھەسەن، سەھىھ ھەدىس
[31] ئەھمەد رىۋايىتى
[32] ئەھمەد رىۋايىتى
[33] ئەھمەد رىۋايىتى
باشقا خىزمەتلەر