
بۇ يىلقى مۇكاپاتقا 25 نەپەر ئوقۇغىچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، تىزىملاتقانلار ئىچىدىن نۇرئىسلام خوجائوغلى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى 494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ ئالما ماركىلىق مەكبۇك قول كومپيوتىر مۇكاپات ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كېلەر ھەپتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا دائىر ئىككى قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كېلەر ھەپتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا دائىر ئىككى قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ 18- سىنتەبىر ئېيتىشىچە، ئاۋام پالاتاسى كېلەر ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھىسىگە قاراپ چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدۇ، يەنە بىرى بازاردىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
پېلوسى جۈمە كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز سودا مەنپەئەتى سەۋەبلىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلەشنى رەت قىلساق، ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەش ئەخلاقىي نوپۇزىدىن مەھرۇم قالىدۇ». ئۇ ئۆزىنىڭ 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خىتاينىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 14-چېسلا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا بەش تۈرلۈك ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشچە، پېلوسى تىلغا ئالغان ئىككى قانۇن لايىھىسىنىڭ بىرى بۇ يىل مارتتا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىن ئوندىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى» بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرى قاراپ چىقىدىغان يەنە بىر قانۇن لايىھىسى بولسا «مەجبۇرىي ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنى ئاشكارىلاش قانۇنى» ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى كېڭەش پالاتاسىنى بۇ يىل 1-ئايدا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان «تىبەت سىياسىتى ۋە قوللاش قانۇن لايىھىسى»گە قايتا قاراپ چىقىشقا چاقىردى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگىرى قۇرۇپ چىقىشى ۋە لاگىردىكى تۇتقۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچرىماقتا.
ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسى سايلىمىنىڭ تەڭ يېقىلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيسى ۋە پرېزىدېنت نامزاتى بايدىن خىتاي سىياسىتى مەسىلسىىدە بىر بىرىگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە.
ئۆتكەن ئايدا، جوۋ بايدىننىڭ سايلام ئەترىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئىتىراپ قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرى بېيجىڭنىڭ تەھدىتى، خىرىسى ۋە رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 17- سىنتەبىر ھازىرغىچە ئەڭ ئومۇمىيۈزلۈك بولغان خىتاي ئىستراتېگىيەسى قانۇن لايىھەسى - «ئامېرىكا رەھبەرلىك قانۇنى» (The America LEADS Act) نى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ قانۇن پرېزىدېنت، سودا مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرىدىن دوكلات سۇنۇپ، ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن شەخسلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قانۇن لايىھىسىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا، شۇنداقلا زىيانكەشلىك ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان خوڭكوڭ ئاھالىلىرىگە ئامېرىدا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ يىلقى مۇكاپاتقا 25 نەپەر ئوقۇغىچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، تىزىملاتقانلار ئىچىدىن نۇرئىسلام خوجائوغلى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى 494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ ئالما ماركىلىق مەكبۇك قول كومپيوتىر مۇكاپات ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان "2-نۆۋەتلىك ئىلاھىيات بىلىملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئىسلام دىنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادىنى بۇزۇش ۋە ئېڭىدە تەشۋىش پەيدا قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلارغا قارىتا، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ چاقىرىقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 08 - كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئ
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
. ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتىنى تۈرك دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز ئارسلان تاشقىن قزغىن قارشى ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قوغدىغۇچىسى، ئۆمرىنى جىھاد مەيدانلىرىدا، سىياسەت سەھنىلىرىدە، قىلىچى بىلەن، قەلىمى بىلەن، تىلى بىلەن، چىن دىلى بىل
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ناھايىتى قېيىن بىر باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس
داۋامى ئۇچۇن چىقىش