ماقالىلار

قۇرئان كەرىمگە قانداق پوزۇتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك؟

2024-06-05
A-
A+

قۇرئان كەرىمگە قانداق پوزۇتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك؟

 

تاھىرجان ئابباس

قۇرئان كەرىمنىڭ ئېتىمولوگىيەسى

«قۇرئان» كەلىمىسىنىڭ لۇغەتلىك مەنىسى: جەملەش، توپلاش، چۈشۈنۈپ، ئەسلى ماھىيىتىگە ۋاقىپ بولۇش، پىشىپ يېتىلىش، چېچىلىپ كەتكەن پارچىلارنى بىر يەرگە يېغىپ، بىر گەۋدە ھاسىل قىلىش دېگەندەك مەنە ۋە مەزمۇنلارنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىستىلاھى مەنىسى: قۇرئان كەرىم ئالەملەرنىڭ راببى - جالالەتلىك ئاللاھنىڭ كالامى ئەزەلىيىسى ۋە خىتاباتى ئەبەدىيىسىدۇر. ئۇ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ۋاسىتىسى بىلەن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان. ئۇنىڭ پاتىھە سۈرىسىدىن ناس سۈرىسىگىچە بولغان پۈتۈن ئايەتلىرىنىڭ توپلىمى "مۇسھەپ" ياكى "قۇرئان" دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىم ئەڭ ساغلام ۋە توغرا مۇتەۋاتىر يول بىلەن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. قۇرئان كەرىمنىڭ تىلاۋىتى ئىبادەت، تەقۋادارلارغا ھىدايەتۇر.

قۇرئان كەرىم، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە كېلىپ ئۆتكەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتاب ۋە سەھىپىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە جەۋھىرىدۇر، ھەمدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مەڭگۈلۈك مۆجىزىسىدۇر. شۇنىڭدەك پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق دەستۇرى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر.

قۇرئان كەرىم ئىشەنگەن بارلىق مۆمىن - مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق بىر شەرىئەت كىتابى، ھەم بىر دۇئا كىتابى، ھەم بىر ھېكمەت كىتابى، ھەم بىر ئىبادەت كىتابى، ھەم بىر جىھاد كىتابى، ھەم بىر ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش كىتابى، ھەم بىر زىكىر كىتابى، ھەم بىر پىكىر كىتابى، ھەم پۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتى ۋە مەنىۋى ھاياتىنىڭ كاپالەتلىك نىزامنامەسىدۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ،  كىتاب، فۇرقان، زىكىر، نۇر، روھ، مەۋئىزە (ئۈگۈت ۋە نەسىھەت) شىپا، ھودا (توغرا يول كۆرسەتكەن) بايان، كالام دېگەندەك ئىسىملىرى قۇرئان كەرىمدە - پەرقلىق سۈرىلەردە - زىكىر قىلىنغان. بۇ ئىسىملەرنىڭ ھەر بىرى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر تەرىپىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ھەر تەرەپكە پەرقلىق نۇر يانسىتىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ كۆركەم بىر كىرستالغا ئوخشايدۇ.

قۇرئان كەرىم  610 – يىلى جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولۇشقا باشلىغان. قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى، جەمئىي 23 يىل داۋاملاشقان. قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى سۈرىسى فاتىھە ۋە ئەڭ ئاخىرقى سۈرىسى ناس بولۇپ، توپلىمى «قۇرئان» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزگىچە بۆلۈنۈشى بار. بۇ بۆلەكلەر 30 پارە، 114 سۈرە، 6236 ئايەتلەردىن ئىبارەت. بۇ ئايەتلەردىن 1600  ئايەت ئۆتمۈشتىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ۋە باشقا تارىخىي ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىكتۇر؛ 1200 ئايەت بولسا، ئىمانغا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىكتۇر؛ 1020 ئايەت بولسا، تەۋھىد ۋە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە؛ 1000 ئايەت ھۆكۈمگە ئالاقىدار؛ 400 ئايەت دۇئا ۋە دوزاج - جەننەت ھەققىدە، 400 ئايەت مۇئامىلە ھەققىدە، 100 ئايەت جىنايى ئىشلار ھەققىدە، يەنە 100 ئايەت بارلىق جانلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ كاپالىتىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە، 70 ئايەت جىھاد، مۇجاھىد ۋە غازىلار ھەققىدە، 50 ئايەت مەككە، ھەج ۋە  ئەرەپات ھەققىدە، قالغان ئايەتلەر بولسا مىراس، نىكاھ، تالاق  ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسۇلى ئۆزگىچە. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسۇلى شېئىرمۇ ئەمەس، نەسىرمۇ ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭدا قاپىيە ياكى ۋەزن يوق. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇبى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ قۇرئان كەرىمدەك بىر كىتابنى بۇندىن بۇرۇن ھېچ كىم كەلتۈرەلمىگەن بۇندىن كېيىنمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بىر ئايەت ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «"ئېيتقىنكى،" ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ، بىر – بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ»[1] بۇ مۇبارەك ئايەت كەرىمە ئېنىق بىر شەكلىدە «ئىي ئەرەب – ئەجەم پۈتۈن ئىنسان، ھەتتا جىن تائىپىلىرى! ئەگەر سىلەر قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامى ئەمەس، ئىنساننىڭ سۆزى دەپ ئويلايدىغان بولساڭلار، سىلەرمۇ ئىنسان، مۇھەممەدمۇ ئىنسان، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىتابنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار!» دەپ دوئېلغا چاقىرماقتا. بۇ خىل چاقىرىق ئەقىدە ئۆلىمالىرىنىڭ ئىستىلاھىدا "تەھەددى" دېيىلىدۇ. بۇ خىل تەھەددى، مۆجىزە تۈرلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر.

قۇرئان كەرىمنى تونۇش...

قۇرئان كەرىمنى تونۇش ئۈچۈن، يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم قانچە كۆپ ئوقۇلسا، ئۇنىڭ ھېكمىتى ۋە سۈپەتلىرى شۇنچە كۆپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن: «بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر»، «بۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن روشەن پاكىتلاردۇر، ھىدايەتتۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) جەزمەن ئىشەنگەن قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر»[2] .... سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى، ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ »[3] بۇ كىتاب ھىدايەت، رەھمەت بەسىرەت ۋە نۇردۇر. دۇچ كەلگەن ھەر قانداق بىر مەسىلىدە بۇ قۇرئان كەرىمگە مۇراجىئەت قىلغان ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. بۇ كىتابتا مۇتتەقى ۋە تەقۋادار مۆمىنلەرنىڭ ماقامى يۈكسەكتۇر.

ھارىسىل ئەئۋەردىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى مەسجىتتە مەن كىشىلەرنىڭ ئۆز – ئارا پاراڭغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەھۋالنى بايان قىلدىم. ئۇ ماڭا: ئۇلار شۇنداق قىپتىمۇ؟ - دېدى. مەن – ھەئە – دەپ، جاۋاب بەردىم. ئاندىن ئۇ ماڭا بىلەمسە؟ ئى ئەئۋەر! (بىر كۈنى) مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كەلگۈسىدە نۇرغۇن پىتنىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ پىتنىلەردىن قانداق ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ؟ دەپ، سوردۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىلەردىن بۇرۇنقىلار ۋە سىلەردىن كېيىنكىلىەر ھەققىدە خەۋەر بېرىدىغان ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم بىلەن قۇتۇلالايسىلەر، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىپ چىققان مەسىلە ۋە دە - تالاشلارنىڭ ھۆكمى ئۇ كىتابتا مەۋجۇت، ئۇ چاقچاق قىلىدىغان كىتاب ئەمەس، بەلكى ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان ھەق كىتاب، ئاللاھ ئۇنى زورلۇق بىلەن تاشلىۋەتكەنلەرنىڭ بېلىنى سۇندۇرۋېتىدۇ، توغرا يولنى قۇرئان كەرىمنىڭ باشقىسىدىن ئىزدىگەنلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ ئۈزۈلمەس ئارغامچىسىدۇر، بىردىن بىر توغرا يولىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن تولۇپ تاشقان پەند - نەسىھەتتۇر. ئۇ شۇنداق بىر كىتابكى، ئوي – پىكىر ۋە ئارزۇ – ئارمانلارنىڭ بۇرمىلىنىشى ۋە بۇرۇلۇشى ئۇنىڭ بىلەن ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تىللار ئېلىشىپ كەتمەيدۇ، ئۆلىمالار ئۇنىڭدىن ھەرگىز تويۇپ قالمايدۇ، ئۇنى قايتا-قايتا ئوقۇش بىلەن ئۇ كونۇراپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرى تۈگەپ قالمايدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كىتابكى جىنلار ئۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «ھەقىقەتەن بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلىدۇق »[4] دېيىشكە ئامالسىز قالدى. كىمكى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىسە ھەقنى سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلغان كىشى ئادىل ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا دەۋەت قىلغان كىشى توغرا يولغا باشلىنىدۇ، ئۇنى ئۆزۈڭگە لازىم تۇتقىن »[5].

توغرا، ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە، شۇنداقلا ھەر مەسىلىدە قۇرئان كەرىمنى ئۆزىمىزگە لازىم تۇتۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ھەر دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ نۇرى ئاستىدا يورۇقلۇقتا چىقىدۇ. ئىنسان ھاياتىنىڭ سائادىتى ۋە بەرىكىتى قۇرئان كەرىمنى ھاياتىغا قانچىلىك دەستۇر قىلالىسا، شۇنچىلىك نەسىۋىسىنى ئالالايدۇ. قۇرئان كەرىمدىن ئۇزاق قالغان ھايات بەختسىز ھاياتتۇر. ئەسلىدە كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىچكى نىزا ۋە قالايمىقانچىلىق قۇرئان كەرىمنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەگەشمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ياخشىڭالار قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىپ ۋە ئۈگەتكەنلەردۇر،» ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى بولۇشنى خالىساق، قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈپ ئوقۇپ باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك ۋە بۇ ھەقتە يېزىلغان تەپسىرلەرنى  ئوقۇشىمىز، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەتلەرنىڭ تېگىگە غەۋۋاس بولۇپ چكۆۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. بولمىسا يەنە قۇرئان كەرىمدە بايان قىىلنغىنىدەك قۇرئان كەرىمنى پەقەت ئېغىزىدا ئوقۇپ قەلبى بىلەن تەستىق قىلمايدىغان ياكى مەنە - مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلىپ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمايدىغان كىشىلەر قاتارىدا قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرىدىن ۋە پەيزىدىن مەھرۇم قالىمىز.  چۈنكى  بۇ ئىلاھى كىتاب قۇرئان كەرىم ئۆزىگە پۈتۈن قەلبى بىلەن يۈزلەنگەنلەرگە نۇر ۋە پەيز بېرىدۇ. سەن ئونى ئوقۇمىساڭ، مەنە – مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلىپ قەلبىڭگە يەرلەشتۈرمىسەڭ، ئۇنىڭ نۇرى ۋە پەيزىدىن مەھرۇم قالىسەن.

دېمەك، قۇرئان كەرىم ئىلاھى بىر خەزىنىدۇر. ئۇ باشتىن ئاخىرىرىغىچە ياخشىلىق ئېلىپ كەلگۈچىدۇر. ئۇنى پۈتۈن تەئدىل - ئەركانىغا لايىق تەجۋىد بىلەن ئوقۇغان كىشى پەرىشتىلەرنىڭ سەۋىيەسىگە لايىق بولىدۇ. تېخى يېڭى ئوقۇشنى ئۆگىنىپ تەس ھېجىيلاپ ئوقۇيدىغانلارمۇ يەنە ئەجىردىن مەھرۇم قالمايدۇ، بەلكى ئىككى ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  مۇنۇ سۆزىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز: «قۇرئان كەرىم ئوقۇشقا ماھىر بىر كىشى كىرامەن كاتىبىن پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، بۇ سەۋىيەدە ئەمەس لېكىن كېكېچلەپ تەس ئوقۇيدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا ئىككى ئەجىر بېرىلىدۇ»[6] بۇ ئەجىرلەردىن بىرىنچىسى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغانلىق مۇكاپاتى بولسا، ئىككەنچىسى تەس بولسىمۇ ئوقۇغانلىق مۇكاپاتىدۇر.

قۇرئان كەرىم بولمىغان بولسا ئىدى ئىنسانلار دۇنيا ھاياتىدا مەڭگۈلۈك ھۆكۈم ۋە قانۇن – پىرىنسىپلاردىن مەھرۇم قالغان بولاتتى. چۈنكى ئىنسانلار تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان قانۇن پىرىنسىپ ۋە كەشىپ قىلىنغان ئىلىمىي ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى پەرز ۋە تەخمىندىن ئىبارەتتۇر. ئەمما قۇرئان كەرىم تەۋرەنمەس قانۇن ۋە ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبلىككى قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھېچ قانداق بىر مەسىلە يوق، يەنى قۇرئان كەرىمدە ھەممە نەرسىنىڭ يادرولۇق ئاچقۇچى باردۇر. «مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى روشەن كىتابتا يېزىقلىقتۇر»[7]، يەنى  ئاتوم بولسۇن، مولېكۇل بولسۇن، ھەتتا ئاسمان سىستېمىلىرىغىچە ھەممىسى قۇرئان كەرىمدە ئېنىق ياكى ئىشارەت يەنى سىمۋول خاراكتېرلىك لەۋزلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىدىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر...

قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن كەلىمىلىرى مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر. ھەر جۈملىسى ئالاھىدە دىققەت تارتقىچىدۇر، ھەر ئايەت بىر مۆجىزىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى قۇرلارنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنگەن كەلىمىلەر، جۈملىلەر ۋە ۋەقەلىكلەر ھەممىسى دىققەت بىلەن مۇلاھىزە قىلىنغاندا نۇرغۇن ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە مۆھۈرىنى باسقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق،»[8] دېگەن ئايەتتىكى ئىشلىتىلگەن "ئادەم يەنى ئەركىشى" دېگەن كەلىمە ئادەتتە نورمالدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن نېمىشقا ئىنسان ياكى شەخس ياكى كىشى دېمەي "ئەر" كىشى دەپ كەلتۈرۈلدى دېگەن سوئالغا دۇچ كەلگەندە، ئاندىن بۇ كەلىمىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ھېكمىتى نامايان بولىدۇ. چۈنكى ئايەتتە ئەر كىشى دېگەن كەلىمىنىڭ ئورنىغا ئىنسان ياكى شەخس دېگەن كەلىمە ئىشلىتىلگەن تەقدىردە، «ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاقنىڭ قەلبىنى قوشقاندا، بىر ئىنساننىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب بولغان بولىدىغۇ؟!» دېگەن سوئالدىن ساقلانغىلى بولمايتتى.

بۇ خىل مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئايەتلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، جانلىقلارنىڭ ھايات پىرىنسىپى ۋە ئوزۇقلىنىشى ھەقىقەتەن ئىبرەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «چاھار پايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى چاھارپايلارنىڭ قارنىدىكى گەندە ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز»[9]». بۇ ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەتلەرنى تەپەككۇر قىلىپ ئويلايدىغان بولساق، ئايەتتە: جانلىقلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەرنىڭ سۈتكە قانداق ئايلانغانلىق ھەقىقىتىنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىدىن بىرى، «گەندە ۋە قاننىڭ ئارىسىدىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت» مەسىلىسى بولۇپ، ئايەتتىكى «گەندە  ۋە قاننىڭ ئارىسىدىن» دېگەن سۆزدىن بىز سۈتنىڭ ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىدىن ئايرىلپ چىققانلىقىنى كۆرىمىز.  ئەرەبچىدە ئىككى نەرسە بولمىسا "من بين" (ئارىسىدىن)  دېگەن كەلىمە ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئايەتتە "گەندە ۋە قان" دېگەن ئىككى نەرسە زىكىر قىلىنغان. دېمەك، سۈت، گەندە ۋە قاننىڭ ئارىسىدىن ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ ئۇنىڭدا قان ياكى گەندە ماھىيىتىگە ئالاقىدار نە پۇراق نە باشقا ھەر قانداق بىر غەيرى تەمنىڭ بولماسلقى ھەممىگە قادىر ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئىلمىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر ئالامەتتۇر.

ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسان ئوزۇقلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى ئېغىزىدا، يەنە بىر قىسمى ئاشقازىنىدا ئېزىلىپ، ئۈچەي باغرىلىرىدا ھەزىم بولىدۇ. ھەزىم بولغان غىزانىڭ بىر قىسمى بەدەندە ئېھتىياجلىق مەركەزلەرگە بارىدۇ. مەركەزدىن ئېھتىياجغا قاراپ ھۇجەيرىلەرگە تارقىلىدۇ؛ يەنە بىر قىسمى قىلسىمان ۋە قىل قان تومۇرلىرى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۇپ، قانغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن سۈت بەزلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تازىلىنىپ، سۈتكە ئۆزگىرىدۇ، ئاندىن ئانىلارنىڭ كۆكسى، يەنى ئەمچەك توپچىسىغا يېغىلىدۇ.  مانا بۇ خۇسۇس، ئىلىمى تەتقىقات بويىچە ئىسپاتلانغان رېئال ھەقىقەتتۇر.

قۇرئان كەرىمدە يەنە: «سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ (يەنى ئەركەك – چىشى) ياراتتۇق »[10] دېگەن ئايەت ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەيەتتە جانابى ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىنسانلار قانداق ئەركەك – چىشى يارىتىلغان بولسا، باشقا پۈتۈن جانلىقلارمۇ ئوخشاشلا ئەركەك - چىشى يارىتىلغان. ھەتتا ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئەركەك – چىشى دەپ تۈرگە ئايرىلىدۇ.  ئايەتتە زىكىر قىلىنغان «زەۋجەينى» كەلىمىسى ئەركەك ۋە چىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ماددىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاتوملارمۇ جۈپ بولىدۇ. ھەمدە ھەر شەيئىدە ئۆزىگە تارتىش ۋە ئىتتىرىش خۇسۇسىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىمۇ جۈپلۈكنىڭ پەرقلىق بىر شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدۇر. شەيئىلەردىكى بۇ خۇسۇسىيەت بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ياسىن سۈرىسى 36 – ئايەتتە بۇ ھەقىقەت مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ: «ئاللاھ (پۈتۈن ئەيىب - نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار»[11].

بۇ مەسىلىنى كۈنىمىزدىكى ئىلىمى ھەقىقەتلەر بويىچە بىرئاز ئىزاھلايدىغان بولساق، مەزكۇر ئايەتتە ئۇ كۈندىكى ئىنسانلارنىڭ سەۋىيەسىگە كۆرە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنىڭ سىرتىدا «... ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار» دېيىش ئارقىلىق، ئۇ دەۋردە تېخى بىلىنمىگەن شەيئىلەر ھەققىدە توختالغانلىقىدۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ دەۋرىدە ئاتوم، ئېلېكتىرون، نېيترون، پىروتون دېگەندەك ماددىلارنى ئىنسانلار بىلمەيتتى. ياكى كەشىپ قىلىنمىغان.

كۈنىمىزدە ئىلىم دۇنياسى، ھەر مەۋجۇداتنىڭ ئۆز قۇرۇلما بىناسىدىكى جۈپلۈك سىستېمىسى بىلەن مۇستەقىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىشتەك ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەممىزگە مەلۇم. كەلگۈسىدە بىز تېخى  ئاتوم فىزىكىسىنىڭ بىزگە يەنە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

ئاتوم دۇنياسى

يەنە بىر ئايەتتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭ (يەنى زەررە) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق»[12] بۇ ئايەت ئاساسەن ھېچ قانداق بىر نەرسىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىن، ئىلمىدىن، ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشىدىن سىرتىدا ئەمەسلىكنى چۈشەندۈرىدۇ. توغرا، ئايەت بىزگە ئەڭ كىچىك ئاتوملار ئالىمىدىن تۇمانلار ئالىمىگىچە بولغان پۈتۈن شەيئى جانابى ئاللاھنىڭ قۇدرەت ئىلىكىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئىلمى  ھەقىقەتلەرنىمۇ دىققىتىمىزگە سۇنىدۇ. چۈنكى، بۈگۈنكى ئاتالغۇ بويىچە "زەررە" ئاتوم دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلىگەندەك، ئەينى ۋاقىتتىمۇ ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيتتى. لېكىن ئاتومنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان شۇ دەۋردىكى ئەرەب خەلقى "زەررە" دېگەن ۋاقىتتا، دېرىزىدىن قۇياشنىڭ نۇرى كىرگەندە نۇر ئىچىدە ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ -توزانلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك پارچىسى ئۇ چاڭ -توزان زەررىچىلىرى ئىدى. بۇ يەردىكى مۇھىم ۋە ئىنچىكى نۇقتا شۇكى، بۇ "زەررە" ئۇقۇمىنىڭ ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك پارچىسىنى كۆرسەتكىنىدەك، كۈنىمىزدىكى ئەرەب تىلىدىمۇ "زەررە" نىڭ ئاتوم دېگەن ئۇقۇم ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىدۇر.

بۇ يەردە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغان تۆت تەبىر بار:

بىرىنچىسى: زەررىچە، يەنى ئاتوم.

ئىككىنچىسى: زەررىچىنىڭ كېچىكى ئېلېكتىرون.

ئۈچىنچىسى: زەررىچىدىن چوڭى مولېكۇلا.

تۆتۈنچىسى: مىسقالى زەررە، يەنى ئاتوم ئېغىرلىقى.

مەيلى زەررىچە، مەيلى زەررەچىنىڭ كېچىكى ئېلېكتىرون، مەيلى زەررەچىنىڭ چوڭى مولېكۇلا بولسۇن ھېچ بىرسى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

شۇنداقلا، ئايەتتە يەنە «مىسقالى زەررە» زەررىچىنىڭ ئېغىرلىقى، يەنى ئاتوم ئېغىرلىقى تىلغا ئېلىنغان. ھەممىگە ئايان «ئاتوم ئېغىرلىقى» مەسىلىسى ئاتوم فىزىكىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇرۇنقىلار، ھىدروگېنغا 1 نومۇر، ئۇرانغا 228 نومۇر بېرىدۇ. ھىدروگېننىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى ئەڭ يېنىك، ئۇراننىڭ ئەڭ ئېغىردۇر.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى زامان ئىلىملىرىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئون نەچچە ئەسىر ئىلگىرى كۆرسەتكەن ئاتوم ئېغىرلىقى مەسىلىسىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، بارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ مەلۇم ساندىكى ئاتوم ئېغىرلىقىنى بەلگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن دېيىشكە بولىدۇ.

ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى...

شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى شەخسلەرنىڭ بەزى پەرزى ھۆكۈملەر ۋە ئېھتىماللىق چۈشەنچىلەرنىڭ مەھكۇمى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى تەس بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم - پەن چەمبىرىكىدە داۋاملىق ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان «ئالەمنىڭ كېڭىيىش» نەزەرىيەسىنى قۇرئان كەرىم 1400 يىل ئىلگىرى ئېنىق ۋە كەسكىن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاسماننى قۇدرىتىمىز بىلەن بىز بىنا قىلدۇق ۋە ئۇنى كېڭەيتىمىز»[13]

1922-يىلى ئامرېكىلىق ئاسترونوم خۇبلې  ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى بويىچە بولغاندا، ئالەم بوشلۇقىدىكى نۇرغۇن پېلانتلار بىر تەرەپتىن سامان يولىدىن بارغانچە ئۇزاقلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئارىلىرىدىمۇ بىر – بىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئالەم بوشلۇقىنىڭ بارغانچە كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوخشاشلا بېلگىيەلىك ماتېماتىكا ئالىمى ۋە پوپ لېمايترىمۇ ئالەمنىڭ داۋاملىق كېڭىيىش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مانا بۇ ھەقىقەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي كىتاب ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. گەرچە ئىنسانلار مانا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان مەزكۇر ئايەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەقىقەتلەرنىڭ ماھىيىتىگە 14 ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن تەكشۈرۈپ ئاندىن ۋاقىپ بولغان. لېكىن، پۈتۈن ئىلىم دۇنياسى، پەقەت مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ساۋاتسىز بىر زاتنىڭ بۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر ھەقىقەتلەر ئالدىدا تەسلىم بولۇپ، ئاللاھقا شۈكۈر سەجدىسى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە، كۆرۈنىۋاتقىنى ئۇلارنىڭ مىننەتسىزلىكى بولۇپ قالدى. 

كائىنات كىتابىنىڭ تەرجىمانى – قۇرئان كەرىم

كائىنات بىر كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم ئۇ كىتابنىڭ تەرجىمانىدۇر. شۇنداق كائىنات بىر كىتابتۇر. بۇ كىتابنىڭ ھەر جۈملىسى ۋە ئابزاسلىرى نۇرغۇن ھېكمەت ۋە سىرلار بىلەن مۇئەممادۇر.  ھەر جەھەتتە كامىل ۋە تولىمۇ سۈپەتلىك، مۇرەككەپ جەملىلەر بىلەن يېزىلغان بۇنداق بىر كىتابنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بىر تەرجىمان ۋە ئۇنى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ تەرجىمان قۇرئان كەرىمدۇر ۋە ئوقۇغۇچى ئىنساندۇر. چۈنكى بۇ بىپايان كەتكەن كائىناتنىڭ قۇرۇلما بىناسى ۋە جەرىيان قىلىۋاتقان قانۇنىيەتلىك پىرىنسىپلىرىنى ئىنسانغا جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بايان قىلىشنى مۇراد قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كائىناتنىڭ بىپايان كەتكەن يۈزىدىن كۆرەلمىگەن مەنە ۋە مەزمۇنلارنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدە ئېنىق كۆرەلەيمىز. بۇ ئىنسانغا ھەم بىر رەھمەتتۇر. چۈنكى كائىناتنى ياراتقان ئاللاھتۇر. كائىنات كىتابىنى ھال تىلى بىلەن سۆزلەتكەنمۇ ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق شەخسنىڭ كائىناتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدىكى ھۆكۈملىرى خاتا ياكى تەخمىن بولغىنىدەك، ئىنسان ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىمۇ خاتا ياكى تەخمىندىن ئىبارەتتۇر. كائىنات ئاللاھنىڭ كائىنىتى؛ قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى، ئىنسان ئاللاھنىڭ سەنئىتى. بۇ ئۈچ شەيئىنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەسىس قىلغۇچىمۇ ئاللاھتۇر. بۇ خۇسۇسقا مۇناسىۋەتلىك جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان - زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ»[14] يەنى (ئىنسان قايسى ئىلىمنىڭ قايسى ساھەسى بويىچە مۇتىخەسسىس بولۇشقا تىرىشسۇن، ئېنىق ھالدا، ئۇپۇقتىكى ۋە ئۆزىدىكى ئايەتلىرىمىزنى ئۇلارغا كۆرسىتىمىز)

يەنى، ئىنسان ماھىيىتىنىڭ بىھۇدە ۋە تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى ئىنسان مۇئەمماسىنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلىم ئۇلارغا بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارمۇ بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل دۇنياسىدا ھېس قىلالايدۇ. كائىنات ئالىمىنى ھەر ساھەسى بويىچە تەتقىقات قىلغان ئالىملار، كائىناتتىكى بىر قىسىم ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئېنىق كۆرىدۇ. «ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان - زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، «پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟»

 كائىناتتىكى پۈتۈن ئىنتىزام ۋە قانۇنلار يارىتىلىش ئايەتلىرى دېيىلىدۇ. بۇ قانۇنلارغا قانداق ئىسىم بېرىلگەن بولسا مەيلى، ئىشنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى جانابى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىر ئايەتتۇر. مانا، جانابى ئاللاھنىڭ "كالام" سۈپىتىدىن كەلگەن قۇرئان كەرىم ئۇ زاتنىڭ "خالىق" يەنى يارىتىش سۈپىتىدىن كەلگەن بۇ ئايەتلىرىنىڭ بىر تەرجىمىسىدۇر. شۇنداق، قۇرئان كەرىم كائىناتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بىزگە كائىناتنى چۈشەندۈرىدۇ. مەسىلەن: «شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار»[15]  ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يارىتىلىشى، كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ بىر تەرتىپتە سىستېمىلك ئالمىشىپ تۇرۇشى، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، يەنى دېڭىز ۋە ئوكيانۇسلارنىڭ بۇخارلىشىشى، ئاسماندىن قۇرغاق زېمىنلارغا يامغۇرلارنىڭ چۈشۈشى، يەردە ئوت – چۆپلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆسۈشى، چوڭ بولۇپ بوي تارتىش قانۇنى بويىچە غول تارتىپ چوڭۇيىشى، ھەقىقەتەن ئىلاھى ئايەتلەردىندۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلكى...

قۇرئان كەرىم بىر مۆجىدۇر. مۆجىزە: پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان، باشقا ھەر قانداق بىر مەخلۇق ئوخشىشىشنى كەلتۈرۈشكە قادىر بولالمايدىغان خارىقۇلئادە بىر ھادىسىدۇر.

دەر ھەقىقەت، قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە دائىملىق مۆجىسىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم 14 ئەسىردىن بېرى ئىنسانلارنى دوئېلغا چاقىرماقتا. «بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا) ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»[16] ئەمما ئىنسان بولسۇن ياكى جىن تائىپىسىدىن بولسۇن ھېچ بىر مەخلۇق ھېچ بىر ۋاقىت بۇنى قىلالمىدى ۋە قىلالمايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم 23 يىل ئىچىدە، تۈرلۈك ھادىسە ۋە مۇناسىبەتلەردە نازىل قىلىنغان، مۇخاتەبلىرى بىر - بىرىدىن پەرقلىق بولغان تۇرۇغلۇق، يەنە ئۇ خۇددى بىرلا ۋاقىتتا، بىرلا ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە بىرلا كىشىگە خىتاب قىلغاندەك تاناسىپلىق، باغلىنىشلىق ۋە راۋانلىق شەكىلدە نازىل قىلىنغان. ھەمدە ئۇنىڭ نەزمى ئىنسانلار تەرىپىدىن بىلىنىدىغان پۈتۈن نەزمدىن پەرقلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن جاھىلەت دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئۇنى ئاڭلىغاندا ئۇنى ئىنتايىن غەرب ھېس قىلغان، لېكىن ھېچ قانداق بىر نۇقساق تاپالمىغان. 

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھتىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى»[17]، ھالبۇكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىدە شۇنداق بىر تاناسىپلىق ۋە باغلىنىشلىق باردۇركى، ئەقىل ۋە ھوشيارلىق جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك ۋە يۇقىرى بولغان ئادەممۇ ئىككى قۇر ئايەتنى بۇ تاناسىپتە ۋە باغلىنىشتا يازاممايدۇ. بەزى كىشىلەر: «ئاللاھ قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش بىر تەقلىدى ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، شۇڭا ھازىرغىچە قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش بىر كىتاب مەيدانغا كەلمەيدۇ دەيدۇ. لېكىن مەسىلىنى بۇ شەكىلدە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. مانا قۇرئان كەرىمنىڭ كەلىمىلىرى، ئايەتلىرى ۋە تاناسىپ ۋە باغلىنىشلىقلىرى ھەممىسى ئوتتۇرىدا، قېنى بۈگۈنكى دەۋرىنىڭ ئەدەبىيات، شېئىر ۋە باشقا ئاكادەمىي جەھەتلەردە نوبېل مۇكاپاتى ئالغان داڭلىق شەخسلەر بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ بىر سۈرىسىگە ئوخشايدىغان بىر ئابزاس قەلەمگە ئېلىپ باقسۇن!.. ياق، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ قىسقا بىر سۈرىسىگە چاغلىق بىر سۈرىنى كەلتۈرەلمەيدۇ.

چۈنكى قۇرئان كەرىم بىر مۆجىزەدۇر. شۇنداق جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان، كۆڭۈللەردىن ئورۇن ئالغان ئەڭ ئۇلۇغ ۋەھىي كاتىپلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەپ قالدۇرۇلغان ۋە مىليونلىغان قارى - قۇرئانلارنىڭ قەلبىدە ساقلانغان ۋە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان قۇرئان كەرىم مۆجىزىدۇر.

ئالدىنقىلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە تۇتقدن پوزىتسىيەسى...

ئىنسان ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىشتا، ئۇنى گۈزەل ئەخلاق ۋە پەزىلەتلىك خىسلەتلەر بىلەن بېزەش، توغرا ئىدىيە، توغرا پىكىر، توغرا كۆز - قاراشلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، خاتا پىكىر، خاتا ئىدىيە ۋە بىشەم ئەخلاق قاتارلىق سەلبىي ئامىللارغا بوش ئورۇن قالدۇرماي، جانابىي ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمى بويىچە ھەقىقەتكە مۇستەھكەم ئېسىلىشى كېرەك، چۈنكى ئەڭ توغرا ۋە داغدام يول قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتكەن يولىدۇر. شۇ سەۋەبلىك، جانابىي ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن﴾[18] دېگەن تەۋسىيەدە بولغان. چۈنكى جانابىي ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ھۆكمىگە ئەمەل قىلىپ، ناماز ئوقۇپ، ياخشى يولدا ماڭغانلارنىڭ ئىش – ئەمىلىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. جانابىي ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايە قىلىۋەتمەيمىز﴾[19].

بۇ ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ، ماھىيىتىگە يەتكەن ئالدىنقى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار سائادەت ئەسرىدىن باشلاپ يېقىنقى بىر نەچچە ئەسىرغىچە ئۆزلىرى ياشىغان جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي ۋە ئەمەلىي ئىمكانىيەتلىرىگە كۆرە، قۇرئان كەرىم ئارقىلىق نۇرغۇن ياخشىلىققا ئېرىشكەن ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ پارلاق دەۋر ياراتقان. ھەمدە بۈيۈك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تۇغۇلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ مەدەنىيەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن شۇ دەۋر مۇسۇلمانلىرى تەشۋىق ۋە ئىلھاملىرىنى ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئالغان. دېمەك سائادەت ئەسرىدىن 16 – ئەسىرگىچە ئىسلام مەدەنىيىتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا چۈشكۈنلەشكەن ئىنسانلىق ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىممىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرگەن.

قۇرئان كەرىم مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەنە شۇ مەدەنىيەتمۇ دەل بىر ئىلىم مەدەنىيىتىدۇر. ھېچ قانداق بىر ئېدىلوگىيە ۋە ئېتىقاد ئۆز پىرىنسىپىدا ئىسلام دىنىدىكىدەك ئىلىم بىلەن ماسلاشقان ئەمەس. چۈنكى ئىسلامىيەت ئەقىلگە ۋە ئەقىلنىڭ ئەسەرى بولغان ئىلىمگە ئىنتايىن ئەھمىيەت كۆرسەتكەن. بۇنىڭ دەلىلى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن تەشۋىق ۋە تەۋسىيەلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. بۇنىڭ كۆرۈنەرلىك نامايەندىسى مىلادىيە 8 – ئەسىردىن باشلاپ 16 – ئەسىرگىچە پۈتۈن دۇنيانى رەقىبسىز ئىدارە قىلغان ئىسلام مەدەنىيىتىدە ئەكسئېتىدۇ.  نەچچە ئەسىر دۇنياغا ھۆكۈمدارلىق قىلغان بۇ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى قۇرئان كەرىمدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن سۈرىلىرىدە  ئىلىمگە ۋە ئالىمغا، ئەقىلگە ۋە تەپەككۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئۇچرىتىمىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا قۇرئان كەرىم بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا نۇرغۇن ئىلىمگە مەنبە بولۇپ كەلمەكتەدۇر.

دېمەك، قۇرئانغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھۆكمىگە تۇلۇق بوي سۇنۇپ، ئەمەل قىلغان ھەرقانداق ئادەم، قەۋم ۋە مىللەت ھەممىسى توغرا يول تېپىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت – سائادەتكە ئېرىشىدۇ. قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ روشەن بايانىدىن ئىبارەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكىتى ھەممىسى قىيامەتكىچە كېلىدىغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق دەستۇرى ۋە ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەت يېتەكچىسىدۇر.

بۇ ھەقىقەتنىڭ تېگىگە يېتىپ، ماھىيىتىنى چۈشەنگەن دەسلەپكى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن جەۋھەرلىرىنى قېزىپ ھاياتىغا رەھبەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغان، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولغان[20] 

بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسى...

تارىختىن بېرى قۇرئان كەرىم نۇرغۇن قېتىم نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلارغا ماۋزۇ بولۇپ كەلدى. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ بەزىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتىنى قېزىپ، ئىنسانلارنىڭ ھىدايىتىنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بەزىسى مەقسەتلىك ھالدا قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرانە ھەقىقەتلىرىنى بۇرمىلاپ، ئىنسانلارنى قۇرئان كەرىمدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئورۇنماقتا.

بۈگۈنكى غەرب مەدەنىيىتى مەنىۋىيەتتىن يوقسۇل، ماددىياتتا ئاشقۇن ھايات پەلسەپەسى بىلەن تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانلارنى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئىسمى مۇسۇلمان زىيالىلارنى، ئىسلام مەدەنىيىتىگە قارشى ئىنكارچى رېئاكسىيون ۋەزىيەت ئېلىشقا قىستاپ كەلدى. لايىق ۋە سېكۇلارزىمچى زىھنىيەت خېلى كۆپ مۇسۇلمان ياشلار ئارىسىغا سىىڭپ كىرىپ، ئاتالمىش "مەدەنىيەت" لىكلەر لىباسى ئاستىدا بىر تۈركۈم  زىيالىيلار بارلىققا كەلدى.  ئۇلار ھەقسىز ھالدا ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى قۇرئان كەرىمگە قارشى پۇزۇتسىيە ئېلىشقا باشلىدى. بۇ خىل خاھىش يېقىنقى زامان تارىخىىمزدا، خىتاي رەجمىنىڭ خەلقىمىزگە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا، ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاي تەرەپتارلىق پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك، غەربكە كۆچۈپ كەتكەن زىيالىي تىپلىرىمىز ئارىسىدا ئاينىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى قۇرئان كەرىمگە قارشى، ئاغرىنىش خاراكتېرلىك توختاۋسىز ھۇجۇمى باشلاندى. ئۇلارنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى، ئىسلام بىلەن مىڭ يىلدىن كۆپ ئۆتمىشى بولغان ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي قىممەت قارىشىنى بىر پۈتۈن ئىنكار قىلىشتەك، يامان خاھىشقا بېرىپ يەتتى. مىڭ ئەپسۇس، بۇنىڭغا غەرب دۇنياسىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئالەت قىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ماددىي - مەنىۋى نۇرغۇن قىممەت قارىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش گىردابىغا دوچ كەلمەكتە!.

ئەسلىدە، مۇسۇلمان دۆلەت ياكى ئىسلام ئالىمى نامىدىكى دۆلەت ۋە خەلقلەر، ئاۋۋالقى مۇسۇلمان ئەۋلادلارغا ئوخشاش ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قاتارلىق ماددىي - مەنىۋى تەرەققىيات ساھەسىدە ئىسلام دىنىنىڭ گۈللىنىش روھى ۋە قوزغىتىش پىرىنسىپلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى؛ دىنىي دەۋەت، دىنىي مائارىپ ۋە دىنىي مۇئەسسلەرنى دۆلەت تەرەپتىن قۇۋۋەتلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىسى تامامەن بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ ماقام  - مەنسەپ ھىرسى بىلەن دىنىي پىرىنسىپلارغا قارشى چىققان بولسا، يەنە بەزىسى غەرب مەدەنىيىتىگە بېقىندى ئىدېئولوگىيە ۋە پىكرى ئېقىملارغا مايىلچانلىق خاھىشى بىلەن شەرئىي ئەھكام ۋە قۇرئاني ھۆكۈملەرگە قارشى تۇرۇپ كەلدى. بۇ بۈگۈنكى ئىسلام ئالىمى ياكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئومۇمىي ئەھۋال.

ئەلۋەتتە، بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار... ئىنسانىيەت، بولۇپمۇ كۈنۈمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ روھىنى، ھەمدە قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ، ماھىيىتىنى ئەستايىدىل چۈشەنمىگەنلىكى بولسا، يەنە بىرى،  ئىچكى - تاشقى بىر قىسىم زوراۋان كۈچلەر، بولۇپمۇ  ئەقلى تامامەن ئىسلامغا قارشى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باغلىنىپ قالغان زىھنىيەتلەر ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزۈپ، ئويۇن ئوينىماقتا. ھەمدە زور خامچوت ئاجرىتىپ، پۈتۈن ئىمكانلىرىنى ئىشقا سالماقتا. نەتىجىدە، مىڭ ئەپسۇس! مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىم ئارىسىدا تولىمۇ قېلىن سېپىل – تاملار بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ  پىرىنسىپىدىن چەتنەپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇنۈېرسال قىممەت قارىشى، ھەمدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن كۆزدە تۇتقان بەخت – سائادەت پىرىنسىپ ۋە پەلسەپەسىنى بىلمەيدىغان، ھەتتا چۈشۈنۈپ كېتەلمەيدىغان ھالغا بېرىپ يەتتى. بۇ ئۇلارنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر دىنبىر مۆجىزىسى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ يەرلىك قانۇن ۋە پىرىنسىپلاردىن پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلمەيدىغان ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنداق قىلىپ، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسى، تۇرمۇش ئەندىزىسى، مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەت ئۇسلۇبىدىن تامامەن يىراقلاشتى. بۇ خىل ئەھۋال، غەرب دۇنياسىدا بىر قىسىم ناكەس جاھىللاردا «ئادەم ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسىنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېگەن مەنتىق بويىچە، مۇسۇلمانلارغا قارشى نەپرەت تۇيغۇسىنى "قۇرئان كەرىم" نى كۆيدۈرۈشدەك يامان قىلمىشلىرى  بىلەن ئىپادىلەش خاھىشىغا ئېلىپ باردى.

ھەقىقەتەن بىز كېيىنكىلەر ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟ بۇ سوئال پۈتۈن دۇنيادىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ۋە ئىجابىدا مەن مۇسۇلمان دېگەن ھەر كىشىنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدىغان دەرىجىدە ئېغىر ۋە چوڭ سۇئالدۇر. ئىنسان بىلمىگەن نەرسىنىڭ دۈشمىنىدۇر" دەيدىغان بىر ئەرەب ماقال تەمسىلى باردۇر. بۇ مىسال بىزگە بۈگۈنكى ئىسلام ئالىمىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. توغرا، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە قۇرئان كەرىم ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقات ۋە ئىلمىي ھەرىكەتلەر بار، بۇنى تەن ئالماي بولمايدۇ. لېكىن بۇ خىزمەتلەر ئومۇمىيلىك جەھەتتىن فونتىكا ۋە نەزەرەۋىي پىلان دائىرىسىن چىقىپ كېتەلمىگەن. چۈنكى دىققەت قىلىدىغان بولساق ھەممە مۇسۇلمان جەمئىيىتىدە نۇرغۇن قارى قۇرئانلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك تەپسىر كىتابلىرى ۋە تەرجىمە قۇرئان كەرىم نەشردىن چىقىپ كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ. قۇرئان كەرىم قىرائەت ئىلمى، تەجۋىد ئىلمى بويىچە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ساھەدە ماجېستىر ۋە دوكتورلۇق ئېلىپ سالاھىيەت قازانغان نۇرغۇن قارى قۇرئانلىرىمىز تۇرماقتا. ئەمما قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان بۇ خىزمەتلەر ھەممىسى ئىسلام دۇنياسىدا ئېقىۋاتقان قان ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى تۇرغۇزغىنى يوق. بولۇپمۇ ھەر خىل تائىپىگە بۆلۈنۈپ، ئۆزئارا جېدەل - ماجىرادىن قۇتۇلالمىدۇق. ھالبۇكى قۇرئان كەرىم ھەر دەردكە داۋا ۋە ھەر قەلبگە شىپادۇر. بۇنداق ھەر دەردكە داۋا ۋە ھەر كېسەل قەلبكە شىپا بولغان قۇرئانغا ئىشىنىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى كېسەلدىن، ئەقلى خامۇشلۇقتىن ۋە روھى مېيىپلىقتىن قۇتىلالمايۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭغا بىر زىدلىق يوقمۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي ئويلىنىپ، مەسىنىلى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇنبەرلەدە قىلىنغان ۋەز - نەسىھەتلەر، خۇتبا، دەرس ھالقىلىرىدا سۆزلەنگەن تەبلىغ ۋە نەسىھەتلەر، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتاقۇ ۋە تېلېۋىزورلاردىكى دىنىي پروگراملار، مەسجىدلەردە قىلىنىۋاتقان تەپسىر دەرسلىرىدە بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنمايدۇ. مانا بۇنىڭدا بىر ئانورماللىق ياكى زىدلىق يوقمۇ؟

جانابى ئاللاھ خۇددى بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھالىمىزغا كايىپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: ئى ئىنسانلار! «ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز»، يەنى قۇرئان كەرىمنى بىز ئىلاھى خىتابقا مۇخاتەب بولالايدىغان قابىلىيەتتە يارىتىلغان ۋە ئەھسەنى تەقۋىم يەنى ئەڭ گۈزەل يارىتىلىش سىرىغا مەزھەر قىلىنغان سىز ئىنسانلارغا نازىل قىلغان ئىدۇق. ھالبۇكى قۇرئان كەرىمنى بۈيۈكلىكى نەزەرگە ئېلىنغان ھالدا سىز ئىنسانلارغا ئەمەس، تاغلارغا نازىل قىلغان بولساق، تاغلارنىڭ خۇددى قۇمدەك تارۇ – مار بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتىڭلار. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى قۇرئان كەرىمگە بۇ دەرىجىدە ئېغىر ياتلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل ئالەمىڭلاردا ئۇ ئىلاھى خىتابقا يەر ئايرىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرانە ھەقىقەتلىرىدىن نېسىۋىسىز قېلىپ، ھەقىقىي قۇرئان ئەھلىگە خاس شەرەپ ۋە ھۆرمەتتىن مەھرۇم ھالدا، يەر يۈزىدە خار – زەبۇنلۇققا مەھكۇم بولدۇڭلار.

ئوتتۇرىدا قۇرئان كەرىم ھەقىقىتىدىن ئىبارەت بۈيۈك بىر ھەقىقەت بار. بۇ ھەقىقەت ئالدىدا بىزنىڭ نۇرغۇن ۋەزىپىمىز بار. ئەمما ۋەزىپىمىز قۇرئان كەرىمنى پەقەتلا چىرايلىق مەخمالغا ئوراپ ساندۇقتا ساقلاش ياكى قىممەت باھالىق قۇتۇلارغا قويۇپ تەكچىگە تىزىپ قويۇش ئەمەس. بۇمۇ لازىم ئەمما ئەسلى مەسىلە ساندۇقتىن بەكرەك ئىچىدىكى جەۋاھىرلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قۇرئان كەرىمنى بىر غىلاپغا سېلىپ ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرىپىگە ئېسىپ قويۇش بىلەن قۇرئان كەرىمگە بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئادا قىلغان بولمايمىز. ئەگەر بىرىمىزگە بىرەر ھۆكۈمداردىن خەت كەلسە، ئۇنى ئوقۇماي ئەتىۋالاپ ساندۇققا سېلىپ ساقلامتىمىز ياكى خەتتە نېمە تەلىمات ۋە ئۇقتۇرۇش بار دەپ، ئۇنى ئېچىپ ئوقۇمتىمىز؟ مانا ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارى، پادىشھالار پادىشىھى جانابى ئاللاھ بىزگە شۇنداق بىر كىتاب ئەۋەتكەنكى، ئۇ كىتاب بىز ئۈچۈن ھايات – ماماتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم تولىمۇ قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر بار. بىز ئۇنى ئېلىپ ھۆرمەت بىلەن بېشىمىزغا قويۇپ، ئاندىن كىتاب جازىسىغا چىرايلىق تىزىپ قويساق، ئەجەبا ئۇ ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارىنى خۇشال قىلغان بولامدۇق؟ روشەن كىتاب قۇرئان كەرىم بىز ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئىنتىزامچانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بىر ئىلاھى كىتابتۇر. جانابى ئاللاھ نازىل قىلغان بۇ كتابتا: «شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق»[21] شۇنداق، بىز قۇرئان كەرىم بىلەن ھۆرمەتلىك قىلىندۇق.  چۈنكى قۇرئانسىزلارغا جانابى ئاللاھ «ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر»[22] دېگەن. دېمەككى ئىنسانغا شەكلى جەھەتتىلا ئۇ شەرەپكە ئېرىشىشكە يەتمەيدۇ، بەلكى قۇرئان كەرىمگە ئىگە چىقىش ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ئاشىدۇ.   

قۇرئان كەرىم مۇقەددەس بىر كىتابتۇر، جانابى ئاللاھ ئۇنى پۈتۈن ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ماددىي – مەنىۋى پۈتۈن ئىھتىچلىرىغا جاۋاب بېرىدىغان شەكىلدە نازىل قىلغان. قۇرئان كەرىم بەرەكەت ۋە مۇبارەكتۇر ھەم قۇتسالدۇر. قۇتساللىقىدا ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى يوقتۇر. قۇرئان كەرىم بەرەكەتنىڭ ئۆزى ۋە نېگىزىدۇر. قۇرئان كەرىمنى يادلاش، تەجۋىد قائىدىلىرى ۋە قىرائەت بىلىمىلىرىنى ئۆگىنىش، شۇنىڭدەك نۇرغۇن مۇپەسسىر ئۆلىملار يېتىشىپ قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىش، ھەتتا كەلىمە، كەلىمە ۋە ھەرپ – ھەرپ تەتقىق قىلىش، ئايەت، ۋە ھەربلىرىنىڭ سانىغىچە ھېسابلاپ ھېكمىتىنى تەتقىق قىلىشتەك نۇرغۇن ساھەدە ئىلىمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەر-ئايال، قېرى-ياش كۆپىنچە مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسىنى، يا بىر قىسمىنى ياكى بەزى سۈرىلىرىنى يادقا ئالىدۇ؛ ئۇلار قۇرئان كەرىمنى كۈنلۈك بەش ۋاقىت نامازلىرىدا ۋە نامازدىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا داۋاملىق ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ئىسلام شەرىئىتىدە قۇرئان كەرىمنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇش ئىبادەت ۋە كاتتا ساۋابلىق ئىش. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشتىن ھۇزۇر ئالىدۇ ۋە روھى جەھەتتىن پاكلىنىپ، مەنىۋىيىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ. بولمىسا باشقا شەكىلدە قۇرئان كەرىمنى تونۇش ۋە چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ خۇسۇسقا مۇناسىۋەتلىك جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»[23]ئايەتتە بايان قىلىنغان«بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن» دېگەن جۈملە بىر نەرسىنىڭ باشتىن ئاخىرى ھەممە تەرىپىنى قويماي تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئۇنىڭ تېگىگە يېتىش دېگەن بولىدۇ، مانا قۇرئان كەرىم مۇشۇنداق «تەدەببۇر» بىلەن ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇبارەك كىتابتۇر.

«مۇجەۋھىرات تولغان قۇرئان غەۋۋاس بولغان ئوكيان، نىسىپسىزدۇر قۇرئاندىن، ھەر بىھاجەت  داۋرانغان.»

قايسى بىر مىللەت ياكى خەلق قۇرئان كەرىمنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلسا، ئۇ مىللەت ۋە شۇ خەلق قۇرۇپ چىققان دۆلەت ۋە جەمئىيەت بەرەكەت تاپىدۇ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلىپ باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىدۇ. ھاياتنىڭ ھەر ساھەسى قۇرئان كەرىمنى تەتبىقلاش بىلەن كۆكلەيدۇ ۋە دۇنيانى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ئەسلىدە دەسلەپكى ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، نادانلىقتىن ئىلىم – مەرىپەتكە، ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە يېتەكلىگەن قۇرئان كەرىم بىلەن، بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئارىسىدا ھېچ بىر پەرق يوق. پەقەت زامان پەرقى بىلەن ئىنسانلار ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرئان كەرىمنىڭ بىر ھەرپىگە چاغلىق يېرى ئۆزگەرگىنى يوق.

توغرا ئىنسانلار ئۆزگەردى، ئىنسانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان تونۇشى ۋە پوزىتسىيەسى ئۆزگەردى. دەسلەپكى ئەۋلاد مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمدىن بىر ئايەت ئۆگەنسە شۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەن ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن ئىنسانلار ئىچىدىن نەمۇنىلىك شەخسىيەتلەر بولۇپ يېتىلگەن. ئەمما بۈگۈننىڭ مۇسۇلمانلىرىنى نەس باستى، ئوقۇغان قۇرئان كەرىم ھەدىسنىڭ ئىپادىسى بويىچە ئۇلارنىڭ بۇغۇزىدىن ئۆتمەيدىغان بولۇپ كەتتى. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلۈشىنىڭ مەقسىتى ئۇنى پەقەتلا ئېغىزىدا ئوقۇپ قويۇش بىلەن ساۋابقا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش، مەنە – مەزمۇنىغا چوڭقۇر چۆكۈش، پىرىنسىپلىرىنى دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىشلىرىمىزدا ئەمەلىيلەشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

دېمەك، قۇرئانغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھۆكمىگە تۇلۇق بوي سۇنۇپ، ئەمەل قىلغان ھەرقانداق ئادەم، قەۋم ۋە مىللەتلەر ھەممىسى توغرا يول تېپىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت – سائادەتكە ئېرىشىدۇ. قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ روشەن بايانىدىن ئىبارەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكىتى ھەممىسى قىيامەتكىچە كېلىدىغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق دەستۇرى ۋە ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەت يېتەكچىسىدۇر. جانابىي ئاللاھ بۇ ھەقتە: ﴿بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز – نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق﴾[24] دېگەن بولسا، يەنە بىر ئايەتتە: ﴿(ئۇ، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ﴾[25] دېيىش بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكىتىنىڭمۇ ئىسلام قانۇنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تېمىمىزنى خۇلاسىلەپ، سۆزىمىزنى يېغىنچاقلايدىغان بولساق، بىزنى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، نادانلىقتىن ئىلىم – مەرىپەتكە، ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە، يېتەكلەيدىغان ئەڭ بۈيۈك رەھبەر پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇقەددەس كىتاب قۇرئان كەرىمدۇر. چۈنكى جانابىي ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بىزگە بۇ يولنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ﴾[26].

 



[1]. سۈرە ئىسرا، 88 – ئايەت.

[2]. جاسىيە سۈرىسى، 20 – ئايەت.  

[3]. سۈرە مائىدە، 15، 16 – ئايەتلەر.

[4].  سۈرە جىن، 1 ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[5] سۈنەنى تىرمىزى

[6]. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[7]. سۈرە ئەنئام، 59 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[8]. سۈرە ئەھزاب. 4 – ئايەت.

[9]سۈرە نەھل، 66 – ئايەت.  

[10]. سۈرە زارىيات، 49 – ئايەت.   

[11] . سۈرە ياسىن، 36 – ئايەت.

[12]. سۈرە سەبە، 3 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.  

[13]. سۈرە زارىيات، 47 - ئايەت

[14]. سۈرە پۇسسىلەت، 53 – ئايەت.

[15]. ئال ئىمران سۈرىسى، 190 – ئايەت.  

[16]. سۈرە بەقەر، 23 – ئايەت.

[17]. سۈرە نىسا، 82 – ئايەت.

[18] سۈرە زۇخرۇف، 43 – ئايەت.

[19] سۈرە ئەئراف، 170 – ئايەت.

[20] . «ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ» سۈرە بەييىنە، 8 – ئايەت.

[21]. سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.   

[22]. فۇرقان سۈرىسى، 44 – ئايەت.  

[23]. سۈرە ساد، 29 – ئايەت.  

[24] سۈرە نەھل، 44 – ئايەت.

[25] سۈرە نەجم، 3 – ۋە 4 – ئايەت.

[26] سۈرە مائىدە، 15 – ۋە 16 – ئايەت.