ئۆلىمالىرىمىز

ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى

0000-00-00
A-
A+

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەرىپەت ژۇرنىلى مەسئۇلى ئۇستاز سىراجىددىن شەمسىدىن ئەزىزى، 1966-يىلى 02-ئېيۇن كۈنى خوتەندە مەرىپەتپەرۋەر دىنى ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ كېچىكىدىن تارتىپ ئائىلىدە دىنى تەلىم-تەربىيە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خوتەندىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردىن بىرقانچە يىل ئەرەبچە ۋە دىنى بىلىملەرنى تەھسىل قىلىدۇ.

    ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تېخىمۇ پۇختا بىلىم ئىلىش نىيىتى بىلەن 1984-يىلى پاكىستانغا سەپەر قىلىدۇ ۋە لاھۇر شەھرىدە ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى ئىنىستېتۇتىدا 2 يىلغا يىقىن ۋاقىتتا، ئەرەبچىسىنى تولۇقلاش بىلەن بىرگە ئىنگىلىزچە ۋە ئوردۇچە قاتارلىق تىللارنى تولۇق ئۈگىنىدۇ. 1987 -يىلى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئاباد شەھرىدىكى خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋىرسىتىنىڭ ئەرەب تىل ئەدەبىيات پاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ 1992-يىلى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

    ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى خىزمەت تەقەززاسى بىلەن 1993 - يىلدىن 2016- يىلغا قەدەر سەئۇدى ئەرەبىستان دۆۋەت تەۋەلىكىدىكى جىددە راديوسىنىڭ تۈركىستانچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە دېكتۇر ۋە تەرجىمانلىق خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. ئۇستازنىڭ ھازىرقا قەدەر ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئونلارچە ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلان قىلىندى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە يازغان كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

   ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىچىلغان ئىسلامىي قۇرۇلتايلارغا تەكلىپ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەمسىلچىسى بولۇپ قاتنىشىپ كەلمەكتە.

   ئاللاھ تائالادىن ئۇستازنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.