خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ياشاش: ئېھسان

خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ياشاش: ئېھسان
بسم الله الرحمن الرحيم
إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.
أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله،
﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِۦ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ﴾
أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ خَيْرَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم، وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.
بىزگە ئېھسان قىلىپ ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، قەلبىمىزنى ئىمان بىلەن يورۇتقان، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن بېزىگە ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاشكارا- مەخپى بارلىق ئەھۋاللاردا تەقۋادار بولۇڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئېھسان قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىغا بۇيرىغان گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ بىرى. دىنىمىزنىڭ ئىستىلاھىدا ئېھسان: «ياخشى ئىش قىلىش»، «ئىشنى ياخشى قىلىش» ۋە «باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش» دېگەن بولىدۇ.
«ياخشى ئىش قىلىش» يەنى دىنىمىزغا ئۇيغۇن، ئۆزىگە ۋە جەمئىيىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَٱلَّذِينَ جَـٰهَدُوا۟ فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا ۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَمَعَ ٱلْمُحْسِنِينَ﴾ «بىز ئۈچۈن جىھاد قىلغانلارنى بىز ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شەكسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.» - (سۈرە ئەنكەبۇت، 69 - ئايەت).
«ئىشنى ياخشى قىلىش» يەنى قانداق بىر ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىشنى قېتىرقىنىپ پۇختا ۋە ساغلام قىلىش؛ ئىشقا ھىلە ۋە ساختىلىق ئارىلاشتۇرماسلىق، قولىنىڭ ئۇچچىدا قىلماسلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىشنى قېتىرقىنىپ پۇختا قىلغان كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.» (ئىمام تەبەرانى رىۋايەت قىلغان، سەھىھ)
«باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش» يەنى ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ۋە ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك ئورۇنلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَحْسِن كَمَآ أَحْسَنَ ٱللَّهُ إِلَيْكَ﴾ «ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (باشقىلارغا) ياخشىلىق قىلغىن.» - (سۈرە قەسەس، 77 - ئايەت).
دېمەك، ئېھسان - ھەر قانداق ۋەزىپىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا، كۆڭۈل قويۇپ ۋە مۇۋاپىق ئورۇنداشتۇر. بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر ئىشتا ئېھسان دەرىجىسىگە يېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەم نېمە قىلىشنى ۋە قانداق قىلىشنى ئېنىق بىلىشى، ھەم بىلگىنىنى چوقۇم ئەڭ گۈزەل ئۇسۇلدا ئەمەلىيەتكە چىقىرىشى لازىم.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
قۇرئان كەرىمدە ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەرقانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ پۇختا قىلغان ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغانلارنى «مۇھسىن» دەپ ئاتايدۇ. مۇھسىن ھەر خىل ياخشى پەزىلەتنى ئۆزىدە توپلاشقا تىرىشىدىغان ۋە ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئورۇنداشقا غەيرەت قىلىدىغان، ھەر دائىم ياخشى ئويلايدىغان، قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىدۇر.
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ئېھسان ئۇقۇمى ئۈچ خىل مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ: ئاللاھ تائالاغا ئېھسان، بەندىلەرگە ئېھسان ۋە ئۆزىگە ئېھسان.
ئاللاھ تائالاغا ئېھسان. ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىدىن ھەقىقىي ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشتۇر. چۈنكى، ئەڭ گۈزەل شەكىلدە يارىتىلغان ئىنساننىڭ ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئادا قىلىشى كېرەك. قۇرئاندا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ﴿بَلَىٰ مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُۥٓ أَجْرُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ﴾ «كىمكى مۇھسىن بولغان (تائەت _ ئىبادەتنى قېتىرقىنىپ قىلغان) ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. مۇنداق كىشىلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار ھەرگىز قايغۇرمايدۇ.» - (سۈرە بەقەرە، 112 - ئايەت).
بەندىلەرگە ئېھسان قىلىش- كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ۋە جانلىق-جانسىز بارلىق مەۋجۇداتلارغا قارىتا قولىدىن كېلىشىچە گۈزەل مۇئامىلە قىلىش ۋە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئېھسان ئاتا-ئانىغا، ئۆزىنىڭ جورىغا ۋە بالىلىرىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، قولۇم-قوشنىلىرىغا، قىسقىسى بارلىق كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرۈم قىلىشتۇر. ﴿وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَـٰقَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ وَبِٱلْوَٰلِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْيَتَـٰمَىٰ وَٱلْمَسَـٰكِينِ وَقُولُوا۟ لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ﴾ «ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا _ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق..» - (سۈرە بەقەرە، 83 - ئايەت).
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئېھسان قىلىشى. ئىمان ئېيتىش، ياخشى ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى، خۇشنۇدلىقى، رەھمىتى ۋە جەننىتىگە ئېرىشىشتۇر. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىقى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ ھۇزۇىغا ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىش ۋە جەننەتكە كىرىشتۇر. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ ٱلْحَكِيمِ هُدًى وَرَحْمَةً لِّلْمُحْسِنِينَ ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ أُو۟لَـٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِّن رَّبِّهِمْ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ﴾ «بۇلار مۇھسىنلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. ئۇلار ئاخىرەت كۈنىگە جەزمەن ئىشەنگەن ھالدا، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ھىدايىتى ئۈستىدە بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.» - (سۈرە لوقمان، 2 – 5- ئايەتلەر). ﴿فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ ٱلْمُحْسِنِينَ﴾ «شەكسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.» - (سۈرە يۈسۈف، 90 - ئايەت).
ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئېھسانغا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ ٱللَّهَ يَأْمُرُ بِٱلْعَدْلِ وَٱلْإِحْسَـٰنِ وَإِيتَآئِ ذِى ٱلْقُرْبَىٰ وَيَنْهَىٰ عَنِ ٱلْفَحْشَآءِ وَٱلْمُنكَرِ وَٱلْبَغْىِ ۚ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ﴾ «شەكسىزكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولۇشقا، ئېھسانغا (يەنى بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى مۇكەممەل قىلىشقا)، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا (ياردەم) بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز _ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە پەند _ نەسىھەت قىلىدۇ.» - (سۈرە نەھل، 90 - ئايەت).
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
بىر كۈنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنى سوراپ جاۋابىنى ئالغاندىن كېيىن، كىشىنىڭ ئىسلام ۋە ئىمان پرىنسىپلىرىنى ئورۇنداش جەريانىدا قانداق ھەرىكەت قىلىشى مۇھىم بولغاچقا، «ئېھسان دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئېھسان – ئاللاھقا خۇددى ئۇنى كۆرۈۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر. چۈنكى سەن ئۇنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئۇنى سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» (مۇسلىم رىۋايىتى).
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئېھسان كىشىنىڭ ئىبادەت ۋە باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ھەمىشە ئۆزىنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، سەمىمىي بولۇشىدۇر. بۇ ئاڭ بىلەن ھەرىكەت قىلغان كىشى رىياكارلىق قىلمايدۇ، ئادەم بار يەردە باشقا، يالغۇز قالغاندا باشقا ئىش قىلمايدۇ، كىشىلەرنى ئالدىمايدۇ، ھىلىگەرلىك ۋە ساختىكارلىق قىلمايدۇ، ئىچى باشقا تېشى باشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىنى ھەر ۋاقىت كۆرىدىغانلىقىنى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا قەلبىدىكىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھالدا سەمىمىيلىك بىلەن ۋە ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ.
أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ
وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق
ئىككىنچى خۇتبە
اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ
فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾
اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزلەرنى ئىمانىمىزدا، ئەمىلىمىزدە سەمىمىي، ئىخلاسلىق، مۇھسىن كىشىلەردىن قىلسىلا. بىزلەرنى ۋە ئوغۇل-قىز پەرزەتلىرىمىزنى قۇرئان كەرىمدە كۆرسەتكەن ۋە پەيغەمبىرىمىز ئۆگەتكەن گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، رازىلىقلىرىغا ئېرىشكەن كىشىلەردىن قىلسىلا. ئۇ ئۇلۇغ رەببىمىز! مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنى بىرلەشتۈرسىلە. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ئىسلامى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىر زالىملار خار قىلسىلا. سىلىنىڭ مۇقەددەس دىنلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، مۇسۇلمان بەندىلىرىنى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال دېمەي ئۆلتۈرۈۋاتقان زالىملارنى ھالاك قىلىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتسىلە. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! زالىملارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇملارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرسىلا، بىزگە دۈشمەنگە قارشى نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. بىزنىڭ ئىمانىمىزنى سالامەت قىلسىلا، بىزنى ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئىمان بىلەن ياشاپ، ئىمان بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىدىغان كىشىلەردىن قىلسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.
اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
ئۇستاز: ئابدۇلئەھەد ھاپىز



