ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
راست-يالغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ خەتىرى

راست-يالغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ خەتىرى

    راست-يالغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئىنسانلارنى ساراسىمىگە سالىدىغان، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىدىغان، قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئۆزۈپ تاشلايدىغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەردىن بولۇپ، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە مۇئمىن-مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار.» سۈرە ھۇجرات 6-ئايەت.

   بۇ، بىرەر خەۋەر كەلسە ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلاپ ئىش كۆرۈش ھەققىدە ئاللاھنىڭ چاقىرىقى بولۇپ، مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچۇر-خەۋەرلەرنى راست-يالغانلىقى ۋە پايدا-زىيانلىرى بىلەن ھېسابلاشماستىنلا تارقىتىشىنىڭ قەتئىي جايىز بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر. ئىنساننىڭ نېمىنى سۆزلەش، نېمىنى سۆزلىمەسلىكنى بىلىشى ھېكمەتنىڭ جۈملىسىدىن بولسا، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلىشى ھاماقەتلىك بولىدۇ.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ ئاڭلىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلىشى ئۇنىڭ يالغانچى بولىشىغا يېتەرلىك.» ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

   ئىبنى ھەببان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستە ئىنساننىڭ ئاڭلىغانلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلىماستىنلا تارقىتىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بار.

   ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ ئاڭلىغانلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلىماستىنلا تارقىتىشى پىتنە-پاسات تارقاتقانلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.»

    ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم مۇغىرە ئىبنى شۆئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېيىلدى، دېدى دېگەنلەردىن يەنى ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىشتىن توسقانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

   تارىختا پىتنە-پاساتلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس. پاسىق ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل تارقاتقان، مۇناپىقلار راۋاجلاندۇرغان، بەزى مۇسۇلمانلار تەسىرىگە ئۇچرىغان بوھتان ۋە پىتنە-پاسات ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى. مۇسۇلمانلارنى تۇلۇق بىر ئاي ساراسىمىگە سالغان بۇ پىتنە-پاساتنىڭ ئاللاھ تائالا قىيامەتكىچە تىلاۋەت قىلىنىدىغان قۇرئان كەرىمدە يالغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەنلىكى يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇ سىلەر ئۈچۈن يامان ئەمەستۇر، (سەۋر قىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەلكى ياخشىدۇر، بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» سۈرە نۇر 11- ئايەت.

   ئۇھۇد غازىتىدا مۇشرىكلەرنىڭ: «مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) ئۆلتۈرۈلدى» دەپ تارقاتقان يالغان خەۋەر مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يېتىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

   يەھۇدى ئىبنى سەبەئنىڭ: «ئوسمان ئىبنى ئەففان قۇرئان كەرىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى» دەپ تارقاتقان پىتنە-ئىغۋاسى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان.

   يەھۇدىيلارنىڭ تارقاتقان يالغان خەۋەر ۋە پىنە-ئىغۋالىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرقى قورغانى بولغان ئوسمانىيە خەلىپىلىكىنىڭ يىقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

   دېمەك، تارىختىكى چوڭ-كىچىك ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا يالغان ئۇچۇرلار ئاساسلىق رول ئوينىغان.

   شۇنىڭ ئۈچۈن ئوچۇر-خەۋەرلەرنى تارقىتىشتىن ئاۋۋال ئېنىقلاش ۋە پايدا-زىيانلىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

   ئۆلىمالارنىڭ ئۇچۇر-خەۋەرلەرنى تارقىتىش ھەققىدىكى بايانلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

   بىرىنچى نۇقتا: ئېنىقلاش بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكى ئىككى يول بىلەن بولىدۇ:

   1. خەۋەرنى ئۆلىمالار ۋە يېتەكچىلەردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(مۇئمىنلەرگە ئائىت) ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچنىڭ بىرەر خەۋىرى ئۇلارغا يەتسە، ئۇنى تارقىتىدۇ، ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە (مۇئمىنلەر)نىڭ ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلسا، (شۇ) خەۋەرنى چىقارغۇچىلار (شۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى) ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى.» سۈرە نىسا 83-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

   شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ، ئاللاھ تائالادىن بەندىلىرى ئۆزلىرىگە مۇناسىپ بولمىغان ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەدەپلەشتۇر. مۇئمىنلەر بۇنداق خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا ئالدىرماسلىقى، ئېنىقلىشى، بەلكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە يەتكۈزىشى لازىم. ئىش ئۈستىدىكىلەر بۇنى تارقىتىش مۇئمىنلەرنى سۆيۈندۈرۈپ، دۈشمەنلەرنى غەمكىن قىلىدىغان خەۋەر دەپ قارىسا تارقىتىدۇ، ئەگەر بۇنى تارقىتىشنىڭ مۇئمىنلەرگە پايدىسى يوق ئىكەن ياكى پايدىسى بولسىمۇ، پايدىسىدىن زىيىنى ئېغىر بولىدىكەن دەپ قارىسا تارقاتمايدۇ. تارىختا خەۋەرلەرنى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلىش ۋە ئۇلاردىن سوراش بىلەن، نۇرغۇن زىيانلارنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

   2-خەۋەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، پايدا-زىيىنىنى ھېسابلاپ كۆرۈش. ئەگەر ھەربىر مۇئىن-مۇسۇلمان بىرەر ئۇچۇر ئاڭلىغاندا مۇشۇ قائىدە بويىچە ئىش قىلىدىغان بولسا، مۇئمىن-مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۇنچىۋالا يالغان ئۇچۇرلار تارقالمىغان بولاتتى.

   ئىككىنچى نۇقتا: پىتنە-پاسات ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقۇچىنىڭ پاسىقلارنىڭ جۈملىسىدىن بولدىغانلىقىنى بىلىش. چۈنكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى راست بولىشى ناتايىن، بەلكى خەۋەرلەر ئىچىدە راست ۋە يالغان خەۋەرلەر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تارقاتقان كىشى يالغان خەۋەر تارقاتقانلىق دائىرىسىگە كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇنداق كىشىلەرنى پاسىقلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلغان.

   ئەقىل ئىگىسى ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى بەزى خەۋەرلەر راست بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تارقىتىشتا ھېچقانداق پايدا يوقلۇقىنى ياخشى بىلىدۇ.

    ئۈچىنچى نۇقتا: پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش. سىز پەرۋاسىزلىق بىلەن تارقاتقان بىر ئۇچۇر بىر ئىنسانغا ئەزىيەت كەتكۈزۈشى، بىر ئائىلىنى ھەيران قىلىشى ياكى بىرەر جامائەتنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقىنى بۇزۇشى مۇمكىن. سىز يوللىغان ئۈچۈر غەيۋەت ياكى باشقا بىرەر گۇناھ خاراكتېرلىك ئۇچۇر بولۇپ، توپتىن توپقا تارقىتىلىش نەتىجىسىدە، سىزنى گۇناھلار دۆۋىسىگە كۆمۈۋېتىشى مۇمكىن.

   مۇئمىن-مۇسۇلمانلار ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ۋاقىتتا تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:

   1. مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ياخشى گۇماندا بولۇش. ئۇ ئىچكى يەنى ۋىجدانىي پاكىت تەلەپ قىلىش ۋە مۇسۇلمان بۇرادىرىنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا قويۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر-ئايال مۇئمىنلەر نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟» سۈرە نۇر 12- ئايەت.

   2. تاشقى پاكىت تەلەپ قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ.» سۈرە نۇر 13- ئايەت.

   3. پىتنە-ئىغۋالارنى باشقىلارغا سۆزلىمەسلىك ۋە تارقاتماسلىق. چۈنكى مۇسۇلمانلار شۇنداق قىلسا، پىتنە-پاسات ئۆزىنىڭ بۆشىكىدىلا ئۆلىدۇ، ئۇنى مۇناپىقلاردىن باشقىلار تىرىلدۈرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر دېمىدىڭلار.» سۈرە نۇر 16-ئايەت.

   4. ئۇچۇر-خەۋەرلەرنى خەلق ئارىسىغا تارقاتماي تۇرۇپ، ئۆلىما ۋە يېتەكچىلەردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلىش. بۇ ھەرقانداق مۇھىم خەۋەرلەر ھەققىدىكى ئومۇمىي قائىدەدۇر.

   5. يالغانچىلار، مۇناپىقلار، غەيۋەتخورلار ۋە قەلبى كېسەللەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق ۋە رازى بولمسلىق. مانا بۇ سالىھلارنىڭ تۇتقان يولىدۇر.

   بىلىشىمىز زۆرۈركى، پىتنە-پاسات ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئاللاھ تائالا ساقلىغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭدىن سالامەت قالالمايدۇ. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ كائىنات قانۇنىيەتلىرىگە بولغان تونۇش ئاجىز بولغان ئىنسانلار ئارىسىدا پىتنە-پاساتلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولىدۇ.

   پىتنە-پاسات سەۋەبلىك ۋەقە ۋە ھادىسىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا ئاقىللار ئەخمەقلارنى توسۇپ قېلىشتىن، چوڭلار ئۇنىڭ ئوتىنى ئۈچىرىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭدىن ساقلاپ قېلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. مانا بۇ پىتنە-پاساتنىڭ تەبىئىتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا-قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.» سۈرە ئەنفال 25-ئايەت.

   ئويدۇرما ھەدىسلەرنى تارقىتىش تېخىمۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى ئويدۇرغۇچى ۋە تارقاتقۇچىلار ئۆزلىرىنى دوزاخ ئوتىغا توغرىلىغان بولىدۇ. توپلاردا ئويدۇرما ھەدىسلەرنى تارقىتىش ئىشىنىڭ كۆپلۈكى ئادەمنى ئېچىندۈرىدۇ. توغرا-راست ھەدىسلەرنى، قىممىتى يۇقىرى ئىلمىي ماقالىلارنى تارقىتىدىغانغا ئادەم يوق، ئويدۇرما ھەدىسلەرنى، راست-يالغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغانلار ناھايىتى كۆپ.

   تارقاتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئەڭ زىيان تاتقۇچىلاردۇر. كۆپلىگەن ئىشلار باركى، كۆرۈنۈشتە ئوبدان ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ياكى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئوبدان ئىش بولماي قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟. ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر.» سۈرە كەھف 103-، 104-ئايەتلەر.

   شەھۋانىي ئۇچۇر، شەھۋانىي سۈرەت-فىلىملەرنى تارقىتىشمۇ ناھايىتى خەتەرلىكتۇر. كۆپىنچە توپلاردا 200 دىن كۆپ كىشى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق بىر نەرسە 10 توپقا يوللانسا 2000 دىن ئارتۇق ئادەمگە، 100 توپقا يوللانسا 200000 دىن كۆپ ئادەمگە يوللانغان بولىدۇ. ھەتتاكى يوللىغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇ يوللىغان نەرسىلەر داۋام قىلىپ، يوللىغۇچىنىڭ ئەمەللىرى دەپتىرىگە يېزىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ ۋە ئۇ يوللىغان نەرسىلەر بىلەن يولدىن چىققانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن جاۋابكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلدى)، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان!» سۈرە نەھل 25-ئايەت.

 

   ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

  

 

***

 

باشقا خىزمەتلەر