ماقالىلار

ھازىرقى زاماندىكى «قۇرئانچىلار» ئايەتلەرنىمۇ ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر

2024-04-25
A-
A+



ھازىرقى زاماندىكى «قۇرئانچىلار» ئايەتلەرنىمۇ ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر

سىراجىددىن ئەزىزىي

«يېقىندا سىلەردىن بىرىڭلار ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، مېنى يالغانچى قىلىپ، ھەدىسىمنى سۆزلەپ: ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بار، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بايان قىلغان نەرسىلەرنى ھالال، ھارام دەپ بايان قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ قارايمىز دەيدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسىلەرمۇ ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرگە ئوخشاش ھارامدۇر»[1].

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىستە يېقىن زاماندا ئەنە شۇنداق ئېغزىغا كەلگەننى جۆيلۈشۈپ، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن باشقىنى تونۇمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان، ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىدىغان پىرقىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى بايان قىلىپ، ھەقىقەتەن راست ئېيتقان ئىدى.

 بۇ پىرقىلەر ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋالىدۇ، ئۆزلىرىنى دىننىڭ ھامىيلىرى، دىنىي رەھبەرلەر دەپ جۆيلۈشىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار دىننىڭ ئۇلىنى كولايدىغان زىندىقلاردۇر.

 ئىسلام ئۈممىتى زالىم ھۆكۈمرانلار ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرىنىڭ پەيدا قىلغان مۇسىبەتلىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان بىر پەيتتە «قۇرئان بىزگە كۇپايە، سۈننەتكە ھاجەت يوق» دەپ بىلجىلايدىغان بۇ پىرقىلەر، ئەمەلىيەتتە «مۇئتەزىلە» ئېقىمىدىكىلەرنىڭ يەنە بىر ۋاريانتى بولۇپ، ئۇلار ئۈممەتنىڭ بېشىغا كەلگەن يەنە بىر ئېغىر مۇسىبەت ۋە پالاكەتتۇر.

يېقىنقى زاماندا ئوتتۇرىغا چىققان ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» دەسلەپتە ھىندىستاندا ئېنگىلىز مۇستەملىكىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بايراقدارلىرىدىن ئەھمەتخان ئۆزىنى قاتتىق ئەقىللىق چاغلىغان ھالدا سۈننەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن پاكىستانلىق ئابدۇللا چەكرالىۋى، غۇلام ئەھمەد پەرۋىز دېگەنلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. ئەرەب دۇنياسىدا بولسا، مىسىردا ئۆتكەن مەشھۇر ئىسلاھاتچى مۇھەممەد ئەبدۇھ، ئامېرىكىدا يەرلەشكەن ئەھمەد سۇبھى مەنسۇر، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەئىسلىرىدىن قەززافىي قاتارلىقلارمۇ سۈننەتنى ئىنكار قىلىپ چىققان. بۇ، ئۇنىڭ سۈرە ئىخلاسنى شەرھىلىگەن مەخسۇس بايانلىرىدىن مەلۇمدۇر.

دېمەك، ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاخىر زاماندا مېنىڭ سۈننىتىمنى ئىنكار قىلىدىغان بىر تائىپە پەيدا بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىنىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيالىقىنى دەپ دىنىنى ساتقان، سۆز ئويۇنى پەيدا قىلىپ دىنغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ئەنە شۇنداق ھەدىس ئىنكارچىلىرىدىن يۈز ئۆرۈش، يىراق تۇرۇش، سۆزلىرىنى نەقىل قىلماسلىق، تارقاتماسلىق ۋە ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولۇش ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولغان ئىشتۇر.

شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ مەنبەسى ۋە تايانچىسى قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى، ئىجما ۋە قىياس قاتارلىقلاردۇر. مەيلى قايسى زاماندا بولسۇن چۈشەنچە، ئىلىم ۋە دىيانەتتە ئىلگىرىكى سەلەپ-سالىھلاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلارنىڭ چىقىشى ناتايىن.

بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئوتتۇرىغا چىققان سەييارە دىن ساتقۇچىلار بولسا، ئەرەبلەردىن ئەدنان ئىبراھىم، مۇھەممەد شەھرۇر، ئەلى كەييالى، ئەھمەد سۇبھى مەنسۇر قاتارلىقلاردۇر. تۈركلەردىن ئابدۇلئەزىز بايىندىر، مۇستاپا ئىسلامئوغلى، مۇھەممەد ئوقۇياندۇر قاتارلىقلاردۇر. ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئەگەشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بار.

مەزكۇر ئازغۇنلار باتىل ئەقىدىسىنى تارقىتىش يولىدا ھاتەمدەك سېخىيلىق بىلەن پۇل خەجلەش ئارقىلىق ئەگەشكۈچىلەرنى توپلاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئاقىۋىتىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

ئاتالمىش «قۇرئانچىلار» نىڭ كۆپىنچىسى قۇرئان كەرىمنى توغرا ئوقۇشنى بىلمەيدىغان، دىندا ھەقىقىي ئالىم بولالمىغان كىشىلەر بولۇپ، ئەل - جەمئىيەتتىن سۇغۇرۇلۇپ چىققانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ، قۇرئاندىكى ناسىخ - مەنسۇخ، قىساس ۋە جازا ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى يەتكۈزۈشتىن باشقا رولى يوق، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان، توغرا قىلىدۇ ھەم خاتالىشىدۇ» دەپ قارايدۇ، ساھابە كىراملارغا ھۆرمەت بىلدۈرمەيدۇ، ئۆزىچە قۇرئاننى بەك «چۈشىنىپ» كېتىپ سۈننەتكە ئېھتىياج يوقلۇقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەدىس كىتابلىرىدىن سەھىھ بۇخارىي ۋە سەھىھ مۇسلىملارغا شۈبھىلىك نەزەر بىلەن قارايدۇ، قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇيۇ، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. مەشھۇر ئالىملار، مۇھەددىس ئۆلىمالارنى ھاقارەت قىلىش ئارقىلىق ساددا مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

ئاددىي ئەقىل بىلەن ئويلايدىغان بولساق، قۇرئان كەرىم نامازنى پەرىز قىلدى، ئەمما ئوقۇلۇش شەكلىنى، رەكئەتلىرىنى ۋە قانچە ۋاخ ئوقۇشىمىزنى بايان قىلمىدى. بىز ئۇنىڭ مۇكەممەل ئوقۇلۇش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدىن ئۆگەندۇق.

ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش قۇرئاندا بۇيرۇلغان بولۇپ، قايسى ھالەت ۋە قانداق شەرتلەر ئاستىدا كېسىلىشى ھەدىس ئارقىلىق بايان قىلىنغان.

قۇرئان كەرىمدە پۇل – مالى نىسابىغا يەتكەن كىشى زاكات بېرىشكە بۇيرۇلغان. ئەمما تەپسىلاتى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان.

قۇرئان كەرىمدە ھەج قىلىشنىڭ پەرزلىكى ھەققىدە ئايەت بار، ئەمما تەپسىلاتى ۋە شەرت - شارائىتلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان.

قۇرئان كەرىم بۇيرۇق قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ ھەدىسلىرى بىلەن شەرھىلەپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 دېمەك، قۇرئاننى سۈننەتتىن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر بار بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر بۇلاردىن ئاز بىر قىسمىدۇر:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەن قۇرئاننى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بېرىلدىم»[2].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى[3]. بۇ ئايەتتە كىتابتىن قۇرئان كەرىم، ھېكمەتتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى مەقسەت قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز ساڭا ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن زىكىر (قۇرئان) نى نازىل قىلدۇق[4].

ھەدىس ئىنكارچىلىرى قۇرئان ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرىدۇ، قۇرئاندا ھەممە نەرسە بار دەيدۇ، ئۇنىڭغا مۇنۇ ئايەتنى دەلىل قىلىدۇ: ﴿قۇرئاندا ھېچنەرسىنى كەم قويمىدۇق[5].

ئۇلار مەزكۇر ئايەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى توسۇپ قويىدۇ. ئۇلار قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلدۇق دېيىشىدۇ. ھالبۇكى، مۇنۇ ئايەتلەرگە قۇلاق سالمايدۇ: ﴿كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق[6].

﴿(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ[7]. ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[8].

ھەربىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن سۈننەت (ھەدىس) قۇرئان كەرىمنىڭ شەرھى ۋە ئىزاھاتىدۇر.

مىسىرلىق ياش دەۋەتچى ئابدۇللاھ رۇشدى ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا قاراتقان ۋېدىيولۇق رەددىيەسىدە مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشىدە رول ئوينىغانلار ساھابىلەر، تابىئىينلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۆلىمالاردۇر. ئۇلار قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق كۈچ چىقارغان بولسا، ھەدىسلەرنىڭمۇ سەنەد، رىۋايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىش، كەم – زىيادە قىلىشتەك سۇيقەستلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوخشاش كۈچ چىقارغان».

ئەمەلىيەتتە، قۇرئان كەرىمنىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىشىدىكى سەنەدلەر ئوخشاش بولغان تۇرۇقلۇق، قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈپ، ھەدىسكە شەك كەلتۈرۈش «قۇرئانچىلار»نىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

 


[1] مۇسنەد ئەھمەد، 17194 – ھەدىس.

[2] مۇسنەد ئەھمەد، 17174 – ھەدىس.

[3] بەقەرە سۈرىسى، 129– ئايەت.

[4]  نەھل سۈرىسى، 44 – ئايەت.

[5] ئەنئام سۈرىسى، 38 – ئايەت.

[6] نىسا سۈرىسى، 80 – ئايەت.

[7] نىسا سۈرىسى، 65 – ئايەت.

[8] ھەشر سۈرىسى، 7 – ئايەت.