ماقالىلار

روزىنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرى

2024-03-21
A-
A+

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

روزىنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرى

 ئابدۇلئەھەد ھاپىز

ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇغان ئەمەل-ئىبادەتلەردە ئۆزىمىزگە ۋە جەمئىيىتىمىزگە نۇرغۇن پايدىلىرى بار. بىز ئىبادەتلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق بەندىلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش نىيىتى بىلەن ئادا قىلىمىز. ئىبادەتلەرنى مانا مۇشۇنداق ئىخلاس بىلەن ئادا قىلغىنىمىزدا، ھەم ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى قازىنىمىز ھەمدە ئۇ ئىبادەتلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي پايدىلىرىغا ئېرىشىمىز. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى يىلدا بىر ئاي تۇتۇشقا بۇيرۇغان روزىنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان پايدىلىرى بولۇپ، بىلىم ئىگىلىرى تارىختىن بېرى مەزكۇر پايدىلارنى كەشپ قىلىپ كەلمەكتە. زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلغانسىرى روزىنىڭ يېڭى-يېڭى پايدىلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. تۆۋەندە روزىنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرىدىن بىر نەچچىنى بايان قىلىمىز. چۈنكى بۇ پايدىلارنى بىلگىنىمىزدە، مۇقەددەس دىنىمىزغا بولغان ئەقىدە ۋە ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىپ، ئىمانىمىز تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ ۋە ئىخلاسىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.

 

روزا ئەخلاقنى تۈزەيدۇ:

 

رامىزان تائەت-ئىبادەت ئېيىدۇر؛ رامىزان تەۋبە-ئىستىغفار ئېيىدۇر؛ رامىزان رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيىدۇر. رامىزان گۇناھلاردىن پاك بولۇپ، دوزاختىن ئازاد بولىدىغان ئايدۇر. رامىزاندا روزا تۇتۇش – يېمەك-ئىچمەكنى تەرك ئېتىپ ئاچ تۇرۇشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. روزا تۇتقان كىشى سۈبھىدىن شامغىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە جىنسىي ئىستەكلىرىنى تەرك ئەتكەندىن باشقا، ھەر تۈرلۈك گۇناھ-مەسىيەت، جېدەل-ماجىرا ۋە يامان سۆز-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ روزا تۇتسا، سەت گەپ قىلمىسۇن، ۋارقىرىمىسۇن، بىراۋ ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشماقچى بولسا، <مەن روزىدارمەن> دېسۇن.»[1]

روزا تۇتقان كۈن بىلەن باشقا كۈننىڭ پەرقى بولۇشى لازىم. ھەرزىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "سىز روزا تۇتسىڭىز قۇلىقىڭىز، كۆزىڭىز ۋە تىلىڭىزمۇ ھاراملارنى تەرك ئېتىش بىلەن روزا تۇتسۇن. قوشنىلىرىڭىزغا ئازار بەرمەڭ، ئالىجاناب ۋە تەمكىن بولۇڭ. روزا تۇتقان كۈنىڭىز بىلەن روزا تۇتمىغان كۈنىڭىزنى ئوخشاش قىلماڭ". روزا تۇتقان كىشى خۇددى ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىدەك، ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە ئىبادەت ئىچىدە بولىدۇ. ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشى ئىبادەتكە خىلاپ بىر ئىشنى قىلسا، يا ئىبادىتى بۇزۇلىدۇ ياكى ئۇنىڭ ساۋابىدىن قۇرۇق قالىدۇ. روزا تۇتقان كىشى بىر نەرسە يەپ قويسا، روزىسى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭدەك روزا تۇتۇپ تۇرۇپ گۇناھ-مەسىيەتنى تەرك ئەتمىگەن، يالغان سۆز، غەيۋەت، گەپ توشۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان كىشى كۆرۈنۈشتە تولۇق روزا تۇتقاندەك قىلسىمۇ، مەنىۋىي جەھەتتە روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روزىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بەزى روزا تۇتقۇچى باركى، ئۇن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.»[2] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىم يالغان گەپ قىلىشنى، يالغان ئىش قىلىشنى ۋە زۇلۇم قىلىشنى تاشلىمىسا، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھنىڭ ھاجىتى يوق».[3]

دېمەك، مۇسۇلمان كىشى رامىزان روزىسىنى تۇتۇش جەريانىدا ھەر تۈرلۈك ناچار ئىللەت ۋە يامان قىلىقلارنى تاشلاپ ئۆزىنى پاكلايدۇ؛ مۇسۇلمانغا لايىق گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئادەتلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆتمۈش گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم باسىدۇ ۋە بۇ يېڭى ھاياتىدا ئۆزىگە، دىنىغا، جەمئىيىتىگە ۋە ۋەتىنىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان كىشى بولۇپ يېتىشىدۇ. مانا بۇنىڭدىن رامىزان ئېيىنىڭ كىشىنى تاۋلاپ ھەر تۈرلۈك كىرلاردىن تازىلاپ ياخشى ئىش ۋە گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن چېنىقتۇرۇپ، ياراملىق قىلىدىغان پايدىسى بار.

 

روزا گۇناھلاردىن پاكلايدۇ:  

 

نەپس-شەيتان بىلەن ئۈلۈكسىز جەڭ ھالىتىدە بولغان ئىنسان بىلىپ-بىلمەي ھەر تۈرلۈك چوڭ-كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىدىن ئۆتەلگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشى زۆرۈردۇر. رامىزان ئېيى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت. چۈنكى رامىزان ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى مول ياغىدىغان مۇبارەك ئاي. بۇ ئايدا قىلىنغان تائەت-ئىبادەتلەرگە باشقا ۋاقتىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق مۇكاپات بېرىلىدۇ ۋە قىلغان تەۋبە-ئىستىغفارنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۈمىدى چوڭدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ شاراپىتى بىلەن تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، گۇناھلىرىنى پۈتۈنلەي مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا تەۋبىنى قوبۇل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن . «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، رەببىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ، (ئۇلار سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە) ئۇلارنىڭ نۇرى (ئەمەللىرىگە كۆرە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «ئى رەببىمىز! (سىراتتىن سالامەت ئۆتۈپ جەننەتكە بېرىۋېلىشىمىز ئۈچۈن) بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ.»[4] تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ قەلبى گۇناھلارنىڭ كىرىدىن تازىلىنىپ پاكىز بىر قۇتىغا ئايلىنىدۇ-دە، ئاللاھنىڭ نۇرى ئۇ قۇتىغا ياغىدۇ. بۇ نۇر ئىنسانغا توغرا يولنى يورىتىپ بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ؛ يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ-مەغپىرىتى ۋە جەننىتىگە ئېرىشىدۇ.  

 

روزا ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش روھىنى كۈچەيتىدۇ:

 

مۇسۇلمانلار بۇ مۇبارەك ئايدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاچلىقنىڭ ۋە يوقسۇللۇقنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ، ئۇنى ئەملىي تەجرىبە قىلىدۇ. بۇ روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە رەھىمدىللىق، شەپقەت، نامراتلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىش ھېسسىياتىنى كۈچلەندۈرىدۇ. روزىنىڭ بەرىكىتى بىلەن مېھرى-شەپقەت ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تاشقان بايلار نامراتلارغا، مۇھتاجلارغا، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارغا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ياردەملەرنى قىلىدۇ. مانا بۇ رامىزاننىڭ رەھمەت ئېيى بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى.

مۇسۇلمانلار يەنە مەسچىتلەردە توپلىشىپ بىرلىكتە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيدۇ؛ مەسچىتتە بىرلىكتە ئىپتار قىلىدۇ ياكى بىر-بىرىنى ئىپتارغا چاقىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇلپەت، دوستلۇق، قېرىنداشلىق روھى كۈچىيىپ، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت يوقىلىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ، جەمئىيەتتىكى ئىنسانلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان بولۇپ، ھەممە بىردەك ھوزۇرلۇق، بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.

 

روزا روھىي ئوزۇقتۇر:

 

روزا مۇسۇلمانغا روھىي ۋە پىكرى كۈچ-قۇۋەت ۋە ئوزۇق بېغىشلايدۇ. روزىدا رىيا بولمايدۇ، ئۇ پەقەت خالىس ئاللاھ ئۈچۈنلا تۇتۇلىدۇ. شۇڭا روزا تۇتقان كىشى ئاللاھ تائالادىن باشقىغا مۇھتاج بولماسلىق، ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا قۇل بولماسلىق، خورلۇقنى قوبۇل قىلماسلىق سۈپىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئېسىل سۈپەت بىلەن ماددىي-ھايۋانىي ماقامدىن تەرەققىي قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي بەندە بولۇش ماقامىغا، ئۇنىڭدىنمۇ تەرەققىي قىلىپ روھىي مۇكەممەللىك ماقامىغا ئۆرلەيدۇ. روھىي مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن كىشى ئىرادىلىك، غەيرەتلىك، جاسارەتلىك، قورقۇمسىز بولۇپ، چۈشكۈنلۈك، ئاجىزلىق، قورقۇنچاقلىق ئۇنىڭدا بولمايدۇ. ئۇ باسقان يولىدىن قايتمايدۇ، غايىسىگە يېتىش يولىدا قۇربان بېرىشتىن، بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشتىن باشقا غايىسى بولمايدۇ.

 

روزا كۈرەش روھىنى يېتىلدۈرىدۇ:

 

كۈرەش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى نەپس-شەيتانغا قارشى مەنىۋىي جىھاد، يەنە بىرى قوراللىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ماددىي-بەدەنىي جىھاددۇر. مەنىۋىي جىھاد (جىھادۇننەپس) نەپس-شەيتان ۋە شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈزلۈكسىز كۈرەشتۇر. ئۆلىمالار نەپسنى سۈت ئېمىدىغان بوۋاققا ئوخشىتىدۇ. بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىساڭ، ئۇ سۈت ئېمىشنى تاشلاپ، تاماق يېيىشكە كۆنىدۇ. ئەگەر ئۇنى قويۇپ بەرسەڭ، ئۇ چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ سۈت ئېمىشنى تاشلىمايدۇ. شۇنىڭدەك نەپسنى ھەر تۈرلۈك يامان ھەۋەسلىرىدىن توسۇپ، ئۇنىڭ تۈگىمەس ئارزۇلىرىنى تىزگىنلەپ ياخشى ئىشلارغا كۆندۈرسىڭىز ئۇ كۆنىدۇ. ئەگەر ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتسىڭىز ئۇ ھەرگىز تويمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان بالىسىنىڭ بىر ۋادى ئالتۇنى بولسا، ئىككى ۋادى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇنى تۇپراقتىن باشقا نەرسە تويغۇزالمايدۇ..»[5] دېگەن مۇبارەك سۆزى بىلەن مۇشۇ مەنىنى ئىپادىلىگەن. ئىنساننىڭ تىنىمسىز دۈشمىنى بولغان شەيتان ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغان نەپسىنى يېڭىپ كېتەلىشى ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. مانا بۇ يەردە رامىزان روزىسى مۇسۇلماننىڭ نەپسىنى تىزگىنلەپ، كونترول ئاستىدا ئېلىشى ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «روزا قالقاندۇر..»[6] دېگەن سۆزى بىلەن مۇشۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرگەن. روزا تۇتقان كىشى پۈتۈن كۈن بويىچە نەپس-شەيتاننىڭ ھەر تۈرلۈك ھاۋايى ھەۋەس ۋە ئىستەكلىرىگە قارشى قاتتىق سەۋر قىلىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىش بىلەن نەپسىنى يېڭىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان مۇكاپاتلىرىمۇ چەكسىز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىدە: «روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزەم بېرىمەن»[7] دېگەن.

ئاللاھ تائالا يولىدا جان تىكىپ، قورال بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بەدەنىي جىھادمۇ «چوڭ جىھاد» دەپ ئاتالغان نەپس-شەيتان بىلەن بولغان كۈرەشتە غەلىبە قىلىپ، روھىي ۋە ئىمانىي قۇۋەت بىلەن كۈچلەنگەن بەدەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىسلام تارىخى بويىچە مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلغان بۈيۈك جىھادلارنىڭ رامىزان ئېيىدا بولغانلىقىنىڭ ھېكمىتى مۇشۇ بولسا كېرەك. بەدىر غازىتى، مەككە مۇكەررەمەنىڭ پەتھى قىلىنىشى، ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانيە) نىڭ پەتھى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان غەلىبىلەر رامىزان ئېيىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن. مانا مۇشۇ سەۋەب بىلەن «رامىزان غەلىبە ئېيى» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان كىشى روھىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىپ، بەدەننىڭ ماددىي تەلەپلىرىنىڭ ھېچنەرسىگە ئەرزىمەس پانى نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا ۋە مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەت يۇرتى بولغان جەننەتكە ئىشتىياقى ۋە ئىنتىلىشى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىپ، پانى دۇنيا قەدىرسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا روزا تۇتقان مۇئمىنلەر ئاخىرەتتىكى جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك جېنىنى ۋە ئىسسىق قېنىنى ئاللاھ يولىدا قۇربان بېرىشتىن قىلچىلىك چېكىنمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق كۈچلۈك ئىمان ۋە روھىي ئىنىرگىيەگە ئىگە مۇجاھىدلارنىڭ ئۈمىدى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بىزنى رامىزان روزىسىنى لايىقىدا تۇتۇش ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك پايدا-مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈرسۈن. ئامىين!



[1] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[2] ئىمام ئىبنى ماجە ۋە نەسائى رىۋايەت قىلغان ھەسەن سەھىھ ھەدىس.

[3] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

[4] سۈرە تەھرىم، 8 – ئايەت.

[5] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[6] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[7] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.