باياناتلار

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ‎ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارغا تەۋسىيە

2024-05-08
A-
A+

بسم الله الرحمن الرحيم

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارغا تەۋسىيە

 

بارلىق كائىناتنى يوقلۇقتىن ئاپىرىدە قىلغان، ئىنسانلارنى ئەقىل ۋە ئىدراك بىلەن ئېزىز قىلغان جۈملىدىن بىزلەرنى ئىسلام بىلەن شەرەپلىك قىلغان جانابى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە ئاللاھنىڭ ھىدايەت نۇرىنى يەتكۈزۈش بىلەن ۋەزىپەلەندۈرۈلگەن ۋە ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

مۆھتەرەم خەلقىمىز!

كوممۇنىست خىتاي مۇستەملىكچىلىرى 1949 – يىلى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، خەلقىمىز ئىشغالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى، نۇرغۇن ئالىم – ئۆلىما، زىيالى ۋە مۇجاھىدلىرىمىز ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلدى. چەتئەلگە ھىجرەت قىلغان بىر تۈركۈم ئىنقىلابچىلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي جاللاتلىرىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ـ سىتەملىرىنى ھەم ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىچە ئىشغالىيەت ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، مۇستەقىللىق يولىدا خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگىدەك ۋەزىيەت مەيدانغا كەلمىدى. كوممۇنىست خىتاي جاللاتلىرى 2017 – يىلىدىن باشلاپ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنىدىن ۋە مىللىي كىملىكىدىن ئايرىپ تامامەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىۋېتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك زېمىنى قىلىۋېلىش خام خيالى ئىچىدە خەلقىمىزگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن چەتئەلدىكى ۋەتەن مۇستەقىللىقى كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىز، ئاكتېۋىستلىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بىردەك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى خەلقئارالاشتى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى ئۈمىد چىرىقى يورۇشقا ۋە خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئۈمىدى جانلىنىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ نەتىجىلەرنىڭ روياپقا چىقىشى ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقمىزنىڭ جانلىرى، ماللىرى ۋە چەتئەلدىكىلەرنىڭ زور تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە قولغا كەلدى.      

ھۆرمەتلىك تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەشكىلات مەنسۇپلىرى ۋە داۋا يولىدىكى ۋەتەنداشلار، ۋەتەن ئىچىدە زۇلۇم ئوتى ھېلىھەم يالقۇنجىماقتا! ھەر ئۆيدىن مۇسىبەت ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا! خەلقىمىز ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدە ئەنسىز ئىڭرىماقتا! شۇڭلاشقا خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى بىزلەرنى ئالداپ قويمىسۇن، داۋا يولىدىكى تىرىشچانلىقىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمايلى! كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نەپرىتىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى! شۇنى بىلەيلىكى، ۋەتەن مۇستەقىللىقى يولىدا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، مەزلۇم خەلقنى زۇلۇمدىن قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا چوڭ ساۋاب بولىدىغان ئۇلۇغ ئىبادەتلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

قەدىرلىك تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەشكىلات مەنسۇپلىرى ۋە داۋا يولىدىكى سەپداشلار!

ھەممىمىز  ـ ئەلھەمدۇلىللاھ ـ مۇسۇلمان. بىزلەرنىڭ ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەنئەنىلىرىمىز بار: بىر ئۆيدە مۇسىبەت بولسا ئۆي ئەھلى، ئۇرۇق – تۇققانلار بىلەن بىرلىكتە قولۇم – قوشنىلار ۋە يۇرت ـ مەھەللىدىكىلەرمۇ ھازا تۇتۇشۇپ بېرىدۇ، گەپ ـ سۆز ۋە يۈرۈش – تۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلىدۇ، مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان قىلىقلاردىن ساقلىنىدۇ، ھەتتا توي – مەرىكىلىرىنىمۇ كېچىكتۈرىدۇ، قىلغان تەقدىردىمۇ ئەدەب ـ ئەخلاققا رىئايە قىلىدۇ، ھەتتا مۇسىبەتدارنىڭ قوشنىلىرى كۈلكە – چاقچاقلىرىنىمۇ تۆۋەن ئاۋازدا قىلىدۇ.

ئەزىز تەشكىلات رەھبەرلىرى، مەنسۇبلىرى ۋە داۋا يولىدىكى قېرىنداشلار!

داۋا يولى مۇشەققەتلىك، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئەمما ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتى كاتتا، ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك بىر يول. بىز بۇ يولدا خىزمەت ئېلىپ بارغىنىمىزدا، دىنىي ئەدەب ـ قائىدىلىرىمىزگە، مىللىي ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىمىزگە رىئايە ۋە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئېلىپ بارايلى، پائالىيەتلىرىمىزنى ئىسلام ىرىنسىپلىرىغا دىققەت قىلغان ئاساستا قىلايلى. چۈنكى، دىنىي ۋە مىللىي قىزىل سىزىقلار بىزلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى ساقلايدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۆز خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن داۋاسىغا بولغان ئۈمىدىنى سۇسلاشتۇرىدىغان، بىزلەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەپ بولىدىغان، تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەردىن ئۇزاق تۇرايلى، بىزلەرگە ھېسداشلىق قىلىۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەتەن داۋايىمىزدىكى سەمىمىيىتىمىزگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان بىر ۋەزىيەتنى يارىتىپ قويۇشتىن ئۇزاق تۇرايلى.

ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا تۆلەنگەن نۇرغۇنلىغان بەدەلنى ۋە ئازغىنە بولسىمۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئۆزىمىنىڭ شەخسىيىتى، نەپسى خاھىشىمىز ۋە ھاۋايى ھەۋەسلىرىمىزنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىشتىن ساقلىنايلى.

جانابى ئاللاھ خەلقىمىزگە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇستەھكەم ئىرادە، داۋا يولىدىكى رەھبەر ۋە سىياسەتچىلىرىمىزگە ساغلام ئىمان ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىغان كۈچلۈك ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلسۇن!

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

2024-05-08