ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ يوللىرى

گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ يوللىرى

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

 

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەندە مۇشۇ تۆت يول ئارقىلىق گۇناھ-مەئسىيەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ تۆت يولنىڭ ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز:

 

(نامەھرەمگە) قاراش

نامەھرەمگە قاراش شەھۋەتنىڭ ئەلچىسى ۋە خەۋەرچىسىدۇر. كۆزنى ساقلاش جىنسىي ئەزانى ساقلاشنىڭ تۈپ ئاساسى. كىمكى كۆزىنى ساقلىمايدىكەن ئۆزىنى ھالاكەت گىرداۋىغا تاشلىغان بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قاراش ئىبلىسنىڭ زەھەرلىك ئوقلىرىدىن بىر ئوقتۇر. كىمكى ساھىبجاماللاردىن كۆزىنى ساقلىيالىسا، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئۇچراشقانغا قەدەر ئۇنىڭ قەلبىدە ھالاۋەتنى ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ.»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كۆزلىرىڭلارنى يۇمۇڭلار، ئەۋرەتلىرىڭلارنى ساقلاڭلار.»

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ كوچىلاردا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار! ـ دېگەنىدى، كىشىلەر:

ــ كوچىلاردا ئولتۇرۇشتىن ۋاز كېچەلمىگۈدەكمىز. چۈنكى كوچىلار بىزنىڭ ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىشىدىغان جايىمىز، ـ دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:

ــ ئۇنداقتا، كوچىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ ئولتۇرۇڭلار! ـ دېدى. ئۇلار:

ــ كوچىنىڭ ھەققى نېمە؟ ـ دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ كوچىنىڭ ھەققى ھارامدىن كۆزنى يىغىش، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزمەسلىك، سالام بەرگەنلەرنىڭ سالامىنى ئىلىك ئېلىش، كىشىلەرگە ئەمرى مەرۇپ، نەھىي مۇنكەر قىلىشتۇر، ـ دېدى.»[2]

قاراش ئىنسان دۇچ كېلىدىغان بارلىق ھادىسىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزىدۇر. (ئاياللارغا) قاراش يامان خىيال پەيدا قىلىدۇ، يامان خىيال يامان پىكىر پەيدا قىلىدۇ، يامان پىكىر شەھۋەت پەيدا قىلىدۇ. شەھۋەت ئىرادە پەيدا قىلىدۇ. ئىرادە كۈچيىپ ئاخىرىدا كەسكىن قارارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە بىرەر چەكلىمە بولمايلا قالسا چوقۇم ھەرىكەت يۈز بېرىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر گەپ بار: «كۆزنى ساقلاشقا تېرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ جاپاسى، كۆزنى ساقلىمىغاننىڭ نەتىجىسىگە چىداشنىڭ جاپاسىدىن كۆپ ئاساندۇر.»

شائىر مۇنداق دەيدۇ:

ھەر قانداق خاتالىق كۆزدىن باشلىنار،

بەئەينى گۈلخانمۇ ئۇچقۇندىن چىقار.

كۆزلەرنىڭ كۆرگىنى قەلىبكە يېتىپ،

نەيزە ۋە ئوق بولۇپ يۈرەككە تىقار.

كۆزلەرنى يۈگۈرتۈپ يۈرسەڭ ھەر جايدا،

خەتەرلىك كۆزلەرگە ئۇچرىشىپ قالار.

جانلارغا ئەلەمدۇر لەھزىلىك خۇشلۇق،

دېمەيمەن مەرھابا، ئىچىمنى سىقار.

 

كۆزنى باشقۇرماسلىقنىڭ ئاپەتلىرى

كۆزنى باشقۇرمىغاندا، ئادەمگە قادىر بولالمايدىغان، چىداپ تۇرالمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرسەتكىلى تۇرىدۇ-دە، ھەسرەت-نادامەت ۋە كۆيۈك ئازابلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئىنساننىڭ تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان، ئىرىشەلمەيدىغان نەرسىنى كۆرۈپ قىلىشى ئەڭ ئېغىر ئازابتۇر.

قاراش بىر ئوقتۇركى، ئۇ قارالغۇچى قارىغۇچىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالمىغانغا قەدەر قارالغۇچىغا تەگمەيدۇ.

شۈبھىسىزكى، نامەھرەمگە قاراش قەلبنى يارىلاندۇرىدۇ، يارىسىغا يارا قوشىدۇ. قارىغۇچىنىڭ قەلبىدىكى يارا ئاغرىقى ئۇنى تەكرار قاراشتىن توسالمايدۇ.

كۆزنى ساقلاشنىڭ جاپاسى قاراپ بولۇپ، كۆيۈپ قالغاندىكى ھەسرەت-نادامەتلەردىن يەڭگىلرەكتۇر.

 

خىيال

شۈبھىسىزكى، خىيال تولىمۇ مۇرەككەپ بىر ئىشتۇر. چۈنكى ئۇ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنىڭ مەنبەسى. نىيەت، ئىرادە، غەيرەت... قاتارلىقلار دەل خىيالدىن پەيدا بولىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ خىيالىنى كونترول قىلالايدىكەن، ئۆزىنى باشقۇرالايدۇ، ھاۋايى-ھەۋىسىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. كىمكى خيالنىڭ كەينىگە كىرىپ، خىيالپەرەسلىك قىلىدىكەن، ھاۋايى-ھەۋىسىگە ۋە نەپسى-خاھىشىغا قۇل بولۇپ كېتىدۇ. خىيال خىيالپەرەس ئادەملەرنى ناھايىتى ئاسانلا ھالاك قىلىۋېتىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ قەلبى خىيال بىلەنلا توشۇپ كېتىدىغان بولسا، ئۇنىڭ قەلبى قۇرۇق ئارمانلار ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى ئالۋۇنغا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرۈنمەيدۇ)، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساپ ئالغۇچىدۇر.»[3]

ئەڭ ھىممەتسىز، ئەڭ پەسكۆڭۈل ئادەم ساختا ئارزۇ-ئارمانلارغا ئالدىنىپ ھەقىقەتتىن ۋاز كەچكەن كىشىدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ساختا ئارزۇ-ئارمانلار مەغلۇبىيەتنىڭ بېشى ۋە بىكار-تەلەتلىكنىڭ سەھنىسىدۇر. قۇرۇق ئارزۇ-ئارمانلار بىغەملەرنىڭ ئوزۇقىدۇركى، ئۇلار قۇرۇق خىياللار بىلەن بولۇپ كېتىپ ۋىسالغا ئىنتىلمەيدۇ، ساختا ئارزۇ-ئارمانلارغا مەپتۇن بولۇپ، ھەقىقەتلەردىن يۈز ئۆرۈيدۇ.

قۇرۇق خىيال ئىنسانغا ئىنتايىن زىيانلىق نەرسىدۇر. ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق، بىكار-تەلەتلىك، ھەسرەت-نادامەتلەر دەل مۇشۇنداق قۇرۇق خىياللاردىن پەيدا بولىدۇ. بىر نەرسىنى ئارزۇ قىلىپ، ئارزۇيىغا يېتەلمىگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە ئارزۇ قىلىنغان نەرسە نەقىشلىنىپ قالىدۇ. ئۇ ئادەم ئارزۇ قىلغان نەرسىسىنى يۈرىكىگە تۈگۈپ قويىدۇ. ئاندىن بۇ ئادەم رېئاللىقتا يېتەلمىگەن ئارمانلىرىغا تەپەككۇرى تەسۋىرلەپ بەرگەن بويىچە خىيالىي شەكىلدە بولسىمۇ يەتمەكچى بولىدۇ. بۇنداق قىلغاننىڭ ئۇ ئادەمگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. بەلكى ئاچلىقىغا ئاچلىق، تەشنالىقىغا تەشنالىق قوشىدۇ. ئۇنىڭ خىيالىدا يېتەلمىگەن ئارمانلىرى گوياكى نە يىگىلى، نە ئىچكىلى بولمايدىغان تاماق ۋە شارابقا ئوخشاش خىيالىدا تەسۋىرىي ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ. خىيالغىلا بېرىلىش ۋە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇش ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنىڭ پەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، روھىي ئىپتىخار، چېچەنلىك، پاكلىق ۋە روھىي ئۈستۈنلۈك ئىنساننى ھەقىقىتى بولمىغان ھەر قانداق خىياللارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداشتىن توسۇپ قالىدۇ. ئۇنداق خىياللارنىڭ دىلغا كېچىپ قېلىشىغىمۇ يول قويمايدۇ ۋە بۇنداق خىياللارغا بېرىلشتىن نومۇس ھېس قىلدۇرىدۇ.

خىياللار يۇقىرىقى تۈرلىرىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:

1)  مەنپەئەتكە ئالاقىدار خىياللار

2)  زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت خىياللار

3)  ئاخىرەت ياخشىلىقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئائىت خىياللار

4)   ئاخىرەتتىكى يامانلىقلاردىن ساقلىنىشقا ئائىت خىياللار

ئىنسان ئۆزىنىڭ خىيال، پىكىر ۋە نىيەتلىرىنى مۇشۇ تۆت قىسىمغا مەركەزلەشتۈرۈشى لازىم. بىر ئادەم پۈتۈن ئەس-يادىنى مەزكۇر تۆت خىيالغا مەركەزلەشتۈرەلىسە، ئۇ ئادەم باشقا نەرسىلەرنى دەپ ئۇ خىياللاردىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇ ئادەمگە باشقا خىياللار دەۋرەپ كېلىۋالغان تەقدىردىمۇ ئەڭ مۇھىمنى ئالدىنقى قاتاردا قويىدۇ-دە، مۇھىم بولمىغانلىرىنى كىچىكتۈرىدۇ.

بۇ يەردە يەنە ئىككى تۈرلۈك خىيال بار. ئۇنىڭ بىرى ۋاقتى ئۆتمەيدىغان مۇھىم، يەنە بىرى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئەمما ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان نەرسە. بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىدە بۇرۇن قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئۈندەكلەر بار. دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئىككىلىنىش ۋە گاڭگىراش يۈز بېرىدۇ. ناۋادا مۇھىم بولغاننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويسا، باشقا ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش خەۋپى بار. ناۋادا ئانچە مۇھىم بولمىغان باشقا ئشلارنى ئالدىنقى قاتارغا قويسا مۇھىم نەرسە قولدىن كېتىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ئارىسىنى جەمئىي قىلغىلى بولمايدىغان ئىككى ئشقا دۇچ كېلىمىز. بۇلارنىڭ بىرىدىن ۋاز كەچمىگەندە يەنە بىرىگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ.

مانا مۇشۇ دەل ئەقىل، چۈشەنچە ۋە مەرىپەتنى ئىشلىتىدىغان ئورۇندۇر. مۇشۇ، يۈكسەك روھنى نامايان قىلىدىغان، ھەقىقى نىجاتلىققا ئىرىشكۈچىلەر نىجاتلىقنى قولغا كەلتۈرىدىغان، زىيانكارلار زىيان تارتىدىغان نۇقتىدۇر.

خىلى ئەقللىق، مەرىپەتلىك ئادەملەرمۇ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان ۋە ئانچە مۇھىم بولمىغان ئىشلارنى تەخىرسىز مۇھىم ئىشلارنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ھېچ ئادەم بۇ خاتالىقتىن پۈتۈنلەي ساقلىنالمايدۇ، بەلكى، ئازدۇر-كۆپتۇر بۇ خاتالىققا چۈشۈپ قالىدۇ.

بۇ بابتا شەرئىي پىرىنسىپلار، تەقدىر، يارىتىش ۋە ئىلاھىي پەرمانلار بىر تۈپ پىرىنسىپ بويىچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. چوڭ پىرىنسىپ دېگىنىمىز ئادەتتىكى مەنپەئەتلەر قولدىن كەتكەن تەقدىردىمۇ ئىككى پايدىنىڭ چوڭىنى تاللاش، ئىككى زىيانغا دۇچ كەلگەندە، ئېغىر زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەڭ يەڭگىل زىياننى تاللاش پىرىنسىپىدۇر. دېمەك، ئەڭ چوڭ پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتىكى پايدىلاردىن ۋاز كېچىش، ئېغىر زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىچىك زىيانلارنى تاللاش ئىسلامدىكى چوڭ پىرىنسىپتۇر.

ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى يۇقىرىقى پىرىنسىپتىن چەتنەپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بارلىق شەرىئەتلىرىدە مانا مۇشۇ پىرىنسىپنى يولغا قويغان. دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلەر پەقەت مۇشۇ ئاساس ئۈستىگىلا بەرپا بولىدۇ. پىكىرلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ مەنپەئەتلىكى ئاللاھ ۋە ئاخىرەت توغرىسىدىكى پىكىردۇر.

ئاللاھ توغرىسىدىكى پىكىرلەر تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:

1) ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر ۋە ئۇ ئايەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش. ئايەتلەرنىڭ مەقسەت-مۇرادىنى چۈشىنىش. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت ئۈچۈنلا نازىل قىلمىغان. تىلاۋەت پەقەت ۋاستىدۇر، خالاس!

بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئەمەل ئۈچۈن نازىل قىلغان. سىلەر تىلاۋەت قىلىش بىلەنلا قالماستىن، ئەمەل قىلىڭلار.

2) ئاللاھ تائالانىڭ ئەتراپى ئالەمدىكى ئالامەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇلاردىن ئىبرەت ھاسىل قىلىش ۋە بۇ ئالامەتلەرنى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى، ھېكمەتلىرى، ياخشىلىق ۋە سېخىيلىقلىرىنىڭ دەلىلى قىلىش.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلىنىشقا، ئەقىل ئىشلىتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە بۇلاردىن غاپىل قالغانلارنى تەنقىد قىلىدۇ.

3) ئاللاھ تائالانىڭ نازۇ-نېمەتلىرى ۋە بەندىلىرىگە بەرگەن خىلمۇ-خىل ئاتا-ئېھسانلىرى، كەڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى، ئەپۇسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش.

مانا بۇ ئۈچ تۈرلۈك پىكىر (خىيال) قەلبتە ئىلاھىي مەرىپەت، ئىلاھىي مۇھەببەت ۋە پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمىد قىلىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. دائىم ئاللاھنى كۆپ ئەسلەش بىلەن بىللە يۇقىرىقى تەرەپلەرنى (خىيال) تەپەككۇر قىلىش قەلبنى مەرىپەت، مۇھەببەت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ.

4) كۆڭۈلنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاپەتلىرى ھەققىدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىدىكى كەمچىلىكلەر ھەققىدە ئويلىنىش. بۇ ھەقتە خىيال قىلغاننىڭ ناھايىتى زور ئۈنۈمى بار. بۇ ھەقتىكى خىياللار ھەر قانداق ياخشىلىقنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئارقىلىق كۆڭۈلدىكى يامانلىققا ئۈندەيدىغان خاھىشلارغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ. كۆڭۈلدىكى بۇ خاھىشلار پاچاقلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەلپۈنىدىغان بىر روھ يېتىلىدۇ. بۇ روھ قەلبنى كونترول قىلىدۇ. قەلىب بۇ روھ ئارقىلىق جانلىنىدۇ ۋە ئۇ روھنىڭ مەملىكىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇ روھ ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرى، سەركەردىلىرىنى شۇ قەلبكە مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇيدۇ.

5) ۋاقىت ۋە ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش. ھەقىقى دانا ئادەم ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىدۇ. ناۋادا بىر ئادەم ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنالمىسا، پۈتۈن ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. بارلىق ياخشىلىقلار ۋاقىتتىن ھاسىل بولىدۇ. ناۋادا ۋاقىت زايا قىلىۋېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈ قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ.

ئىمام شافىئى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر سوپى بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇم. ئۇنىڭدىن پەقەت مۇنۇ ئىككى جۈملىنى ئۆگىنىۋالدىم. «ۋاقىت بىر قېلىچتۇر، ناۋادا سەن ئۇنى كەسمىسەڭ، ئۇ سېنى كېسىۋېتىدۇ»، «قەلبىڭنى ھەق يولغا مەشغۇل قىل، ناۋادا ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇ سېنى باتىل يوللاردا مەشغۇل قىلىدۇ.»

ۋاقىت ھايات دېمەكتۇر. ۋاقىت يا جەننەتكى مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ سەرمايىسىدۇر ياكى دوزاختىكى ئازابلىق ھاياتنىڭ سەرمايىسىدۇر. ۋاقىت گويا ئاتقان ئوقتۇر. ئاللاھ يولىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىت بىر ئادەمنىڭ ھەقىقى ئۆمرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقىسى ھايۋانلارچە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقى ھايات ھېسابلانمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ ۋاقتىنى غاپىل، لايغەزەل، قۇرۇق ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن، ئۇخلاپ، بىكار-تەلەتلىكتە ئۆتكۈزگىنىدىن ئۆلگىنى ياخشىراقتۇر.

بىر ئادەم ۋاقتىنى نامازدا ئۆتكۈزۈپتۇ، ناۋادا نامازدا دىققەتنى ئاللاھقا مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ شۇ نامازدىكى دىققەتنى ئاللاھقا مەركەزلەشتۈرگەن ۋاقتى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆمرى ھېسابلىنىدۇ. باشقىسى ئۇ ئادەمنىڭ ھەقىقى ئۆمرى ۋە ھاياتى ئەمەس.

يۇقىرىقىدىن باشقا ئوي-خىيال، پىكىر-تەپەككۇرلار يا شەيتانىي ۋەسۋەسىلەردۇر ياكى ساختا، يالتىراق ئارزۇ-ئارمانلاردۇر. بۇنداق ئوي-خىياللار گوياكى مەست-بەڭگىلەرنىڭ ۋە شەيتان سۈپەت كىشىلەرنىڭ خىيالىدۇر.

ناھايىتى ئېنىقكى، كۆڭۈلگە غىل-پال كەچكەن خىياللار زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى شۇ خىيالنىڭ كەينىدىن سوكۇلداش ۋە ئۇنى سۆزلەپ يۈرۈش زىيانلىقتۇر. خىيال گوياكى بىر يولۇچىدۇر. ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسا سەندىن يېراقلاپ كېتىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ كەينىدىن سوكۇلدىغىلى تۇرىدىغان بولساڭ، شېرىن گەپ-سۆزلىرى، ناز-كەرەشمىلىرى بىلەن سېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدۇ. بىكار-تەلەت، قۇرغاق كۆڭۈللەر ناھايىتى ئاسانلا بۇنداق خىياللارنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمما يۈكسەك روھقا ئىگە، ئۈمىدۋار قەلبكە بۇنداق خىياللار ئاسانلىقچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئىنساندا يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپس ۋە ئارام تاپقۇچى نەپىستىن ئىبارەت ئىككى خىل نەپسنى جايلاشتۇرغان. بۇ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن قارشىدۇر. ئۇلارنىڭ بىرىگە ئېغىر كەلگىنى يەنە بىرىگە قولاي تۇيۇلىدۇ. بىرى ھوزۇر ھېس قىلغاندىن يەنە بىرى يىرگىنىدۇ. يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپسكە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرۈشتىنمۇ قىيىن ئىش بولمايدۇ. ۋاھالەنكى ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھقا ئەمەل قىلىش ۋە ئاللاھ رازىلىقىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرۈشتىنمۇ مەنپەئەتلىك ئىش يوق ئىدى. ئارام تاپقۇچى نەپسكە ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىش ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداشتىنمۇ قىيىن ئىش بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىش ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداشتىنمۇ زىيانلىق ئىش بولمايدۇ. ئىنسان قەلبىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە پەرىشتە، سول تەرىپىدە شەيتان تۇرىدۇ-دە، ئۇلار ئىنسان ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىزچىل كۆرەش قىلىدۇ. بارلىق باتىللار، ۋەسۋەسىلەر شەيتان ۋە يامانلىققا ئىنتىلگۈچى نەپىس بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. ھەقىقەت ۋە ياخشىلىقلار پەرىشتە ۋە ئاللاھقا تەلپۈنگۈچى نەپس بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. بۇ يەردە گىرەلەشمە جەڭ بولىدۇ. بەزىدە بىرى كۈچەيسە، بەزىدە يەنە بىرى كۈچىيىدۇ. پەقەتلا بەرداشلىق بېرىش ئارقىلق غەلىبىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. كىمكى سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلىسە، دائىم سەگەك تۇرسا ۋە ئاللاھتىن قورقسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «ياخشى ئاقىۋەت تەقۋالارغا خاس»، «ئاقىۋەتتىكى ياخشىلىق مۇتتەقىينلەرگە مەنسۇپتۇر» دېگەندەك مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان ھۆكۈمنى چىقىرىپ بولغان. دېمەك، قەلب بىر پارچە قۇرۇق قەغەز. خىياللار شۇ قەغەزگە سىزىلىدىغان نەقىشلەردۇر. ئەقىللىق ئادەم قانداقسىگە ئۆزىنىڭ قەغىزىگە يالغان، ساختا، قۇرۇق ئارزۇ-ئارمانلارنى نەقىشلىسۇن! بۇنداق قالايمىقان سىزىلغان قەغەزگە قانداقمۇ ھېكمەت، ھىدايەت ۋە ئىلىم نەقىشلەنسۇن! كىمكى ھېكمەت، ئىلىم ۋە ھىدايەتلەرنى مەزكۇر تاختايلارغا نەقىشلىمەكچى بولىدىكەن، گوياكى ئۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىلىملەرنى قالايمىقان سېزىلغان تاختايلارغان يازماقچى بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ناۋادا قەلبلەر پۈچەك خىياللاردىن قۇرۇقدالمىسا، مەنپەئەتلىك خىياللارغا ئورۇن قالمايدۇ. مەنپەئەتلىك خىياللار پەقەت پاك، تازىلانغان قەلىبلەردىلا ئورۇن ئالىدۇ.

شۇنداق، نۇرغۇنلىغان تەرىقەت پېشۋالىرى خىياللاردىن ساقلىنىش، قەلبتە خىيالغا ئورۇن بەرمەسلىك ئارقىلىق قەلبىنى قۇرۇغداپ، كەشپ-كارامەت ۋە ئۈستۈنكى ئالەم ھەقىقەتلىرىنىڭ زۇھۇرىنى قوبۇل قىلالايدىغان بىر سەۋىيەدە مەسلەك شەكىللەندۈرمەكچى بولۇشتى. ئۇلار گەرچە خىياللاردىن ئۆزىنى ساقلاشتىن ئىبارەت مەلۇم بىر نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن تەقدىردىمۇ، نۇرغۇنلىغان تەرەپلەردىن كەتكۈزۈپ قويۇشتى. ئۇلار قەلبىنى خىيال ۋە پىكىرلەردىن قۇرۇغدىۋېدى، قەلبلىرى قۇرۇق بىر نەرسىگە ئايلاندى. شەيتان ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ قۇرۇق ئىكەنلكىنى كۆردى-دە، دەرھاللا ئۇ يەرگە جايلىشىۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىگە باتىللارنى يىلتىز تارتقۇزغىلى تۇردى. ئۇلارغا باتىللارنى ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس قىلىپ كۆرسەتتى. ئەسلى ھىدايەت ۋە ئىلىمنىڭ ئاساسى بولغان پىكىر-خىياللارنىڭ ئورنىغا ھېلىقى باتىللارنى ئالماشتۇردى. قەلىب بارلىق خىيال ۋە پىكىلەردىن قۇرۇق بولغاندىن كېيىن شەيتان قەلبنىڭ بوشلۇقىنى كۆرۈپلا شۇ قەلبنىڭ ئىگىسىنىڭ ھالىغا يارىشا مەشغۇلاتلار بىلەن كاشىلا قىلغىلى تۇرىدۇ. ناۋادا ئۇ قەلبلەرنى پۈچەك، پەسەندى خىياللار بىلەن كاشىلا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، دەرھاللا بەندىنىڭ نىجاتلىقى ۋە ئىسلاھاتىغا زۆرۈر ئىرادىلەردىن، يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان دىنى ئىرادىلەردىنمۇ قەلبىنى قۇرۇقداتقۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ-دە، زاھىدلىق نامىدا ئۇلارنى بارلىق پىكىر ۋە سەۋەبلەرنى تەرك ئەتكۈزىدۇ.

شەيتان ئۇلارغا قەلبىنى مۇشۇنداق قۇرۇقداشنى كامالەت دەپ چۈشەندۈرىدۇ. كامالەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە خىياللارغا توشقان قەلبلەردە بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كامالەتلىكراقى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە مۇھەببىتى توغرىسىدا كۆپ پىكىر يۈرگۈزگەن، خىيال سۈرگەن ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن كىشىدۇر. شۇنىڭدەك ئەڭ چولتا، ئەڭ ناقىس ئادەم ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسى ۋە ئۆز كويىدىلا خىيال قىلىدىغان ئادەمدۇر. (ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز رازىلىقى كۆزلەيدىغان ۋە ئۆز مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈش كويىدا پىكىر قىلىدىغانلاردىن قىلسۇن!)

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە مۇھەببىتى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ پىكىر يۈرگۈزەتتى ۋە خىيال سۈرەتتى. ھەتتا بەزىدە نامازلىرىدىمۇ شۇنداق خىياللاردا بولۇپ قالاتتى. ئۇ ناماز ئۆتەۋېتىپ قوشۇننى قانداق تەرتىپلەش ھەققىدە خىيال سۈرۈپ قالاتتى. دېمەك، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جىھاد ئىبادىتى بىلەن ناماز ئىبادىتىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

مانا بۇ، بىر ئىبادەتتە تۇرۇپ خىلمۇ-خىل ئىبادەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بۇ ناھايىتى قىممەتلىك، ئۇلۇغ بىر ھالەتتۇركى، ئۇنىڭغا پەقەت ناھايىتى ماھىر ئادەملەرلا مۇشەررەپ بولالايدۇ. مانا بۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتىدۇركى، ئۇ ئۆز پەزلىنى خالىغان بەندىسىگە بېرىدۇ.

 
 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] ھاكىم رىۋايىتى

[2] بۇخارى رىۋايىتى

[3] سۈرە نۇر 39-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر