ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ چىراي-تۇرۇق ۋە شەكىل-قىياپەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

 

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى 

 

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر چىراي-تۇرۇق، شەكىل-قىياپەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. «تىرمىزى»دا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىگىزلىكىنى ئاتمىش گەز ياراتقان. ئادەملەرنىڭ بوي-تۇرقى ئىزچىل كىچىكلەپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن.»

 

ئاللاھ تائالا زىمىننى زالىملاردىن، گۇناھكار ۋە خائىنلاردىن پاكلاشنى ئىرادە قىلسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن بىر ئادەمنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ زۇلۇم، تەڭسىزلىكلەرگە توشۇپ كەتكەن بۇ دۇنيانى ئەدلى-ئادالەتكە پۈركەيدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدى ۋە ناسارالارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان دىننى ئىجرا قىلىدۇ. دۇنيا بەرىكەتكە پۈركىنىپ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىدۇ. بىر توپ ئادەملەر بىر دانە ئانارنى يەيدۇ ۋە ئۇنىڭ پوستىدا سايىدايدۇ. بىر ساپ ئۈزۈم بىر تۆگە ئېغىرلىقىدەك بولىدۇ. بىر تال ئۈزۈم دانىچىسى بىر توپ ئادەمگە يېتىدۇ. زېمىن گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن پاكلانغانلىقى تۈپەيلى گۇناھ-مەئسىيەتلەر ۋە كاپىرلىقلار ئۆچۈرۈۋەتكەن بەرىكەتلەر ئەسلىگە كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زېمىنغا ئەۋەتكەن جازالارنىڭ قالدۇقلىرى زېمىنغا سېڭىپ كەتكەن. بۇ قالدۇقلار بۇرۇنقى ئۇممەتلەرنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇلار يەنە ئۆزى شۇ سەۋەب ئەۋەتىلگەن جىنايەتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، كۆرۈلۈۋاتقان جىنايەت، گۇناھ-مەئسىيەت كۆرۈنۈشلىرى بۇرۇنقىلارغا ئەۋەتىلگەن شۇ ئازابلارنىڭ، جازالارنىڭ يۈز بېرىشىدىن دىرەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى، كائىناتتىكى قانۇنىيىتى باشتىن-ئاخىر بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ئېغىر جىنايەتلەرگە ئېغىر جازا، يەڭگىل جىنايەتلەرگە يەڭگىل جازا بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەرزەخ ئالەمىدە ۋە ھېساب ئالەمىدە مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

 

شەيتان بار يەردە بەرىكەت بولمايدۇ. ناۋادا بىر ئادەمنى شەيتان ئۆز ئېلكىگە ئېلىۋالسا، ئۇنىڭ ئۆمرىدىن، رىزقىدىن، ئىش-پائالىيەتلىرىدىن، گەپ-سۆزلىرىدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شەيتانغا ئەل بولغان ئادەمنىڭ ھاياتىدا شەيتانغا ئەل بولغانلىقنىڭ تەسىرى كۆرۈلىدۇ. شەيتانغا ئەل بولغانلىكى جايلاردا بەرىكەتسىزلىك يۈز بېرىدۇ. شەيتاننىڭ جايى جەھەننەم بولغاچقا، شەيتانغا ئەل بولغانلارنىڭ ھاياتىمۇ جەھەننەمدىكىدەك ئۆتىدۇ. جەھەننەم دېگەندە راھەت، رەھمەت، بەرىكەت نەدە تۇرۇپتۇ؟! 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 

باشقا خىزمەتلەر