ئىسلام دىنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادىنى بۇزۇش ۋە ئېڭىدە تەشۋىش پەيدا قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلارغا قارىتا، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ چاقىرىقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىشياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى
خىتاي تاراتقۇلىرى دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا-خىتاي سىنلىق يىغىنىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ كېلىشىمى ھەققىدە ئورتاق قاراش ھاھىل قىلغانلىقىنى، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كېلىشىم تۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ چوقۇم بازار رىقابىتىدە ئادىل بولۇشىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا بەرگەن پۇرسەتلەرنى خىتاينىڭمۇ ياۋروپاغا بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
14- سىنتەبىر، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل، ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسدا ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق يىغىندا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش يىغىننىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى ئىدى. گەرچە خىتاي شىنخۇا تورى خىتاي ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ «خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، بۇ يىل ئىچىدە سۆھبەتنى تاماملاش نىشانىغا يېتىشنى قارر قىلغانلىقىنى» خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رىقابەتتە ئادىل بولۇشنى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى قىيىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكىتلىدى.
خىتاي بىلەن ئۆز-ئارا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى خىتايدىن ياۋروپانىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە تەمىنلىگەن پۇرسەتلىرىنى خىتاينىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋون دېر لېيېن مۇنداق دېدى: «يىل ئاخىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرگە موھتاج. بىز خىتاي بازىرىغا كىرىش ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشتەك پاكىتنى ئەستايىدىللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. خىتاي بىزنى كېلىشىم ئىمزالاشقا ئەرزىيدىغانلىقىغا قايىل قىلىشى كېرەك». ۋون دېر لېيېن خىتاينىڭ تېلېگراف ۋە ماشىنا ساھەسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە «ياۋروپا بازىرى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىلدى، شۇڭا ياۋروپا شىركەتلىرىمۇ خىتاي بازىرىدا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشىشى كېرەك» دېدى.
ھازىرغا قەدەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى 6 يىلدىن كۆپرەك سۆھبەتلەشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي بازارغا كىرىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ يول قويۇشى ھەمدە بۇنى سودا كېلىشىمى توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشى كېرەك.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ياۋروپا تەرەپ يىغىن جەريانىدا شى جىنپىڭغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق پايدىلىنىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رىقابەتچىگە ئايلىنىشى كېرەك، ئەكىسچە باشقىلارنىڭ رىقابەت مەيدانى ئەمەس، بىز تېخىمۇ ئادىل سودا مۇناسىۋىتىنى تەلەپ قىلىمىز، بىز تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە موھتاج، بۇ باراۋەر پرىنسىپتىن دېرەك بېرىدۇ».
يىغىندا يەنە، ياۋروپا رەھبەلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى - خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتگە بولغان ئەندشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بېرلىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ۋە تىبەت سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە تىبەت رايونلىرىغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىگە نارازلىق بىلدۈردى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل ۋە ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ۋون دې لېئون بىلەن خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىن يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بېرلىندىكى باش مىنىستىر مەھكىمىسى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ ۋە تىبەتتە زۇلۇم ۋە رەھىمسىز سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ھەمدە ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ۋە پائالىيەتچى ئىلھام تۇختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سىياسىتىنىڭ باياناتچىسى مارگارېت بوۋز يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتاي-ياۋروپا سۆھبىتىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
http://turkistantimes.com/uy/news-13546.html
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىشخىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش
داۋامى ئۇچۇن چىقىشئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش2018-يىلى 10-ئاينىڭ 08 - كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئ
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر
داۋامى ئۇچۇن چىقىش2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىشياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق
داۋامى ئۇچۇن چىقىشھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان
داۋامى ئۇچۇن چىقىش. ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتىنى تۈرك دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز ئارسلان تاشقىن قزغىن قارشى ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىشدوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قوغدىغۇچىسى، ئۆمرىنى جىھاد مەيدانلىرىدا، سىياسەت سەھنىلىرىدە، قىلىچى بىلەن، قەلىمى بىلەن، تىلى بىلەن، چىن دىلى بىل
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن
داۋامى ئۇچۇن چىقىشتىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى
داۋامى ئۇچۇن چىقىشتۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ناھايىتى قېيىن بىر باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
داۋامى ئۇچۇن چىقىشدۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ دوكتۇر ئابدۇلۋارىس خوتەن، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھارۇن قايانىي زىيار
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش