ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
ئىسلام دىنى كېلىپ ئىنسانىيەتنى ھىدايەت نۇرىغا چۆمدۈردى.
ھۆرمەتلىك ئەللامە دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم شۇرەيم
(21/12/1431هـ 27/11/2010م)
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتىلىشىدىن بۇرۇن ئىنسانلار جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا، زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىك ئىچىدە ياشايتتى، ئىسلام دىنى كېلىپ ئىنسانىيەتنى ھىدايەت نۇرىغا چۆمدۈردى» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ئىنسانىيەت، ۋەھيى كېلىشتىن بۇرۇن جاھىلىيەت قاراڭغۇلىقىدا، پىتنە-پاسات ئىچىدە ياشايتتى. كۈچلۈك ئاجىزنى بوزەك قىلاتتى، يۈزلۈك، ئابرويلۇق قەبىلىدىن بولغان بىرسى ئوغۇرلۇق قىلسا جازاغا تارتىلمايتتى، ئاجىز ئوغۇرۇلۇق قىلسا، جازاغا تارتىلاتتى. جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەممە يەردە زۇلۇم، تەڭسىزلىك، قاتىللىق ۋە بۇلاڭچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، ھەممە تەرەپنى جاھالەت قاراڭغۇلىقى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. پەيغەمبەر كېلىشتىن بۇرۇن زۇلۇم شۇنداق ئەۋجىگە چىققان ئىدىكى، زۇلۇم قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېۋېلىش شەرەپلىك ئىشلاردىن سانىلاتتى. زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىك جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ پەخىرى ئىدى. زۇلۇم قىلمىغان ئادەم، نورمال ئادەم ھېسابلانمايتتى.
زۇلۇمنىڭ سىموۋۇلى بىگۇناھ قان تۆكۈشتە، نامۇس-شەرەپلەردە، ماللاردا، تارازىدا كەم بېرىشتە ۋە ئاياللارنى خارلاشتا گەۋدىلىنەتتى. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەڭ قەبىھ ئىشلاردىن بىرى قىز بالىلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئاياللارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە قۇدۇقتىن سۇ تارتىش، جاڭگاللاردىن ئوتۇن يىغىش ۋە ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق ئىدى. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىنسانلار بىر-بىرىگە قارشى تۈگىمەس-پىتمەس ماجىراغا كىرىپ قالغان بولۇپ، ئايىغى چىقماس قەبىلە ئۇرۇشلىرى يىللارچە داۋاملىشاتتى.
شۇنداق بىر زۇلمەتلىك زاماندا، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەق دىن بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئىنسانلىرىنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلدى، شېرىكى يوق، تەڭداشسىز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىردى. ئىنسانلارنى بەندىلەرگە چوقۇنۇشتىن قايتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا چوقۇنۇشقا چاقىردى ۋە ئىنسانىيەتنى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن ھىدايەت نۇرىغا ئېلىپ چىقتى. شىرىكتىن ئىبارەت دىنلارنىڭ زۇلۇملىرىدىن تەۋھىدتىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقاردى. دۇنيانىڭ تارچىلىقىدىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ كەڭچىلىكىگە ئېلىپ چىقتى. شېرىك ئەقىدىسىنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. زۇلۇم، تەڭسىزلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىققا خاتىمە بەردى.
ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئىنتايىن ئۇلۇغلىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى. جاھىلىيەتتىكى ئىنسانلار تەبىقىسىنىڭ زور پەرقلىرىنى تۈپتىن يوقاتتى. ئاق تەنلىك بىلەن قارا تەنلىكنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقلىقىنى بەلگىلىدى. ئېسىل نەسەبلىك بىلەن تۆۋەن نەسەب كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق پەرق يوقلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ھەقىقەت ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە ئوچۇق نامايەن بولدى: {يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن ذَكَرٖ وَأُنثَىٰ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ شُعُوبٗا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓاْۚ إِنَّ أَكۡرَمَكُمۡ عِندَ ٱللَّهِ أَتۡقَىٰكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٞ} {ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئارتۇق بۇلۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋالىق بىلەن بۇلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر}[1].
ئەنە شۇ دەۋەت ئارقىلىق ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىرگەن. كەمبەغەل باي بىلەن ۋە ئالى نەسەبلىك تۆۋەن نەسەبلىك ئىنسانلار بىلەن توي قىلغان. ئىسلام ئىنسانلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرگەن، ھەقىقىي ئىسلام بىرلىكى گەۋدىلەنگەن. ئىسلام ئۈممىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۈپەتلىگەندەك بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئوخشاش بولۇپ، بەدەننىڭ بىر قىسمىغا ئاغرىق تەگسە، ھەممە يەر ئاغرىقنى ھېس قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتكەن.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاھى بىر، پەيغەمبىرى بىر ۋە كىتابى بىردۇر. ئىسلام بىرلىكى ھېچقاچان تىل، رەڭ ۋە مىللەت تەركىۋى ئۈستىگە قۇرۇلمىغان. بىر تىلنى مۇسۇلمانمۇ ۋە كاپىرمۇ سۆزلەيدۇ، ئىسلام دىنى قىتئە، ياكى دۆلەتكە خاس بولماستىن بارلىق دۇنيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەمشۇمۇل دىندۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ بالىلىرى ۋە ئادەم بولسا تۇپراقتىن (لايدىن) يارىتىلغان. ئىسلام بىرلىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رىسالىسىدە بىرلىك ئۆلچىمى پۈتۈن دۇنيانى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالانى يەككە يىگانە دەپ بىلىشتە گەۋدىلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {وَٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُشۡرِكُواْ بِهِۦ شَيۡٔٗاۖ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗا وَبِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡجَارِ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡجَارِ ٱلۡجُنُبِ وَٱلصَّاحِبِ بِٱلۡجَنۢبِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخۡتَالٗا فَخُورًا} {اﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا- ئاناڭلارغا، خىيش- ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن خوشنىغا، يىراق خوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل- چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ}[2].
پەيغەمبەرنىڭ بىرلىكى مۇنۇ ئايەتتە مۇئەييەنلىشىدۇ:
{قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡ جَمِيعًا ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ فََٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِ ٱلنَّبِيِّ ٱلۡأُمِّيِّ ٱلَّذِي يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَكَلِمَٰتِهِۦ وَٱتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ}
{(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشالىقى اﷲغا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممى (تۇغما ساۋاتسىز) پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگشىڭلار» دېدى}[3].
دىن بىرلىكىدە مۇنۇ ئايەت كۇپايىدۇر:
{وَمَن يَبۡتَغِ غَيۡرَ ٱلۡإِسۡلَٰمِ دِينٗا فَلَن يُقۡبَلَ مِنۡهُ وَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ} {كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرى دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر}[4].
كىتاب بىرلىكىدە تۆۋەندىكى ئايەت كۇپايە:
{إِنَّ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ يَهۡدِي لِلَّتِي هِيَ أَقۡوَمُ وَيُبَشِّرُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱلَّذِينَ يَعۡمَلُونَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ أَجۡرٗا كَبِيرٗا}
{بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خوشخەۋەر بېرىدۇ}[5].
قىبلە بىرلىكىدە مونۇ ئايەت كۇپايىدۇر:
{قَدۡ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجۡهِكَ فِي ٱلسَّمَآءِۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبۡلَةٗ تَرۡضَىٰهَاۚ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَحَيۡثُ مَا كُنتُمۡ فَوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ شَطۡرَهُۥۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ لَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ}
{بىز سېنىڭ (كەئبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا- قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار، (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بۇنىڭ (يەنى قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەس}[6].
ئىسلام ئۈممىتى ئىسلامغا مۇستەھكەم ئېسىلماستىن، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. ئىسلامىي بىرلىك ئورناتماستىن مۇكەممەللىشەلمەيدۇ. ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە زۇلۇم، تەڭسىزلىك ۋە بىر-بىرىنى كەمسىتىش ئومۇملىشىدىكەن مۇسۇلمانلارنىڭ زىيان تارتقىنى شۇدۇر. ئىسلام شەرىئىتى ئادالەت ۋە ئىنساپ ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇ ئىنساننى ئۆز نەپسى، ئاياللىرى، بالىلىرى، دوستلىرى، ھەتتا دۈشمەنلىرىگىمۇ ئادالەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالا ئادالەتلىك بولۇشقا چاقىرغان ۋە زۇلۇمدىن چەكلىگەن، قۇرئان كەرىمدە 350 ئورۇندا ئادالەتلىك بولۇش ۋە زۇلۇم قىلماسلىققا چاقىرىلغان. ئادالەت بولسا، زېمىندا ئىنسانلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىنىڭ مىزانىدۇر. ھەتتا غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەنمۇ ھەقانداق مۇئامىلىدە ئادالەتلىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئاللاھ مۇنداق دېگەن:
{يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُونُواْ قَوَّٰمِينَ لِلَّهِ شُهَدَآءَ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنََٔانُ قَوۡمٍ عَلَىٰٓ أَلَّا تَعۡدِلُواْۚ ٱعۡدِلُواْ هُوَ أَقۡرَبُ لِلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ}
{ئى مۆمىنلەر! اﷲنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋىمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، اﷲدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر}[7].
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىسلام رەھىمدىللىق ۋە ئىنساپ دىنىدۇر. بىرلىك، ئامانلىق ۋە تىنچلىق دىنىدۇر. بۇ پەقەتلا ئاللاھنىڭ كىتابىغا قايتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھەج مەۋسۈمى بولسا، ئەنە شۇ ھەقىقەتنى نامايەن قىلىدىغان، ئىسلام بىرلىكىنىڭ مۇكەممەل سىموۋۇلىدۇر.
سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.
باشقا خىزمەتلەر