تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەسچىتلىرىمىزنى ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا قارشى بايانات
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى باشلايمەن
تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەسچىتلىرىمىزنى ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا قارشى بايانات
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى 75 يىللىق ئىشغالىيىتى جەريانىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىپلا قالماستىن مەسچىتلىرىمىزنى ۋەيران قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 2017-يىلدىن بېرى ئونمىڭلارچە مەسچىتنى يېقىتپ تاشلاپ خەرىتىدىن يوقاتتى. قېلىپ قالغان بارماقتا سانىغۇدەك مەسچىتلەرنى بولسا، ساياھەت ئورۇنلىرى، ھاراق-شاراپ ئورۇنلىرى، تانسىخانىلارغا ئايلاندۇرغانلىقىغا دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا شاھىت بولماقتىمىز.
يېقىندىن بېرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان يېرىم يالىڭاچ ئاياللارنىڭ مەسچىت مېھراپلىرىدا ئەخلاقسىز ھەرىكەتلىرى قەلبىدە ئىمانى بولغان ھەربىر ئۇيغۇرنى قاتتىق بىئارام قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دىنىمىزغا، مۇقەددەساتىمىزغا قارشى قىلىۋاتقان مەزكۇر جىناياتلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.
شۇنداقلا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى، ئىسلام دۇنياسىدىن ئىشغالىيەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەكلىپ ۋە چاقىرىقلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىپ قايتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ كۆز بۇيامچىلىقلىرىغا ئالدىنىپ، تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇمنى ئىنكار قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يالغان مەلۇماتلىرىغا ئالدانماسلىققا چاقىرىدۇ.
ئىسلام دۇنياسى، غەرب دۆلەتلىرى بولسۇن ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت، تەشكىلاتلار، جۈملىدىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەزكۇر قىلمىشلىرىغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركستان ئۆلىمالار بىرلىكى
2024- يىلى 11 - ئاينىڭ 04 - كۈنى
ئىستانبۇل-تۈركىيە