ماقالىلار

قۇرئان ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنىڭ تارىخىي جەريانى توغرىسىدا

2024-05-31
A-
A+

قۇرئان ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنىڭ تارىخىي جەريانى توغرىسىدا

 

نۇرئەھمەت قۇربان

 

مۇقەددىمە

ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە ئەلەيھىسسالام ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس كىتاب. ئۇنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلۈش جەريانى تەخمىنەن 23 يىلدەك داۋاملاشقان. ئۇ ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ئىلگىرىكى بارلىق ئىلاھىي جۇغلانمىسى بولۇش سۈپتى بىلەن قىيامەت كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن، ئېتىقاد، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئەمەل-ئىبادەتنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ مەقسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ياخشى كىشلەرگە تەسەللى، ئىنكارچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىت سۈپىتىدە ئۆتۈپ كەتكەن مىللەتلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلغان. ھەق دىنغا ئىشىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق ئىنسانلارغا دۇنيادا بەخت-سائادەتلىك ياشاشنىڭ يولىنى كۆرسەتسە، ئاخىرەتتە ئالى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ.

تارىخى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۆزى، ئاللاھ تانالا تەرىپىدىن چۈشۈرۈپ بېرىلگەن قۇرئان ئايەتلىرىنى بىر تەرەپتىن يادلاشقا ناھايىتى ئەھميەت بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەھىي كاتىپلىرىنىڭ خاتىرلەپ مېڭىشىنى چىڭ تۇتقان. ھېچقانداق كام-زىيادە بولمىغان. قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشكەن قۇرئان، بەزى ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ قارىغۇلارچە ئىلگىرى سۈرگىنىدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئىنسان ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بىر كىتاپ ئەمەس. بۇنداق سەپسەتىلەر مۇسۇلمان بولمىغان، لېكن ئىنساپلىق شەرقشۇناس تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىنمۇ رەت قىلىنغان بىر ھەقىقەتتۇر.

قۇرئان باشتا بىۋاستە قىلىنغان سۆزدىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا چۈشكەن مۇھىتتىكى ئاڭلىغۇچىدا ئۆزگىچە تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، كېيىنچە يېزىلىپ كىتاپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئونى ئوقۇغۇچىدا پەيدا قىلىدىغان تەسىرى ئالدىنقىسىدىن پەرقلىق بولغان. پەيغەمبەر دەۋرىدىن يىراقلاشقانسېرى ئوتتۇرىدىكى مۇساپە تېخىمۇ كېيىپ بارغان. بۇنىڭدىن باشقا قۇرئاننىڭ زامانىۋى شەكىلدىكى كىتاب ئۇسلۇبىغا ئوخشىماسلىقىمۇ كېيىنكى دەۋردىكى تەپسىر ئىختىلاپلىرىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى بولۇپ ئالدىمىزغا چىقىدۇ. تېمىلىرى چېچىلاڭغۇ بىر ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇشى ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىۋاستە چۈشىنىشنى قىيىنلاشتۇرغۇچى ئامىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، قۇرئان قىيامەت كۈنىگىچە ئوقۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدا تەتبىقلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىلاھىي بىر يولباشچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر دەۋردە مەنىسىنىڭ چۈشىنىلگەن بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھەم مەنىسىنى چۈشىنىش زۆرۈر بولغان، ھەمدە ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قۇرئان نازىل بولغاندىن تارتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدا داۋاملىق مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى، ئۇنىڭغا تەپسىرلەر يېزىلدى. مۇسۇلمانلار ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بولغان شەرقىيي تۈركىستان خەلقىمۇ بۇساھەگە ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. ئەھمەد فەرىد، مۇھەممەد زىرىپ قارىم، سابىت داموللام قاتارلىق ئۆلىمالىرىمىزنى بۇ يەردە تىلغا ئېلپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.

 

سۆز ھالىتىدىكى ۋەھيىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا باشتىن-ئاخىر سىستېمىلىق ھالدا تەپسىر قىلمىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ بەزى تەشەببۇسلىرى مۇستەسنا ساھابىلەرمۇ ئولتۇرۇپ قۇرئانغا تەپسىر يازمىغان. بولۇپمۇ دەسلەپكى دەۋردە دىنىي ھۆكۈملەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى دىننىڭ جانلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوچۇق خىتاب خاراكتېرلىك كۆرسەتمىلىرى بىلەن بولغان.

 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى دەۋرىدە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن كاتىپلارغا يازدۇرۇپ ساقلانغان قۇرئان نۇسخىلىرى بىر يەرگە جەملەنگەن. قۇرئان ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە قولىمىزدىكى تەرتىپ بويىچە، مەزكۇر نۇسخا ئاساسىدا يېڭىدىن كۆچۈرۈلۈپ، فەتھى قىلىنغان شەھەرلەرگە ئەۋەتىلگەن. ساھابىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە كېيىنرەك ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن تەپسىر ھەرىكىتىنىڭ ئۇلى سېلىنغان. تابىئىنلار دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەپسىرچىلىك ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. مانا شۇ تارىختىن باشلاپ دەۋرىمىزگىچە  بولغان ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىش ھەرىكىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن يىراقلاشقانسېرى يېڭىچە پىكىر ۋە كۆزقاراشلار بىلەن بېيىپ كەلدى. مېتود ۋە كۆزقاراشلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان ئېقىملار ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەكسىچە، غەرب دۇنياسىدا 18-ئەسىردە مەيدانغا كېلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا تېز سۈرئەتتە يېڭى بۇرۇلۇش پەيدا قىلغان ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردە بارغانسېرى مەغلۇبىيەتكە دۇچ كېلىشى پۈتۈن ئىسلام دىيارلىرىدا يېڭى پىكرىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا زېمىن ھازىرلىدى. مۇسۇلمان دىيارلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۈچلەر تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىشى بەزى مۇسۇلمان زىيالىيلارنى ئويغا سالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئاكتىپ ياكى لىبېرالىزملىق چۈشەنچە مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلارنى يېڭى پىكىرىي كېچىككە باشلاپ كىردى. ئەلۋەتتە، تەپسىرچىلىك ھەرىكىتىمۇ بۇ خىل ئۆزگىرىشلەردىن نېسىۋىسىنى ئالدى.

بىر بۇ ئەسەردە قۇرئان تەپسىرچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يېقىندىن بۇيانقى يۆنىلىشى، مېتودى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. شۇنداقلا يېڭىچە پىكىر ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىزدەشكە تىرىشىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى تېڭىرقاش، بېكىنمىچىلىك، چەتكە قېقىش ۋە بەزى دىنىي ئاشقۇن پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەر قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىمىزنى ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1-باب مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار ھەققىدە

دىنىي تىلىمىزدا قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدىغان بەزى ئاتالغۇلار مەۋجۇت. «تەپسىر» ۋە «تەئۋىل» دېگەن سۆزلەر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ «تەپسىر» ئۇقۇمى بىلەن «تەئۋىل» ئۇقۇمى دىنىي ئىلىملەر ساھەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇقۇملىرى ھېسابلىنىدۇ. «تەپسىر» دېگەن سۆزنى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «ئىزاھات بېرىش» ۋە «بايان قىلىش» دېگەن مەنىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مەنبەلىرىمىزدە بۇ سۆزنىڭ ئۇقۇم مەنىسى ھەققىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلار مەۋجۇت. ئىمام زەركەشىينىڭ ئېنىقلىمىسى قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىنى ئىزاھلاش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تېخىمۇ روشەنلىككە ئىگە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تەپسىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ مەنىسى بىلدۈرىلىدىغان، مەنىلىرى بايان قىلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان بىر خىل ئىلىم».

«تەئۋىل» كەلىمىسى بولسا قۇرئاندا ۋە ئىسلامنىڭ دەسلىپىدە «تەپسىر» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىگە يېقىن بىر مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇقۇم مەنىسى، «كەلىمىنىڭ ئېھتىماللىقى بار مەنىلىرىدىن بىرىنى تاللاش» مەنىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، «تەپسىر» كەلىمىسىگە قارىغاندا ھۆكۈم ئىپادىلەش جەھەتتە كەسكىنلىككە ئىگە ئەمەس. راغىب ئەل ئىسفھانى ئېيتقاندەك، «تەپسىر» كەلىمىسى لەۋزلەرنى تەھلىل قىلىشتا ئىشلىتىلگەن بولسا، «تەئۋىل» مەنىلەرنى بېكىتىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئىمام ماتۇرىيدىي ئېيتقاندەك، «تەپسىر» كەلىمىسى تېكىستنىڭ لەۋزىدە مەقسەت قىلىنغان مەنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا كەسكىنلىك ئىپادىلەيدۇ ۋە «بۇ ئاللاھنىڭ سۆزى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلىدۇ. تەپسىر قەتئىي دەلىللەرگە تايىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، راي بىلەن تەپسىر قىلغانلىق بولىدۇ ۋە بۇ پەقەتلا تەپسىرچىنىڭ سۆزى بولۇپ قالىدۇ. لېكىن «تەئۋىل» كەلىمىسىدە «مۇمكىن بولغان مەنىلەردىن بىرىنى تاللاش» مەنىسى بولغانلىقتىن، ھۆكۈمگە دالالەت قىلىش جەھەتتە كەسكىنلىك ئىپادىلىمەيدۇ. تەئۋىل ئارقىلىق بېرىلغان خۇلاسە، كالامغا «بۇ ئاللاھنىڭ سۆزى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام ماتۇرىيدىي ئېيتقاندەك، قۇرئان نازىل بولغان شارائىتتىكى كەسكىن دەلىللەرگە تايىنىدىغان ساھابىنىڭ قۇرئانغا بەرگەن ئىزاھاتى «تەپسىر» بولىدۇ. كەسكىن مەلۇماتلارغا شاھىد بولمىغان كېيىنكى دەۋر ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى ئىزاھلاش پائالىيىتى «تەئۋىل» بولىدۇ.

قەتئىيلىك ئىپادىلەش جەھەتتىن ساھابىلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) تەپسىر قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن كەسكىن دەلىللىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىشتىن ساقلانغان. ئۆزلىرىنىڭ رايى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشنى توغرا تاپمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىڭلىغان ساھابىسى بولغان بولسىمۇ، قۇرئاننى تەپسىر قىلغان ساھابىنىڭ سانى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئاز بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش يېتەرلىك.

2-باب تەپسىرچىلىكنىڭ تارىخىي جەريانى

ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاقتىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇسۇللار بىلەن قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىزاھلاشقا تىرىشقان. ئەرەب جاھىلىيەت دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ شېئىر، قىسسە، خەلق ئەدەبىياتى قاتارلىق ژانىرلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلانغان. لېكىن ئۇنىڭ قەلەمگە ئالغانلىقى تىلغان ئېلىنغان تەپسىرى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلمىگەن. بەزى پىكىرلىرى سەئىد ئىبنى جۇبەير، مۇجاھىد، ئىكرىمە، تاۋۇس بىن كەيسان ۋە ئاتا ئبىنى ئەبى راباھ قاتارلىق شاگىرتلىرى تەرىپدىن نەقىل قىلىنغان بولۇپ، كېيىنكى دەۋر تەپسىر ۋە ھەدىس مەنبەلىرىدە كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ تەپسىر ئىلمىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇلارنىڭ رولى ناھايىت چوڭ بولغان.  قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ساھابىدىن دەرس ئالغان تابىئىن ئالىملىرى تەپسىرچىلىك ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ قانات يايدۇرغان.

تۆت خەلىپە ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى دەۋردە ئىسلام دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسى كېڭىيىپ، ئەرەب بولمىغان نۇرغۇن خەلقلەر مۇسۇلمان بولغان. بەزىلىرى كېرەكلىك رەسمىيەتلەر تۆلەپ ئۆز دىنلىرىدا قېلىپ قالغان. دىننى ھىمايە قىلغۇچى ئالىملار بىر تەرەپتىن بۇ رايونلاردا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناقىس ئىلمى بىلەن جامائەتنى قايمۇقتۇرىدىغان ياكى ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش ئۈچۈن دىندىن كەمچىلىك ئىزدەيدىغان كىشلەر جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى ۋە بۇ يولدا ئىزدەندى. مۇسۇلمان ئالىملار ھەم دىننىڭ ئاساسى بولغان قۇرئاننى ئىنسانلارغا توغرا رەۋىشتە يەتكۈزۈشى، ھەم يېڭىدىن ئوتتۇرىغان چىققان مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت چەك-چېگراسى ئىچىدە ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى. مانا مۇشۇنىڭدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار قۇرئان تەپسىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىنىڭ ئورنىغا يېڭى دەلىللەرنى پەيدا قىلىپ، قۇرئاننى دەۋرنىڭ شارائىتىغا ماس ھالدا ئىزاھلاشقا تىرىشتى.

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن يىراقلاشقانسېرى تەپسىرچىلىكتە تەئۋىل ھەرىكىتى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىدى. ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېتىقادىي، فىقھىي ۋە باشقا مەزھەپلەر شەكىللەندى. ھەربىر مەزھەپنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆزقاراشلىرىنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىن تاپقان دەللىلىرى بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشتى. قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر قاتتىق ئەيىبلەندى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباسنىڭ قۇرئان قىرائىتى ۋە تەپسىرى ساھەسىدە يېتىشكەن ئەڭ چوڭ تالىپلىرىدىن مۇجاھىد ئبىنى جەبر «مۇئتەزىلى»لىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسا، ئىكرىمە «خاۋارىج»لىق بىلەن ئەيىبلەندى. ھەدىس ۋە تەپسىر راۋىلىرىنىڭ ئەڭ غوللۇق كىشىلىرىدىن سەئىد ئىبنى جۇبەير ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئىراق ۋالىسى ھەججاج تەرىپىدىن كاللىسى ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى.

زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ دەسلەپتە يېزىلغان تەپسىر ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 80-يىلى تۇغۇلۇپ، 150-يىلى ۋاپات بولغان مۇقاتىل ئبىنى سۇلايماننىڭ تەپسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئېتىقادىي جەھەتتىن «شىيئە»لىك، «مۇرجىئە»لىك ۋە بەزىدە «مۇشەببەھە»لىك قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى.  ھەدىس ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن «مەترۇكۇل ھەدىس (ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان شەخس)» دەپ ئەيىپلىنىپ رىۋايەتلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. مۇقاتىلدىن كېيىن سۇفيان سەۋرى (161/777-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «تەپسىرۇ سەۋرى» دېگەن نامدا بىر تەپسىر يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئاساسەن رىۋايەت ئۇسۇلى ئاساس قىلىنغان تەپسىر دەپ قارىلىدۇ. لېكىن بۇ مۇپەسسىرمۇ «شىيئە» ۋە «زەيدىيە» لىك بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەينى يىللاردا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر لۇغەتشۇناس يەھيا ئبىنى زىيا ئەلفەررا (207/823-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «مەئانىل قۇرئان» ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە مامەر ئبىنى ئەل مۇسەننا (210/826-يىلى ۋاپات بولغان) نىڭ «مەجازۇل قۇرئان» ۋە ئابدۇررازاق ئبىنى ھەممام (211/828) نىڭ تەپسىرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. لېكىن بۇ دەۋردە يېزىلغان تەپسىرلەردە مۇئەللىپلەر قۇرئاننى ئاساسەن فىلولوگىيە نۇقتىسىدىن ئىزاھلاشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ تەپسىرلەردە قۇرئان باشتىن باشلاپ ئاخىرىغىچە ئايەتمۇ ئايەت تەپسىر قىلىنماستىن، تەپسىرچىنىڭ قارىشىدا زۆرۈر دەپ قارالغان ئايەتلەرلا تەپسىر قىلىنغان. بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ھەرخىل مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ شەكىللىنىش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويغان بىر دەۋر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇپەسسىرلەرمۇ دەۋرنىڭ مەسىلىلىرىگە ماسلىشىپ، تەپسىرچىلىكتە يېڭى مېتودلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

قۇرئاننى فىلولوگىيە نۇقتىسىدىن ئوقۇغاندا ۋە تەپسىرگە دائىر قاراشلارنى مېتودلىرىغا قاراپ باھالىغان ۋاقتىمىزدا، بۇ ئېقىمنىڭ ئۇلىنى ئىبنى ئابباس ۋە تالىپلىرى قۇرغانلىقىنى ئېيتىش خاتا بولمىسا كېرەك. فىلولوگىيەلىك مېتود كېيىنچە «مۇئتەزىلە» ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق مېتودىغا ئايلاندى.

«مۇئتەزىلە»لەر قۇرئاننى ئاساسلىق بەش پىرىنسىپ بويىچە تەپسىر قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭ بىرىنچىسى تەۋھىد؛ ئىككىنچىسى ئادالەت؛ ئۈچىنچىسى ۋەئد (كەلگۈسىدە كىشىگە پايدا تېگىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن زىيانلىق بىر ئىشنىڭ ساقىت قىلىنىشىنى بىلدۈرىدىغان خەۋەرلەر) ۋە ۋەئىيد (كىشىنىڭ كەلگۈسىدە زىيان تارتىدىغانلىقىنى ياكى بىرەر پايدىدىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان خەۋەرلەر)؛ تۆتىنچىسى ھېچقايسى تەرەپكە تەۋە بولماي ئوتتۇرىدا قېلىش (ئەل مەنزىلە بەينەل مەنزىلەتەين)؛ بەشىنچىسى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش (ئەل ئەمر بىل مەرۇف ۋەننەھىي ئەنىل مۇنكەر) قاتارلىقلار. ئۇلار ئاساسەن قۇرئاننى مۇشۇ پىرىنسىپلارغا چۈشۈرۈپ تەپسىر قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھەدىسلەر، سۈننەت، مۇتەۋاتىر قىرائەتلەر مۇشۇ بەش پىرىنسىپقا چۈشمىسە، ئەقىلنىڭ مۇتلەق كۈچىگە مۇراجىئەت قىلىپ تۇرۇپ ھەدىسلەرنى يا رەت قىلىدۇ، ياكى باشقا مەنىلەرگە بۇراپ ئىشلىتىدۇ، لۇغەتنىڭ تەئۋىلىگە تايىنىدۇ. ئېھتىياچلىرىغا قاراپ بەزىدە قىرائەتلەرنىڭ «مۇتەۋاتىر»لىرىنى تاشلاپ، مۇتەۋاتىر بولمىغانلىرىغا ئەمەل قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن زامانىمىزغىچە بارلىق «مۇئتەزىلە» ئالىملار ئوخشاش بىر سىزىق ئۈستىدە ماڭمىغان. بەزىلىرى ئەھلى سۈننەت تەپسىر ئۇسلۇبىدىن بەكمۇ چەتنەپ كەتكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۇلارغا يېقىن بىر ئۇسلۇب بىلەن قۇرئاننى تەپسىر قىلىش يولىنى تۇتقان. مەسىلەن: ھەدىس، فىقىھ ۋە باشقا دىنىي ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە ئىجازەت ساھىبى بولغان ۋە «مۇئتەزىلە» مەزھىپىگە تەۋە زەمەخشەرىينىڭ «كەششاف» ناملىق تەپسىرى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ناھايىتى ياخشى تەپسىرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 بۇ يەردە «خاۋارىج»لارنىڭ تەپسىر ئۇسلۇبلىرى ھەققىدىمۇ ئازراق توختىلىپ ئۆتۈش كېرەك. خاۋارىجلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىكى بەزى سىياسىي مەسىلىلەرگە تاقىلىدۇ. ئۇلار ھەزرىتى ئەلىنىڭ سېپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن خەلق ئىچىدە تونۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، كېيىنچە مۇسۇلمانلار رايونىدا تەسىرى خېلى كۆپ بىر سىياسى مەزھەپكە ئايلانغان. قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەنلەرنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش بىلەن ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى ۋە «تەھكىم[تحكيم]» ۋەقەسىدە ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدە تۇرغانلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ پىرقە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قۇرئانغا تايىنىشى كېرەكلىكى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا قۇرئان مۇتلەق قانۇن ھۆكمىدە بولۇپ، ئۇنى تەئۋىل قىلىش ياكى تەپسىر قىلىش توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ لەۋزى مەۋجۇدىيىتى ئۆزگەرمەس ھالدا ھەم ئېتىقاد، ھەمدە رېئال مەسىلىلەردە يېگانە نىزام ھېسابلىنىدۇ. بۇ چۈشەنچە خاتا يولغا كىرمەي، ئىسلام دىنىنىڭ روھىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئادالەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئىشلاردا ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىش شەرت. چۈنكى ھۆكۈم پەقەتلا ئاللاھقا خاس. بۇنىڭدىن قارىغاندا خاۋارىجلارنىڭ ھەرىكەت نۇقتىسى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولغان، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن بىرىنچى دەرىجىدە مەسئۇل بولغان خىلاپەت ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. خەلىپىلىك ئادىل، ئالىم ۋە زاھىد بولۇش شەرتى بىلەن ھەرقانداق ھۆر ياكى بىر قۇلنىڭ ھەققى. «ئەرەبلەردىن بولۇش، ھاشىمى ياكى ئەمەۋىيلەردىن بولۇش» دېگەن گەپلەر كۈچكە ئىگە ئەمەس. خەلىپە مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەركىن سايلام بىلەن بەلگىلىنىدۇ. توغرا يولدىن ئايرىلسا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىككى تۈپ ئاساسى بار. بىرىنجىسى تەقۋا بولۇش، ئىككىنچىسى شىجائەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرۇش، دۇنيانىڭ ئەيش-ئىشرەتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇش، داۋاملىق قۇرئان ئوقۇش كېرەك. ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان يامانلىقتىن توسىدىغان ئايەتلەرگە ئاكتىپ بويسۇنۇش كېرەك. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلارنىڭ سىرتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزى ئاشقۇن پىرقىلەر يۇسۇف سۈرىسىنى «بىر ئاشىق ھېكايىسى» دەپ قاراپ، قۇرئاندىن ھېسابلىمىغان. يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئەرەب بولمىغان قەۋملەردىن ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ شەرىئىتىنى بىكار قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغانلىرىمۇ بولغان.

بەزى تەرەپبازلىق قىلمايدىغان ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش يولدىن چىققان پىرقىلىرىدىن باشقا مۆتىدىل يول تۇتقان «خاۋارىج»لارنى «زالالەتتىكى بىر پىرقە» دەپ قارىغان، لېكىن ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمىغان.

«شىيئە»لەرمۇ يەنە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۆزگىچە تەپسىر ئۇسلۇبىغا ئىگە پىرقىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز ئىچىدە نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنىدىغان «شىيئە»لەر قۇرئاننى «ئىمامەت»، «ئىسمەت»، «مەھدىيلىك»، «رىجئەت» ۋە «تەقىيە» پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىر قىلىش يولىنى تۇتىدۇ. «شىيئە»لەرنىڭ ئەڭ غوللۇق پىرقىسى بولغان «ئىمامىيە»نىڭ چۈشەنچىسىدە ۋەھيى ئىمام بىلەن داۋاملىشىدۇ. چۈنكى ئىسىم-سۈپىتى جەھەتتىن پەيغەمبەر بىلەن ئىمام ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. ئۇلارنىڭ تەپسىر چۈشەنچىسىدە ئايەتلەرنىڭ (باتىنىي)، يەنى ئىچكى مەنىلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئاللاھنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمۇ مۇشۇنداق. ئاللاھ قۇرئاننىڭ تاشقىي (زاھىرىنى)، يەنى لەۋزى مەنىلىرىنى تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە رىسالەتكە چاقىرىشقا، باتىنىي مەنىلىرىنى ئىمامەت، ۋىلايەت ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە خاس قىلغان، قۇرئاندىكى ئىنسانلارنى ماختايدىغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى «شىيئە» مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچى ئىمام ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ھەققىدە نازىل بولغان، تەنقىد قىلىدىغان ۋە ئەيىبلەيدىغان مەنىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى شىيئە بولمىغان ياكى ئۇلارغا قارشى بولغانلار ھەققىدە نازىل بولغان. ھەتتا بەزى پىرقىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە قۇرئان بىزگىچە تولۇق يېتىپ كەلمىگەن.   

يۇقىرىدا بىز توختالغان تەپسىرلەردىن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلدىن كېيىن تارىخچى مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرىي (310/923) مۇپەسسىر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەتتا ئۇنىڭ شۇ دەۋردىكى پۈتۈن مەزھەپلەردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىغا «جەرىرىيە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەزھىپىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنىدۇ. لېكىن بۇ مەزھەپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئۇ ھەدىس، فىقھى، قىرائەت قاتارلىق دىنىي بىلىملەردە مۇتەخەسسىس بولۇشتىن باشقا، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشقا دۇنياۋىي بىلىملەر ساھەسىدىمۇ شاھادەتنامە ئالغان ناھايىتى كاتتا ئالىم ئىدى. ئۇنىڭ «جامىئۇل بايان فى تەئۋىيلىل قۇرئان» ناملىق ئەسىرى تەپسىرچىلىك تارىخىدىكى رىۋايەت تەپسىرچىلىكى ئېقىمىنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋردە رىۋايەت ئىلمىگە بولغان ئىشتىياق ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. لېكىن مۇپەسسىر تەپسىر ئېنسىكلوپېدىيەسى مەرتىۋىسىدىكى بۇ ئەسەرگە تەۋرات ۋە ئىنجىل ئەدەبىياتىدىن بەزى رىۋايەتلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە سەۋەب بولغانلىقى تۈپەيلىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ بىر قىسىم ھەدىس ئۆلىمالىرى ئىشەنچ قىلالمىغان بەزى كىشىلەردىن رىۋايەت نەقىل قىلغانلىقى ئۇنىڭ تەپسىرىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىدىن بىرى دەپ قارالغان، بەزى «ھەنبەلىي» سەلەفىيلەر تەرىپىدىن بىدئەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن. ھەزرىتى ئەلىنى مەدھىيەلەيدىغان رىۋايەتلەرنى ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشى ۋە پۇتقا مەسىھ قىلىشنى توغرا دەپ قارايدىغان كۆزقاراشلىرى سەۋەبىدىن «شىئەلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن. كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، تەبەرىي مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئۆتكەن ئەڭ كاتتا ئالىملاردىن ھېسابلىنىدۇ. تەپسىرى بولسا ئۆتمۈشتە يېزىلغان، سۆزلەنگەن ۋە رىۋايەت قىلىنغان تەپسىرگە دائىر بارلىق كۆزقاراشلانى ئۆزىگە جەملىگەن ئەڭ مۇھىم تەپسىرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ھەرقانداق بىر تەپسىر تەتقىقاتچىسى ئىزدىنىشىلىرى جەريانىدا مۇراجىئەت قىلمىسا بولمايدىغان ئەسەردۇر.

تەپسىر ھەرىكىتى تەبەرىيدىن كېيىن كېڭىيىپ داۋاملاشتى. نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر يېزىلدى، بەزىدە بىر-بىرىگە زىت پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، مەزھەپلەر كۆپەيدى. مەزھەپلەر كۆپەيگەنسېرى مەزھەپلەرگە تەۋە تەپسىرلەر يېزىلدى. كونىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىلاۋە، شەرھلەرنى يېزىش مۇسۇلمان ئىلىم دۇنياسىنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىپ تۇردى. لېكىن كۈچ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئاننى تەپسىر قىلىشتا يېڭى تۇيۇلىدىغان پىكىرلەر ئانچە ئوتتۇرىغا چىقمىدى. يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەر كونسېرۋاتىپ پىكىر ئېقىمى ياكى ئۇلارنى قوللايدىغان دۆلەت رەئىسلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى. شۇنداق بولسىمۇ، ھەربىر مەزھەپنىڭ پېشۋاسى دەۋرىنىڭ يېڭىلىقچىسى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بىدئەتچىسى ھېسابلاندى.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتمۈشىدە ئاز بولسىمۇ «ئىسلاھ»، «جەدىد»، «ئىھيا» ۋە باشقا ناملار بىلەن يېڭىلىنىش تەشەببۇسلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، تالاش-تارتىش تېمىسىغا ئايلانغان قازا-قەدەر، يامانلىقنىڭ مەنبەسى مەسىلىسى، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىزاھلاش قاتارلىق تېمىلار ئۆز نۆۋىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلانغان بىرەر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ ئارقىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت ياتىدۇ. رەشىد رىزا ئىبنى ھەزم، ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى ھەجەر، شاھ ۋەلىييۇللاھ دېھلەۋىي ۋە شەۋكانىينە بىرەر ئىسلاھاتچى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىمام غەززالىيمۇ دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتچىسىدۇر. ئۇنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئەتىۋارلاپ ئوقۇلىدىغان «ئىھيا ئۇلۇمىددىن» ناملىق ئەسىرى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن بىر يېڭىلىنىش تەلىپىنىڭ ئىزھارى ئىدى. چۈنكى دىنىي ئىلىملەر ئۆلۈك ھالەتتە بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرى بىلەن دىنىي ئىلىملەرنى يېڭىدىن تىرىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئوسمانىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان «يېڭى ئىلمىي كالام» تەتقىقاتلىرىمۇ بىر خىل يېڭىلىنىش تەلەپلىرىنىڭ تىۋىشلىرى ئىدى. لېكىن بۇلارنى زامانىمىزدىكى يېڭىلىقچى قاراشلاردىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش زۆرۈل.

بۇ يەردە تەپسىردىكى ئىختىلاپلارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بىر سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىرىنچىسى، قىرائەتتىكى ئوخشىماسلىقلاردىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار. بىر كەلىمىنىڭ لۇغەت جەھەتتىن بىرنەچچە پەرقلىق مەنىدە ئىشلىتىلىشى ۋە بۇلاردىن بىرىنى تاللاشتىن كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار، بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىدىكى مۇتلەقلىق ۋە نىسپىيلىك مەسىلىسى، ئايەتلەردىكى مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھلىك مەسىلىسى، ئايەتلەرنىڭ تەپسىرلىرى ھەققىدە سەلەف-سالىھلەردىن ئوخشىمىغان رىۋايەتلەرنىڭ نەقىل قىلىنغان بولۇشى ۋە تەپسىردە رىۋايەت بىلەن دىرايەت مېتودى ھادىسىسى قاتارلىقلار تەپسىردە ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلارنىڭ كېڭىيىپ داۋاملىشىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەم مىقدار، ھەمدە كۆزقاراش جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان.

19-18-ئەسىرگە كەلگەندە بىر تەرەپتىن غەرب دۇنياسىنىڭ تىز سۈرئەتتە كۈچىيىشى، بۇنىڭ ئەكسىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر تەرەپتىن ئارقىغا چېكىنىشى نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئەجنەبىي مەدەنىيەتنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىش خەلقنىڭ زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرىنى يېڭىدىن چىقىش يولى تېپىشقا قىستىدى. ھەر تەرەپتىن ئويغىنىش پىكرى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئافرىقا ۋە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ بەزى ئىلىم مەركەزلىرىدە قۇرئاننى يېڭىدىن ئوقۇشقا يۈزلىنىش دولقۇنى قوزغالدى. چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن مۇسۇلمانلار قۇرئاننى ياخشى چۈشىنەلمىگەن ياكى ئۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەل قىلمىغان. بۇ دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان ئالىملاردىن كونا مىسىر مۇپتىسى مۇھەممەد ئابدۇھ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ قالغان مۇسۇلمان رايونلىرىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى تەقلىدچىلىك كىشەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى، دىنىنى ئىختىلاپلار مەيدانغا چىقمىغان دەۋردىكى سەلەفلەرنىڭ چۈشەنگەن شەكلى بويىچە چۈشىنىشنى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان ئەسەرلەرنى تاشلاپ قويۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە يېزىلغان كىتابلارنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلىگەن. بۇنى ئىجرا قىلىشتا دىن-ئەقىل مۇناسىۋىتىگە تايىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە كۆپ توختالغان. ئىلمى كالام تالاش-تارتىشلىرىنىڭ كېرەكسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاللاھنىڭ زاتى ھەققىدە ئەمەس، مەخلۇقلىرى ئۈستىدە توختىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋەھيىگە قارشى چىقىش سەۋەبىنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئىستىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنى بەزىلەر «سەلەفىييە» مەزھىپىدە دەپ قارىسا، بەزىلەر «يېڭى مۇئتەزىلەنىڭ قۇرغۇچىسى» دەپ قارىغان.

مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ نەزىرىدە تەپسىر كىتابلىرىدا قۇرئاننىڭ روھىغا ماس كەلمەيدىغان خاتا مەلۇماتلار كۆپ. شۇنداقلا، ۋەھيىنىڭ باش تېمىسى لۇغەت خاراكتېرلىق تەھلىللەر ئىچىدە يوقاپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن قۇرئان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئۆلۈكلەرگە ۋە بىمارلارغا ئوقۇلىدىغان بىر كىتابقا ئايلىنىپ قالغان. ھالبۇكى، قۇرئاننىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي سەۋىيەلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندا فىقھىي مەسىلىلەر ئانچە كۆپ ئورۇن تۇتمايدۇ. ئۇ يەنە ئايەتلەرنى دەۋرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە ناھايىتى كۈچىگەن. بۇ سەۋەبتىن جىنلارنىڭ مىكروپلارنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى، ئەبرەھە قوشۇنىنى تاش بىلەن ھالاك قىلغان قۇشلارنىڭ كېسەللىك توشۇغۇچى چىۋىنلارنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئەمەس، خىلمۇخىل ئىنسان جىنسلىرىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلدار بولۇشى بالىسى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىلاھىي خەۋەرگە بولغان كۈچلۈك ئىمانى شەكىللەندۈرگەن بىر خىل پىسخىكا ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.

19- ئەسىردە يېڭىچە پىكىر ئېقىملىرىنىڭ ئەڭ جانلىق ئېقىملىرىدىن بىرى ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا ئوتتۇرىغا چىقتى. 18-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئىنگلىزلار ھىندىستان يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ رايون 1857-يىلىدىن كېيىن ئىنگلىزلارنىڭ بىر ۋىلايىتىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ رايوندا مۇسۇلمانلار بىلەن ئىنگىلىزلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تۈگىتىپ ئىككى مىللەتنىڭ بىللە ياشىيالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە بۇ ۋەقەدىن كېيىن «جامائەتۇ ئەھلىززىكرى ۋەلقۇرئان» دېگەن ئىسىم بىلەن بىر پىكىر ئېقىمى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئىنگىلىزلاردىن قۇتۇلۇش تەس ئىدى. شۇڭا ئۇلار بىللەن زىددىيەتلىشپ ئولتۇرماسلىق، زىددىيەتكە سەۋەپ بولىدىغان ئايەتلەرنى يېڭىچە بىر ئاڭ بىلەن تەپسىر قىلىش كېرەك ئىدى. مۇشۇنداق قىلغاندا ئىنگىلىزلار بىلەن تەڭ تۇرغىلى بولاتتى. مەنبەلەردە بۇلار بەزىدە «قۇرئانچىلار» دەپمۇ ئاتالدى. مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ دەپ قاراپ سۈننەتنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى. قۇرئاننى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ئېقىم ئاساسلىق ۋەكىللىرى بولغان سەيىد ئەھمەتخان، چىراغ ئەلى، چەكرالەۋىي، ئەھمەدۇددىن ئەمرەتسەرىي، مۇھەممەد ئەسلەم جەراپۇرىي ۋە غۇلام ئەھمەد پەرۋىزىي تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلدى. قۇرغۇچىسى ئابدۇللاھ چەكرالەۋى ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەھلى ھەدىس ئېقىمى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ كېيىنكى ھاياتىدا قاتتىق ھەدىس دۈشمىنى بولۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى دىن تۈپ مەنبەلىرىنى ياخشى بىلمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا. بۇ مەزھەپكە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دىنى بىلىمى ياخشى بولماسلىقى ۋە پىسخىك ئاجىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن دىن نامىغا قىلغان گەپلىرى بىلەن دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ قالغانلىقلىرىنى پەرق ئېتەلمىدى.

مەغلۇبىيەت پىسخولوگىيەسى ئىچىدىكى بەزى ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب دىن ئىدى. بولۇپمۇ سۈننەت نامى بىلەن ئىسلامىي ھۆكۈملەرنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولغان ھەدىسلەر ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەنقىد ئوبيېكتى ئىدى. ئەينى يىللاردا مىسىردا دوختۇر مۇھەممەد تەۋپىق سىددىقىمۇ «مەنار» ژۇرنىلىدا «ئەل ئىسلام ھۇۋەل قۇرئان ۋەھدەھ» ناملىق بىر ماقالىسىدە سۈننەتنى تامامەن رەت قىلدى. لېكىن بۇلارنىڭ پىكىرلىرى سىستېمىلىق ھالدا داۋاملاشمىدى. بۇ ئېقىم ئاساسەن ھىندىستانغا ئوخشاش كۆپ دىنلىق ۋە ئىنگىلىز ھاكىميىتىگە كۆنۈپ قالغان رايونىدا كۆپرەك قوللىغۇچى توپلىدى. پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مەركەزلىرى پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىگە يۆتكەلدى. زۇلپىقار ئەلى بۇتتۇ زامانىدا كېيىنكى ۋەكىللىرىدىن ھېسابلىنىدىغان پەرۋىزى «ھەدىسىلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىسلامنىڭ بەزى ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى» دەپ قارىلىپ، مۇرتەد ۋە كاپىرلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىلدى. بۇلار بەزى مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلارغا ئىگە بولسىمۇ، ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى «سۈننەت ۋە ئىجتىھاد بىلەن ئەمەل-ئىبادەت قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ قۇرئاندىن باشقا مۆجىزىسى يوق، پەرىشتە ۋە جىنلار ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەس، جىبرىئىل جانلىق بىر پەرىشتە بولماستىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھيى ئېلىپ كەلگەن بىر خىل روھانىي كۈچى» دەپ قاراشتىن ئىبارەت ئىدى. سەييىد مەقبۇل ئەھمەدخاننىڭ قارىشىدا جەننەت، دوزاخ ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىدىغان بەزى ھادىسىلەر بىر خىل ئەدەبىي ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. ھەممىسى بىردەك قۇرئاندا ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتلەرنىڭ بارلىقىنى (نەسخ) قوبۇل قىلمىغان ئىدى. قۇرئانچىلار مەزھىپى ئىچىدە ئىبادەتلەر ھەققىدىمۇ پەرقلىق كۆزقاراشلار مەۋجۇت ئىدى. خۇسۇسەن چەكرالەۋىيدىن كېيىن ناماز ۋاقىتلىرى، رەكئەت سانلىرى، ئادا قىلىنىش شەكىللىرى ۋە ئەركانلىرى ھەققىدە ئۆزگىچە كۆزقاراشلار بار ئىدى. مەسىلەن: چەكرالەۋىي نامازنى كۈندە بەش ۋاق دەپ ئېيتقان بولسا، ئەھمەدۇددىن پەرز نامازنىڭ كۈندە ئىككى ۋاق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. قۇرئاندا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھېيت نامازلىرى بىلەن جىنازا نامازىنى ئوقۇش زۆرۈر ئەمەس ئىدى. پەرۋىزىينىڭ قارىشىدا زاكاتنى ئىسلام دۆلىتى يىغىشى كېرەك ئىدى، بۇنداق بىر دۆلەت بولمىسا زاكات پەرز بولمايتتى. بۇ ئېقىمدىكى كىشىلەردىن بەزىلىرى روزىنىڭ مۇددىتىنىڭ توققۇز كۈن بولسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇلار مانا مۇشۇنداق ئسىلامىي قىممىتى بولمىغان سۆز-چۆچەكلىرى بىلەن كۈلكە-چاقچاق تېمىسى بولۇپ قېلىۋەردى.

ھازىرقى زامان تەپسىرچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ خېلى كۆپ ساندىكىلىرى يۇقىرىدىكى پىكىردە بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم تەپسىرلەر مودېرنىزمنىڭ بەزى تەسىرلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋېلىش بىلەن بىرگە، كونسېرۋاتىپ تەپسىرچىلىك ئېقىمىدىن چىقىپ كەتمىدى. ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا مەۋدۇدىي، مىسىردا سەييىد قۇتۇب، تۈركىيەدە مۇھەممەد ھەمدى يازىر قاتارلىق بىر تۈركۈم تەپسىرچىلەرنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. خۇسۇسەن سەييىد قۇتۇب ئەسەرلىرىدە ھازىرقى زامان دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىگە كاپىتالىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ چارە تاپالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەسىنىڭ مۇشۇ ئېقىملار ئىكەنلىكىنى، مەسىلىنى ئاساس قىلىشتىكى چىقىش نۇقتىسىنىڭ ئىسلام دىنى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، غەرب سىستېمىسىنى تەنقىد قىلدى. بۇ جەھەتتە مۇھەممەد ئەسەد ۋە ئالېكس كارىلنىڭ كۆزقاراشلىرىدىن نەقىل كەلتۈردى. ئىسلامنىڭ سىياسى روھىنى يېڭى بىر ئۇسلۇبتا، كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى. شەرىئەتنى ھەممە نىزاملاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى، تەبلىغ چەكلەنگەن يەرلەردە جىھادنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يۇنان پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەپ قارىدى، مۇسۇلمانلارنىڭ زامانغا باپ كېلىدىغان، ئۆزىگە خاس يېڭى بىر تەپەككۇر شەكلىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يازغان «فى زىلالىل قۇرئان» ناملىق ئەسىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئالاھىدە شۆھرەت تاپتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدە مۇسۇلمانلار رايونىدىكى مۇستەملىكىچىلەرنى، غەرب ئەللىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى تەسىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىشى مەزلۇم مىللەتلەر تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى «مەجەللەتۇسسەقافەتىل ئىسلامىيە» ژۇرنىلىنىڭ ھىجرىيە 1385-يىلى شەئبان ئېيىنىڭ 23-سانىدا بىر پەتىۋا چىقىرىپ، سەييىد قۇتۇبنى «يول بەلگىسى ناملىق ئەسىرىدە خەلقنى پىتنە چىقىرىشقا كۈشكۈرتكەن، تارىختىكى «خاۋارىج»لارنىڭ يولىدىن ماڭغان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىنىڭ بەزى سەپداشلىرى تەرىپىدىنمۇ تەنقىد قىلىندى. شاھادەت كەلىمىسىنى ھاكىمىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈرۈش، ئەمەلسىز ئىماننىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى، زامانىمىزنىڭ ئىنسانلىرىنى جاھىلىيەت بىلەن ئەيىبلەش قاتارلىق پىكىرلىرى تەنقىدنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولغان ئىدى. ۋەتىنىمىزگە ئوخشاش بەزى رايۇنلاردا زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئىلھام مەنبەسى سۈپىتىدە رول ئوينىغان سەييىد قۇتۇپنىڭ پىكىرلىرى ھېلىھەم قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. چۈنكى ئۇ، تۈرمىدە قاتتىق ئازاب- ئوقۇبەتكە دۇچار بولسىمۇ سەمىمىي بىر مۇسۇلمان كىملىكىدىن ۋاز كەچمىدى، قۇرئاننى چۈشىنىشتە دىننىڭ ئاساس ھالقىلىرىدىن چىقىپ كەتمىدى.

3-باب شەرقىيي تۈركىستان رايونىدا قۇرئان تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى

شەرقىيي تۈركىستان دىيارى شەخسلەر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىسلام بىلەن خېلى بۇرۇنلا تونۇشقان بولسىمۇ، جامائەت شەكلىدە ئىسلام بىلەن تونۇشۇشى كېيىنرەك ئەمەلىيلەشكەن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. كۆپ سانلىقنىڭ قارىشىدا «بۇ جەريان قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلانغان» دېيىلىدۇ. بىز مۇشۇ مەلۇماتنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدىمۇ شەرقىي تۈركىستان دىيارىدا يېزىلغان بەزى دىنىي، ئەدەبىي ئەسەرلەردىن باشقا تەپسىر ساھەسىدە غوللۇق بىر ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ «شەرقىي تۈركىستان خەلقى دىندىن، بولۇپمۇ قۇرئاندىن خەۋەرسىز ئىدى» دېگەن مەنە چىقمايدۇ. چۈنكى «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «ئەتەبەتۇلھەقايىق» قاتارلىق ئەسەرلەرگە قارىغان ۋاقتىمىزدا قۇرئان ئايەتلىرىدىن نەقىل قىلىنغان نۇرغۇن ئىبارىلەرنى كۆرىمىز.

شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مۇسۇلمانلار رايونىدا تەسىر قوزغىغۇدەك بىر ئەسەرنىڭ يېزىلماسلىقىدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن:

بىرىنچىسى، ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن يەرلىك ئالىملار مەزكۇر تىللاردا يېزىلغان ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، يېڭىدىن ئەسەر يېزىپ چىقىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچىسى، ئىران شىئە چۈشەنچىسىنىڭ تەسىرى بىلەن قۇرئانغا تەپسىر يېزىشتىن چەكلەنگەن بولۇش مۇمكىن. چۈنكى شىئە چۈشەنچىسىدە قۇرئاننىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى پەقەت ئىماملارلا بىلىدۇ، پەقەت ئۇلاردىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەرگىلا ئىشىنىشكە بولىدۇ. تەپسىرنى نەسەبى ھەزرىتى ئەلىگە تۇتىشىدىغان بىر ئىمام ياكى بىر ئالىم يېزىشى كېرەك. دەرۋەقە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مۇئەللىپلىرىدىن مۇھەممەد قاسىم داموللامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆز زامانىسىدا بەزى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارىشىدا قۇرئاننى تەپسىر قىلىش جائىز ئەمەس ئىدى. ئۇنى پەقەتلا بىر پەيغەمبەر ياكى راشىد خەلىپىلەردىن بىرى ۋە ياكى مەشھۇر ئىماملاردىن بىرى تەپسىر قىلىش كېرەك ئىدى. سۈننەتنىمۇ نەسەبلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا تۇتىشىدىغان ئەھلى ئىلىملەردىن ئۆگىنىشكە بولاتتى. ئەكسىچە ھەرىكەت قىلغۇچىلار كاپىر ۋە زىندىق ھېسابلىناتتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستاندا خۇراپىي ئەقىدىلەر ناھايىتى كۆپىيىپ كەتكەن.

ئۈچىنچىسى، قاراخانىيلار ۋە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرقىيي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىچكى ۋە تاشقىي زىددىيەتلەر ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۇرۇش ۋە كۆچمەنلىك ھاياتى ئىچىدە ئۆتكەن. قىسقىسى، جەمئىيەت مۇقىم بولمىغان. بۇنداق شارائىتتا چوڭ ھەجىملىك بىر ئەسەرنىڭ يېزىلىشى قىيىن.

پەقەت يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئانا تىلدا ئەسەر يېزىش مۇسۇلمان رايونلىرىدا بازار تېپىشقا باشلىغان. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە شەرقىيي تۈركىستاندىمۇ بەزى ئالىملار چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يېزىشقا ئاتلانغان. بەزىلىرى ئىجادىيەتلىرى بىلەن يەرلىك خەلقنى ئويغىتىپ، زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرسا، يەنە بەزى دىنىي ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارنى خۇراپىي ئەقىدە ۋە بۇزۇق ئەخلاقلاردىن قۇتۇلدۇرۇشنى، ئىسلام دىنىنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن توغرا رەۋىشتە ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان. ھەر تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانى بولسا شەرقىيي تۈركىستاننى مۇستەقىل بىر دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بولغان. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، لېكىن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئانا ئېقىمغا ماس كەلمەيدىغان پىكىر ۋە چۈشەنچىلەرگە يېقىن كەلمىگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر بولۇپ، ئۆملۈك ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك ئىدى. دىن نامىغا جەمئيەتتە ئېقىپ يۈرگەن كىچىك مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن چىرايلىقچە ئولتۇرۇپ ھەل قىلىشقا بولاتتى. ناھايىتى ئەپسۇسكى چەتئەلگە چىقىپ كۆزى ئېچىلغان بەزى «ئىسلامچى»لىرىمىز مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، سابىت داموللام، يېقىنقى دەۋردە بولسا 1993-يىلى قاغىلىقتا ۋاپات بولغان ئابدۇلھەكىم مەخسۇم قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ۋە سىياسەتچىلىرىمىزنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئېتىبار بەرمەي، خىتاي ھاكىمىيىتى پۇل بېرىپ پارچىليالماي كېلىۋاتقان شەرقىيي تۈركىستان خەلقى ئىچىدە پىتنە -پاساتنىڭ رولچىلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن بەزىلىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرئاننى يەرلىك تىلدا تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان. بەزى ئەسەرلەردىن ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ قۇرئاننى كېيىنكى دەۋر ئۇيغۇر چاغاتاي تىلىغا تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. لېكىن بۇ ئەسەر بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن. مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇھاجىر مۇھەممەد رەمزىنىڭمۇ چۆچەكتە قۇرئاننى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقى مەلۇم. لېكىن بۇ ئەسەر روياپقا چىقماستىنلا يوقاپ كەتكەن. قولىمىزدا مۇئەللىپى مەلۇم بولمىغان بەزى قىسقا سۈرىلەرنىڭ تەپسىرلىرى بار. بولۇپمۇ گۇننار يارىڭ ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان قىسقا سۈرىلەرنىڭ بىر پارچە تەپسىرى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەسەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈن قولىمىزدا تاتار مۇھاجىرلىرىدىن ئەھمەد فەرىد ئابباسىنىڭ ئىككى توملۇق بىر تەپسىرى مەۋجۇت. ئەسلىدە ئۇ، قۇرئاننى باشتىن-ئاخىر تەرجىمە قىلىپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، بىزگە ئۇنىڭ پەقەت بىر بۆلۈمىلا يېتىپ كەلگەن. ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغان بۇ تەپسىردە ھازىرقى زامان مىسىر تەپسىر ئېقىمىنىڭ ئىزلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈشكە بولىدۇ. مۇئەللىپنىڭ تەپسىرنى ئىشلەش جەريانىدا دۇنياۋى بىلىملەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن ناھايىتى كۆپ پايدىلانغان. ئۇ كلاسسىك تەپسىر ئېقىمىدىكى نۇرغۇن كۆزقاراشلارنى قوبۇل قىلمايدۇ.

يۇقىرىقىدىن باشقا مۇھەممەد زىرىپ قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تەپسىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بۇنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىماسى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ تولۇق تەپسىر دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇ تەپسىرىدە ئاساسەن مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى روشەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: قۇرئاندا مەنسۇخ ئايەتلەرنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلمىغان، فىقھىي جەھەتتىن بىر مەزھەپكە تەۋە بولمىغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قايتا پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت ھازىرقى زامان تەپسىر ئېقىمىدىن نۇرغۇن جايلاردا پايدىلانغان ۋە ئۇلاردىن نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇ، 1933-قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە كېيىنكى يىللاردا يەنە نۇرغۇن سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن زىرىپ قارىھاجىمنىڭ مۇشۇنداق ئەھلى سۈننەت ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ بەزى پىرىنسىپلىرىغا زىت كۆزقاراشتا بولۇشى ۋەتىنىمىزدىكى دىنىي ئاڭنىڭ ئاللىبۇرۇن ھازىرقى زامان ئىسلام پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ماسلىشىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن يېڭىچە سىناق كۆزقاراشلىرىنى دۆلەت قۇرۇش يولىدا توسالغۇ قىلمىغان.

ئىشەنچلىك مەنبەلەردە سابىت داموللامنىڭمۇ بىر قۇرئان تەپسىرى يازغانلىقى مەلۇم. لېكىن بۇ تەپسىرىنىڭ ئاخىرقى بىر پارىسىلا زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن. داموللامنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭمۇ مۇھەممەد ئابدۇھ ۋە ئۇنىڭ ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىگە قايتىشنى قاتتىق تەشەببۇس قىلغان سابىت داموللامنىڭ شۇ دەۋر سەلەفىيلىرىدىن ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. لېكىن فىقھىي مەسىلىلەردە ھەنەفىيلىكنى تاللىشى ئۇنىڭ ھەممە پىكىر ئېقىملىرىنى رەت قىلىدىغان مودېرن سەلەفىيلىك ئەمەس، ئەبۇ ھەنىفەدىن باشلاپ ئۇلى سېلىنغان كلاسسىك سەلەفىلەرنىڭ يولىدا ئىكەنلىكى ئاشكارا. بۇ ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قورشاۋى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان جەدىدىزىمچى ئۆلىما تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بىر يول ئىدى.

ھەممىگە مەلۇمكى، مەملىكىتىمىزدە كوممۇنىست تۈزۈم ئاستىدا قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئىككى قېتىم بېسىپ تارقىتىلدى. بۇنىڭ بىرى مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىم تەرىپىدىن قىلىنغان تەرجىمە بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر 1986-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرىنچى قېتىم بېسىلدى. بۇ ئەسەر 1992-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىككىنچى قېتىم قايتا بېسىلدى. 1994-يىلى يەنە ئەرەبىستاندا ئۈچىنچى قېتىم بېسىلدى. ئوخشاش ئەسەر 2017- ۋە 2018- يىلى تۈركىيە دىنىي ئىشلار نازارىتى تەرىپىدىن ئۇدا ئىككى قېتىم بېسىلىپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىمنىڭ ئۆز دەۋرىدە «تەپسىرۇل قۇرئانىل كەرىم» ئىسمى بىلەن قۇرئاننىڭ ئاخىرقى ئىككى پارىسىنىڭ تەپسىرى نەشىر قىلىندى.

ۋەتەن ئىچىدە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى تەرجىمە بىر ئىلمىي ھەيئەت تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە 2012-يىلى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» بولۇپ، بىر قەدەر يېڭى ئۇسلۇب بويىچە قىلىنغان بۇ تەرجىمە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يەنە بىر قېتىم سۆيۈندۈردى.

ۋەتەن سىرتىدا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان دىنىي ئەسەرلەر نەشىر قىلىندى. مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ قۇرئان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئەسەرلەر يېزىلدى ياكى تەرجىمە قىلىندى. بۇلاردىن بىرى ئەنەس ئالىمئوغلى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، 2018-يىلى «سۇلايمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى» بېسىپ تارقاتقان «قۇرئان كەرىم ۋە ئىزاھلىق تەرجىمىسى» دېگەن ئەسەر. بۇ ئەسەرنىڭ پايدىلانغان مەنبەلىرىنىڭ كەڭ بولۇشى ھەمدە ئەركىن دۇنيادا يېزىلغان بولۇشى تەرجىمىنى تېخىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان.  ھازىر يەنە چەتئەلدە ئوقۇپ يېتىشكەن مول-ھوسۇللىق ئالىملىرىمىزدىن مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ بىر تەرجىمىسى ۋە تەپىسىر يۇرۇق كۆردى.

خۇلاسە

 بىز بۇ ئەسەردە تەپسىر ھەرىكىتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئەھۋالىنى خۇلاسىلەشكە تىرىشتۇق. بۇنىڭ ئانچە ئاسان بىر ئىش ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، تەپسىر ھەرىكىتى باشتا بىرقانچە ساھابىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەقەتلا مۇھەممەد ئەلەيھسسالامدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەرگىلا تايانغان. كېيىنچە ئۇنىڭ ئورنىنى تەئۋىل ئەدەبىياتى ئىگىلەشكە باشلىغان. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن دەسلەپكى دەۋردە ئىشلىتىلمىگەن نۇرغۇن ئامىللار دەلىل قىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن يىراقلاشقانسېرى مەسىلىلەر كۆپەيگەن. مەسىلە كۆپەيگەنسېرى ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ خىلمۇخىل يوللىرى پەيدا بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئوخشىمىغان مەزھەپلەر شەكىللەنگەن. ھەممە مەزھەپ ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قۇرئاندىن دەلىللەرنى ئىزدەشكە باشلىغان. بەزىلىرى سىياسىي كۈچنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا زامانىمىزغىچە يېىتىپ كەلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالغان.

19-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە مۇسۇلمان رايونلىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەرب ۋە باشقا غەيرى مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىغان. بىر قىسىم زىيالىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى ياكى مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى «ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئانغا ئەمەل قىلىنمىغان ياكى توغرا چۈشىنىلمىگەنلىكتىن بولغان» دەپ، بۇ كىتاب ئۈستىدە يېڭىدىن ئىزدىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن تەپسىرچىلىك ھەرىكىتىدە يېڭى سەھىپىلەر ئېچىلىشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پىكىرلىرى كونىچە ئېقىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان. مۇسۇلمانلارنىڭ كونا ئادەتلىرى بويىچە بەزى مۇئەللىپلەر دىندىن چىقىرىۋېتىش دەرىجىسىدە تەنقىدكە ئۇچرىغان. لېكىن كونىلىق تەرەپدارلىرىمۇ ھازىرقى زامان دۇنياسىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى ۋە شەرت-شارائىتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمىغان.

بىز ئۈستىدە توختالغان ئاساسلىق تېمىلاردىن بىرى شەرقىيي تۈركىستان دىيارىدا يېزىلغان قۇرئان تەرجىمىلىرى ۋە تەپسىرلىرى ھەققىدە بولدى. شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى قۇرئان تەرجىمىلىرى ھەرگىزمۇ قۇرئاننىڭ مەنىسىنىڭ ئۆز ئەينىسى ئەمەس. مۇئەللىپلەرنىڭ ھېچبىرى بۇنى دەۋا قىلمايدۇ. تەرجىمىلەر كەلىمىلەرنىڭ لۇغەت مەنىلىرىنى نىشان ئوبيېكتى قىلغان تىلدا ئەكس ئەتتۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەربىر تەرجىمە بىر تەپسىر ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى ئەرەب تىلىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە لۇغەت تەركىبىنىڭ خىلمۇخىللىقى بەزى ئىختىلاپلارنى تۇغدۇرۇشى مۇقەررەر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان نازىل بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن يېزىلىشقا باشلىغان تەپسىر كىتابلىرى قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر يېزىلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، شۇنىڭغا تايىنىپ ئىلىمگە ئېرىشىش ئاسانلىشىۋاتقان بۇ دەۋردە تەپسىر ۋە تەرجىمە پائالىيىتىنىڭ خىلمۇخىللىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزگە باپ كەلگىنىگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇش كېرەك. پىكىر ئىختىلاپلىرىنى زىددىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇشنىڭ ئورنىغا، بۇنداق ئىختىلاپلارنى ئۈممەتنىڭ ئىچىدە بىر بايلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاسارەتتە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ زىيالىيلىرى دىنى جەھەتتىن ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغان كىچىك مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خەلقىنىڭ بىرلىكىنى بۇزىدىغان، كۆڭۈل ئاغرىقى تېرىپ ئىنسانلارنى بىئارام قىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى ناھايىتى زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئىشنىڭ ئەربابى بولمىسا ئۇ ساھەدە ئۆزىچە كەسكىن ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ساقلانغان تۈزۈك.

پايدىلانغان مەنبەلەر

أحمد بن محمد بن أبي بكر بن خلكان، وفيات الأعيان وأنباء أبناء الزمان،  الناشر: دار صادر - بيروت، سنة النشر: 1972، المجلد الثاني، ص: 371-375.

 أثير الدين أبو حيان محمد بن يوسف بن علي بن يوسف الأندلسي، البحر المحيط في التفسير، المحقق: صدقي محمد جميل، دار الفكر، ص: 26.

محمد بن عبد الله الزركشي بدر الدين، البرهان في علوم القرآن، المحقق: أبو الفضل الدمياطي، دار الحديث، 1427/2006، ص: 22.

الراغب الأصفهاني، مفردات ألفاظ القرآن، دار القلم، سنة النشر: 1430 - 2009.

يالقۇن رۇزى، «سابىت داموللا كىم»، شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى، 2011 -يىلى 45- سان، 80-95- بەتلەر.

محمد حسين الذهبي، التفسير والمفسرون، دارالأرقم، بيروت، 1/241-249.

محمد قاسم أمين، تركستان الشرقية فى عهد ملك الطوائف وفي واقت الحاضر، تكلماكان نشرياتى 2000، ص: 2.

 

  

Abdülhamit Birışık, “Kurâniyyun”, İslam Ansiklopedisi, yıl: 2002, cilt: 26,  sayfa: 428-429;

----------, Abdülhamit Birışık, “Tefsir”, yıl: 2011, cilt: 40,  sayfa: 287-290.

Ahmet Temir, “Doğumunun 130. Ve Ölümünün 50. Yılı Dolayısıyla Kazanlı Tarihçi Murad Remzi, Belleten, Ankara, 1986, C: L, sayı: 197, s. 502.

Ali Merad, “Islah”, yıl: 1999, cilt: 19,  sayfa: 143-156.

Ethem Ruhi Fığlalı, “Hâricîler”, Diyanet İslam Ansiklopedisi, yıl: 1997, cilt: 16,  sayfa: 169-175.

Ersoylu, Halil, Kutadgu Bilig'de Kur'an-ı Kerim Ayetlerinden İlhâmlar, Türk Dünyası Araştırmaları, 1981, sayı: 15, s. 17-41.

Hilal Görgün, “Seyyid Kutub”, İslam Ansiklopedisi, yıl: 2009, cilt: 37,  sayfa: 64-68.

İsmail Cerrahoğlu, Tefsir tarihi, c. I, s. 198;

M. Sait Özvarlı, “Muhammed Abduh”, İslam Ansiklopedisi, yıl: 2005, cilt: 30, sayfa: 482-487

Muhsin Demirci, Tefsir Tarihi, 35. Baskı, İstanbul, 2016, s. 43-54.

Mustafa Fayda, “İbn Cerir et-Taberî”, DİA, s. 317.

Nur Ahmet KURBAN, “İdil Ural’dan Kaşgar’a Bir Müfessirin Hayatı: Ahmed Ferîd Kârî el-Abbâsî”, Sayı 16 (Temmuz - Aralık 2011), s. 73.

----------, Türkistan Coğrafyasında Çağdaş Dönem Kuran Çalışmaları, Siyer Yay., 2016, s. 35-36 vd.

----------, “Muhammed Zarîf Ve Tefsir Anlayışı”, Gümüşhane Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Dergisi, 2012/1, c. 1, sayı: 1, s. 14, 20, 22, 28.

Sofuoğlu, M. Cemâl, “Kur’ân ve Hadis Kültürünün Kutadgu Bilig’teki İzleri”, Dokuz Eylül Üniversitesi İlahiyat Fakültesi Dergisi, 1989, sayı: 5, s. 127-180.

Ömer Türker, “Mukātil b. Süleymân”, Diyanet İslam Ansiklopedisi, yıl: 2006, cilt: 31,  sayfa: 134-136.