ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
گەپ-سۆزلەردىكى شېرىك
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشمۇ شېرىكنىڭ قاتارىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم ئىچكەن بولسا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.»[1]
ناۋادا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە «ئاللاھ خالىغىنى ۋە سەن خالىغىنىڭ بولىدۇ» دېگەن بولسا، بۇ گەپمۇ شېرىككە ياتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامغا بىر ئادەم «ئاللاھ خالىغان ۋە سەن خالىغىنى بولىدۇ» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتامسەن؟! ئاللاھ خالىغىنىلا بولىدۇ، دېگىن» دەپ تۈزەتكەن ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئىنساندا خالاش، خالىماسلىق خاھىشى بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر. » دېگەن سۆزىدىمۇ ئىنساندا خالاش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەمما ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى مەخلۇقنىڭ خاھىش ۋە ئىرادىسىگە قاراشلىق قىلىپ قويۇش شېرىككە ياتىدىغان ئىشلاردۇر.
«ئاللاھقا ۋە ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم»، «مەن ئاللاھنىڭ ۋە سېنىڭ ھىمايەڭدە»، «مېنىڭ ئاللاھتىن ۋە سەندىن باشقا ھېچنەرسەم يوق»، «بۇ ئاللاھنىڭ ۋە سىلىنىڭ ئىلتىپاتلىرى»، «بۇ ئاللاھنىڭ ۋە سىلىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن بولدى»، «ماڭا ئاسماندا ئاللاھ، زېمىندا ئۆزلىرى بار»، «ئاللاھ بىلەن ۋە سىلىنىڭ ھاياتلىرى بىلەن قەسەم»، «ئاللاھ يولىدا ۋە پالانى يولىدا»، «مەن ئاللاھقا ۋە پالانىغا تەۋبە قىلىمەن»، «ئاللاھتىن ۋە پالانىدىن ئۈمىدىم بار»... دېگەندەك سۆزلەرمۇ شېرىككە ياتىدۇ.
يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامغا قارىتا «ئاللاھ خالىغان ۋە سەن خالىغىنى بولىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئارىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى! قېنى بۇ گەپلەرنىڭ قايسى بەك ئېغىركەن؟!
شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامغا قارىتا «ئاللاھ خالىغان ۋە سەن خالىغىنى بولىدۇ» دېگەن ئادەمگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتامسەن؟!» دەپ تەنبىھ بەرگەن ئىدى. ناۋادا يۇقىرىقى سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يىقىنمۇ كېلەلمەيدىغان، بەلكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتا دېيىلسىچۇ؟!
سەجدە، ئىبادەت، تەۋەككۇل، تەۋبە، تەقۋادارلىق، قورقۇش، ھامىيلىق، نەزىر، قەسەم، تەسبىھ، تەكبىر، ھەمدۇ -سانا، ئىستىغپار، بويسۇنۇش، ئىبادەت، تاۋاپ، دۇئا... قاتارلىقلار ئاللاھنىڭلا ھەققىدۇر. ئاللاھتىن باشقا نە مۇقەررەب پەرىشتىلەر بولسۇن، پەيغەمبەرلەر بولسۇن ھېچكىشىگە لايىق ئەمەستۇر.
مۇسنەددە مۇنداق بىر ۋەقەلىك رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىر گۇناھكار ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا كېلىپ «ئى پەرۋەردىگارىم، مەن ئۆزلىرىگە تەۋبە قىلىمەن، مۇھەممەد (ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامى بولسۇن) گە تەۋبە قىلمايمەن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (بۇنى ئاڭلاپ): بۇ ئادەم ھەق ئىگىسىنى لايىق رەۋىشتە تونۇپتۇ، دېدى».
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر