
بۇ يىلقى مۇكاپاتقا 25 نەپەر ئوقۇغىچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، تىزىملاتقانلار ئىچىدىن نۇرئىسلام خوجائوغلى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى 494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ ئالما ماركىلىق مەكبۇك قول كومپيوتىر مۇكاپات ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى 2016- يىلى قۇرۇلغاندىن بىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە، مىللىتىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە تىرىشماقتا. شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەرد ئەلەملىرىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە. مىللىتىمىز ۋە ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ساھەلەردە خىزمەت ئېلىپ بارماقتا، خەلقىمىزنى ئاشقۇنلۇق ۋە پاسسىپلىقتىن خالىي توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن ئاگاھلاندۇرۇش، مىللەتنى پرىنسىپال نۇقتىلاردا بىرلەشتۈرۈش، تارماق مەسىلىلەردە بىر- بىرىگە يول قويۇش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش مەيدانىنى ھازىرلاش ئۈچۈن يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.
بىر قانچە ئاي ئىلگىرى سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان بىر بۆلۈك ھەمشىرىلىرىمىز ۋە بالىلار توغرىسىدىكى خەۋەرگە بىئارام بولغان بىرلىك ئەزالىرى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كۆڭلى تېخىمۇ غەم قايغۇغا چۆمدى. خەلقىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق سىياسىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئىمكانىيىتى چەكلىك بولسىمۇ، يەنىلا بۇ مەسىلىدە باشقا قېرىنداش تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشماقتا.
ئۆلىمالار بىرلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: »قايسى بىر كىشى بىر مۇسۇلماننىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ قويسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى قىيامەت كۈنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ« دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، دۇنيانىڭ قايسى بىر يېرىدە بىرەر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقى دەپ قارايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنى شەرقى تۈركىستاندىكى خەلقىمىزنىڭ ئورۇنسىز تۆھمەتلەرگە قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىغا چاقىرىدۇ ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئېنىق زىيان ئېلىپ كېلىدىغان پىكىرلەردىن ۋە خاتا ئورۇنلاردا تۇرۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

بۇ يىلقى مۇكاپاتقا 25 نەپەر ئوقۇغىچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، تىزىملاتقانلار ئىچىدىن نۇرئىسلام خوجائوغلى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى 494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ ئالما ماركىلىق مەكبۇك قول كومپيوتىر مۇكاپات ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان "2-نۆۋەتلىك ئىلاھىيات بىلىملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئىسلام دىنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادىنى بۇزۇش ۋە ئېڭىدە تەشۋىش پەيدا قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلارغا قارىتا، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ چاقىرىقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 08 - كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئ
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
. ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتىنى تۈرك دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز ئارسلان تاشقىن قزغىن قارشى ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قوغدىغۇچىسى، ئۆمرىنى جىھاد مەيدانلىرىدا، سىياسەت سەھنىلىرىدە، قىلىچى بىلەن، قەلىمى بىلەن، تىلى بىلەن، چىن دىلى بىل
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ناھايىتى قېيىن بىر باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس
داۋامى ئۇچۇن چىقىش