
بۇ يىلقى مۇكاپاتقا 25 نەپەر ئوقۇغىچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، تىزىملاتقانلار ئىچىدىن نۇرئىسلام خوجائوغلى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى 494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ ئالما ماركىلىق مەكبۇك قول كومپيوتىر مۇكاپات ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئومۇمى يېغىنى 2024 - يىلى 1- ئاينىڭ 6-كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئىچىلغان بولۇپ، 11يانۋار كۈنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. يېغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ، جەمى 1000 ئەتراپىدا مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تەمسىلى ۋەكىللىك سالاھيتىگە ئىگە داڭلىق ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە بىرلىك ئەزالىرى قېتىلدى. بۇ يېغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىنمۇ بىر ھەيئەت ئالاھىدە دەۋەت بىلەن قېتىلدى. يېغىن 5 كۈن داۋاملاشقان بۇلۇپ، يېغىندا مۇسۇلمان دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان قېينچىلىقلار، پەلەستىندە ئىسرائىليەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنى ئارقىسغا ئېلىپ ئىشلەۋاتقان جىنايەتلىرى، ئەرەپ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ تۇتۇمى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ مۇسۇلمان جەمئىتىدىكى ئۆلىمالىق ئوبرازى ۋە مەسئۇلىيەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يېغىندا بىرلىكنىڭ نىزامنامىسىگە بەزى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئارقىدىىن بىرلىكنىڭ رەئىس، 6 كىشىلىك رەئىس مۇئاۋىنلىرى ۋە 40 كىشىلىك ئىجرا مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلدى. بىرلىكنىڭ رەئىسلىكىگە ئەلى مۇھىددىن قاراداغى، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تۈركىيە سابىق دىيانەت ئىشلىرى رەئىسى مەھمەت كۆرمەز سايلاندى. ئىجرائىيە ئەزالىقىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى سابىق رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيارمۇ تاللاندى. يېغىن ئەسناسىندا ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى ھەيئەت، ھەر قايسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن يېغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۆلىمالار بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، ۋە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىق جىنايىتى ۋە بۇ جىنايەتنى يۆگەشگە تېرىشىۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. بۇ ئەسنادا خىتاي بەزى تۇڭگانلارنىڭ يېغىنغا قېتىلىشىغا روخسەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىگە شاڭگاڭدىكى بەزى ئادەملىرنى مەخسۇس بۇ يېغىنغا ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئالىملارغا خىتاينى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارنى قارىلاشقان تېرىشقانلىقى كۆزلەنگەن. يېغىنغا قاتناشقان بەزى ئۆلىمالار، شاڭگاڭدىن يېغىنغا قاتناشقان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاينى ئاقلاپ گەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
يېغىن ئاخىرىدا، يغىن خۇلاسە دوكۇلات ئوقۇپ ئۆتۇلگەن بولۇپ، بۇ دوكۇلاتتا شەرقىي تۈكىستاندىكى ۋەزىيەتكىمۇ يەر بېرىلگەن. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى باش ئەلچىلىكىنىڭ تۈركىيەدىن يېغىنغا كەلگەن مىھمانلارغا بەرگەن كەچلىك زىياپىتىگە قاتنىشىپ، تونۇشۇش ئەسناسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى قىسقىچە ئاڭلاتتى.

بۇ يىلقى مۇكاپاتقا 25 نەپەر ئوقۇغىچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، تىزىملاتقانلار ئىچىدىن نۇرئىسلام خوجائوغلى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى 494 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ ئالما ماركىلىق مەكبۇك قول كومپيوتىر مۇكاپات ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان "2-نۆۋەتلىك ئىلاھىيات بىلىملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئىسلام دىنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادىنى بۇزۇش ۋە ئېڭىدە تەشۋىش پەيدا قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلارغا قارىتا، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ چاقىرىقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 08 - كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئ
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
. ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتىنى تۈرك دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز ئارسلان تاشقىن قزغىن قارشى ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قوغدىغۇچىسى، ئۆمرىنى جىھاد مەيدانلىرىدا، سىياسەت سەھنىلىرىدە، قىلىچى بىلەن، قەلىمى بىلەن، تىلى بىلەن، چىن دىلى بىل
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ناھايىتى قېيىن بىر باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس
داۋامى ئۇچۇن چىقىش