ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
گەپ-سۆزلەر گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ يوچۇقىدۇر
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
تىلى ساقلا ئادەم گەپ-سۆز قىلماي ياشىيالمايدۇ. بىراق گەپ-سۆزلەرگە ناھايىتى دىققەت قىلىش لازىم. سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا گەپ-سۆزلەر ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، دىنى ۋە تەقۋادارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق قۇرۇق پاراڭلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز گەپ قىلىشتىن بۇرۇن «مېنىڭ بۇ گېپىمنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بار، ناۋادا ئەھمىيىتى بولسا، مۇشۇ گېپىم ئارقىلىق بۇنىڭدىنمۇ زور ئەھمىيەتلىك گەپلەر تاشلىنىپ قالامدۇ-يوق؟!» دېگەنلەرنى ئويلاپ بېقىشىمىز لازىم. ناۋادا قىلماقچى بولغان گەپ-سۆزلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق بولسا، ئۇنىڭدىن ساقلانمىقىمىز لازىم. تىل دىلنىڭ ئەينىكى، ئۇ بىز خالايلى ياكى خالىمايلى دىلىمىزدىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
يەھيا ئىبنى مۇئاز مۇنداق دەيدۇ: «گوياكى قەلىب قازان، تىل چۆمۈچتۇر». قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدىغۇ؟! قەلبىمىز تاتلىق بولسا، چۆمۈچكە تاتلىق چىقىدۇ، ئاچچىق بولسا ئاچچىق چىقىدۇ. گوياكى قازاندىكى نەرسىلەرنىڭ تەمىنى تىل بىلەن تىتىغىلى بولغاندەك، بىر ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنىڭ تىلى ئارقىلىق تىتىغىلى بولىدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىنساننىڭ قەلبى تۈزەلمەي تۇرۇپ ئىمانى تۈزەلمەيدۇ. تىلى تۈزەلمىسە، قەلبى تۈزەلمەيدۇ.»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىنساننىڭ دوزاخقا كىرىشىگە ئەڭ بەك سەۋەب بولىدىغان نەرسىنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئېغىز ۋە ئەۋرەت» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەرگە چىققانىدىم. بىر كۈنى يولدا كېتىۋېتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىشىپ قالدىم ـ دە:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە دوزاختىن يىراقلاشتۇرىدىغان بىرەر ئەمەلنى دەپ بەرگەن بولساڭ، ـ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئى مۇئاز! سەن ناھايىتى چوڭ بىر ئىشنى سورىدىڭ. بىراق ئۇ ئىش ئاللاھ ئاسان قىلغان كىشىگە ئاسان. ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىل، نامازنى جايىدا ئادا قىل، زاكات بەر، روزا تۇت، ھەج قىل. مەن ساڭا بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ روزا ــ ئىنساننى گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقان؛ سەدىقە ــ سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك گۇناھلارنى ئۆچۈرگۈچى؛ كېچىدە قوپۇپ ناماز ئوقۇش ــ تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنىڭ ئالامىتىدۇر، ـ دېدى. ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن -كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلىمەيدۇ.»[1]
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە:
ــ مەن ساڭا بۇ دىننىڭ بېشى، تۈۋرۈكى ۋە يۈكسەك پەللىسىنى دەپ بېرەيمۇ؟ ـ دېدى. مەن:
ــ خوپ، دەپ بەرگىن، ـ دېۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ بۇ دىننىڭ بېشى ئىسلام (يەنى ئىسلامنى ھەقىقىي قوبۇل قىلىش)، تۈۋرۈكى ناماز، يۈكسەك پەللىسى جىھادتۇر، ـ دېدى. ئاندىن:
ــ مەن ساڭا بارلىق ياخشىلىقنىڭ جۇغلانغان يېرىنى دەپ بېرەي، ـ دېدى ۋە ماڭا تىلىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
ــ تىلىڭنى چىڭ تۇت! ـ دېدى. مەن:
ــ ئى رەسۇلۇللاھ! بىز سۆزلىرىمىزدىنمۇ ھېساب بېرەمدىمىز؟ ـ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ــ ئىسىت ساڭا، ئى مۇئاز! كىشىلەرنى دوزاخقا دۈم تاشلايدىغان نەرسە شۇ تىللىرى بولماي نېمە؟ ـ دېدى.»[2]
شۇنىسى ناھايىتى ھەيران قالارلىقكى، ئىنسان ھارام يىيىش، زۇلۇم، زىنا، ئوغرىلىق، ھاراقكەشلىك ۋە نامەھرەمگە قاراش قاتارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنالىغىنى بىلەن تىل ئارقىلىق ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان گۇناھلاردىن ساقلىنالىشى ئىنتايىن قىيىن. ھەتتا دىندارلىق، تەقۋادارلىق، زاھىدلىق ۋە ئىبادەتگۇيلۇقتا خىلى ئالاھىدە ھېسابلىنىدىغان ئادەملەرمۇ پەرۋاسىزلا ئاللاھنى نارازى قىلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ تاشلايدۇ. ھەتتا پاھىشە، زۇلۇم قاتارلىق گۇناھلاردىن قاتتىق پەرھىز قىلىدىغان نۇرغۇن ياخشى كىشىلەرمۇ كىشىلەرنىڭ ھەتتا تېخى ئۆلۈكلەرنىڭمۇ ئىززەت-ئابرويىغا چېقىلىدىغان، ئېغىزىدىن چىققان گەپ-سۆزلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان ئىشلار بار.
دەرۋەقە ئۇستاتلىق قىلىپ، بىلەرمەنلىك قىلىپ، پەرۋاسىزلا دەپ قويغان بىر كەلىمە سۆزمۇ بەزىدە ئىنساننى ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«بىر كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھ پالانچى ئادەمنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ، دېگەنىدى، ئاللاھ تائالا: مېنىڭ پالانچىنى كەچۈرمەسلىكىمگە قەسەم ئىچكەن كىشى كىم؟ ئەلۋەتتە، مەن پالانچىنىڭ گۇناھىنى كەچۈردۈم ۋە سېنىڭ قىلغان ئەمەلىڭنى بىكار قىلدىم، ـ دېدى.»[3] مانا بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ھېلىقى ئادەم ئاللاھقا تولا ئىبادەت قىلىدىغان بىر ئابىد بەندە ئىدى. ھېلىقى بىر جۈملە سۆزى ئارقىلىق ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى كۆيۈپ كەتتى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر ئىنسان بىلىپ ـ بىلمەي ئاللاھنى رازى قىلىدىغان بىر سۆزنى قىلىدۇ ۋە بۇ سۆزى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتتىكى ماقامىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بىر ئىنسان بىلىپ ـ بىلمەيلا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان بىر سۆزنى قىلىدۇ ۋە بۇ سۆزى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇنى جەھەننەمگە تاشلايدۇ.»[4]
بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ۋاريانتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شۈبھىسىزكى، بىر ئادەم ئۆزىمۇ تازا ئېنىق چۈشىنىپ كەتمىگەن سۆزلەرنى سۆزلەيدۇ-دە، شۇ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخنىڭ شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك يىراق چوڭقۇرلۇقىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.»
بىلال ئىبنى ھارىس مۇزەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان بىر سۆزنى قىلىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھېلىقى سۆزى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا قىيامەتكىچە ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى پۈتىدۇ. يەنە سىلەردىن بىراۋ ئۆزىنىڭ قايسى دەرىجىگە كەتكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماستىن، ئاللاھنى نارازى قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئاللاھ شۇ سۆز تۈپەيلىدىن ھېلىقى ئادەمگە تا قىيامەتكىچە ئۆزىنىڭ غەزىپىنى پۈتىدۇ.»[5]
ئەلقەمە مۇنداق دەيدۇ: «بىلال ئىبنى ھارىس رىۋايەت قىلغان مەزكۇر ھەدىس مېنى نۇرغۇن سۆزلەردىن توسۇپ قالدى.»
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ساھابىلەردىن بىرىنىڭ ۋاپاتىدا بىر ئادەم:
-بۇ ئادەم جەننەتتە بولىدۇ، ـ دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ـ سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكى ئەھمىيەتسىز سۆزلەرنى سۆزلىگەندۇ ياكى ئۆزى ئېھتىياجلىق بولمىغان نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىپ قويغاندۇ؟! ـ دېدى[6].
مەزكۇر ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋاريانتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىر يىگىت ئوھۇد كۈنى شېھىد قىلىندى. ئۇ ئاچلىقتىن قورسىقىغا تاش تېڭىۋالغان ھالەتتە تېپىلدى. ئانىسى ئۇنىڭ يۈزىدىكى توپىلارنى سۈرتىۋېتىپ: مۇبارەك بولسۇن ئوغلۇم، ئەھلى جەننىتى بولدۇڭ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن نېمە بىلىسەن، بەلكى ئۇ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ قويغاندۇ ياكى ئۆزىگە زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەردىن بېخىللىق قىلغاندۇ، دېدى.»
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ياكى ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن.»[7]
يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ۋاريانىتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بىرەر ئىشنى كۆرگەندەك ياخشى سۆزلىسۇن ياكى جىم تۇرسۇن.»
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر ئادەمنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى ئۇنىڭ ياخشى مۇسۇلمانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.»
سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ سەقەفىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ماڭا ئىسلامدىكى بىر سۆزنى دەپ بەرسەڭ، مەن ئۇ ھەقتە باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمىسام» دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا ئىشەندىم دېگىن ۋە شۇ يولۇڭدا مۇستەھكەم تۇرغىن» دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ سىلى مېنىڭ قانداق بولۇپ قېلىشىمدىن ئەڭ ئەنسىرەيلا، دېدىم. ئۇ تىلىنى چىقاردى ۋە ئۇنى تۇتۇپ، مانا مۇشۇنىڭدىن ئەڭ ئەنسىرەيمەن، دېگەنىدى.»
ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىنسان سۆزلىگەن ھەرقانداق سۆز ئۇنىڭ زىيىنىغا بولىدۇ. پەقەت ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ياكى ئاللاھنى ئەسلەشلا ئىنساننىڭ پايدىسىغا ماڭىدۇ.»[8]
يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: «قاچانكى تاڭ ئاتسا ئىنساننىڭ بارلىق ئەزالىرى تىلغا «ئاللاھتىن قورق، بىزنىمۇ ئويلاپ قوي، بىز ساڭا قاراشلىق، ناۋادا سەن توغرا يولدا بولساڭ بىزمۇ توغرا يولدا بولىمىز. ناۋادا سەن قېيىپ كەتسەڭ بىزمۇ قېيىپ كېتىمىز» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرىدۇ.
سەلەپلەر ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بىرى ھەتتا «بۈگۈن ئىسسىق بولدى، بۈگۈن سوغۇق بولدى» دېگەنگە چاغلىق گەپلىرىدىنمۇ ئۆزىدىن ھېساب ئالاتتى.
مەشھۇر ئۆلىمالاردىن بىرى بىرەيلەننىڭ چۈشىگە كىرىپتۇ. ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپتۇ. ئۇ: مەن «كىشىلەر يامغۇرغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتتى» دېگەن بىر ئېغىز سۆزۈم ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلدۇم. ماڭا (پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن) «سەن بەندىلەرنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى نېمە بىلىسەن؟ مەن بەندىلىرىمنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن» دېيىلدى، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
بىر ساھابە بىر كۈنى دېدىكىگە «داستىخان ھازىرلىغىنا، بىر پەيزى قىلايلى!» دېدى، ئاندىن: ئى ئاللاھ مېنى كەچۈر، مەن ھەرقانداق گەپنى تىزگىنلەيتتىم، لېكىن مۇشۇ سۆز تىزگىنسىز چىقىپ كېتىپ قالدى، دېدى.
ئەڭ ئاسان ھەرىكەتلىنىدىغان ئەزا تىلدۇر. شۇنداقلا ئۇ ئىنسانغا خەتىرى ئەڭ كۆپ ئەزادۇر.
سەلەپ ۋە خەلەپ ئۆلىمالار پەرىشتىلەر «ئىنسان سۆزلىگەنلىكى گەپنىڭ ھەممىسىنى يازامدۇ ياكى ياخشى-يامانغا ياتىدىغان سۆزلىرىنىلا يازامدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى ۋە مۇنداق ئىككى خىل قاراشقا كەلدى:
بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنى زىكرى قىلىش ۋە شۇ قاتاردىكى لەۋزىلەردىن باشقا سۆزلەنگەن ھەر قانداق سۆزلەر ئىنساننىڭ زىيىنىغا ماڭىدۇ.»
ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «مۇشۇ ھەممە قىلغۇلۇقنى قىلدى» دېگەنىكەن.
گەپ-سۆز ئىنسانغا ئەسىردۇر. ناۋادا ئۇ ئېغىزدىن چىقىپلىۋالسا ئىنسان ئۇنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار. ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ.»[9]
تىلنىڭ ئىككى ئاپىتى بار. بىرى سۆزلەش ئاپىتى يەنە بىرى سۈكۈت ئاپىتى. بۇ ئىككىنىڭ بىرىدىن ساقلىنالىغان ئادەم شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدىن يەنە بىرىدىن ساقلىنالمايدۇ. بۇلارنىڭ گۇناھى بەزىدە يەنە بىرىدىن يۇقىرى بەزىدە تۆۋەن بولىدۇ.
ئۆزىگە خەۋپ يەتمەيدىغان يەردىمۇ ھەقىقەتتىن سۈكۈت قىلغان ئادەم تىلسىز شەيتاندۇر، ئۇ ئاسىي، تەخسىكەش ھېسابلىنىدۇ. باتىلنى سۆزلىگەن ئادەم تىللىق شەيتاندۇر. كۆپىنچە ئادەملەر قەيەردە سۆزلەپ، قەيەردە سۆزلىمەسلىك مەسىلىسىدە خاتالىشىدۇ. ئوتتۇرىدىكى يولنى تۇتۇپ، بۇلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىغانلار توغرا يولدىكى كىشىلەردۇر. ئۇلار باتىلدىن تىلىنى ساقلىغان، ئاخىرىتىگە مەنپەئەتلىك ئىشلاردا تىلىنى ئىشقا سالالايدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئاخىرىتىگە زىيانلىق تۈگۈل دۇنيا ۋە ئاخىرىتىگە مەنپەئەتسىز ھېچقانداق گەپ قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، بەندە قىيامەت كۈنى تاغدەك ياخشىلىقلىرى بىلەن ھازىر قىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ، تىلى سەۋەبلىك پۈتۈن ياخشىلىقلىرىنى تۈگەشتۈرۈپ بولغان بولىدۇ. يەنە بىر ئادەم تاغدەك يامانلىقلىرى بىلەن ھازىر قىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ، ئاللاھنى تولا ئەسلەش ۋە شۇ قاتاردىكى ياخشىلىقلار ئارقىلىق يامانلىقلىرىنى تۈگىتىپ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر