ھىجرىيە: | مىلادىي: 22 Ocak 2022

چىكىنىڭ
ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز، ئىرادە ۋە نىيەتلەردىكى شېرىكلەر

 ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز، ئىرادە ۋە نىيەتلەردىكى شېرىكلەر

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

شېرىكنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈرلىرىگە ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز، ئىرادە ۋە نىيەتلەردىكى شېرىكلەرمۇ ئەگىشىدۇ.

ئىش-ھەرىكەتلەردىكى شېرىك دېگىنىمىز، ئاللاھتىن باشقىغا سەجدە قىلىش، بەيتۇللاھتىن باشقا جايلارنى تاۋاپ قىلىش، ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلىش ياكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرسىتىش مەقسىتىدە بېشىنى چۈشۈرۈش، ھەجەرۇل ئەسۋەدتىن باشقا تاشلارنى سۆيۈش، قەبرىلەرنى سۆيۈش ۋە ئۇلۇغلاش مەقسىتىدە سىلاش، قەبرىلەرگە سەجدە قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ياخشىلارنىڭ قەبلىرىنى مەسچىت قىلىۋالغۇچىلارغا لەنەت قىلغان يەردە، قەبرىلەرنى ۋە قەبرىدىكىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!

سەھىھۇل بۇخارى ۋە مۇسلىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رېۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ يەھۇدى ۋە ناسارالارغا لەنەت قىلسۇنكى، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسچىت قىلىۋالدى».

سەھىھۇل بۇخارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامىنى ھايات تۇرۇپ قىيامەت قايىم بولغان ئادەم ۋە قەبرىلەرنى مەسچىت قىلىۋالغان كىشىلەردۇر.»

سەھىھۇل بۇخارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «شۈبھىسىزكى، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەر ئىچىدە قەبرىلەرنى مەسچىت قىلىۋالىدىغانلار بار ئىدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەر ھەرگىز قەبرىلەرنى مەسچىت قىلىۋالماڭلار، مەن سىلەرنى ئۇنىڭدىن چەكلەيمەن.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا، قەبرىلەر ئۈستىگە مەسچىت سېلىۋالغۇچىلارغا، قەبرىلەرگە چىراق ياققۇچىلارغا لەنەت قىلدى.»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسچىت قىلىۋالغان قەۋملەرگە قاتتىق غەزەپ قىلدى.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بۇرۇنقى كىشىلەر ئىچىدە ئىچىدە بىرەر ياخشى ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت سېلىپ، مەسچىتكە ھېلىقى ئادەمنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىپ قويىدىغان ئىش بار ئىدى. ئەنە ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ھېسابلىنىدۇ.»

قەبرىلەر ئۈستىگە مەسچىت سېلىپ، مەسچىتتە ئاللاھقا سەجدە قىلغانلارنىڭ ھالى مۇشۇنداق تۇرسا، ئۇنداقتا قەبرىلەرنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە سەجدە قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ قەبرەمنى ئىبادەت قىلىنىدىغان بۇتقا ئايلاندۇرمىغايلا» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋھىدنى ناھايىتى زور كۈچ بىلەن قوغدىغان، ھەتتاكى، قۇياشقا ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىبادىتىگە ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن كۈن چىقىۋاتقان ۋە پېتىۋاتقان ۋاقتلاردا نەپلى ناماز ئوقۇشتىنمۇ چەكلىگەن. ھەتتا مۇشرىكلار قۇياشقا سەجدە قىلىدىغان ۋاقتلارغا ئۇدۇل كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەسىردىن كېيىن ۋە تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ناماز ئوقۇشتىنمۇ چەكلىگەن ئىدى.

ئەمما ئاللاھتىن باشقىغا سەجدە قىلىش مەسىلىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېنىق قىلىپ «ھېچبىر ئادەمنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىشىگە سەجدە قىلىشى لايىق بولمايدۇ» دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «لايىق بولمايدۇ» دېگەن سۆزى غايەت دەرىجىدىكى ئىنكارنى بىلدۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر.»[2]

«قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق، بۇ، ئۇلارغا لايىق ئەمەس.»[3]

«سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش (يەنى سەندىن باشقىغا چوقۇنۇش) بىزگە (ۋە سېنىڭ مەخلۇقاتىڭدىن ھېچ ئەھەدىگە) لايىق ئەمەس.»[4]

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] ئەھمەد ۋە ئىبنى ھەببان رىۋايىتى

[2] سۈرە مەريەم 92-ئايەت

[3] سۈرە شۇئەرا 21-ئايەت

[4] سۈرە فۇرقان 18-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر