ماقالىلار

ياخشى ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيەتلىرى

2024-04-24
A-
A+

ياخشى ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيەتلىرى

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

1. ياخشى ئاتا- ئانىلىق قانداق بولىدۇ؟

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ھەممىدىن بەكرەك ئويلايدىغان كىشىلەردۇر، چۈنكى بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈرەك پارچىسىدۇر، دۇنيادىكى زىننىتىدۇر، كۆزقارچۇغىسىدۇر ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدىدۇر. ئاتا-ئانىلاردىكى بالىلىرىنى ياخشى كۆرۈش سۆيگۈسى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تۇيغۇسى ئۇلارنى ھەرقايسى ساھەدە ئالاھىدە تەربىيەلىشىگە تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ. ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ياراملىق تەربىيەلىشى ۋە ئاتا-ئانلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى جايىدا ئادا قىلىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ ماھارىتى ۋە ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدۇ.

شۇنىڭدەك، ياراملىق ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيىتى ئاتا-ئانىلارنىڭ مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئىدىيىۋى ۋە پىسخىكا خاراكتېرلىك خەتەرلەرنى ئاڭقىرىشىنى ۋە بالىلىرىنى بۇ خەتەرلەرنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىدىن ھىمايە قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ياخشى ئاتا-ئانىلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارنى ساغلام ئىدىيەگە ۋە دەۋرگە لايىق توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش سەل قارىغىلى بولمايدىغان جىددىي ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاتا- ئانا بالىلىرىنى ياخشى ۋە ياراملىق تەربىيەلىشى ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزلىرى بىر بۆلەك ماھارەت ۋە لاياقەتلەرگە ئىگە بولۇشى ۋە دەۋرنىڭ تەقەززاسىغا رىئايە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

لاياقەتلىك ياخشى ئاتا- ئانا دېگەن بالىلىرىنى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيەلىگەن ۋە دەۋرگە مۇناسىپ لاياقەتكە ئىگە قىلغان كىشىلەردۇر. ياخشى ئاتا- ئانىلىق پەقەتلا ئاتا-ئانىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن نامايان بولمايدۇ، بەلكى بالىلىرىنى ياراملىق تەربىيەلەشتە، ئۇلارغا ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە مىللىي كىملىكنى سىڭدۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ ئىستىلىنى تۈزىتىشتە ۋە دەۋرگە لايىق ماھارەتلەرگە ئىگە قىلىشتا نامايان بولىدۇ.

قۇرئانغا قارايدىغان بولساق، نىكاھ ئارقىلىق دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلارنى زېمىندا ئىلاھىي ئامانەت (ئىزباسارلىق) ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋەكىللەر دەپ قارايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم يارىتىلىش غايىسىنى: ئاللاھقا ئىبادەت، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، قەلبنى پاكلاش، توغرا يولدا مېڭىش ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىش دەپ خۇلاسىلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا - ئانىلىقنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى توغرا يولدا ماڭىدىغان، ۋەتەننى گۈللەندۈرەلەيدىغان ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنالايدىغان ياراملىق ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشتۇر.

دېمەك، ئاتا-ئانىلىق بۈيۈك ۋەزىپە ۋە ئۇلۇغ نىشان ئۈچۈن ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بولغان ئائىلە ئۆزئارا ئىناق، كۆيۈمچان، چىقىشقاق ۋە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئۇلۇغلايدىغان بولسا، جەمئىيەت مۇقىم ۋە خاتىرجەم بولىدۇ. ئەگەر ئائىلە ئىناق بولمىسا، جەمئىيەتتە بۇزۇلۇش ۋە پارچىلىنىش يۈز بىرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيەتلىرى قىسقا مۇددەتلىك پىلان، ئورتا مۇددەتلىك پىلان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان تۈزۈشكە موھتاج بولىدۇ.

ياخشى ئاتا - ئانىلىق ھەقىقەتەن ئۇزۇن مۇددەت تەقەززا قىلىدىغان خىسلەت ۋە سەرمايىدۇر. چۈنكى ئۇ بالىلارنىڭ ئىمانى، ئەخلاقى، ئىلمىي، پىكرىي، مىللىي، پىسخىكىي، بەدىنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچتۇر. ياخشى ئاتا -ئانىلىقنىڭ ماھىيىتى ياراتقۇچىسىنىڭ ھەققىنى تونۇيدىغان، مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا رىئايە قىلىدىغان، ئائىلىدە كۆڭلى سۇ ئىچىپ گۈللىنەلەيدىغان، ئىجتىمائىي ھەمكارلىق روھىنى ئۆزلەشتۈرىدىغان، ئىلىم-مەرىپەتكە يول ئېچىپ بېرىدىغان ۋە يۇقىرىغا ئىنتىلىش ئىستىكى شەكىللىنىدىغان ساغلام بىر مۇھىتنى تەييارلاپ بېرىشتۇر.

2. لاياقەتلىك ئاتا-ئانىنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ شەخسىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ۋە ئىلىم مەرىپەتلىك قىلىش ئۈچۈن ماھارەت ۋە لاياقەتكە ئىگە بولۇشى لازىم. بۇ دېگەنلىك ئاتا- ئانىنىڭ تەربىيە خىزمىتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىشىنى، بالىلىرىغا ساغلام ئەقىدە، گۈزەل ئەخلاقلارنى سىڭدۈرۈشىنى، توغرا ئىدىيەگە يۈزلەندۈرۈشنى ۋە دەۋرنىڭ تەقەززاسىغا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى دەۋر بۇرۇنقى دەۋرگە ھېچ ئوخشىمايدىغان بولۇپ كەتتى، ئازدۇرىدىغان نەرسىلەر ھەرئۆيگە بۆسۈپ كىردى. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى توغرا يولدا ماڭىدىغان دۇرۇس ئادەم قىلىپ تەربىيەلىشى ئۈچۈن، بالىلارنىڭ زامانىدا ياشاپ تۇرۇپ، توغرا بىلەن خاتا ئىشنى ئايرىپ بېرىشكە، دەۋرنىڭ ئىلىم- مەرىپەتلىرىدىن ۋە تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشقا موھتاج بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئاتا-ئانىلىق شەخسىيەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى ۋە ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

1) ئاتا-ئانىلارنىڭ شەخسىيىتى كۈچلۈك ۋە زېرەك بولۇش:

 ئاتا- ئانىنىڭ  شەخسىيىتى كۈچلۈك ۋە زېرەك بولسا، بالىلىرىغا ھېكمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بالىلىرىنى تەربىيەلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ، ھەربىر بالىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تۇرۇپ تەربىيە قىلالايدۇ. شەخسىيىتى كۈچلۈك ۋە زېرەك بولغان ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ ھەممە تەلەپلىرىگە ماقۇل دىمەيدۇ ياكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا كۆرسەتكەن باھانىلىرىگە مۇتلەق ئىشىنىپ كەتمەيدۇ.

ئاتا-ئانىنىڭ شەخسىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى ھەرگىزمۇ ئاۋازنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ياكى بالىلارنى قورقۇتۇشنى ياكى دائىم بالىلىرىدىن ئەنسىرەشنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى دائىم بالىلىرىگە ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بالىلارغا ئىگە بولۇش بىۋاسىتە كۆزىتىشتىن يىراق ھالدا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا دائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا قىلغان دۇئاسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى شەكسىز ئىجابەت بولىدۇ»[1] دېگەن.

2) ئىلىم -مەرىپەتلىك بولۇش ۋە تەربىيە تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش:

ياخشى ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيىتى ئاتا-ئانىنىڭ ئىلىم -مەرىپەتلىك بولۇشىنى، يېتەرلىك ئاڭ سەۋىيەگە ئىگە بولۇشىنى، دەۋرنىڭ تەقەززاسىنى چۈشىنىشنى ۋە بالىلارنى تەربىيەلەش يوللىرىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بالىلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسى بالىلارنى پىرىنسىپ، قىممەت قاراش، كىملىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ساغلام چۈشەنچە ئاساسىدا تەربىيەلەشنى، ئۇلارنى خاتا يوللارغا كىرىپ قېلىشتىن ھىمايە قىلىشنى، بالىلاردا خاتالىق ۋە بۇرۇلۇش يۈز بەرگەندە تۈزىتىش ئۇسۇلىغا تايىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك يۆنىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

بالىلارنى تەربىيەلەشتە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، تەدرىجىي ئۇسۇلغا تايىنىش، چىرايلىق ۋە يۇمشاق ئۇسۇلغا تايىنىش، بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئاساسىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش ئېڭىغا ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭدەك بالىلار تەربىيەسىدە ۋارقىراش، تىللاش، مەسخىرە قىلىش، باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش، تەھدىت سېلىش ۋە ئۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ بەك مۇھىم.

دېمەك، ياخشى ئاتا-ئانا بولۇش مەسئۇلىيەت ۋە چۈشەنچ ئېڭىدۇر. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى تەربىيە يولىنى بىلىش ۋە تەتبىقلاش، ۋەزىپىسى ياراملىق ئىنسان يېتىشتۈرۈش، يولى بالىلارنىڭ ئۈنۈم قازىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچنى ئىشقا سېلىشتۇر.

3. ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ بېقىشى ۋە ئىگە بولۇشى كېرەك بولغان كىشىلەرنى زايە قىلىۋېتىشى گۇناھ جەھەتتە يېتەرلىك»[2] دەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېمەك- ئىچمەك، كىيىم كېچەك ۋە تۇرالغۇ جاي بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بولغاندەك، يەنە ئۇلارنى ئىمانىي، ئەخلاقىي، ئەقلىي، پىكرىي ۋە يۈرۈش- تۇرۇش جەھەتتىنمۇ ئىگە چىقىش مەسئۇلىيىتى بار. ئەگەر ئاتا-ئانا بۇ مەسئۇلىيەتكە سەل قارىسا باشقا گۇناھ ئىزدەپ يۈرمىسىمۇ، يېتەرلىك دەرىجىدە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

شۇڭا، بۇ ھەدىستىكى ئىگە چىقىش دېگەن نۇقتىنى پەقەتلا يېمەك- ئىچمەك ياكى كىيىم - كېچەكتىن ئىبارەت ماددىي تەرەپكە چەكلەپ قويۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىنى ئەقىدە، ئەخلاق، كىملىك، ئىدىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تەرەپلىرىدىنمۇ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى بار.

ئاتا - ئاتا ئۆزىگە يۈكلەنگەن بۇ يۈكنى بىلىش ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ئىلىم- سەۋىيەسىنى ۋە ئاڭ ساپاسىنى ئۆستۈرمىسە، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق تەربىيە يوللىرىنى ئۆگەنمىسە، ئاخشاملىرى تېلېۋىزور ۋە تېلېفۇن بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىغان بولىدۇ.

شۇنىڭدەك، ئاتا - ئانا بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇپ، ئۆزلىرى دەسلەپتە مەسچىتكە چىقمىسا، ئۆزلىرى بىرەر سائەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بالىلىرىنى ئىلىم-مەرىپەتكە قىزىقتۇرمىسا، ئەر-ئايال بىر-بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا، بالىلىرىنى ئەقىدە، ئەخلاق، كىملىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئانا تىل، مەدەنىيەت، تارىخ ۋە مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن تەربىيەلەش ئۈچۈن كۈندە بىر ئاز ۋاقت چىقارمىسا، بالىلىرىنى سائەتلەپ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە ئىنتىرنىت ئويناشقا قويۇپ بەرسە، تەربىيە جەھەتتىن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى ۋە ئەخلاقىنى بۇزۇشقا يول ئاچقان بولىدۇ. نەتىجىدە ئاتا- ئانىنىڭ تەربىيەسىنى ئالمىغان بالىلار توغرا تەربىيەدىن مەھرۇم قالىدۇ ۋە بۇ تۈردىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى خاتا يوللارغا كىرىپ كېتىدۇ ۋە زايە بولۇشقا باشلايدۇ.

بالىلار تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىنىڭ رولى بىلەن ئالىملارنىڭ رولىغا قارايدىغان بولساق، ئاتا- ئانىلارنىڭ رولى ئالىملارنىڭ رولىدىن قېلىشمايدۇ، چۈنكى ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە ھەر زامان ۋە ھەر ئورۇندا ھەمراھ بولالايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بالىلىرىنى ھەر قايسى تەرەپتىن تەربىيەلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەمما ئالىملار مىللەتنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرىگە ھەر زامان ھەر ئورۇندا تەربىيە قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، ئاتا- ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئالىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېلىشمايدۇ.

4. ئاتا- ئانىلىقنىڭ بالىنىڭ ھاياتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىدە بالىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىپ شارائىت ھازىرلاش ئۈچ يول ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.

1) ئىنسان جېنىغا چېقىلىش ياكى زىيان سېلىش ھارام قىلىنغان

ئىسلامدا ئىنسان ھاياتىنى قوغداش، جاننى ھىمايە قىلىش يۈكسەك دەرىجىلىك زۆرۈر مەقسەتتۇر دەپ بەلگىلەنگەن. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «كىم بىرجاننى ھەقسىز ئۆلتۈرسە ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلسا، ئۇ خۇددى پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك گۇناھكار بولىدۇ»[3] دەيدۇ. شۇڭا، ئىسلام  ئىنسان ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن قىساس ۋە دىيەتنى يولغا قويغان: «سىلەر ئۈچۈن قىساستا ھاياتلىق بار»[4].

ئىسلام يەنە ئىنسان ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىن توسقان: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار»[5]. شۇنداقلا ئىنسان ھاياتىنى ھالاك قىلىدىغان ياكى تەھدىت سالىدىغان ھاراق، تاماكا ۋە زەھەرلىك چىكىملىككە ئوخشاش زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن توسقان: «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالا قىلىپ بىرىدۇ، نىجىس ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ»[6].

2) كەمبەغەللىك ياكى تۈر سەۋەبىدىن بالىنى ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان

ئىسلام دىنى كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ياكى بالىسى قىز بولۇپ قالغانلىق سەۋەبتىن بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى چۈشۈرۈۋېتىشنى قاتتىق ھارام قىلغان. بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تۆرەلمىلىك ۋە ئۆسمۈرلۈك ھاياتىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئاللاھ:« بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە ...»[7] دەيدۇ.

3) بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن خاتىرجەم شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن

ئىسلام دىنى بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن- گەرچە ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ -خاتىرجەم ماددىي ۋە پىسخىكىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە بۇيرۇغان: « ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى نەپىقە بىلەن تەمىنلەڭلار، ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار»[8].

 

5. ئاتا- ئانىلىقنىڭ جسىمانىي تەربىيە ۋەزىپىسى

ئىسلام دىنى بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن خاتىرجەم شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھەققىگە ۋە سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا، دادا بولغۇچىغا بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن داۋالىتىشقا ۋە دورىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق، بالىلارنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. بالىلارنى ئىككى يىلدىن ئاز ۋاقىتتا ئايرىماقچى بولسا، بالىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ مەسلىھەتلىشىشى لازىم، دەپ قارايدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ياخشى قاراشنى تاپىلىغان بولسا، دادىلارغا ئانىلارغا ياخشى قاراشنى تاپىلىغان. شۇڭا، دادىلارنى ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ۋە ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى نورمال شەكىلدە ھەل قىلىشقا بۇيرۇغان: « ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك _ ئىچمەك ۋە كىيىم _ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلىدۇ»[9].

شۇنىڭدەك ئىسلام دىنى بالىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن پاك ۋە ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا، بالىلار ئارىسىدا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا، بەدەننىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىمۇ يۇيۇنۇشقا، بەدەننىڭ ساغلام ۋە ئەقىلنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن چېنىقىشقا ياكى تەنھەرىكەت قىلىشقا، يېمەك- ئىچمەكتە ئىسراپ قىلماسلىققا، دۇئالىرىدا بەدەننىڭ سالامەتلىكىنى تىلەشكە، بەدەننى راھەتلەندۈرۈشكە تەشەببۇس قىلغان: «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا يېقىملىقتۇر»[10].

6. ئاتا- ئانىلىقنىڭ ئىمانىي تەربىيە مەجبۇرىيىتى

ئىسلامدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ھەققىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى  جىسمانىي ۋە ماددىي تەرەپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى بالىلارنى ئەقلىي، دىنىي، ئەخلاقي ۋە ئىنسانىي جەھەتتىن تەربىيەلەش مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ جىسمىغا ۋە سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشكە بۇيرۇلغاندەك، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىگە ۋە دۇنياقارىشىغا ئەھمىيەت بېرىشكىمۇ بۇيرۇلغان. ئاتا- ئانىلار بۇ نۇقتىدا بالىلىرىغا ياراتقۇچى ئاللاھ ھەققىدە، دۇنيا ھەققىدە، ئىنسان ھەققىدە، دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەققىدە، ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاساسلىق مەلۇماتلارنى بېرىشكە بۇيرۇلغان.

قۇرئان كەرىم بالىلارغا تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئۆگىتىشكە، ناماز ئۆگىتىشكە، قىزلار بالاغەتكە يەتكەندە ياغلىق چىگىشنى ئۆگىتىشكە، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەيدىغان ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدىغان روھنى ئۆگىتىشكە بۇيرۇغان.

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دىنىي جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىدە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا توغرا جاۋاب بېرىپ قانائەتلەندۈرۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشى لازىم. چۈنكى بالىلارنى ساغلام ئەقىدىلىك، توغرا چۈشەنچىلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق، ئىلىم-مەرىپەتلىك ۋە ياراملىق تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى بىرىنچى قىلىپ ئاتا-ئانىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. ئاللاھ بۇ توغرىدا: « ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئەھلى - ئەۋلادىڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار»[11] دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەممىڭلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ئەرنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە مەسئۇلىيىتى بار، ئايالنىڭ ئائىلىسى ۋە بالىلىرى ھەققىدە مەسئۇلىيىتى بار»[12] دېگەن.

دېمەك، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا ئىخلاسمەن بولۇشنى، تەقۋا بولۇشنى، ئۈلگە بولۇشنى، ئۆزىنى ئىمانى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن يېتىلدۈرۈشنى، ئاڭ- سەۋىيەسىنى يۈكسەلتىشنى ۋە بالىلارغا كۆيۈمچان مۇناسىپ تەربىيە شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

7. ئاتا- ئانىلىقنىڭ ئەقلىي تەربىيە ۋەزىپىسى

ئىسلام بالىلارنى  ئەقلىي، روھىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەڭ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا، ئىسلام بالىلارنىڭ ئەقلىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلىنىشقا، مۇلاھىزە قىلىشقا، ئىبرەت ئېلىشقا، تەھلىل قىلىشقا، ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئاتا- ئانىلار بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتە تەربىيەلەشتە دەسلەپتە بالىلارنىڭ ئەقلىگە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، بۇ دۇنياغا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تونۇتۇشى ۋە بۇ دۇنيانىڭ سىناق دۇنياسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشى، بۇ سىناقتا غەلبىلىك نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلىتىش، توغرا يولدا مېڭىش ۋە ياراملىق ئادەم بولۇش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىش لازىم.

ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئەقلى جەھەتتىن يېتىلدۈرۈشتە بىرىنچى قىلىپ تەلىم تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، بالىلارنى ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشكە يۈزلەندۈرۈشى، كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشى، ئەقلىنى ئىشلىتىشكە تەشەببۇس قىلىشى، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، بالىلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە ۋە رېئاللىقنى چۈشىنىشكە قىزىقتۇرۇشى  ھەمدە بۇ ھاياتتا ياراملىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن نىشان بەلگىلەپ ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىشى لازىم.

 ئاتا-ئانىلار تەلىم تەربىيە ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلىشى ئۈچۈن باللىرىنى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشى، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن مائارىپ ۋە تەلىم - تەربىيەگە ئالاھىدە دەسمى سېلىشى، تەلىم تەربىيەدە دىنىي ۋە پەننى ئىلىملەرنى تەڭ تۇتۇپ مېڭىشى، بالىلارنى كىتابقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر ئائىلە ئەقىدە، ئەخلاق، ئىلىم- پەن، تارىخ، مەدەنىيەت ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە كۈتۈبخانىسى قۇرۇپ چىقىشى، بالىلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىمۇ كىتاب ئوقۇشى، بىرلىكتە كىتاب ئوقۇشى، بالىلارنى ياخشى دوستلار بىلەن دوست بولۇشقا قىزىقتۇرۇشى، يامان دوستلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشى، بالىلىرىنىڭ بوش ۋاقتى بولسا، ھەرتۈرلۈك كۇرسلارغا بىرىپ پايدىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇپ ۋاقتىنى بوش قويماسلىقى مۇھىم.

شۇنىڭدەك، ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ ئەقلىنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئىسلامغا زىت ئىدىيەلەردىن، ئەخلاقسىز فىلىملەردىن، يالىڭاچ سۈرەتلەردىن، تاماكىدىن، زەھەرلىك چىكىملىكلەردىن، بەدەننى ۋە ئەقىلنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان قولى بىلەن لەززەتلىنىش ئىللىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى مۇھىم.

8. ئاتا- ئانىلىقنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە ۋەزىپىسى

ئاتا-ئانىلىقنىڭ ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋەزىپىسى:

ئىسلام بالىلارنىڭ ئەخلاقىنى ۋە ئىنسانلىق ھۆرمىتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن زىنا قىلىشنى ھارام قىلغان. ئىنسان نەسلىنى قوغداش ئۈچۈن توي قىلىشنى بىردىنبىر قانۇنلۇق يول دەپ بېكىتكەن، زىنانى ۋە زىنانىڭ سەۋەبلىرىگە يېقىنلاشماسلىقنى تاپىلىغان  ھەمدە ئۇنىڭدىن ساقلايدىغان قورغانلارنى يولغا قويغان:« زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر»[13].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كۆزنىڭ زىناسى قاراش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، كۆڭۈلنىڭ زىناسى ئازۇ قىلىش، جىنسى ئەزانىڭ زىناسى ئىشقا ئاشۇرۇش ياكى ئۆزىنى كونترول قىلىش» دېيىش ئارقىلىق ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەرنى چەكلىگەن (بۇخارى ۋە مۇسلىم).

ئاتا-ئانىلار مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاندىن ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن بالىلارنى ئەخلاقلىق تەربىيەلىشى ئۈچۈن دەسلەپتە ئۆزلىرى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىدۇر»[14] دېگەن.

بۇ ساھەدە ئاتا-ئانىلاردا تېپىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم سۈپەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1) ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتە مېھرىبان ۋە تەمكىن بولۇشى:

ئاتا-ئانىنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇشى قەلب كۆكسىنىڭ كەڭ بولۇشىنى، بالىلارنىڭ بەزى خاتالىقى ياكى بەزى يامانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى تۇتالمايدىغان دەرىجىدە ئاچچىقلاپ كەتمەسلىكنى بەلكى دائىم خاتالىقنى تۈزىتىشكە كۈچ چىقىرىشىنى ۋە خاتالىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2) ئاتا-ئانىنىڭ باللىرىغا كۆيۈمچان بولۇشى:

ياخشى ئاتا- ئانا بولۇش ئاتا- ئانىنىڭ مېھرىبان ۋە قەلبى يۇمشاق بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى بالىلىرىغا كۆيۈنۈشنى، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشنى، چىرايلىق گەپ - سۆز قىلىشىنى، باللىرى بىلەن ئوينىشىشنى، ئۇلارنى كۈلدۈرۈشنى، ئائىلە ئىچىدە خۇش چىراي بولۇشنى، بالىلارنى دائىم دېگۈدەك قۇچاقلاپ ۋە سۆيۈپ تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

3) ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتە چىداملىق بولۇشى:

بالىلارنى تەربىيەلەش ئۇزۇن زامان تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى تېز قولغا كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ يول كۆپ كۈچ چىقىرىشقا موھتاج بولىدۇ. ئاللاھ بۇ توغرىدا: «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرىغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا كۈچلۈك بولغىن»[15] دەيدۇ .

دېمەك، ئاتا-ئانىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىسلامىي ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىش، بالىلىرىغا ئىسلام ئىبادەتلىرىنى ئۆگىتىش، بالىلىرىنى مەسچىتكە باغلاش، ئىسلام ئەخلاقىنى سىڭدۈرۈش يولىدا چىداملىق بولۇش، نەتىجىگە ئالدىراپ كېتىپ بالىلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكتۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ ئادەمنى پەرىشان قىلىدىغان بەزى قىلمىشلىرىدىن كۆپ شىكايەت قىلىشتىن توختىشىنى، بالىلارنى بەزى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك تەنقىد قىلغاندا ياكى جازالىغاندا ئاۋازىنى كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىشىنى ۋە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يېشىنى پەرق ئىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

شۇنىڭدەك ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ پەرىشان قىلىدىغان بەزى قىلمىشلىرىدىن كۆز يۇمۇشى، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى جىددىيلەسمەستىن ھەل قىلىشقا تېرىشىشى لازىم، چۈنكى بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى خاتالىق تەبىئىي ھالەت، چۈنكى بىز بالىلارنى ھەر تەرەپتىن خاتا يولغا تارتىپ كېتىدىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز.

9. ئاتا- ئانىلىقنىڭ ئىجتىمائىي تەربىيە ۋەزىپىسى

بالىلارنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن ھىمايە قىلىش تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1) قانائەت شەكىللەندۈرۈش: ئەقىدە، پىرىنسىپ، قىممەت قاراش، غايە ۋە ھاياتنى چۈشىنىش ساھەسىدە.

2) يول كۆرسىتىش: بالىلارنىڭ زېھنىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ۋە بوش ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا يول كۆرسىتىش.

3) ماھارىتىنى ئاشۇرۇش: ئەقلىي، ئىلمىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائى، سىياسىي ۋە باشقۇرۇش... ساھەلەردە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش.

4) مۇناسىۋەت ئورنىتىش قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈش: كىم بىلەن دوست بولۇش، كىمدىن يىراق تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانداق قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە چۈشەنچە بىرىش.

5) ئۈلگە تاللاش: بالىلارغا ھەر ساھەدە ئۈلگىلىك ۋە نەمۇنىلىك شەخسلەرنى تاللاپ بىرىش ۋە ئۇلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

6) ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا كۆيۈنۈپ مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى.

7) ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرى بىلەن پىكرىي ۋە روھىي جەھەتتىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ھەردائىم توغرا ئىشلاردا ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى.

8) ئاتا-ئانىنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇشى: بالىلارنىڭ بەزى خاتالىقلىرىنى بىلمەسكە سېلىش، بەزى خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈۋېتىش، خاتالىقىنى دائىم كۆزىگە سالماسلىق، خاتالىق تەكرارلىنىپ قالسا ئاچچىغىنى يۈتۈش، بالىلار خاپا قىلىپ قويغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، بالىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئېغىر بېسىق بولۇش، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشتە تەدرىجىي يول تۇتۇشى.

9) بالىلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا توغرا ئويۇن ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىشى ۋە بۇ ساھەدە ئەركىنلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىشى.

10) بالىلارغا ئەركىنلىكنىڭ چېكى بارلىقىنى، ئۇلار ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى. ئەگەر ئاتا- ئانىنىڭ بىرى بىر ئىشقا بولمايدۇ دەپ رۇخسەت بەرمىگەن بولسا، بۇنى كەسكىن ئىجرا قىلىشى.

11) بالىلارنىڭ تېلېفون - كومپيۇتېر دېگەندەك ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە كۈنلۈك ۋاقىت بېكىتىپ بېرىشى، بوش ۋاقىتلىرىنى پايدىلىق پائالىيەتلەر بىلەن تولدۇرۇشى.

12) بالىلارنى توغرا تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدىغان مەسچىتنى، ھەمراھ بولىدىغان دوستلارنى، ئوينايدىغان ئويۇنلارنى ۋە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى قىلغىلى بولىدىغان ئورۇنلارنى كۆرسىتىپ بېرىشى.

13) ئۇلارنىڭ ھىدايەت يولىدىن ئايرىلماسلىقى، توغرا يولدا ياشىشى ۋە ھاياتىدا ئۈنۈم قازىنىشى ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا قىلىشى قاتارلىقلار.

10. ئاتا- ئانىلىقنىڭ جىنسى تەربىيە بېرىش مەجبۇرىيىتى

جىنسى تەربىيە بالىلار بالاغەت يېشىغا يەتكەندىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئوغۇللارنىڭ ۋە قىزلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش ئالامىتى ئويغاق ياكى ئۇيقۇدا ئىسپېرمىنىڭ چىقىشى ۋە جىنسى ئەزالىرى ئەتراپىدا تۈكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر. قىزلاردىكى خۇسۇسىي ئالامەت ئادەت كۆرۈشنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا جىنسى تەربىيە ساھەسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. بالىلارنىڭ بالاغەتكە ياكى مەسئۇلىيەت يېشىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈش،

2. بالاغەتكە يەتكەنلەر توي قىلغان بولسا جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇشنىڭ كېرەكلىكىنى ئۆگىتىش،

3. قىزلارغا ھەيز (ئادەت) ۋاقتىنى، ئۇنىڭ ئالامىتىنى، قاچان تۈگەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پاكلىنىش يوللىرىنى ئۆگىتىش،

4. جۇنۇپ ۋە ھەيز ۋاقتىدا ناماز ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش،

5. بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئوغۇل ۋە قىزلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىشنىڭ مۇھىملىقنى ھېس قىلدۇرۇش،

6. بالىلار بالاغەتكە يېتىشتىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئەدەپ - ئەخلاققا چېنىقتۇرۇش،

7. بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئاتا- ئانىنىڭ ياتىقىغا رۇخسەت سوراپ كىرىشنى ئۆگىتىش،

8. ئوغۇل- قىزلارغا بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن بەدىنىدە ۋە پىسخىكىسىدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىزاھلاش ۋە خاتا يوللاردىن ئاگاھلاندۇرۇش،

9. بالىلاردا دىنىي، مىللىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ھەمدە بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ۋە ھاياتتىكى ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىش،

10. بالىلاردا ئەخلاقىي قىممەت قاراش، ۋىجدان تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك نىشان ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

11، جىنسى ۋە ئەخلاقىي بۇرۇلۇشتىن ھىمايە قىلىش مەجبۇرىيىتى

ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى جىنسىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ۋاسىتىلارغا تايىنىشى لازىم:

1. بالىلارغا دىنىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيە بېرىش، دىنىي كۆرسەتمىلەرنى ۋە ئەخلاقىي قىممەت قاراشلارنى سىڭدۈرۈش، چۈنكى بالىلارنى بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھىمايە قىلىشتىكى ئەڭ توغرا يول دىنىي تەربىيە ۋە ئەخلاق تەربىيەسىدۇر.

2. ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشىنى كۈزىتىشپ تۇرۇشى لازىم. بالىلارنىڭ يامان دوستلارغا ئارىلىشىپ قالماسلىقى، ئىسلام ھارام قىلغان يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ سالماسلىقى ئۈچۈن بالىلارنى ۋە ئۇلار قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى دائىم كۆزىتىش لازىم.

3. بالىلار مۇناسىپ ياشقا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ توي قىلىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش لازىم.

4. بالىلارغا ئۆيگە ۋە ياتاققا كىرىش ئەدەپ ئەخلاقىنى، يېرىم يالىڭاچ ئاياللارغا قارىماسلىقنى، جىنسى ئەزاسىنى ھارامدىن ساقلاشنى، توي قىلىشتىن ئىلگىرى قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىش باھانىسىدا بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشۇپ يۈرمەسلىكنى، ئايرىم ئۇچۇرۇشۇپ يۈرمەسلىكىنى، قىزلارنىڭ يۈزى ۋە قولىدىن باشقا ئەزالىرىنى يېپىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىش لازىم.



[1] ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

[2] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

[3] مائىدە، 32 – ئايەت.

[4] بەقەر، 179 – ئايەت.

[5] بەقەر، 195 -ئايەت.

[6] ئەئراف، 157- ئايەت.

[7] مۇمتەھىنە، 12- ئايەت.

[8] تالاق، 6- ئايەت.

[9] بەقەر سۈرىسى، 233- ئايەت.

[10] مۇسلىم رىۋايىتى.

[11] تەھرىم سۈرىسى، 6 – ئايەت.

[12] بۇخارى رىۋايىتى.

[13] ئىسرا: 32-ئايەت.

[14] ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

[15] تاھا: 132 – ئايەت.