ھىجرىيە: | مىلادىي: 18 Ağustos 2022

چىكىنىڭ
......زامان بىلەن قەسەمكى

زامان بىلەن قەسەمكى.........

 

 

سۈرە ئەسىرنىڭ تەپسىرى 

ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

بىرلا ۋاقىتتا ھەم شەكىلدە ئىخچام ھەمدە مەنىدە چوڭقۇر بولۇش، ھەم ئابستراكىت كەڭلىككە ھەمدە كونكرېت ئېنىقلىققا ئىگە بولۇش، ھەم كۇللىي قانۇنىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەم جۈزئىي ئەمەللەرنى ئىپادىلەشتەك ئالاھىدىلىك قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەسىر سۈرىسىنى دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلىك نامايەن قىلغان قىسقا سۈرىلەرنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن. قىسقىغىنا ئۈچ ئايەتتىن تەركىب تاپقان بۇ سۈرە بىر شەخس ئۈچۈنمۇ، شۇنداقلا بىر مىللەت ياكى جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ مەھرۇمىيەتتىن مۇيەسسەرىيەتكە، مەغلۇبىيەتتىن غالىبىيەتكە، زىياندىن پايدىغا ئۆتۈشنىڭ كۇللىي قانۇنلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كاتتا ئۆلىمالار سۈرە ئەسىرنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھەيرەتلىرىنى بايان قىلىشقان. بۇ ھەقتە ئىمام شافىئىي مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىنسانلار بۇ سۈرە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكەن بولسا، ئەلۋەتتە، بۇ سۈرە ئۇلارغا كۇپايە قىلغان بولاتتى»، يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېگىنىمۇ قەيت قىلىنغان : «ئەگەر يالغۇز مۇشۇ سۈرىلا نازىل بولغان بولسىمۇ، ئىنسانلارغا كۇپايە قىلغان بولاتتى»، يەنە بىر ئۆلىمامۇ «بۇ سۈرە پۈتكۈل قۇرئان ئىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن. سۈرىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن ساھابىلەرمۇ بۇ سۈرىنى ئۆزلىرىگە شوئار قىلىشقان بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن خوشلىشىشتىن بۇرۇن ئەسىر سۈرىسىنى بىر- بىرىگە ئوقۇپ بېرەتتى [1].

 

﴿والعصر﴾

 

سۈرە ئاللاھتائالانىڭ «عصر» بىلەن قىلغان قەسىمىدىن باشلىنىدۇ. ئۆلىمالار «عصر» نىڭ مەنىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان بولۇپ، بەزىلىرى بۇ ئەسىر نامىزى بىلەن شامنىڭ ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ دېگەن بولسا، بەزىلىرى دەل ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر بولسا، بۇ خۇددى پالانى سۇلتان دەۋرى، پالانى مەدەنىيەت دەۋرى دېگەندەك تارىخ ئېقىنىدىكى مۇئەييەن زامان بۆلۈكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغان. ئادەمنى ئۆمرىنى ئىپادىلەيدۇ دېگەنلەرمۇ، بۇ پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىنى كۆرسىتىدۇ دېگەنلەرمۇ بار. ئىبن ئابباس «دھر» مەنىسىدە دېگەن. ئىبن جەرىر تەبەرى بولسا ئىبن ئابباسنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەسىر كەلىمىسى گۇگۇم مەنىسىدە، كۈندۈزنىڭ مەلۇم ۋاقتىنى بىلدۈرىدۇ دېگەندەك قاراشلارنى خۇلاسىلەپ «ئاللاھتائالا قەسەم قىلغان ئەسىر ‹دھر› دېمەكتۇر، ئۇ گۇگۇم ۋاقتىنىمۇ، كۈندۈزنىمۇ، كېچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سۆزنى ھېچقايسىسىغا خاسلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قەسىمى دائىرىسى ئىچىدە ھېسابلىنىدۇ» دېگەن[2].

 

يۇقىرىقىلاردىن ئايانكى، ئەسىر كەلىمىسىنى مۇتلەق مەنىدە ۋاقىت، دەۋر، زامان مەنىسىدە چۈشىنىش مۇمكىندۇر، خۇددى تەبەرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇنداق بىر مەنە ئۈستىدىكى بارلىق ئىزاھاتلارنى سىغدۇرالايدۇ، مەيلى ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بولسۇن، مەيلى مەلۇم بىر دەۋر بولسۇن ۋە ياكى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئىپادىلىسۇن، ھەممىسى ۋاقىتنىڭ بىر پارچىسى بولغاچقا، ئەسىرنىڭ مەنە دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. ھەمدە، مۇشۇنداق كەڭرى مەنىدە چۈشەنگەندە، ئايەتنى كەلىمە مەنىسى يار بەرگەن پۈتۈن قاتلاملىرى بىلەن، ئوخشىمىغان زامان، ماكانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ھال – تەقەززالىرىغا لايىق، جانلىق تەپسىر قىلىش ئىمكانىيتى بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر.

 

كەلىمىنى كەينىدىكى ﴿ئىنسانلار زىيان ئىچىدىدۇر﴾ دېگەن ئايەتتىن شەكىللەنگەن كونتېكىستقا قويغىنىمىزدا، ئەسىر كەلىمىسىنىڭ بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ زامانى ياكى ئەسىر ۋاقتىنىڭ زامانى ۋە ياكى مەلۇم بىر زامان بۆلۈكىنى ئەمەس، بەلكى كەڭ مەنىدە پۈتكۈل دەۋر ۋە ئومۇمىي ۋاقىت ئۇقۇمىنى، تار مەنىدە بولسا ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان زىيان يۈز بېرىدىغان ئىنسان ئۆمرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى سۆزلەش مۇمكىندۇر. چۈنكى، ئەسىر كەلىمىسى ئىنسانلارنىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىگە باغلانغان بولۇپ، كەينىدىكى قۇتقۇزغۇچى ئەمەللەرنى تەرك ئەتكەندە، پۈتكۈل زامانلاردا (مەيلى قەدىمقى دەۋر، مەيلى سانائەت دەۋرى، مەيلى ئۇرۇش ياكى تىنچلىق دەۋرلىرى بولسۇن)، ھاياتنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا (مەيلى ياشلىق، ئوتتۇرا ياش، قېرىلىق مەزگىلى بولسۇن) شەكسىز زىيان ئىچىدە بولىدىغانلىقىغا ئىشارە قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، يۇقىرىقى مەنە ئىزاھاتى توغرىغا ئەڭ يېقىن بولسا كېرەك. 20 – ئەسىردە ئۆتكەن مۇھىم ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن مۇھەممەد ئەسەد ئۆزىنىڭ مەشھۇر تەرجىمە – تەپسىرى  «قۇرئان كۆرسەتمىلىرى» دە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى ئەسىر ئۆلچىگىلى بولىدىغان مۇئەييەن مىقداردىكى ۋاقىت بۆلەكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، ‹دھر› بولسا ئىپتىدا ۋە ئىنتىھاسى بولمىغان چەكسىز ۋاقىتنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ يەردىكى ئەسىر ئۆتۈپ كەتسە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ۋاقىت مەنىسىنى ئۇقتۇرىدۇ»[3].

قەسەمگە كەلسەك، بىلىمىزكى، ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن يەرلەردە قەسەم قىلغان بولۇپ، بۇ قەسەم كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە قەسەم قىلىنغان ئوبيېكتنىڭ قىممىتى، ئەزەمىتىگە دالالەتتۇر.

 ﴿وَٱلْفَجْرِ﴾- ﴿سۈبھى بىلەن قەسەمكى﴾[4]

﴿وَٱلضُّحَى. وَٱلَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ﴾- ﴿چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى. قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان چاغدىكى) كېچە بىلەن قەسەمكى﴾[5] قاتارلىق ئايەتلەر بۇلاردىن بەزى مىساللاردۇر.

 

﴿إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَفِى خُسْرٍ﴾

 

تىل نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، بۇ ئايەتتە [إِنَّ] ۋە [ل] دىن ئىبارەت تەكىتنى بىلدۈرىدىغان ئىككى ياردەمچى سۆز بىرلىكتە قوللىنىلغان بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىنسانلارنىڭ زىياننىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھۆكۈمنىڭ ھېچقانداق ئىككىنچى بىر ئېھتىماللىققا ئورۇن قويمايدىغان دەرىجىدە كەسكىن ۋە ئۈزۈل – كېسىللىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى، چوقۇمكى، شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئەلۋەتتە زىيان ئىچىدىدۇر. [الانسان] كەلىمىسىدىكى [ال] ئارتىكىلى بۇ يەردە جىنىس ئۇقۇمىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئىنسان جىنسىغا تەۋە بارلىق ئادەملەرنى، يەنى ھەر قانداق بىر ئىنساننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن ھېچبىر ئىنسان مۇستەسنا قىلىنمىغان. «في خسر» غا كەلسەك، بۇ ئورۇننى بىلدۈرىدىغان ئالدى قوشۇلغۇچىلىق بىرىكمە بولۇپ، «زىيان ئىچىدە، زىياندا، زىيانغا چۆككەن، زىياندا قالغان، زىيانغا بوغۇلغان دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەرەپچىدىكى «خاسر» يەنى زىيان تارتقۇچى، زىيانكار دېگەن سۆزگە قارىغاندا، زىياننىڭ تېخىمۇ مۇتلەق، تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، يەنى پۈتكۈل ئەتراپىدىن زىيان بىلەن قورشالغانلىقىنى ئىشارەت قىلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، [خسر] كەلىمىسى ئېنىقلىق ئارتىكىلى [ال] قوشۇلماستىن كەلگەن بولۇپ، بۇ زىياننىڭ زادى قانداق زىيان ئىكەنلىكى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارنى ساراسىمىگە سالىدۇ، ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. خۇددى مەشھۇر مۇپەسسىر ئالۇسى ئېيتقاندەك «خسر ئېنىقسىز كەلگەن بولۇپ، بۇ زىياننىڭ كاتتىلىقىغا، ۋەھىمىلىكلىكىگە، ئۇنىڭ دەرىجىسى ۋە دائىرىسىنى پەقەت ئاللاھنىڭلا بىلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ مېلىدىن، ئەھلىدىن، ئابرۇي – ئىناۋىتىدىن، نوپۇزىدىن، كۈچ – سەلتەنىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئېغىر، ۋەھىمىلىك زىياندۇر»[6].

 

«خسر» نىڭ سۆز مەنىسىگە كەلسەك، ئۇ ئەرەب تىلىدىكى پايدا ئېلىش، قازىنىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «ربح» كەلىمىسىنىڭ قارمۇقارشىسى بولۇپ، مەھرۇم قالماق، مال - مۈلكىدىن زىيان تارتماق، ھالاك بولماق، كېمەيمەك، ئازايماق دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە «خسر، خاسر» كەلىمىسى ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن ئايەتلەر بىزگە بۇنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ:

﴿لَّهُۥ مَقَالِيدُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ﴾ ٦٣

﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار - ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر﴾. [63][7].

﴿ٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مِيثَـٰقِهِۦ وَيَقْطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ﴾ ٢٧

﴿پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە ـ رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر﴾. [27][8].

﴿ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَـٰهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ يَتْلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُو۟لَـٰٓئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِهِۦ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ﴾١٢١

﴿بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىملەركى كىتابنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر﴾. [121][9].

﴿فَطَوَّعَتْ لَهُۥ نَفْسُهُۥ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُۥ فَأَصْبَحَ مِنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ﴾ ٣٠

﴿ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى﴾. [30].[10]

﴿قَدْ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِلِقَآءِ ٱللَّهِ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَتْهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغْتَةً قَالُوا۟ يَـٰحَسْرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَىٰ ظُهُورِهِمْ ۚ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ﴾ ٣١

﴿ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزغا ۋاي ئېست» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان!﴾. [31][11].

 

﴿أَفَأَمِنُوا۟ مَكْرَ ٱللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلْقَوْمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ﴾ ٩٩

﴿ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ﴾. [99][12].

ئۈستىدىكى ئايەتلەردىن باشقىمۇ نۇرغۇن يەرلەردە بۇ كەلىمىلەر ئىشلىتىلگەن. سۈرە مۇتەففىفىندىكى مۇنۇ ئايەتتە بولسا «خسر» نىڭ كېمىيىش، ئازىيىش مەنىسى روشەن ئىپادىلەنگەن:

﴿وَإِذَا كَالُوهُمْ أَو وَّزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ

﴿كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ﴾. [3][13].

ئەئرافنىڭ 9- ئايىتىدە بولسا پېئىل شەكلىدە كېلىپ زىيان سېلىش مەنىسىنى ئىپادىلىگەن:

﴿وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنفُسَهُم بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَظْلِمُونَ﴾

﴿ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر﴾. [9][14].

 

يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، [خسر] يەنى زىيان تارتىشنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن مەھرۇم قېلىش، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا مۇپتىلا بولۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن، جەننەتتىن مەھرۇم قېلىش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەش مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسىدىن، ئۇنىڭ تىجارەتتە زىيان تارتىشقا ئوخشاش بۇ دۇنيادىكى ماددىي، ئوبيېكتىپ زىيانلارنىمۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. شۇڭلاشقا، ئايەتتىكى زىيان ئەڭ چوڭ، ئەڭ ماھىيەتلىك زىياننىڭ ئىنساننىڭ ئاخىرەتتىكى مەھرۇملۇقى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئەركىنلىكى، ھەق – ھوقۇقلىرى، ئىززەت- ئابرۇيلىرى، ماددىي بايلىقلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش، سىياسىي خارلىق، مەھكۇملۇققا چۈشۈپ قېلىشنىمۇ ئىپادىلەيدىغانلىقى ئېنىقتۇر.

 

ئەمدى ئايەتكە بىر پۈتۈن قارىغىنىمىزدا كۆزىمىزگە شۇ چېلىقىدۇ، ئاللاھتائالا بۇ يەردە قىممىتى، ئەزەمىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، زامان بىلەن، باشقىچە ئېيتقاندا، ۋاقىت بىلەن قەسەم قىلىۋاتىدۇ، ۋاقىت بولسا دۇنيادا ئىنسان ئېرىشەلەيدىغان بايلىقلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىكى، ئەڭ كاتتىسىدۇر، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆزى ئىنساننىڭ ئۆمرى، ھاياتى دېمەكتۇر. قەسەمنىڭ كەينىدىنلا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كەسكىن رەۋىشتە ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ-دە، بۇ ئىنساننىڭ مەيلى قايسى زامان كېسىمىدە ياشىسۇن، ئەگەر ئەڭ چوڭ بايلىقى بولغان ۋاقىتنىڭ قەدرىنى ئاڭقىرالمىسا، ئەڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئەڭ قىممەتلىك ئىشلار بىلەن قىممەتلەندۈرەلمىسە، ئۇنىڭ ھەر زامان مۇتلەق بىر زىيانغا غەرق ئىكەنلىكىنى ئەقلىمىزدە ئويغىتىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېغىر زىيان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىنى يوقىتىپ قويۇشتىن كېلىدۇ. ۋاقىت دەل ئىنساننىڭ ئاشۇ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر. يەنى، بارلىق زىيانلار ئىچىدە ئەڭ چوڭ زىيان ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ۋاقتىنى، ئۆمرىنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىش ۋە يوللاردا تۈگەتمەكتىن كېلىدۇ.

 

ئۇنداقتا ۋاقىت ئىچىدە تۇرۇپ ۋاقىتتىن زىيان تارتىش قانداق بولىدۇ؟

 

روشەنكى، بايلىقتىن زىيان تارتىش ئۇنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، يوقاپ كېتىشى، ئوغرىلىنىشى ياكى بۇزۇلۇپ كېتىشى دېگەندەك، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن مەلۇم شەكىلدە ئايرىلىپ قېلىشىمىز بىلەن بولىدۇ. ۋاقىتتىن زىيان تارتىش بولسا، شۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىمىز ياكى باشقىلارغا مەنپەئەتلىك ئىش قىلماستىن، ئەكسىچە، زىيانلىق ياكى پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز، قىممەتسىز، بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈش بىلەن بولىدۇ. بىر سائەت ۋاقىت زىيان بولدى دېگەندە، بۇ بىر سائەتتە پايدىلىق ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىدىم، بىكار، نەتىجىسىز ئۆتۈپ كەتتى دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، ۋاقىتنى قىممەتكە ئىگە قىلىدىغىنى، ماھىيەتتە، ئۇنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىش – ئەمەلدۇر.  ئۇنداقتا، بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بۇ مۇتلەق زىياندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىنسان نېمە ئىش قىلىشى كېرەك؟ ياكى، زادى قايسى ۋە قانداق ئىشلارنى قىلغانلار بۇ زىياندىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ؟

 

ئاللاھتائالا كەينىدىكى ئايەتتىلا بىزنىڭ كاللىمىزغا تەبىئىي كەلگەن بۇ سوئالغا تولىمۇ ئىخچام، ئەمما ئۈزۈل – كېسىل جاۋاپ بېرىدۇ:

 

ئىمان ئېيتقانلار

ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار

بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقانلار

بىر- بىرىنى سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشقانلار

مانا مۇشۇ تۆت ئىشنى قىلغانلار ئاندىن ئۇ مۇتلەق زىياندىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ.

 

بۇ ئايەتلەردىن مەلۇمكى، زاماننى ياكى كىچىكلىتىپ ئېيتساق ئىنسان ئۆمرىنى ھەقىقىي قىممەتكە، مۇيەسسەرلىككە ئايلاندۇرۇشنىڭ، زىياندىن ساقلىنىشنىڭ يولى، ئىنساننىڭ ئۆمۈر بوشلۇقىنى يۇقىرىدىكى تۆت ئەمەل بىلەن توشقۇزۇشتۇر. تەتۈرىدىن ئېيتقىنىمىزدا، ئەگەر ئىنسان بۇ تۆت ئىشنى تەرك ئەتسە، بۇ دۇنيادا مەيلى قانچىلىك بايلىق ياراتسۇن، قانچىلىك يۈكسەك مەرتىبىگە يۈكسەلسۇن، قانچىلىك كۈچلۈك سەلتەنەت سۈرسۇن، يەنىلا دۇنيا – ئاخىرەتتىكى زىيانغا مۇپتىلا بولۇشى مۇقەررەردۇر، ئۆمرى بوش ئۆتتى دېمەكتۇر.

ئايەتلەرنىڭ تەرتىپىدىن بىلەلەيمىزكى، ئىنساننى قۇتقۇزىدىغان بىرىنچى قەدەم ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ، ئىمان ئېيتىش بولسا، دەل مانا مۇشۇ بىرىنچى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىنساننىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن چەكلىنىدۇ ۋە ئىچكى دۇنياسىدا يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنى تونۇپ مېنىڭ رەببىم دەپ قوبۇل قىلماق، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنى ئەلچىسى دەپ ئىمان كەلتۈرمەك، ئىنساننىڭ بىلىش ئالىمىدە ئۇنىڭ ئالەم، ئىنسان، ھاياتلىق ھەققىدىكى بارلىق ئەسلى مەۋجۇت چۈشەنچىلىرىنى ئاست – ئۈست قىلىۋېتىدىغان بىر ئىنقىلاب قوزغىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ئۈچۈن ھېچبىر نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ. ئىماننى چۈشىنىپ ئېيتقان كىشىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا قارىشى، ۋەقە – ھادىسىلەرنى دەڭسىشى، گۈزەللىك – رەزىللىكنى پەرقلەندۈرۈشى، ياخشى – يامانغا ھۆكۈم قىلىشى، قىممەت – قىممەتسىزنى ئۆلچىشى پۈتۈنلەي يېپيېڭى بىر مىزان بىلەن بولىدۇ. بۇ ئىمان بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ يولباشچىسىغا، ھەرىكەتتىكى كۈچ مەنبەسىگە، ھاياتلىق سەپىرىدىكى ھەمراھىغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى ئىماننى مەركەز قىلىپ شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ئىمان خۇددى بىر ئۇرۇققا ئوخشاش ئۇنىڭ ۋۇجۇد تۇپرىقىغا تېرىلىدۇ ۋە ئاستا – ئاستا بىخلىنىشقا، ياشىرىشقا، گۈللىنىپ باراقسانلىشىشقا، ئاخىرىدا مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ. خۇددى ئاللاھتائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە ئېيتقىنىدەك ﴿أَلَمْ تَرَ كَيْفَ ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا كَلِمَةً طَيِّبَةً كَشَجَرَةٍ طَيِّبَةٍ أَصْلُهَا ثَابِتٌ وَفَرْعُهَا فِي السَّمَاءِ. تُؤْتِي أُكُلَهَا كُلَّ حِينٍ بِإِذْنِ رَبِّهَا وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ﴾.

﴿ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ كەلىمە تەييىبە (يەنى ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان[24]، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى ـ ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخقە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئۇلارغا نۇرغۇن تەمسىللەرنى كەلتۈرىدۇ﴾. [25][15].

 

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، خۇددى ئۇرۇق تۇپراقنى بۆسۈپ چىققاندەك، ئىمانمۇ سۈكۈتنى، جىمجىتلىقنى، ھەرىكەتسىزلىكنى، پاسسىپلىقنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغان بىر تەبىئەتكە ئىگە، ئۇمۇ خۇددى ئۇرۇقتەك ئىنسان ۋۇجۇدىغا تېرىلغاندىن كېيىن، سىرتقا بۆسۈپ چىقىشقا، پارتلاشقا دائىما ئىنتىلىپ تۇرىدۇ. شاخ – يوپۇرماق، گۈل – چېچەك، مېۋە – چېۋىلەر ئۇرۇقنىڭ تاشقى ئىپادىسى بولغىنىدەك، ئىماننىڭمۇ تاشقى ئىپادىسى مۇقەررەر بولىدۇ. ئۇرۇقتىن ئۆسۈپ چىققان ئۆسۈملۈككە قاراپ، ئۇرۇقنىڭ پۈچەك ياكى ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلالىغىنىمىزدەك، روھ ئېتىزىغا تىكىلگەن ئىماننىڭمۇ راست – يالغانلىقى، كۈچلۈك – ئاجىزلىقىغا ئۇنىڭ تاشقى ئىپادىلىرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماق مۇمكىندۇر. ئۇنداقتا ئىماننىڭ تاشقى ئىپادىلىرى نېمە؟

 

﴿وعملوا الصالحات﴾

 

ئاللاھتائالا بۇ سوئالىمىزغا ياخشى ئىش – ئەمەللەرنى قىلماق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. زىياندىن قۇتۇلۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىنسان قەلبىگە ئىماندىن ئىبارەت بىر ئۇرۇقنى تىكىش بىلەن باشلانغان بولسا، ئىككىنچى قەدىمى ئۇنىڭ ئىش – ئەمەل شەكلىدە بىخ ئۇرۇپ چىقىشى بىلەن بولىدۇ. يەنى، زاھىردىكى سالىھ ئەمەللەر، باتىندىكى ئىماننىڭ ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىماننىڭ كاللىدىكى بىر چۈشەنچە، قەلبدىكى بىر تۇيغۇ ھالىتىدىن، ئەمەلىي بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تېگى - تەكتىدىن بىر لوگىكىلىق نەتىجىدۇر. ئىمان بىلەن ئەمەلنىڭ بىرلىكى قۇرئان كەرىمدە ئىنتايىن كۆپ يەردە تەكرارلانغان بولۇپ، بۇ يەردە بىر قانچە ئايەتنى نەقىل ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز:

﴿وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾

﴿ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ﴾[16].

﴿إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ﴾

﴿ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ﴾[17].

﴿وَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ﴾

﴿ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟)﴾[18].

 

ئىمان ۋە ئەمەل مۇناسىۋىتىنى قىسقىچە مۇنداق شەرھىلەش مۇمكىن: يۇقىرىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك، ئىمان مېڭىمىزدە بىر ئاڭ – چۈشەنچە، قەلبىمىزدە بىر ھېس – تۇيغۇ سۈپىتىدە يوشۇرۇن مەۋجۇت بولىدۇ ۋە ھەر دائىم سىرتقا پارتلاشقا ئىنتىلىپلا تۇرىدۇ. ياخشى ئەمەللەر بولسا دەل ئىماننىڭ سىرتقا پارتلىشى بولۇپ، بۇ نۇقتىدىن، ئىماننى سالىھ ئەمەلنىڭ ئىچكى تۈرتكىسى، قوزغاتقۇچىسى، ياخشى ئەمەلنى بولسا ئىماننىڭ سەمەرىسى، مېۋىسى، تاشقى ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىنسان ئىمانىغا ماس ياخشى ئەمەللىرى بىلەن، ئېيتقان ئىماننىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى، چىنلىقىنى ئاۋال ئۆزىگە، ئاندىن باشقىلارغا ئىسپاتلايدۇ. ئىمان ئەمەلگە ئايلانمىغاندا، خۇددى كۆكلىمىگەن پۈچەك ئۇرۇقنىڭ قىممىتى بولمىغىنىدەك، ئەمەلسىز ئىماننىڭمۇ ئاللاھتائالانىڭ ئالدىدا قىممىتى بولمايدۇ. دادامنى سۆيىمەن دېگەن بىر بالىنىڭ داۋاسىنىڭ چىنلىقى دادىسىغا بولغان ھۆرمەت، ۋاپادارلىقىدا؛ مەن ۋەتەنپەرۋەر دېگەن بىرىنىڭ داۋاسىنىڭ چىنلىقىمۇ ئۇنىڭ ۋەتىنىگە ئەمەلىي خىزمەت قىلغان – قىلمىغانلىقىدا ئەكس ئەتكىنىدەك، ئاللاھ رەببىمدۇر، ياراتقۇچۇمدۇر، ئىلاھىمدۇر، مۇھەممەت بولسا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دېگەن بىرىنىڭ بۇ داۋاسىمۇ، ئۇنىڭ ئاللاھتائالا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتىدا قانچىلىك تەتبىقلىغانلىقى بىلەن ئەكس ئېتىدۇ ياكى ئىسپاتلىنىدۇ. دېمەك، ياخشى ئەمەل ئىماننىڭ تاشقى ئىپادىسى، شۇنداقلا چىنلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، ياخشى ئەمەلمۇ ئىمانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، كۈچەيتىدۇ.

قىسقىسى، ئىمان بىلەن ئەمەل بىر- بىرىدىن ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، بىر- بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر- بىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، قايسىسى كەم بولسا ئىنساننى ئۇ زىياندىن قۇتقۇزۇشتىن ئاجىز كېلىپ قالىدۇ.

 

ئەمدى، ئايەتتىكى  [صالحات]،  يەنى ياخشى ئەمەللەر، سالىھ ئەمەللەر ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز.

 

[صالحات] نىڭ سۆز يىلتىزى [صلح] بولۇپ، بۇزۇلۇشنى ئىپادىلەيدىغان [فساد] نىڭ قارمۇقارشىسى بولۇپ، مەلۇم ئىش ياكى ھالنىڭ ئەسلىدىكىدىن ياخشىلانغانلىقىنى، بۇزۇلۇشنىڭ يوقىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. [صلح] نىڭ كەينىگە ل كەلگەندە....غا لايىق، غا مۇناسىپ، ئۇيغۇن دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بەزىدە ئالدى قوشۇلغۇچىسىز ئىشلىتىلگەن ۋاقىتتىمۇ، پايدىلىق بولدى، مۇناسىپ بولدى، مەنپەئەتلىك بولدى دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. [صالحات] نىڭ بىرلىكى [صالح] مۇ ل بىلەن بىرىكىپ كەلگەندە ...غا لايىق، مۇۋاپىق، مۇناسىپ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. [ماء صالح للشرب] دېگىنىمىزدە، ئىچىشكە بولىدىغان سۇ دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمدى صالحات قا كەلسەك، بۇ ياخشى ئىشلار، خەيرلىك ئىشلار، پايدىلىق، مەنپەئەتلىك، مۇۋاپىق، مۇناسىپ ئىشلار دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تەسىرى، ئىزى قىلىپ قالىدىغان ياخشى ئەمەل دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ[19].

 

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، [صالحات] يامان ئىش، بۇزۇلۇش، بۇزۇقچىلىق دېگەنلەرنىڭ زىت مەنىسىدە بولۇپ، ياخشى ئىش، خەيرلىك ئىش، مەنپەئەتلىك ئىش دېگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىمدە كەلگەن سالىھ ئەمەل مەنىسىگە كەلسەك، ئەللامە زۇھەيلىنىڭ دېگىنىدەك «سالىھ ئەمەل دېگىنىمىز، شەرىئەت، ئۆرپ – ئادەت، ئەقىل، ساغلام پىترەت تەستىق قىلغان، قىلغۇچىسىنى جەننەتكە ئاپىرىدىغان بارلىق ياخشىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ». دېمەك، شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئىنساننى قۇتقۇزىدىغىنى خالىغان بىر ئەمەل بولماستىن، بەلكى سالىھ ئەمەلدۇر، يەنى، سالىھلىق شەرتىگە توشمىغان ئەمەللەر بىھۇدىدۇر.

 

بۇ ئېنىقلىمىغا ئاساسلانغىنىمىزدا، سالىھ ئەمەلنىڭ دائىرىسىنىڭ ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئۆزىگە لايىق شەكىلدە ئەمەلىيلىشىدىغان، بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ساناقسىز ياخشى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئېنىقراق ئېيتقاندا، سالىھ ئەمەللەر ئاللاھنى زىكىر قىلىش، دۇئا قىلىش، ناماز، روزا، زاكات، ھەج دېگەندەك كونكرېت ئىبادەتلەر؛ ھالال رىزىق ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق ھالال تىجارەت، ئەمگەك، خىزمەتلەر؛ ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش، ئۆز ھەق – ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىل ۋە ھەرىكەتتە قىلىنىدىغان بارلىق سىياسىي كۈرەشلەر؛ ئۆزى ۋە باشقىلارنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئويغىتىش، تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان ئىسلامىي پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە خىزمەتلىرى؛ ھەقنى تارقىتىش، باتىلغا رەددىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان مېدىيا، تەشۋىقات خىزمەتلىرى؛ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئىلىم – پەن تەتقىقاتى ۋە ئىزدىنىشلەر؛ تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھىت ئاسراش خىزمەتلىرى.... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سالىھ ئەمەللەر كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولىدۇ.

 

سالىھ ئەمەللەرنىڭ دائىرىلىرىنى مۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىشتىن مەقسەت شۇكى، سالىھ ئەمەل تىلغا ئېلىنغىنىدا، كۆپىنچىمىزنىڭ كاللىسىغا دەرھال ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش، يادلاش دېگەندەك ئىبادەتلەر، يالغان ئېيتماسلىق، ھارام يېمەسلىكتەك ئەمەللەر كېلىدۇكى، ھەرگىزمۇ تىرىشىپ بىر چەتئەل تىلى ئۆگىنىش؛ تەجرىبىخانىدىكى تەجرىبە – تەتقىقاتلار؛ سىياسىي  مۇجادىلىلەر؛ ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش، كارخانا قۇرۇشلار كەلمەيدۇ. گەرچە بۇلارنىڭمۇ سالىھ ئەمەل ئىكەنلىكىنى ئەقلىي جەھەتتىن شۇنداق دەپ ئېتىراپ قىلساقمۇ، دىنىي ئېڭىمىزغا تېخى ھەقىقىي مەنىدە چوڭقۇر يەرلەشمىگەن بولغاچقا، دائىم بۇلارنىڭمۇ سالىھ ئەمەل ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ خاتىرىلىتىشىگە موھتاج بولىمىز. سالىھ ئەمەل چۈشەنچىسىدىكى بۇ كەمتۈكلۈك بىزنىڭ ئىسلامىي ھاياتنى ھەممە قاتلام، ساھەلىرىدە بەرپا قىلىش يولىدا، تولىمۇ خەتەرلىك، ئەمما بىزمۇ ھېس قىلالمايدىغان دەرىجىدە يوشۇرۇن بىرپىكرىي توسالغۇ، ئىدىيىۋى چۈشەك شەكىللەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ كەمتۈك چۈشەنچە مەزكۇر ئايەتتىكى سالىھ ئەمەلنىڭ مەنىسى بىلەن بىردەك ئەمەستۇر.

ئەمدى شۇنداق بىر سوئال سوراشقا توغرا كېلىدۇ: بىر شەخسنىڭ ئۆزىنىڭلا ئىمان ئېيتىپ، ئۆزىنىڭلا سالىھ ئەمەل قىلىشى، ئۇنى ۋە ئۇ تەۋە توپنى زىياندىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟

﴿وتواصوا بالحق﴾

 

ئاللاھتائالا بۇ سوئالىمىزغا كەينىدىكى ئايەت بىلەن بىر مۇئمىننىڭ ئۆزىنىڭلا ياخشى بولۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇ يەنە باشقىلارنىمۇ ياخشى بولۇشقا چاقىرىشى كېرەك دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتەك يەككە شەخسكە يۈكلەنگەن ئەمەللەردىن كېيىن، ئايەت بىزنى ئەمدى ئىجتىمائىي ئەمەل ياكى ئىجتىمائىي ئىبادەتكە يۈزلەندۈرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، زىياندىن قۇتۇلۇش سەپىرىنىڭ ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەل قىلىشتەك شەخسكە خاس بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قەدىمىنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى قەدەمدە ئۆزىمىزدىن ھالقىپ، ئەتراپقا يۈزلىنىمىز. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. باشقىلارغا ھەقنى تەۋسىيە قىلىش، ھەققە چاقىرىش بولسا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. خۇددى ئەللامە مەۋدۇدى ئېيتقاندەك «ھەقنىڭ تەبىئىتى تارقىلىش بولغىنىدەك، ھەق ساھىبىنىڭ تەبىئىتىمۇ ئۇنى تارقىتىشتۇر». [20]

 

[تواصوا] كەلىمىسى ۋەسىيەت قالدۇرماق دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان [وصى] دىن تۈرلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بىر- بىرىگە نەسىھەت قىلىشماق، تەۋسىيە قىلىشماق، چاقىرماق، بۇيرۇماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئەمما بۇ مۇنداقلا دەپ قويۇش، قۇلىقىغا سېلىپ قويۇش، نەسىھەت قىلىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى، كۈچلۈك تەكىت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش، سەمىگە سېلىش، ئەستايىدىل نەسىھەت قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى، ئۇيغۇرچە ئىستېمالدىكى تەۋسىيە قىلىشتىن تېخىمۇ كۈچلۈك بىر تەكىتنى بىلدۈرىدۇ. تەۋسىيە گەرچە بىزگە ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتكەن بىر سۆز بولسىمۇ، ھازىرقى تىل ئىستېمالىمىزدا تونۇشتۇرۇپ قويماق، ئەسلىتىپ ئۆتمەك دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى كىتاپ تەۋسىيە قىلماق، دورا تەۋسىيە قىلماق دېگەندەك جۈملىلەردىن  روشەن ھېس قىلالايمىز. ئەمما، ئەرەبچىدىكى تەۋسىيە بولسا ۋەسىيەت قالدۇرۇش مەنىسىدىكى [وصى] دىن كەلگەن، ھەممىمىز ۋەسىيەتنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ھاياتنىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بىز بۇنىڭدىنمۇ [تواصوا] كەلىمىسىدە ئۇيغۇرچىدىكى تەۋسىيە قىلىش كەلىمىسىدە ئىپادىلەنمەيدىغان كۈچلۈك تەكىت، ئەستايىدىللىق ۋە قەتئىيلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز.

 

تىل نۇقتىسىدىن ئەسكەرتىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، [تواصوا] بولسا [تفاعل] ۋەزنىدىكى پېئىل بولۇپ، مەلۇم بىر ئىش – ھەرىكەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك قوش يۆنىلىشلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى، ئاللاھتائالا يالغۇز شەخسلەرگىلا سەن ھەققە چاقىر دەپ ئەمەس، بەلكى، ﴿سىلەر بىر – بىرىڭلارغا ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىڭلار﴾ دېيىش ئارقىلىق، بۇنىڭ پۈتۈن مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بىر ئىجتىمائىي ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىۋاتىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇپەسسىرلەرمۇ ئايەتتىكى ھەققە تەۋسىيە قىلىشنىڭ، ئەمىر مەرۇپ، نەھىي مۇنكەر (ياخشىغا بۇيرۇپ، ياماندىن توسۇش) ئىكەنلىكىدە ھەمپىكىردۇر. بۇمۇ بۇنىڭ ئاددىيلا بىر سەمىگە سېلىپ قويۇش، تەۋسىيە قىلىپ قويۇش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشكە يېتەرلىكتۇر. شۇنداقلا، قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەرمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ۋەزىپىسىنى تولىمۇ كۈچلۈك تىل بىلەن تەكىتلەيدۇ :

﴿وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ﴾

﴿سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾[21]. ئايەت ئەمىر ۋەزنىدە كەلگەن.

مۇنۇ ھەدىس بۇنى تېخىمۇ يارقىن ئىپادىلەيدۇ: «جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ياخشىغا بۇيرۇپ، ياماندىن توسۇڭلار. ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن بىر ئازاپ ئەۋەتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلساڭلارمۇ ئىجاۋەت قىلىنمايدۇ»[22].

بىز بۇ ئايەت ۋە ھەدىستىن ياخشىغا بۇيرۇپ ياماندىن توسۇشنىڭ، ياكى باشقىچە ئېيتقاندا، ھەققە تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئۈممەتكە پەرز قىلىنغان بىر ئەمەل ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ ئىستېمال مەنىسىدىكى تەۋسىيە قىلىش كەلىمىسى، ئەسلى مەقسەت قىلىنغان مەنىنى ئىپادىلەشتە كۆپ يەڭگىل كېلىپ قالىدۇ.

 

ئەمدى [حق] كەلىمىسى ھەققىدە توختىلىمىز.

 

بۇ باتىل، خاتانىڭ قارمۇقارشىسى بولۇپ، توغرا، چىن، ھەقىقەت، چىنلىققا ئۇيغۇن دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئوخشىمىغان ئاتالغۇ مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بىز بۇ يەردە قۇرئاندىكى مەنىسىنى ئاساس قىلىمىز.

﴿وَقُلْ جَاءَ الْحَقُّ وَزَهَقَ الْبَاطِلُ إِنَّ الْبَاطِلَ كَانَ زَهُوقًا﴾.

﴿ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (يەنى كۇفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ﴾ دېگىن.[23]  بۇ ئايەتتىكى ھەق كەلىمىسى ئىسلام دىنىنى كۆرسەتكەن بولسا، ﴿فَوَرَبِّ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِنَّهُ لَحَقٌّ مِّثْلَ مَا أَنَّكُمْ تَنطِقُونَ﴾.

﴿ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك (يەنى سۆزلىگىنىڭلارنىڭ ئۆزەڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر﴾[24]. دېگەن ئايەتتىكى ھەق بولسا، ھەقىقەت، چىنلىق، راست، توغرا دېگەن مەنىدە كەلگەندۇر.

﴿يَوْمَئِذٍ يُوَفِّيهِمُ اللَّهُ دِينَهُمُ الْحَقَّ وَيَعْلَمُونَ أَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ الْمُبِينُ﴾.

﴿شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ﴾.[25]

دېگەن ئايەتتىكى ھەق كەلىمىسى بولسا ئاللاھنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن.

﴿إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَا تُسْأَلُ عَنْ أَصْحَابِ الْجَحِيمِ﴾.

﴿بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن﴾[26].

﴿إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَإِن مِّنْ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٌ﴾.

﴿ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن﴾[27]. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا قۇرئان مەنىسىدە كەلگەن. مۇشۇلارغا ئاساسەن ئايەتتىكى ھەق كەلىمىسىنى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇپەسسىرلەر قۇرئان دەپ تەپسىر قىلىشقان. خۇلاسىلىگەندە، بۇ يەردىكى ھەق كەلىمىسىنى ئاللاھنىڭ يولى بولغان ئىسلام دىنى، قۇرئان – ھەدىس، ھىدايەت يولى دەپ چۈشەنسەك خاتا بولمايدۇ.

 

بۇ يەردە مۇنداق بىر نۇقتىدا قىسقىچە توختىلىش زۆرۈر. قۇرئانغا چاقىرىش ياكى ھەققە چاقىرىش قۇرئاننى ئۆلچەملىك تەجۋىد بىلەن ئوقۇشقا، ئۇنى تىلاۋەت قىلىشقا، يادلاشقا چاقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىمى قۇرئاننى چۈشىنىشكە، ئايەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ھايات مىزانى قىلىشقا چاقىرىشنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ھەتتا، قۇرئانغا ئەمەل قىلماق ماھىيەتتە ئەسلى مەقسەتتۇر. قوشۇپ قويىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، باشتا قەيت قىلغىنىمىزدەك، قۇرئان كەرىم نۇرغۇن مەسىلىلەردە كۇللىي قانۇنىيەت، پىرىنسىپلارنى بايان قىلىپ، تەپسىلاتىنى سۈننەت ۋە ئالىملارنىڭ ئىجتىھادىغا قالدۇرغان بولغاچقا، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ لەبزىدىن ھالقىغان دالالەت ۋە ئىشارەتلىرىنىمۇ ھەققە چاقىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش مۇمكىندۇر. مەسىلەن:

﴿وَأَعِدُّوا لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ وَمَا تُنفِقُوا مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ﴾.

 

﴿دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)﴾[28] .

مەزكۇر ئايەتتە مۇسۇلمانلاردىن تەييارلاش تەلەپ قىلىنغان كۈچنىڭ زادى قانداق كۈچ ئىكەنلىكى ئېنىق بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ھەر قايسى زامان ۋە ماكاندىكى ئۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەڭ ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك بولغان قورال – ياراق تەييارلىشى كېرەكلىكى ئەقىللەرگە ئاياندۇر. بۇ نۇقتىدىن، بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈچ ھېسابلىنىۋاتقان روبوت تېخنىكىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان تېخنىكىلىرى، سۈنئىي زېھىن، يادرو قورالى، ھەتتا خاككېرلىك، ئىقتىسادىي كۈچ قاتارلىقلارنى ھازىرلاش ۋە ئۆگىنىشكە تەۋسىيە قىلىشمۇ ھەققە تەۋسىيە قىلىش جۈملىدىن ھېسابلىنىدۇ.

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَرِثُوا النِّسَاءَ كَرْهًا وَلَا تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُوا بِبَعْضِ مَا آتَيْتُمُوهُنَّ إِلَّا أَن يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُّبَيِّنَةٍ وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ فَإِن كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَى أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا﴾.

﴿ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن﴾[29].

بۇ ئايەتتىكى ﴿ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار﴾ دېگەن مەزمۇن قارىماققا تولىمۇ چۈشىنىشلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما رېئال ئائىلە ھاياتىدا نۇرغۇن مەسىلە ئايەتتىكى مەنە ھەجمى تولىمۇ كەڭ بولغان مەئرۇفنى توغرا چۈشىنەلمەسلىكتىن ياكى ئەمەلىي ھاياتقا تەتبىقلىيالماسلىقتىن تۇغۇلىدۇ. يەنى، نۇرغۇن كىشىلەر چىرايلىقچە مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما زادى قايسى كونكرېت ئىشلارنىڭ ئاندىن [چىرايلىقچە مۇئامىلە قىلىش] بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ.  ئىنسانلار بۇنى ھايات تەجرىبىلىرىدىن، مەزكۇر تېمىغا ئالاقىدار ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئۆگىنەلەيدۇ. ئەگەر ئايالى بىلەن چىقىشالمىغان بىر ئەركىشىگە ئۆيگە كىرگەندە قۇرۇق قول كىرمەي، بىرەر تال شاكىلات بولسىمۇ ئالغاچ كىرىڭ، پاراڭلاشقاندا تاپا – تەنە تەلەپپۇزىنى ئازايتىڭ، كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ماختاپ تۇرۇڭ دېگەندەك پايدىلىق نەسىھەتلەرنى قىلىشمۇ ھەققە چاقىرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. ئۆزىنى ئاللاھ يولىدا جىھادقا تەييارلاۋاتقان بىرىگە، ساغلام ئوزۇقلىنىش، چېنىقىش، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىشمۇ مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ ھەقتە توختىلىشتىن مەقسەت، ھەققە تەۋسىيە قىلىشنىڭ پەقەت تار مەنىدىكى ئىبادەت دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئىسلامنىڭ ھاياتنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدەك پۈتۈنچىل بىر دىنىي چۈشەنچىنى ئەسلىتىشتۇر. ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ زور كۆپ قىسمىنى بىر قارىماققا «دىنىي» كۆرۈنمەيدىغان، ئەمما ماھىيەت، مەقسەت ئېتىبارى ۋە خالىس نىيەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «دىنىيلىشىدىغان» تەرەپلەر تەشكىل قىلىدۇ، ھالبۇكى، بۇ تەرەپلەر دائىم دىققەتنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.

ئاللاھتائالا بۇ يەردە زىياندىن قۇتۇلۇشتا ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇسۇلمانلىقىنى ئادا قىلىپلا، ئەتراپىغا كۆز يۇمىدىغان پاسسىپ مۇسۇلمانلىقنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ھەربىر يەككە مۇسۇلماننىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆزىدىن ھالقىغان، باشقىلارنى ھەققە چاقىرىدىغان بىر ئىجتىمائىي بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى سۆزلەۋاتىدۇ، يەنى، بىزگە زىياندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سالىھلىقلا كۇپايە ئەمەس، مۇسلىھ بولماق (ئىسلاھ قىلغۇچى بولماق) كېرەك دېگەننى سەمىمىزگە سېلىۋاتىدۇ:

﴿وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ الْقُرَى بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ﴾.

﴿پەرۋەردىگارىڭ ئاھالىسى ئىسلاھ قىلغۇچى بولغان يۇرتلارنى زۇلۇم سېلىپ ھالاك قىلمايدۇ[30].

بىز خسر نىڭ ھالاكەت دەپمۇ مەنىسى بارلىقىنى قەيت قىلغان ئىدۇق، مانا بۇ ئايەتتە ئاھالىسى ئىسلاھاتچى ، يەنى ئىسلاھاتچىلىق كىملىكىگە ئايلانغان خەلقلەرنىڭ يۇرتلىرىنىڭ ھالاك بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىبارىلەر بىلەن كۆرۈۋاتىمىز. بۇنى ئۈستىدىكى ھەققە تەۋسىيە قىلىش بىلەن باغلىغىنىمىزدا، زىياندىن، ھالاكەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنىڭ سالىھلىقتىن ھالقىغان مۇسلىھلىق (ئىسلاھاتچىلىق) ئىكەنلىكى قۇياشتەك ئايان بولىدۇ. چۈنكى، بىر – بىرىنى ھەققە تەۋسىيە قىلىش، ھەققە چاقىرىش دەل ئىسلاھاتنىڭ بىر تۈرىدۇر. شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنكى، ئەگەر جەمئىيەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىدا بىر – بىرىنى ھەققە چاقىرىشتەك ئىسلاھچىللىق بىر ئادەتكە ئايلانغىنىدا، بۇ جەمئىيەت ھەر قانداق يوشۇرۇن كىرىزىس، ئاپەتلەرنى ئالدىن بايقىيالايدۇ، ئالدىنى ئالالايدۇ، مەسىلىلەر يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا ئاقىلانە تەدبىر قوللىنالايدۇ، چۈنكى ئىسلاھچىللىقنىڭ ماھىيىتى تەشەببۇسكارلىقتا بولۇپ، بۇنداق روھقا ئىگە مۇسۇلمانلار يامغۇرنىڭ يېغىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمايدۇ، بەلكى، يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن ئېتىز، ئامبار، ئېرىقلىرىنى تەييارلاپ بولىدۇ-دە، ياغقاندا تەمتىرىپ قالمايدۇ. ئىسلام ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ھويلىسىنىلا سۈپۈرۈپ، كوچىسىنى قوشنىسىغا تاشلاپ قويىدىغانلارنى پاكىزە ھېسابلىمايدۇ، ئۆزىنىڭ مورىسىدىنلا تۈتۈن چىقىرىپ، قوشنىسى ئاچ يۈرىدىغانلارنى سېخى ھېسابلىمايدۇ، شەخسى ھېسابى ئۈچۈن يولۋاسقا ئايلىنىپ، ھەقنىڭ ھېسابىدا مۈشۈك بوپقالىدىغانلارنى باتۇر ھېسابلىمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلەر ئۇلاردىن ئەمەستۇر»[31]. مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەڭ كاتتىسى دەل ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزۈش، ئارىدا ئىسلاھاتنى قانات يايدۇرۇشتۇر.

ئۇرۇقنى تېرىدۇق (ئىمان ئېيتتۇق)، بىخمۇ ئۇردى (ياخشى ئەمەلمۇ قىلدۇق)، بۇنىڭغا قوشۇپ ئەتراپتىكى گىياھلارنىمۇ سۇغاردۇق (ھەققە تەۋسىيە قىلدۇق)، ئەمدى ياستۇقنى قىرلاپ ئۇخلىساق بولامدۇ؟ ئەمدى ھەر يەر گۈل – گۈلىستان بولۇپ كېتەمدۇ؟

 

﴿وتواصوا بالصبر

 

ئاللاھتائالا بۇ سوئالىمىزغا بۇ ئايەت بىلەن ياق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدا چىڭ تۇرۇش، ياخشى ئەمەلنى باشلىغاندىن كېيىن تەرك ئەتمەسلىك، ھەققە تەۋسىيە قىلىشنى توختىتىپ قويماسلىقلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ۋە پەقەت كۈچلۈك ئىرادە، چىدامچانلىق بىلەنلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ماھىيەتتە، بۇ ئاخىرقى ئايەت باشتىكى ئايەتلەر بىلەن ئىچكى لوگىكىلىق ئىزچىللىققا ئىگە. باشتىكى ئەمەللەرنىڭ مېۋە بېرىش بەرمەسلىكى، يەنى، ئىنساننى زىياندىن قۇتقۇزۇشقا ياراش يارىماسلىقى ئەمەللەرنىڭ ئىزچىللىقىغا باغلىق. ھالبۇكى، بۇ ئىزچىللىق ۋە دائىمىيلىق سەۋر بىلەن ئاندىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ خۇددى سەپەرگە چىققان مۇساپىرنىڭ چارچىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىدەك، مەنزىلگە يېتەي دېسە، چوقۇم سەپەردىكى بۇ جاپا – مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ – سەۋر قىلىپ – داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىدەك بىر ئەقەللىي ساۋاتتۇر. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئىنساننى ئۆتكۈنچى ئەمەللەر ئەمەس، بەلكى دائىمىي ئەمەللەرلا قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. بۇ دائىمىيلىقنىڭ جېنى دەل سەۋردۇر.  دەۋەت ۋەزىپىسى بىلەن ئەۋەتىلگەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇجادەلە تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ دەۋىتىدە سەۋر – ماتانەتنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز (بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ھەممىگە مەلۇم بولغاچقا، بۇ يەردە زىكىر قىلمىدۇق). بۇنىڭ بىر مۇقەررەر قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى مۇنۇ ئايەتتىنمۇ روشەن كۆرەلەيمىز:

 ﴿يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنكَرِ وَاصْبِرْ عَلَى مَا أَصَابَكَ إِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُور﴾.ِ

﴿ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر﴾[32]. روشەنكى، ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئەمرىمەرۇپ، نەھىي مۇنكەر بولسا ھەققە چاقىرىشنىڭ ئۆزىدۇر، ئاللاھتائالا ئارقىدىنلا مانا بۇ يولدا دۇچار بولغان بارلىق مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىل دەيدۇ ۋە سەۋر قىلىشنىڭمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنساندىن كۈچلۈك ئەزىم – ئىرادە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. 

 

ئۇنداقتا، بۇ سەۋرنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ ئۇ بىز ئۇيغۇرلار چۈشەنگەندەك بىر ئۇقۇممۇ؟

 

تىلىمىزغا نۇرغۇن دىنىي ئاتالغۇلار كىرگەن بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك قوللىنىش جەريانىدا بەزى كەلىمىلەرنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىپ كەتكەن، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ مەنىلىرى ئۆز مەنىسىدىن بۇرۇلۇپ، بۇرمىلىنىپ كەتكەن. سەۋر كەلىمىسىمۇ ئەنە شۇ مەنە ھەجمى ئەسلىدىكىدىن زور دەرىجىدە تارىيىپ بۇرۇلۇپ كەتكەن كەلىمىلەرنىڭ بىرىدۇر. بىزدە بىر دادا بالىسىغا: [سەۋر قىل بالام، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاننىڭ پايدىسى يوق] دېگىنىدە، ھەرگىزمۇ [ھازىرچە چىشىڭنى چىشىڭغا چىشلەپ بەرداشلىق بەرگىن، چىدامچان بول، ھازىر كۈچۈڭ ئاجىز، پۇرسەت كۈت، ۋاقتى كەلگەندە ئاندىن ئاتلانغىن] دېمەكچى بولمايدۇ. بۇنداق مەقسەتتە دېگەن بولسا، دەل ئىسلام ئۆگەتمەكچى بولغان سەۋرنى دېگەن بولاتتى. ئەكسىچە، [ئامال يوق بالام، ئەخمەقلىق، نادانلىق قىلما، جان بېقىش ھەممىدىن ئەلا] دېمەكچى بولىدۇ. يەنى، بىزدىكى سەۋر ھەق – ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلماسلىق، زۇلۇم- خورلۇقلارغا ئادەتلىنىۋېتىش، خارلىق – مەھكۇملۇقنى قوبۇل قىلىش، دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى چىقماسلىق، ياۋاش – يۇمشاق بولۇش، ھاقارەتلەرگە غىڭ قىلماسلىقتەك، «پاسسىپ كۈتۈش»، «پاسسىپ چىداش »، «پاسسىپ يېتىۋېلىش» قا ئايلىنىپ كەتكەن. ھالبۇكى، بۇنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىمۇ، تارىخى تەجرىبىلەرمۇ، ساغلام ئەقىلمۇ رەت قىلىدۇ.

 

[صبر] نىڭ لۇغەت مەنىسى رازى بولۇش، كۆتۈرۈش، بەرداشلىق بېرىش، داۋاملاشتۇرۇش مەنىلىرىدە بولۇپ، «قاموس اللغة العربية المعاصرة» دە «تىنچ قەلب ۋە رازىمەنلىك بىلەن شىكايەت قىلماستىن، ئالدىراقسانلىق قىلماستىن كۈتۈش دەپ تەبىر بەرگەن» . تۈركىيە دىيانەت ۋەقفىنىڭ ئىسلام ئېنسىكىلوپېدىيەسىدە «باشقا كەلگەن خىلمۇ – خىل دەرت – ئەلەم، دىشۋارچىلىق، بالا – قازالارغا چىداش»، «سەۋر دېگىنىمىز نەپسىنى ئەندىشە – تەشۋىشتىن، تىلنى شىكايەتتىن، ئەزالارنى يامان قىلىقلاردىن ساقلاش، كەڭرىچىلىكتىمۇ، تارچىلىقتىمۇ سۈكۈناتنى بۇزماستىن، ئاللاھتىن باشقىغا شىكايەت قىلماسلىق» دېگەن تەبىرلەر بار. [صبر] نىڭ قارمۇقارشى سۆزى [جزع]، يەنى، شىكايەت قىلماق، ۋايسىماق، قاخشىماقتۇر. مۇنۇ ئايەتتىنمۇ بۇ مەنىنى كۆرەلەيمىز.

﴿وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِن شَيْءٍ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٍ﴾.  

﴿ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ﴾[33]. ئايەتتە نالە – پەرياد دەل سەۋرنىڭ زىت مەنىلىك سۆزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالى بولسا «سەۋر دىنىي تۇيغۇلارنىڭ نەپسنىڭ ئارزۇ – ھەۋەسلىرىگە قارشى تىركىشىشى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن[34]. بۈيۈك مۇپەسسىر ئالۇسى بولسا غەززالىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى تولۇقلاپ «سەۋردىن مەقسەت نەپسىنى ئۇنى جەلپ قىلغان ئىش – ئەمەلدىن توسۇشلا ئەمەس، بەلكى ئاللاھتىن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بېشىمىزغا كەلگەنلەرنى چىرايلىقچە قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارغا رازى بولۇشتۇر»[35]. غەززالىنىڭ قارىشىچە رىزا سەۋرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.

 

قۇرئان كەرىمدە [صبر] كەلىمىسى بەش يەردە، ئۇنىڭدىن تۈرلەنگەن ئىسىم ۋە پېئىللار يۈزدىن ئارتۇق يەردە كەلگەن. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئايەت سەۋرنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

 

﴿وَلَنَبْلُوَنَّكُم بِشَيْءٍ مِّنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِّنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ﴾.

﴿بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن﴾[36].

يەنى، بۇ ئايەتتىكى سەۋر ئاللاھتىن كەلگەن ھەر خىل مۇسىبەتلەرگە ئاللاھقا ئىسيان قىلىپ ھەددىدىن زىيادە يىغلاپ، قاخشىماسلىق، ۋايسىماسلىق، ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك، يوقىتىپ قويماسلىق، بەلكى تەمكىن، ساكىن قەلب بىلەن قوبۇل قىلىش، بۇ قىيىنچىلىقلاردىن قورقۇپ كەينىگە چېكىنمەسلىك، مۇستەھكەم تۇرۇش، تەۋرەنمەسلىك دېمەكتۇر.

 

﴿أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَعْلَمِ اللَّهُ الَّذِينَ جَاهَدُوا مِنكُمْ وَيَعْلَمَ الصَّابِرِينَ﴾.

﴿ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) ئاللاھ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي) تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟﴾[37].

﴿وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّى نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ﴾.

﴿بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر﴾[38].

﴿وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُم بِهِ وَلَئِن صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِّلصَّابِرِينَ﴾.

﴿ئەگەر (ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار (يەنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار)، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلۋەتتە) ياخشىدۇر﴾[39].

﴿وَاصْبِرْ وَمَا صَبْرُكَ إِلَّا بِاللَّهِ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُ فِي ضَيْقٍ مِّمَّا يَمْكُرُونَ﴾.

﴿ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقى) غا قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن[40] .

﴿وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ﴾.

﴿بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ[41].

﴿وَلَمَّا بَرَزُوا لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ قَالُوا رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ﴾.

﴿ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! (قەلبىمىزنى) چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى﴾[42].

﴿فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِل لَّهُمْ كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَ مَا يُوعَدُونَ لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِّن نَّهَارٍ بَلَاغٌ فَهَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الْفَاسِقُونَ﴾.

﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ﴾[43].

﴿وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ وَاصْبِرُوا إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ﴾.

﴿پۈتۈن سۆز- ھەرىكەتلىرىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر﴾[44].

ھەدىس شەرىفتىمۇ سەۋرگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قىممەتلىك مەزمۇنلار بولۇپ تۆۋەندە بىرقانچىسىنى نەقىل قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

«كىمكى سەۋر تەلەپ قىلسا، ئاللاھتائالا ئۇنى سەۋرچان قىلىدۇ، ھېچ ئادەمگە سەۋردىنمۇ ياخشىراق، كەڭرەك بىر نەرسە بېرىلگىنى يوق»[45].

«مەن مۇئمىن بەندىنىڭ ئىشلىرىدىن ھەيرانمەن. ئۇنىڭ ھەممىلا ئىشى ياخشىدۇر، لېكىن مۇئمىنلەردىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر مۇئمىنگە باياشاتلىق يەتسە، شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭغا ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا قاتتىقچىلىق يەتسە سەۋر قىلىدۇ. بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر»[46].

«مەن بەندەمنى ئىككى كۆزىدىن ئايرىسام، ئۇ بۇنىڭغا سەۋر قىلسا، ئىككى كۆزىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلىمەن»[47].

يۇقىرىقى ئايەت، ھەدىسلەردىكى سەۋرنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، سەۋرنىڭ پۈتۈن مەنىسى ئايان بولىدۇ ۋە بىزدىكى ئىستېمال مەنىسى بىلەن بولغان ئاسمان – زېمىن پەرقنى كۆرەلەيمىز. بۇلارنى خۇلاسىلىگەندە، سەۋرنىڭ مەنىسىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

 

1.  سەۋر دېگىنىمىز، ئىنساننىڭ نەپسى قىزىقتۇرغان ھاراملارنى يېيىش، زىنا قىلىش، يالغان ئېيتىش، ئاچچىقىنى تۇتالماسلىق، ھەتتا غەيۋەت قىلىش، قاخشاش دېگەندەك گۇناھ، يامان ئىشلار ئالدىدا ئۆزىنى زور ئىرادە بىلەن تۇتۇۋېلىشى، كونترول قىلىشىدۇر.

2.  سەۋر دېگىنىمىز، تائەت، ئىبادەتنىڭ ھەر خىل چوڭ – كىچىك جاپا – مۇشەققەتلىرىگە يۈزلىنىش، چىدامچانلىق كۆرسىتىش، تائەت، ئىبادەتلەردە ھورۇنلۇق، ئېرىنچەكلىك، سۆرەلمىلىك قىلماسلىقتۇر.

3.  سەۋر دېگىنىمىز، ئاللاھ يولىدا يەتكەن باشقىلارنىڭ مەسخىرە، كەمسىتىش، ھاقارەتلىرىدىن تارتىپ، تۈرمىگە تاشلىنىش، قىيىن – قىستاققا چۈشۈش، مال – مۈلكى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش، سۈرگۈن قىلىنىش، ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈشكىچە بولغان بارلىق چوڭ – كىچىك مۇسىبەت، ئەزىيەتلەر ئالدىدا بوشىشىپ قالماي، تەۋرەنمەي، چېكىنمەي، ھەق يولىدا ئاداققىچە چىڭ تۇرۇشتۇر.

4.  سەۋر دېگىنىمىز، ئۆزى ۋە يېقىنلىرىغا يەتكەن كېسەللىك، ئۆلۈم – يېتىم، ئىقتىسادىي زىيان، تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئوخشاش مۇسىبەتلەرنى، ئاللاھتائالاغا ئىسيان قىلماستىن، زىيادە قاخشاپ، ۋايسىماستىن، تەمكىن قەلب بىلەن قوبۇل قىلىپ رىزا كۆرسىتىشتۇر.

 

سەۋرنىڭ مەنىسىنى مۇشۇ رەۋىشتە چۈشەنگەندىن كېيىن، سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەققە تەۋسىيە قىلىشنىڭ كەينىدىنلا كەلگەنلىكىدىكى ھېكمەت ئايدىڭلىشىدۇ. قانۇنىيەت شۇكى، ئىنسانلارنى ھەققە چاقىرىش تارىختىن بۇيان ئاسان بولغان ئەمەس، بەلكى بۇ جاپا – مۇشەققەت، مۇسىبەت – ئەزىيەتلەر بىلەن تولغان بىر يولدۇر. ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەلنىمۇ قىلغان، باشقىلارنى ھەققىمۇ چاقىرغان بولساقمۇ، ئەگەر بۇ يولدا يېتىدىغان ماددىي ۋە روھىي قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگىدەك سەۋرىمىز بولمىسا، زىياندىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاخىرقى تۆتىنچى قەدىمى چالا بېسىلىپ قالىدۇ، زىياندىن قۇتۇلۇش مۇرادىغا يەتمەك مۇمكىن بولمايدۇ.

 

 يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئايەت ھەققە چاقىرىشنىڭ ھەرگىزمۇ بىرەر ئېغىز نەسىھەت قىلىپلا قويۇش، سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىسىلا دەرھال بولدى قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ھەققە چاقىرىشنىڭ بىر مۇئمىنىڭ دائىمىي ھايات پەلسەپىسى، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، ھەققە چاقىرىشنىڭ مېۋىسى كۆرۈلىدۇ، ئاندىن زىياندىن قۇتۇلۇشتىن ئۈمىت تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ھەققە چاقىرغۇچىلار باشقىلارنىڭ رەت قىلىشى، مەسخىرىسى، كەمسىتىشى، قۇلاق يوپۇرۇشى، پەرۋاسىزلىقى دېگەندەك ئىنكاسلىرىدىن مەيۈسلەنسە، ئۈمىتسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالسا، ھەققە چاقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ خىزمەت ھېچبىر زامان داۋاملىشالمايدۇ، ئىنسانلارنى دۇنيا، ئاخىرەتلىك زىياندىن قۇتۇلدۇرىغان ۋەسىلىگە ئايلىنالمايدۇ. سەپەرگە ئاتلانغان بولساقمۇ، ناۋادا خورجۇنىمىزدا يېتەرلىك ئوزۇق – تۈلۈك بولمىسا يېرىم يولدا قېلىشىمىز مۇقەررەردۇر، بۇ يولدىكى ئوزۇق – تۈلۈك بولسا دەل سەۋردۇر، يەنى چىڭ تۇرۇشتۇر، بوشاشماسلىقتۇر، داۋاملاشتۇرۇشتۇر.

بۇ يەردە شۇنداق ئىككى نۇقتىنى تەكىتلەش كېرەك، سەۋرگە چاقىرىشنىڭ ھەققە چاقىرىشنىڭ كەينىدىنلا كەلگەنلىكى، ھەرگىزمۇ سەۋرنىڭ پەقەت ھەققە چاقىرىش ئۈچۈنلا كېرەك ئىكەنلىكىنى، ئالدىدىكى ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەل قىلىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، سەۋر ئالدىدىكى ئۈچ باسقۇچ ئۈچۈن ئوخشاش مۇھىم  رول ئوينايدۇ. ئىنسان ئىمان ئېيتقاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئازغۇن ئىدىيە، چۈشەنچىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا، قىزىقتۇرىشىغا ئۇچرايدۇ، بەزى باتىل ئىدىيەلەرگە مەپتۇنمۇ بوپقالىدۇ، مانا مۇشۇنداق چاغلاردا ئەنە شۇنداق ئىچى باتىل، سىرتى يالتىراق پىكىرلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇش كۈچىگە مايىل بوپكەتمەستىن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن يەنە سەۋر كېتىدۇ. ياخشى ئەمەللەرمۇ ئىنساندىن نۇرغۇن بەدەل تەلەپ قىلىدۇ، قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بەزىدە ئادەمنىڭ بەزى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغان، ياخشى ئىش قىلىشتىن كەلگەن بەزى ئەزىيەتلەرگە چىدىيالماي بۇلارنى ئەمدى قىلماسلىققا ۋەدە قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ سەلبىي ئىنكاسى بىلەن قىلىۋاتقان ياخشى ئىشىدىن ۋاز كېچىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ناۋادا مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنى ۋاز كېچىشتىن، بوشىشىپ كېتىشتىن ساقلايدىغان سەۋر كۈچى كەم بولسا، ياخشى ئەمەل ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، بىزنى زىياندىن قۇتۇلدۇرىدىغان تەلەپتىن يىراقلاپ كېتىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا بەزى گۇناھلارنىڭ قىزىقتۇرۇش، ئېزىقتۇرۇشى ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ تاشلايدۇ، مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان كۈچلۈك سەۋر كېرەك. قىسقىسى، مۇشۇ بۆلەكنىڭ باش قىسمىدا قەيت قىلغىنىمىزدەك، تۆتىنچى قەدەم بولغان سەۋر ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ قەدەمنىڭ ئىزچىل ئادەتكە ئايلىنىپ، ھەقىقىي مېۋە بېرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەسىدۇر.

ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا بولسا، ئايەتنىڭ سىياقىدىن ھەققە چاقىرىش ۋە سەۋرگە چاقىرىشنىڭ شەخسنىڭ ئۆزىگىلا تاشلاپ قويۇلغان خۇسۇسى ئەمەل ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ بىر جامائەت ئىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ يولدا ھەمكارلىشىشنىڭ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىللە مېڭىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈش مۇمكىن، چۈنكى، ئايەت بىر – بىرىڭلارنى چاقىرىڭلار دەۋاتىدۇ. خۇددى ئۇرۇشتىكى سەپداشلار يارىلانغاندا، بىر – بىرىنى يۆلەپ ھەمدەم بولغاندەك، بۇ يولدىمۇ شۇنداق چارچىغاندا، يىقىلغاندا، مەيۈسلەنگەندە، ئۈمىتسىزلەنگەندە، بىر – بىرىگە تەسەللى، ئىلھام بېرىش، روھىنى كۆتۈرۈش، يالغۇز تاشلاپ قويماسلىق ئايەتنىڭ بىزگە يەتكۈزمەكچى بولغان يەنە بىر مۇھىم مەنىسىدۇر.

 

خاتىمە

 

ئاللاھتائالا بۇ قىسقىغىنا ئايەت كەرىمدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پۈتۈن زامان، پۈتۈن ماكانلار ئۈچۈن بىر نىجاتلىق رېتسىپى سۇنۇۋاتىدۇ ۋە بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان تۆت قەدەم تولۇق ئېلىنمىغىچە، ئىككى ئالەملىك زىياننىڭ مۇقەررەرلىكىنى، ھېچبىر شەككە ئورۇن يوق دەرىجىدە كەسكىن خىتاب قىلىۋاتىدۇ. باشتا بىلىشىمىز كېرەك بولغان نۇقتا شۇكى، بۇ تۆت قەدەم يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بىر – بىرى بىلەن زىچ بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ، ئىنساننىڭ ئىچىدىن سىرتىغا يۆنەلگەن بىر تەدرىجى ئىلگىرىلەشنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاۋال، پۈتۈن زامانلاردىكى ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ زىياننىڭ يەنىلا زامان ئىچىدە تۇرۇپ زاماننى قىممەتلەندۈرەلمەسلىك بىلەن بولىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن زامان بوشلۇقىنى قايسى ئىشلار بىلەن تولدۇرغاندا ئاندىن بۇ زىياندىن  قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۇنجى قەدەمدىكى ئىمان ئېيتىش، ئىنسانغا نىسبەتەن بىر روھىي ۋە زېھنىي ئىنقىلاب بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان بۇرۇنقى ئىنسان بولمايدۇ، تەپەككۇرى، روھىيىتى پۈتۈنلەي بۇ ئىماننىڭ قوماندانلىقى ئاستىغا كىرىدۇ. بۇ ئىنقىلاب ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا يۈز بەرسىمۇ، ئىچىدىلا قاپسىلىپ تۇرمايدۇ ۋە تۇرالمايدۇ. خۇددى ئۇرۇقنىڭ تەبىئىتى بىخلىنىش بولغىنىدەك، ئىماننىڭ تەبىئىتىمۇ ئىپادىلىنىشتۇر. بۇ ئىپادىلىنىش ئىمان ئېيتقان ئىنساندا، ئىماننىڭ تەقەززاسىغا لايىق سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. يەنى، ئىچىدىن سىرتقا بىر قەدەم تاشلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنساننىڭ شەخسىي ئىمانى ۋە سالىھ ئەمىلى، ئۆزى ۋە ئۆزى تەۋە توپنىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن يېتەرلىك بولمايدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدىكى ھەققە چاقىرىش بولسا، مۇئمىننىڭ ئۆزىدىن ھالقىغان بىر ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئىپادە قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇئمىن ئۆز چەمبىرىكىنىڭ سىرتىغا چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قەدەمدە سەۋرگە چاقىرىش كېلىدۇ، بۇ ئالدىدىكى ئۈچ قەدەمنىڭ غەلىبىسىنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىمان ئېيتىش، سالىھ ئەمەل قىلىش، ھەققە چاقىرىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس قىيىنچىلىق، ئەزىيەتلەر بىلەن تولغان، ئەگەر سەۋردىن ئىبارەت يېقىلغۇ بولمىغىنىدا، بۇ ئۈچ ئىش ئىنسانلارنى قۇتقۇزالىغۇدەك كۈچكە، ئىزچىللىققا ئىگە بولالمايدۇ. يەنە تەكىتلەش لازىمكى، گۈللەرنى چېقىن ئاپتاپ پورەكلىتەلمىگەندەك، ئىنساننىمۇ ئۆتكۈنچى ئەمەل قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى، ھاياتنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئەمەللەرلا قۇتقۇزالايدۇ.

 

ئىككىنچى نۇقتىغا كەلسەك، زىياندىن قۇتۇلۇش پەقەت مەزكۇر تۆت قەدەمنىڭ كەم – كۈتىسىز تاماملىنىشى بىلەن ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ تۆت ئەمەل بىر – بىرى بىلەن ئاجرالماس بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، قايسىسى سەل قارالسا، كەم ئىجرا قىلىنسا، بۇ ئىلاھىي رېتسىپ شىپا بەرمەيدۇ. ئىمان بۇ سەپەرگە بەلباغلاشتۇر، نىيەتسىز ھېچبىر ھەرىكەت مەيدانغا كەلمەيدۇ. ياخشى ئەمەل بولسا، رەسمىي قەدەم تاشلاش بولۇپ، سەپەر نىيىتىمىزنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر بۇ قەدەم تاشلانمىسا، نىيەتمۇ قىممىتىنى يوقىتىدۇ. بۇخۇددى سەپەرگە نىيەت قىلىپ قويۇشلا بىر ئىنساننى مەنزىلىگە يەتكۈزەلمىگىنىدەك ئىشتۇر. ئاللاھتائالا بۇ يەردە شەخسنىڭ قۇتۇلۇشىنى ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ قۇتۇلۇشىنى مەقسەت قىلغاچقا، مۇئمىننىڭ سالىھلىقى ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، بۇ مەقسەت ئىشقا ئاشمايدۇ. شۇڭلاشقا، مۇئمىندىن ئۆزىگە راۋا كۆرگەننى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرۈش تەلەپ قىلىنىپ، ئۇنىڭغا باشقىلارنىمۇ بۇ يولغا باشلاش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدۇ. تۆتىنچى قەدەم بولسا ئالدىنقى ئۈچ قەدەمنىڭ ئىزچىللىشىشى، تۇراقلىشىشى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. چۈنكى، باشتىمۇ تەكىتلىگىنىمىزدەك، پۈتۈن بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەممىسىدە چىدام – غەيرەت، ئەزىم – ئىرادىگە موھتاج بولىدۇ. بۇ ئىددىئايىمىزنى ئايەتنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىمۇ قۇۋۋەتلەيدۇ. ئايەتتە ئىشلىتىلگەن باغلىغۇچى و باغلانغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى تەڭداش مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، زىياندىن قۇتۇلۇشتا ھەممىسىنىڭ تەڭ قىممەتلىك مىقدارلار ئىكەنلىكىدىن، قايسى بىرى كەم بولسا بۇ تەڭلىمىنىڭ كۈچىنى يوقىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

ئۈچىنچى مۇھىم نۇقتا بولسا، ئايەتتە كۆزلەنگىنى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ نىجاتلىقىدۇر. ئايەتتىكى الانسان كەلىمىسى بىرلىك ۋەزنىدە كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئېنىقلىق ئارتىكىلى ئۆز ئىچىگە ئېلىش مەنىسىدە بولۇپ، بۇ ئىنسان جىنسىغا تەۋە بارلىق ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھتائالا بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ كوللېكتىپ قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە بولىدىغان ھەققە تەۋسىيە قىلىشنى، ھەربىر ئەزانىڭ شەخسىي ئەمىلىگە ئايلاندۇردى. يەنى، ئۈنۈمى نۇقتىسىدىن ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بۇ ئەمەل، قىلىنىش نۇقتىسىدىن شەخسنىڭ ۋەزىپىسى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن شەخس زېممىسىدىكى تۆت ئەمەلنى لايىقىدا ئادا قىلسىلا، ئۆزى ۋە ئۆزى تەۋە توپنىڭ زىياندىن قۇتۇلۇشى ئاپتوماتىك بىر جەريانغا ئايلاندۇرۇلدى. بۇ يەردىكى «ئۆز – ئارا تەۋسىيە قىلىشىش» تولىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ بۇ يەردە ئوخشاش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە، بىرلا ۋاقىتتا ھەم تەۋسىيە قىلغۇچى، ھەم تەۋسىيەنى قوبۇل قىلغۇچىلىق سالاھىيىتىدە. بۇ خۇددى ھەربىر ئائىلە ئۆزىگە تەۋە تازىلىق رايونىنى تازىلىسىلا، پۈتكۈل مەھەللىنىڭمۇ تەبىئىي تازىلىنىپ قالىدىغانلىقىدەك بىر ئىشتۇر. بۇنى تەكىتلەشتىن مەقسەت، ئىنساننىڭ دائىم ئۆزىنىڭ شەخسىي مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى تونۇپ يېتىپ بولالمايدىغانلىقىدەك بىر مەسىلىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشتۇر. ھەربىر ئەزاسى ئۆز زېممىسىدىكى ياخشى ئىشنى قىلىدىغان، بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي بۇ ياخشى ئىشنى بىر – بىرىگىمۇ تەۋسىيە قىلىدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ قانداق ماقامغا يۈكسىلىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقساقلا، ئايەتتىكى ھېكمەتنى تېخىمۇ روشەن چۈشىنەلەيمىز.

 ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك تۆتىنچى مۇھىم نۇقتا شۇكى، كۆرگىنىمىزدەك ئايەتلەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۆتكەن زامان شەكلىدە كەلگەندۇر. يەنى، ئايەت ئىمان ئېيتماقچى بولغان، سالىھ ئەمەل قىلماقچى بولغان، ھەققە ۋە سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشماقچى بولغانلارنى ئەمەس، بەلكى مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ بولغانلارنىڭلا زىياندىن مۇستەسنالىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇ ئىنسانلارنى ھەقىقىي مەنىدە قۇتقۇزىدىغان ئەمەللەرنىڭ قىلىنماقچى بولغان، تېخى نىيەت ۋە پىلان باسقۇچىدىكى ھەرىكەتلەر بولماستىن، چوقۇم رېئاللىقتا ئىشقا ئېشىپ بولغان ياكى ئىشقا ئېشىۋاتقان ئەمەللەر بولۇشى كېرەكلىكىگە كۈچلۈك ئىشارەتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنى چوقۇم ئېيتىلىپ بولغان ئىمان، قىلىنىۋاتقان سالىھ ئەمەل، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات خىزمەتلىرىلا قۇتقۇزالايدۇ.

ئاخىرقى مۇھىم نۇقتىغا كەلسەك، بۇ بولسىمۇ، ئايەتتە بىزگە يېزىلغان رېتسىپنىڭ بىر ئومۇمىي رامكا، كۇللىي پىرىنسىپلار ئىكەنلىكىدۇر. ئەمەلىيەتتە، كۇللىي ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىش قۇرئاننىڭ مۇھىم ئۇسلۇبلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ قۇرئاننى پۈتۈن زامان، ماكانلاردا ئۈنۈملۈك تەتبىقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەزكۇر ئايەتتىكى تۆت ئىشمۇ پۈتۈن زامانلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە كۇللىي پىرىنسىپلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىجراسى تېخىمۇ كونكرېتلاشقان، خاسلاشقان، تەپسىلاتلاشتۇرۇلغان پىلان، پىروگراممىلار بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. يەنى، ئايەت بىزگە زىياندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك تۆت چوڭ ئانا ئىشنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئىشلارنى قانداق قىلىشنىڭ تەپسىلىي ئۇسۇل، يوللىرىنى بايان قىلمىغان. ماھىيەتتە، بۇ نۇقسان ئەمەس، دەل ئەكسىچە مۇكەممەللىكتۇر، ئىنسانلارغا رەھمەتتۇر. بۇ تەپسىلاتلارنى ئوخشىمىغان دەۋردىكى، ماكاندىكى ئىنسانلار ئۆزىگە خاس تارىخىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي شارائتتا ئۇچرىغان ھەر خىل كىرىزىس مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەدىس – سۈننەتتىن، مۇجتەھىد، ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرىدىن، ئەمەلىي ھايات تەجرىبىلىرىدىن، تېمىغا ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خاس ھالىغا ماس ئىجتىھادلار بىلەن مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاتېئىزم يامرىغان بىر جەمئىيەتتە ئىماننى ساقلاش تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن، دىنىي مىستېتىزم، خۇراپات يامرىغان جەمئىيەتلەردىكى خىزمەتلەر پەرقلىنىشى مۇمكىن، ھەتتا پەرقلىنىشى كېرەك. ياخشى ئەمەللەرنىمۇ پەرقلىق جەمئىيەتلەردىكى كونكرېت تەلەپ – تەقەززالارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھىملىق، ئالدىنلىق دەرىجىسىنى بېكىتىش مۇمكىندۇر، ھەتتا كېرەكتۇر. ھەققە تەۋسىيە قىلىشتىمۇ ئوبيېكتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان ئۇسۇل – مېتودلارنىڭ قوللىنىلىشىمۇ تامامەن ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر ئىشتۇر.  سەۋرنىڭمۇ ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرگە قارىتا پەرقلىق بولۇشى غەيرى ھادىسە ئەمەستۇر. ئەمما، مەيلى قايسى زامان، قايسى ماكان، قايسى ھالدىكى مىللەت، جەمئىيەت بولسۇن، ئىمان ئېيتىش، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش، ھەققە ۋە سەۋرگە چاقىرىشتىن ئىبارەت بىر- بىرىگە كىرىشكەن بۇ ئايرىلماس تۆت ئەمەل، خۇددى ئاسماندىكى قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك، ئۇلارغا ماڭىدىغان يول ۋە يۆنىلىشىنى ھەر زامان كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

 

ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

 

بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: مۇھەممەد يۈسۈپ



[1] تەبەرانى.

[2] تەپسىرى تەبەرى.

[3] The message of Quran

[4] سۈرە فەجر.

[5] سۈرە زۇھا.

[6]  روح المعاني/ الالوسي.

[7] سۈرە زۈمەر، 63-ئايەت.

[8] سۈرە بەقەرە، 27-ئايەت.

[9] سۈرە بەقەرە 121-ئايەت.

[10] سۈرە مائىدە، 30-ئايەت.

[11] سۈرە ئەنئام 31-ئايەت.

[12] سۈرە ئەئراف 99-ئايەت.

[13] سۈرە مۇتەففىفىن 3 – ئايەت.

[14] سۈرە ئەئراف 9 – ئايەت.

[15] سۈرە ئىبراھىم 24 -25 -  ئايەتلەر.

[16] سۈرە بەقەرە 82 – ئايەت.

[17] سۈرە بەقەرە 277 – ئايەت.

[18] سۈرە ئال ئىمران 57 – ئايەت.

[19] اللغة العربية المعاصر.

[20] مەۋدۇدى: ھەق دىن.

[21] سۈرە ئال ئىمران، 104 – ئايەت.

[22] تىرمىزى.

[23] سۈرە ئىسرا، 81 – ئايەت.

[24] سۈرە زارىيات، 23 – ئايەت.

[25] سۈرە نۇر، 25 – ئايەت.

[26] سۈرە بەقەرە، 119 – ئايەت.

[27] سۈرە فاتىر، 24 – ئايەت.

[28] سۈرە ئەنفال، 60 – ئايەت.

[29] سۈرە نىسا، 19 – ئايەت.

[30] سۈرە ھۇد، 117 – ئايەت.

[31] ھاكىم، تەبەرانى.

[32] سۈرە لوقمان، 17 - ئايەت.

[33] سۈرە ئىبراھىم، 21 - ئايەت.

[34] دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى.

[35] دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى.

[36] سۈرە بەقەرە، 155 - ئايەت.

[37] سۈرە ئال ئىمران، 142 - ئايەت.

[38] سۈرە مۇھەممەد، 31 - ئايەت.

[39] سۈرە نەھل، 126 - ئايەت.

[40] سۈرە نەھل، 127 – ئايەت.

[41] سۈرە فۇسسىلەت 35 – ئايەت.

[42] سۈرە بەقەرە، 250 - ئايەت.

[43] سۈرە ئەھقاف، 35 – ئايەت.

[44] سۈرە ئەنفال، 46 - ئايەت.

[45] بۇخارى، مۇسلىم.

[46] سۈرە ئەنفال، 46 - ئايەت.

[47] بۇخارى رىۋايتى

باشقا خىزمەتلەر