قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
د. يۈسۈپ قەرزاۋى
قۇرئان كەرىمگە توغرا مۇئامىلە قىلىش ئاساسلىرى
بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ نازىل قىلىپ بەرگەن ۋە بۇرمىلىنىش ياكى ئۆزگىرىشتىن ھىمايە قىلىپ ساقلىغان ئىلاھىي ۋەھىيگە ئىگە. دۇنيادا قۇرئان كەرىمدەك ھىمايە قىلىنغان بىرەر كىتاب مەۋجۇت ئەمەس. بۇ كىتابنىڭ ئايەتلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغاندەك تىلاۋەت قىلىنىدۇ، ئاڭلىنىدۇ، يادىلىنىدۇ ۋە ئىزاھلىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئاننى ئاسان قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىليونلىغان ئىنسانلار يادلىيالايدۇ.ئاللاھ بۇ قۇرئان كەرىمنى ئىنسانىيەتنى ئەڭ توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن نازىل قىلغان. قۇرئان كەرىم نۇر بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئىنساندىكى تەبىئىي خاراكتېر ۋە ئەقىل نۇرىنىڭ يېنىغا باشلايدۇ.
قۇرئان كەرىم ئىلاھى كىتاب بولۇپ مۆجىزە، ئاسان، روشەن ۋە قوغدالغان كىتابتۇر، دىننىڭ كىتابىدۇر ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ كىتابىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھ، پەيغەمبەرلىك ۋە مۇكاپات ياكى جازا مەسىلىسىدە ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئىسلاھ قىلىش، شۇنداقلا ئىنسان، ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلارنى تۈزىتىشتە نىشان-مەقسەتلىرى بار. قۇرئاننىڭ ئىنسان نەپسىنى پاكلاش، ياخشى ئائىلە ۋە ياخشى جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈش، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىككە ئىگە پرىنسىپلارغا دەۋەت قىلىشتەك مەقسەتلىرى بار.
شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى تونۇش، ياخشى چۈشىنىش، توغرا مۇلاھىزە قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا ئوقۇش لازىم. ھەربىرئايەتتىكى قۇرئاننىڭ مەقسەت ۋە ھىدايەتلىرىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى، ئەقلى ۋە قەلبى بىلەن تىلاۋەت قىلمىدى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يوليورۇقلىرىنى ئىزدەنمىدى. بىلىش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇماي پەقەتلا ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇدى. ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇماي، بەرىكەت ئۈچۈن ئوقۇدى. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئاساسلىرىنى بىلىش ھەربىرمۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز.
(1)
قۇرئان كەرىمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
1. قۇرئان كەرىم ئىلاھىي كىتاب:
قۇرئان كەرىم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. بۇ كىتاب سۆز ۋە مەزمۇن جەھەتتىن پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئويغاق ۋاقتىدا ئاللاھ تەرەپتىن نازىل قىلىنغان:«قۇرئاننى بىز ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى بىز پەقەت خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق» (ئىسرا، 105-ئايەت).
قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. بۇ كىتاب بىرەر ئالىمنىڭ ياكى بىرەر مەزھەپنىڭ كىتابى ئەمەس. كائىناتنى ياراتقۇچىسى، پۈتۈن ئالەمنىڭ رىزقىنى بەرگۈچى، مەۋجۇدىيەتنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى زاتنىڭ كالامىدۇر. سىزنى ياراتقان، سىزگە رىزىق بېرىۋاتقان، سىزنى مۇئەييەن نىشان ئۈچۈن ياراتقان ۋە سىزگە توغرا بىلەن خاتانى، بەخت يولى بىلەن ئازغۇنلۇق يولىنى ئايرىپ بېرىدىغان زاتنىڭ كىتابى ئوقۇشقا، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە، ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىمەمدۇ؟!.
قۇرئان كەرىم ئەقىل ۋە قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدىغان روھ، شۇنداقلا كىشىلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ھاياتىنى ئىنتىزامغا سالىدىغان ئىلاھىي دەستۇر. ئاللاھ بۇ كىتابنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتقان، سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋاتقان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىنى مۇستەھكەم قىلىۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە قەلبتە ئورناپ كېتىشى، ئەقىلگە بەكرەك تەسىر قىلىشى ئۈچۈن ھادىسە ۋە ئەھۋاللارغا قارىتا پارچە-پارچە چۈشۈرگەن.
قۇرئان كەرىم ھۆججەت، رەھمەت، ھىدايەت، بىشارەت، ئەسلەتمە، ھەقىقەت، شىپا، ئۇلۇغ، مۇبارەك، روشەن...دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
2. قوغدالغان كىتاب:
قۇرئان كەرىم قوغدالغان كىتابتۇر، قۇرئاننى قوغداشقا ئاللاھ بىۋاستە ئۆزى ئىگە بولغان، ئۇنى خۇددى ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارغا ئوخشاش ھىمايە قىلىشنى بىرەرسىگە تاپشۇرمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان تەۋرات ياكى ئىنجىلغا ئوخشاش بۇرمىلىنىش، ئۆزگەرتىش ياكى ئالماشتۇرۇش ھادىسىگە ئۇچرىمىغان. ئاللاھ قۇرئاننى ئۆزى قوغداشقا ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، چوقۇم ئۇنى بىز قوغدايمىز»(ھىجىر سۈرىسى،9-ئايەت).
قۇرئان كەرىم ئىنسان قولى تېگىپ باقمىغان بىردىن بىر ساماۋى مۆجىزە كىتاب. ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ھەممىسى بۇرمىلىنىش ۋە ئۆزگەرتىشكە ئۇچراپ كەتكەن. قۇرئاننى قوغداشقا ئاللاھ كېپىل بولغان، قۇرئان ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەكلىرىدە ساقلىنىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننى بۇرمىلاش ياكى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولغان.
قۇرئاننىڭ نازىل بولغىنىغا 1400 يىلدىن ئاشتى، قۇرئان ئاللاھ چۈشۈرگەن، رەسۇلۇللاھ يەتكۈزگەن ۋە ساھابىلەر قوبۇل قىلغاندەك ئۆز پىتى ساقلانماقتا. مۇسۇلمانلار قۇرئاننى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قەلبلىرىدە يادلاپ، تىللىرىدا ئوقۇپ، قەغەز ئارقىلىق يېزىپ داۋاملاشتۇرماقتا.
3. مۆجىزە كىتاب:
قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقلى مۆجىزىسى.قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىي مۆجىزە كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە-ئىشەنمەي قالسا شۇنداق كىتابتىن بىرنى كەلتۈرۈشتە-جەڭ ئېلان قىلغان. تاقابىل تۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىل بولمىسىمۇ، ئىنسانلار قۇرئاننىڭ جەڭ ئېلان قىلىش چاقىرىقىغا تاقابىل تۇرالمىغان، بەزىلەر ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ قۇرئاننىڭ جەڭ ئېلان قىلىش چاقىرىقىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن:«بەندىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاللاھدىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا راستچىل بولساڭلار. ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار-ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر-كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار»(بەقەر، 23-24-ئايەتلەر).
يەنە:«ئېيتقىنكى، ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ»دېگەن (ئىسرا سۈرىسى، 88-ئايەت).
بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىسى ماددىي مۆجىزە بولۇپ، شۇ زامان ۋە شۇ ماكاندىكى ئىنسانلاردىن باشقىسى كۆرەلمەيدىغان ئىدى. كۆرگەنلەردىن باشقىلارغا ھۆججەت بولالمايتتى. بۇ ماددىي مۆجىزىلەر كۆزلەرنى ھەيرانغا سالىدىغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆسمۈرلۈك باسقۇچىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن مۆجىزە ئەقلى مۆجىزە بولۇپ چۈشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچبىرى مۆجىزە كىتاب ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتابلار ئۆزگەرتىشكە ئۇچراپ كەتكەن.
قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىۋى، ئەقلى مۆجىزىسى بولۇپ، قىيامەت كۈنىگىچە كۆرۈشنى خالىغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەقلى ئىزدىنىش ئارقىلىق كۆرەلەيدىغان مۆجىزىدۇر. چۈنكى بۇ كىتاب ئەقىلگە ۋە قەلبكە خىتاب قىلىدۇ، كۆزنى بىلىم-مەرىپىتى ۋە ھېكمىتى ئارقىلىق نۇرلاندۇرىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى خەلقئارالىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنگىچە يوقىلىپ كەتمەيدىغان، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىگە خىتاب قىلىپ تۇرىدىغان ۋە قارىشى تۇرغۇچىلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان ھۆججەت سۈپتىدە داۋاملىشىشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۆجىزە قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئەقلى مۆجىزىدۇر. ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ئىچىدە بىردىن بىر مۆجىزە كىتاب قۇرئاندۇر. قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە پاكىتتۇر، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر. مۆجىزە ۋە پاكىت جەھەتتە ئەقلى بار كىشىلەر ئۈچۈن قۇرئان كەرىم كۇپايىدۇر:«ئۇلار«نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ»دېدى. ئېيتقىنكى«مۆجىزىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت بىر ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا مۆجىزە بولۇشقا كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قوۋم ئۈچۈن شەك-شۇبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز-نەسىھەت بار» (ئەنكەبۇت، 50-51-ئايەتلەر).
4. بۇ ئاسان روشەن كىتاب:
قۇرئان كەرىم چۈشىنىش، ئوقۇش، يادلاش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئاسان كىتابتۇر. قۇرئان ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن كەلگەن كىتاب بولغاچقا، ئىنساننىڭ ئەقلى، قەلبى، ھېس-تۇيغۇسى ۋە ۋىجدانىغا خىتاب قىلىدىغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. بۇ كىتاب ئەقىلنى يورۇتىدۇ، قەلبىنى تىترىتىدۇ، ۋىجداننى خۇرسەن قىلىدۇ، ئىرادىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتكە ئىتتىرىدۇ.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبى ئىنسان تېگىگە يېتىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىلغار، مەنىسى چوڭقۇر، بايان قىلىشى ئېسىل بولسىمۇ ئەقىل يۈرگۈزۈش، چۈشىنىش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈن تاڭ نۇرىدەك يورۇق ۋە ئاساندۇر:«بىز قۇرئاننى ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ»(قەمەر سۈرىسى، 17-ئايەت). «بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»(ساد سۈرىسى، 29-ئايەت). كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش ۋە يەكۈن ئېلىش سەۋىيىسى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىركىشى سەۋىيىسىگە قارىتا چۈشەنچە ئالىدۇ.
5. دىننىڭ دەستۇرى:
قۇرئان كەرىم دىننىڭ كىتابى، ئىسلامنىڭ روھى. ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، شەرىئەت ۋە ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسلىرى ئۇنىڭدىن ئېلىنىدۇ.
كىم ئىسلام ئەقىدىسىنى ئەقىل ۋە قەلبگە خىتاب قىلغان ھالىتىدە ساپ-سۈزۈك بىلمەكچى بولسا، قۇرئاندىن ئۆگەنسۇن. قۇرئان ئىسلام ئەقىدىسىنى ھەممە ئادەم چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىدە دەلىل-پاكىتلار بىلەن ساپ-سۈزۈك، ئاسان ۋە روشەن ھالدا بايان قىلىپ بەرگەن.
قۇرئان كەرىم ئەقىدىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى بولغاندەك، شەرىئەتنىڭمۇ بىرىنچى مەنبەسى. ئەقىدە ئىماننى كۆرسىتىپ بەرسە، شەرىئەت ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن، ئىنسان بىلەن، جەمئىيەت بىلەن ۋە كائىنات بىلەن بولغان ئالاقىسىگە ئالاقىدار ئىش-ھەرىكەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قۇرئان كەرىم سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئوخشاش زامان ۋە ماكانغا قاراپ كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىشلار ھەققىدە پرىنسىپال ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ، تەپسىلاتى ھەققىدە توختالماستىن، ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىزدىنىشىگە قالدۇرۇپ قويغان. زامان، ماكان، ئۆرپ-ئادەت ۋە شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدىغان بەزى ھۆكۈملەرنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، نىكاھ، تالاق، مىراسقا ئوخشاش.
قۇرئاندا كەلگەن ئەمەلىي ئەھكاملار بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بىر ئۇممەتنى يەنە ئۈممەتتىن، بىر مەدەنىيەتنى يەنە بىر مەدەنىيەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەردۇر. مەسىلەن، ناماز، زاكات، روزا، ھەج، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، يامان ئىشلاردىن توسۇش، ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلىش، ئامانەتلەنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇش، شەرىئەت بۇيىچە ھۆكۈم چىقىرىش؛ جازانە، زىنا، ئوخشاش جىنسىلىقنىڭ توي قىلىشىنى ھارام قىلىش، سېھرىگەرلىك، داخانلىق قىلىشنى ھارام قىلىش؛ يولسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يەۋېلىش، كىشىلەرنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى كېمەيتىپ قويۇش، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ھارام قىلىش؛ قاتىل، ئوغرى، بۇلاڭچى، تۆھمەتچى، ئاللاھ بىلەن قارشىلاشقۇچى ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارغا جازا بەلگىلەشكە ئوخشاش ھۆكۈملەر مۇسۇلمان جەمئىيىتىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئالاھىدە سالاھىيەت ئاتا قىلىدۇ.
مانا بۇ كۆرسەتمە ۋە ھۆكۈملەرنى تەتبىقلاش ھەربىرمۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ۋە لازىمدۇر، بۇنىڭدا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ھۆكۈملەر ئىنساننى نېمىنىڭ تۈزەپ، نېمىنىڭ بۇزىدىغانلىقىنى، نېمىنىڭ بەختسىز قىلىپ، نېمىنىڭ بەختلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرەپتىن يولغا قويۇلغان.
ئىسلام شەرىئىتى ئاسان ۋە قولاي شەرىئەت بولۇپ، ئىنسان كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىرچىلىقلار يوق:«ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» (بەقەر،185-ئايەت). «ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ» (مائىدە، 6-ئايەت).
بۇ شەرىئەت زۆرۈرىيەت ئەھۋاللىرىغا ۋە مەجبۇرلىنىش خاراكتېرىدىكى شارائىتلارغىمۇ رېئايە قىلىدۇ. بۇ شەرىئەت ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئىللەت ۋە ھېكمەت سەۋەبلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەرىئەتنىڭ ئايەتلىرى تەپەككۇر قىلىدىغانلار، بىر نەرسە بىلىدىغانلار ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن كەلگەن.
بۇ شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتى ۋە پايدىسى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. قۇرئان ئەھكاملىرىنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن مەنپەئەت ۋە ياخشىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، يامانلىق ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى زامانلار ئىسپاتلىماقتا.
قۇرئاندىكى ئەخلاق:
قۇرئان ئەقىدە، شەرىئەت ۋە ئەخلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقلاردىن ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىش، تەۋبە قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش، ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقۇش، ئۇنىڭدىن ھايا قىلىش، نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش، قازا-قەدرىگە رازى بولۇش، ئۇنى سۆيۈش ۋە ئاخىرەتنى دۇنيادىن ئەۋزەل بىلىش...كە ئوخشاش ئەخلاقلار.
ئىنسانىي ئەخلاقلار: راستچىللىق، ئىشەنچىلىك بولۇش، سېخىلىق، قەيسەرلىك، كەمتەرلىك، ۋاپادارلىق، ھايالىق بولۇش، ئىپپەتلىك بولۇش، مۇلايىم بولۇش، سەۋرچانلىق، ئادىل بولۇش، ياخشىلىق قىلىش، كۆيۈنۈش، ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش، تۇغقانلار ئارا مۇناسىۋەتنى باغلاش، خوشنىلارنى ھۆرمەتلەش، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆتۈنۈش، ياخشلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەم بېرىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرگە كۆيۈنۈش، يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مىسكىنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ھەربىرھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى بېرىش...كە ئوخشاش ئەخلاقلار.
ئاللاھ ۋە ئىنسانلار بىلەن بولىدىغان يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ئەخلاقلار ئىمان ۋە تەقۋالىقنىڭ كامالىتىدۇر. قۇرئاننىڭ نەزىرىدە گۈزەل ئەخلاق پەرز ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسلىق مېۋىسىدۇر. قۇرئان ئەخلاقى ئەقىل، قەلب ۋە بەدەننىڭ ھەققىنى، شۇنداقلا شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەققىنى بېرىدىغان تەڭپۇڭلۇققا ئىگە.
6. قۇرئان ھەر زاماننىڭ كىتابىدۇر:
قۇرئان كەرىم ھەر زامان، ھەر ماكان ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ كىتابى، ھەقىقەتنىڭ كىتابىدۇر. بۇ كىتاب ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئوخشاش ۋاقىتلىق كىتاب بولماستىن، قىيامەت كۈنىگىچە ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ كىتابىدۇر. چۈنكى بۇ كىتاب بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانلارنى ھەر زامان توغرا يولغا باشلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى ھاياتلىق مەۋجۇتلا بولىدىكەن دائىملىقتۇر. ئاللاھ بۇ كىتابنى قىيامەتكىچە بارلىق زاماننىڭ كىتابى قىلىشنى ئىرادە قىلىپ چۈشۈرگەن.
قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنىڭ ۋە بارلىق ھاياتلىقنىڭ كىتابى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ بۇ كىتابنى بارلىق كىشىلەرگە نازىل قىلغان:«ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر» (تەكۋىر سۈرىسى، 27-ئايەت). «پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر»(فۇرقان، 1-ئايەت).
بۇ كىتاب پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدىغان ۋە ئاللاھدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە ھايات يولىدۇر. مۇسۇلمان قۇرئانغا ئىخلاس بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە بۇ كىتابنىڭ ھىدايىتى، نۇرى، نەسىھەتلىرى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئاتا قىلىدۇ:«بۇ كىتابتا پەقەت شەك يوق، بۇ كىتاب تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر»(بەقەرە، 2-ئايەت).
قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كىتابىدۇر. بۇ كىتاب بىرەر مىللەت ياكى بىرەر زامان ياكى بىرەر ماكان ئۈچۈن خاس ئەمەس، بەلكى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ كىتابىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتاب ئىنسانىيەتكە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا خىتاب قىلغان:«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى،«ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن»(ئەئراف سۈرىسى، 158-ئايەت).
قۇرئان كەرىم ھەممە ئىنساننىڭ كىتابىدۇر، ھەممە ئىنسانلارنىڭ دەستۇرىدۇر.قۇرئان بارلىق ھايات ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن كىتابتۇر، ھەر قايسى ساھەدىكى ھايات ئىشلىرىغا قارىتا پرىنسىپلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بار. ئۇ ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە توختالغان كىتابتۇر:«ساڭا بىز كىتابنى(يەنى قۇرئاننى)ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، دىللارغا ھىدايەت، بەندىلەرگە رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق»(نەھل، 89-ئايەت).
قۇرئان كەرىم ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب:«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق» (مائىدە، 48-ئايەت).
قۇرئان كەرىم بۇرۇنقىلارنىڭ ۋەقەلىكى، غەيبى ۋە ماددى ئالەم خەۋەرلىرىنى تەكىتلەيدىغان بىردىن بىر ئىشەنچىلىك مەنبەدۇر. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋە سىلەردىن كېيىنكىلەرنىڭ خەۋەرلىرى بار، قۇرئان ئوچۇق ھەقىقەت، كىم ئۇنى يوغانچىلىق قىلىپ تاشلىۋەتسە ئاللاھ ئۇنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ، كىم ھىدايەتنى قۇرئاندىن باشقا ئورۇندىن ئىزدىسە ئازدۇرۋىتىدۇ. قۇرئان ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىدۇر، ھېكمەتلىك باياندۇر، ئەڭ توغرا يولدۇر. قۇرئانغا ئېسىلىپ ماڭغاندا ئېزىپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەرمەيدۇ، تىلمۇ گاچىلىشىپ قالمايدۇ. بۇ كىتاب ئالىملار قانمايدىغان، كۆپ تەكرارلىغانغا كونىراپ قالمايدىغان ۋە مۆجىزىلىرى تۈگەپ كەتمەيدىغان كىتابتۇر. كىم قۇرئان بىلەن گەپ قىلسا توغرا گەپ قىلغان بولىدۇ، كىم ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلسا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، كىم ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم چىقارسا ئادىل قىلغان بولىدۇ، كىم ئۇنىڭغا چاقىرسا توغرا يولغا ئېرىشكەن بولىدۇ» (تىرمىزى رىۋايىتى).
قۇرئان كەرىم ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان ۋۇجۇدىغا خىتاب قىلىپ، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەقىلنى قانائەتلەندۈرىدۇ، قەلبىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئىنساننىڭ ئەقلى، ۋىجدانى ۋە روھىغا خىتاب قىلىدۇ. ئىنسان زاتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە خىتاب قىلىدۇ. بارلىق تۈردىكى ئىنسانلارغا ھەر خىل خىتاب قىلىدۇ.
ئەقلى ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ئىنسان قۇرئاندا ئەقلى رازى بولغۇدەك نەرسىنى تاپالايدۇ. روھى ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ئىنسان ۋىجدانىنى غىزالاندۇرغىدەك ۋە روھى ئىنتىلىشلىرىنى قاندۇرغىدەك نەرسىنى تاپالايدۇ. ئىمان ئىزدىگەن ئىنسان ئەقىدە ئاساسلىرىغا روشەن كەسكىن پاكىتلارنى تاپالايدۇ. ئەخلاقى قىممەت-قاراش ئىزدىگەن ئىنسان ئارزۇ قىلغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى تاپالايدۇ. گۈزەللىك قىممەت-قاراشلىرىنى ئىزدىگەن ئىنسان گۈزەللىك تۇيغۇسىنى قاندۇرغىدەك نەرسىلەرنى تاپالايدۇ.
7. ئىززەت-ھۆرمەت كىتابىدۇر:
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى ۋە شەرىپىدۇر:«سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە نازىل قىلىپ بەردۇق. بۇنى چۈشەنمەمسىلەر»(ئەنبىيا سۈرىسى، 10-ئايەت). يەنى قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بۇيىچە ئەمەل قىلساڭلار، قەدرىڭلار ئاشىدۇ، ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى ئاشۇرىدىغان پايدىلىق كىتابقا قانداقمۇ رازى بولمايسىلەر؟ قانداقمۇ ئەمەل قىلماي تۇرالايسىلەر؟ ئەگەر ئەقلىڭلار بولسا، قۇرئاننىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىسىلەر!. ھېچقانداق خاتالىق ياكى ئىۋەندىن خالى مۇنداق كىتابقا ئەمەل قىلمىغىنىڭلار سىلەردە ئەقىل ۋە ئىدىيەنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
(2)
قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرى
قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن مەقسەت ۋە پرىنسىپلارغا چاقىرغان. بىز بۇ يەردە بۇ مەقسەت ۋە پرىنسىپلارنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلايمىز.
1. ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئىسلاھ قىلىش:
1) قۇرئان ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزۈتۈش ئۈچۈن ياراتقۇچىغا شېرىك كەلتۈرۈشنى ئەڭ ئېغىر جىنايەت قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتكە زۇلۇم قىلغانلىق، رېئاللىقنى ساختىلاشتۇرغانلىق ۋە ئىنساننى كائىناتنىڭ خوجىسى سۈپىتىدىن مەخلۇقلارغا بويسۇنۇش دەرىجىسىگە چۈشكۈنلەشكەنلىكتۇر: «ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ» (ھەج سۈرىسى، 31-ئايەت).
شېرىك خۇراپات ۋە ئەپسانىنىڭ ئۇۋىسى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىشنى بارلىق پەيغەمبەرلەر- نىڭ ۋەزىپىسىدىكى ئورتاق پرىنسىپ دەپ جاكارلىغان.
قۇرئان ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە يولىنى داغدام ئېچىۋەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى مونوپۇل قىلىۋالغان بېدىكلەرگە ئورۇن يوق. ئاللاھنىڭ دەرۋازىسى ئىرادە قىلغان ھەربىركىشى ئۈچۈن ئوچۇق، ئۇنىڭ قولى دۇئا قىلغان كىشى ئۈچۈن ياخشىلىق بىلەن كەڭدۇر:«پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ:«ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)»(غاپىر، 60-ئايەت).
تەۋھىد (ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش) ھەقىقى ئەركىنلىكنىڭ ئاساسىدۇر، چۈنكى ئىنساننى مۇقەددەس بىلگەن ياكى تاشقا چوقۇنغان كىشىدە ئەركىنلىك بولمايدۇ. تەۋھىد قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئاساسى، چۈنكى تەۋھىد كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئۇلار بىر ئاتا-بىر ئانىنىڭ بالىلىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆز-ئارا قېرىنداش، ئۇلار بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئىلاھ ئەمەستۇر، دېگەن ئېتىقادقا تايىنىدۇ. قۇرئان كەرىم باشتىن تارتىپ ئاخىرغىچە تەۋھىدكە چاقىرىدۇ، شېرىككە قارىشى تۇرىدۇ. مۇۋەھھىدلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ياخشى بولىدىغانلىقى ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئىككى دۇنيادا يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىغا چاقىرىقتۇر. قۇرئان كەرىم بۇددىزم ۋە بۇرۇلۇپ كەتكەن ئەھل كىتابنىڭ دىنلىرى بۇزۇۋەتكەن تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئىسلاھ قىلغان. مەسىلەن، يەھۇدى دىنى پەرۋەردىگارنى ھېرىپ چارچايدىغان، پۇشايمان قىلىدىغان مەخلۇققا ئوخشاتقان. خرىستىيان دىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇددىزملىقى بىلەن تەسىرلەنگەن، خرىستىيان دىنىنى بۇددىستلىق بېسىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن چېركاۋلار ھەيكەللەر توشۇپ كەتكەن. خرىستىيان دىنى ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسى، دارغا ئېسىلىش ۋە تۆلەم تۆلەش ئەقىدىسىنى ھىندىستانلىق-نىڭ(كىرىشنا)ئەقىدىسىدىن قوبۇل قىلغان.
2) قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلىك ۋە ئىلاھىي ۋەزىپىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىككە ئىھتىياجنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان:«پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر(يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم دېگۈچىلەر)گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق»(نىسا سۈرىسى، 165-ئايەت).
پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇش بىشارەت بېرىش ۋە ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلار ئىلاھ ئەمەس ياكى ئىلاھنىڭ بالىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇلار ۋەھىي قوبۇل قىلىدىغان ئىنساندۇر. ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىشقا كۈچى يېتىدۇ، قەلبلەرنى ھىدايەت قىلىش ياكى كونترول قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ:«سەن ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىسەن. سەن ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى ئەمەسسەن» (غاپىر، 21،22-ئايەتلەر).
قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا كىشىلەر بۇرۇندىن تارتىپ قوزغىغان شۇبھىلارغا رەددىيە بەرگەن. كىشىلەر بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلەرگە: سىلەر پەقەت ئىنسانغۇ! ئاللاھ خالىغان بولسا پەرشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلاتتى، دەيدىغان ئىدى.شۇنداقلا قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنگەنلەر ۋە ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلغان.
3) قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنى ۋە ئۇ كۈندىكى جەننەتتىن ئىبارەت مۇكاپات ۋە دوزاختىن ئىبارەت جازا ھەققىدە كۆپ توختالغان. قۇرئان بۇ ئەقىدىنى مۇستەھكەملەش ۋە تۈزىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللانغان. ئۆلگەندىن قايتا تىرىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى دەسلەپتە ياراتقاندەك قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرگەن ۋە چوڭ جىسىملارنى يارىتىش ئالدىدا ئىنساننى يارىتىش ئاددى ئىش دەپ ئەسكەرتكەن:«ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر»(ئەھقاف،33-ئايەت)
ياخشى ئىش قىلغۇچى ۋە يامان ئىش قىلغۇچىنىڭ مۇكاپات ۋە جازا مەسىلىسىدە ئوخشاش بولمايدىغان-لىقىدىكى ھېكمەتنى بايان قىلغان. ئەگەر ئىككى كىشىنىڭ مۇكاپات ۋە جازاسى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ھايات ئەھمىيەتسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئاخىرەتتە ساۋاب ۋە رازىلىققا ئېرىشىدىغانلىقى، كاپىرلارنىڭ جازا ۋە زىيانغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ۋە قورقۇنچىسى، ئىنساننىڭ ھەممە ئىشلىرى خاتىرلەنگەن خاتىرە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۆلچىنىدىغان تارازا ۋە ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدىغان ئىنچىكە ھېساب توغرىسىدا كۆپ توختالغان. شۇنداقلا جەننەت ۋە ئۇنىڭ ماددى-مەنىۋى نېمەتلىرى، دوزاخ ۋە ئۇنىڭ ماددى-مەنىۋى دەرد-ئەلەملىرى توغرىسىدىمۇ كەڭرى توختالغان. چۈنكى ئاخىرەت ھاياتى دۇنيا ھاياتىنىڭ داۋامىدۇر، ئىنسان ھەر ئىككى دۇنيادا جىسىم ۋە روھى بىلەن ياشايدۇ، شۇڭا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلىنىدۇ ياكى جازالىنىدۇ.
قۇرئان كەرىم مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرىمىز قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ، دەيدىغان شېرىك ئېتىقادى ۋە گۇمانلىرىنى بىكار قىلىپ تاشلىغان. قىيامەت كۈنىدە مۆمىندىن باشقىسى شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئىنسانغا ئىش-ھەرىكىتىدىن باشقىسى پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:«بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ. ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» (نەجم، 38،39-ئايەتلەر).
2. ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى بېكىتىش:
قۇرئان كەرىم ئىنساننى مۇھتەرەم ئېسىل مەخلۇق دەپ تەكىتلىدى، ئاللاھ ئادەمنى يارىتىپ ئۇنىڭغا روھ ئاتا قىلدى، ئۇنى زېمىندىكى ئىزباسارى قىلىپ بەلگىلىدى، پەرزەنتلىرىنى ئۇنىڭدىن كېيىن ئىزباسار قىلىپ تەيىنلىدى. پەرىشتىلەر ئىنتىلگەن بۇ شەرەپكە ئادەم ۋە بالىلىرى مۇيەسسەر بولدى، كائىنات ئاسمان ۋە زېمىنى بىلەن ئۇلارغا بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلدى:«بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرىغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا كېمىلەرگە چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق» (ئىسرا سۈرىسى، 70-ئايەت).
يەنە:«بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى). سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن(يەنى ماددى ۋە مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى» (لوقمان، 20-ئايەت)
شۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىم بەزى بىر چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى نېمەتلەرنى ھارام قىلىۋېلىشىنى ئىنكار قىلدى:«ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» (ئەئراف، 32-ئايەت).
بەزى ئىنسانلارنىڭ شەخسىيىتىنى يوقىتىپ، باشقىلارنىڭ قۇيرۇقچىلىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان:«ئۇلار:پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى»(ئەھزاب، 67-ئايەت). يەنە بەزىلەرنىڭ بەزى ئىنساننى مۇقەددەس بىلىپ، ئىلاھ قىلىۋېلىشىنى ئىنكار قىلغان.
ئىنسان ھوقۇقى:
قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ھۆرمەت-ئىززىتىنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن 14 ئەسىر بۇرۇن ئىنسان ھوقۇقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن.
قۇرئان كەرىم نەزەر يۈرگۈزۈش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئەركىنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن:«ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار»(يۇنۇس، 101-ئايەت). ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ: «دىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن زورلاشقا بولمايدۇ» دېگەن (بەقەر، 256-ئايەت). يەنە:«سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟»دېگەن (يۇنۇس،99-ئايەت).
ھەممە ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» دەيدۇ. (ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت).
ياخشى رىزىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ۋە گۈزەل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىش ھەققىنى بېكىتكەن: «ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» (ئەئراف،32-ئايەت)
ئىنساننىڭ توي قىلىش، ئائىلە قۇرۇش ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئەركىنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن:«ئاياللار بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار»(رۇم سۈرىسى، 21-ئايەت).
ھەربىرئىنساننىڭ ھايات كەچۈرۈش ھەققىنىڭ بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن: «كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ»(مائىدە سۈرىسى، 32-ئايەت). ھەربىرئىنساننىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە چەتئەللەرگە چىقىش ئەركىنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن. ھالالدىن تاپقان مال-مۈلكىدىن بەھرىمەن ھەققىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا ھەربىرئىنساننىڭ ئۆيىنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش ۋە رۇخسەتسىز كىرمەسلىك ھوقۇقىنى بېكىتكەن.
ھەربىرئىنساننىڭ قېنى، مال-مۈلكى، ئىززەت-ئابرويى ۋە ھۆرمىتىنىڭ بارلىقىنى قارار قىلغان. ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى قوغداش ھەققىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا ھەربىرئىنساننىڭ (مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن) كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىش ھەققىنى ئوتتۇرىغا قويغان:«بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر»(مائىدە سۈرىسى، 7-ئايەت).
ھەربىرئىنساننىڭ ئاجىز ياكى كەمبەغەل بولغان بولسا، بايلارنىڭ مۈلكىدىن تۇرمۇش كاپالەت ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈگەن:«ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرىدا سائىللار ۋە مۇھتاجلار ھوقۇققا ئىگە» (زارىيات، 19-ئايەت).
جەمئىيەتتىكى ھەربىرئىنساننىڭ ھاكىم ۋە مەسئۇللار بىلەن مۇنازىرىلىشىش، ئۇلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى بۇيىچە ھۆكۈم يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. شۇنداقلا ھەربىرئىنساننىڭ يامان ئىشلارنى ئىنكار قىلىش، بۇزغۇنچىلىقنى رەت قىلىش، ئوچۇق زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ھوقۇقى بار:«زالىملارغا مايىل بولماڭلار،مايىل بولساڭلار دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھدىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر»(ھۇد سۈرىسى، 113-ئايەت). «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار» (شۇئەرا، 151-152-ئايەت).
ئىسلام دىنى يۇقىرىقى بۇ ئىشلارنى ئىنسان ھوقۇقىدىن يۇقىرى ئورۇندا قويۇپ، پەرز دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ھەق-ھوقۇققا تەۋە ئىش بولسا ۋاز كەچكىلى بولىدۇ، بىراق پەرز ئىشلار بولسا ۋاز كەچكىلى بولمايدۇ.
ئاجىزلارنىڭ ھوقۇقىنى تەكىتلەش:
قۇرئان كەرىم بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاجىزلار توغرىسىدا كۈچلۈكلەرنىڭ زۇلۇم قىلىشى ياكى ھاكىملارنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە سەل قارىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت نەزىرى بىلەن قارىغان. شۇ سەۋەبتىن يىتىم ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئىمانى مەجبۇرىيەت قىلىپ بېكىتكەن: «سىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىشىڭلارغا سەۋەب بولغان نەرسە نېمە؟دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋابەن ئېيتىدۇ:بىز ناماز ئوقۇمىدۇق، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق» (مۇدەسسىر سۈرىسى، 42-44-ئايەتلەر).
قۇرئان كەرىم زالىم جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ: «سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى مىسىكىنگە ئاش-نان بېرىشكە قىزىقتۇرمايسىلەر» دېگەن (فەجر سۈرىسى، 17-18-ئايەتلەر). بۇ ئايەتتە يېتىملەرنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھۆرمەتلەشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بەلگىلىگەن، يېتىملەرگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى كوللېكتىپ شەكلىدە ئېلىپ بېرىشقا كۆرسەتمە بەرگەن.
يېتىملەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى بولسا، ئۇنى ئاسراش، قوغداش ۋە مەبلەغ سېلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىر بۆلەك قائىدىلەرنى كۆرسەتكەن. يېتىملەر كەمبەغەل بولسا زاكاتتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ مال-مۈلۈكىدە ئۇلارنىڭ ھەققىنىڭ بارلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇنداقلا تۇغقانلىرىنىڭ مۈلۈكلىرىدە ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت قۇرئان زېمىندىكى ئاجىز بىچارىلەرنى قوغداش ۋە ئۇلاردىن زۇلۇمنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن جەڭ قىلىشنى يولغا قويغان.
مانا بۇلار قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر بولۇپ، ئىسلام جەمئىيىتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى مۇشۇ ئاساستا شەكىللەنگەن.
3. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھدىن قورقۇش
قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش ئاللاھنى ئۇلۇغلىغان، ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى، ھېكمىتىنىڭ مۇكەممەللىكى، قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقى، ئىرادىسىنىڭ ئومۇملۇقى ۋە رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى ئىزاھلىغان كىتاب تېپىلمايدۇ.قۇرئان كەرىم باشتىن ئاخىرغىچە ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا كامالەت سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيىلەيدۇ، بارلىق نۇقسان سۈپەتلىرىدىن پاكلايدۇ. ئىنساننى ئىلاھىي يوليورۇقلىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدۇ ۋە ئاللاھقا باغلايدۇ.
قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ زېمىندا يارىتىلىشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش دەپ بايان قىلدى:«مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم»(زارىيات،56-ئايەت).
ئاللاھ ئىنساننى ياراتقۇچى، ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى، ساناقسىز نېمەت ئاتا قىلغۇچى زات بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىشقا بىردىنبىر ھەقلىق زاتتۇر. ئىسلام دىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى، مۇسۇلماننى پەرۋەردىگارىغا تۈرلۈك پەرز ۋە نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن باغلىدى. بۇ ئىبادەتلەر مۇسۇلماننى ئاللاھدىن قورقىدىغان سەۋىيىگە كۆتۈرىدۇ. تەقۋالىق دېگەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسىي ئاللاھدىن قورقۇشتۇر. ئاللاھدىن قورقۇش قەلبگە تەۋە ئىشتۇر.
ئاللاھ مۆمىنلەرنى باشقا ئىشلارغا بۇيرۇشتىن ئاۋال تەقۋالىق قىلىشقا بۇيرۇماقتا:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭىلارنى تۈزەيدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ»(ئەھزاب، 70،71-ئايەت).شۇنداقلا كۆپلىگەن بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەردىن كېيىن تەقۋالىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان تەقۋالىقنى بۇرۇنقى ۋە كېيىنكىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەسىيىتى قىلىپ بەلگىلىگەن.
كىم قۇرئاننى مۇلاھىزە قىلسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بارلىق ياخشىلىقنىڭ تەقۋالىققا باغلانغانلىقىنى بايقايدۇ. مەسىلەن، خاپىلىقتىن قۇتۇلۇش، رىزىق تېپىش، ئىشلارنىڭ ئاسان بولۇشى، دۈشمەنلەردىن ساقلىنىش، ئاللاھنىڭ تۈرلۈك ياردەملىرىگە ئېرىشىش، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ھۆرمەت، ھىدايەت تېپىش، ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل بولۇشى، جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىش...تەقۋالىققا باغلانغان.قۇرئان كەرىم تەقۋالىققا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بۇيرۇغان، ئۇنىڭ تەسىرىنى بايان قىلغان، تەقۋا بولغانلارنى مەدھىيىلىگەن، قىزىقتۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
4. ئىنسان نەپسىنى پاك قىلىش:
ئىنسان نەپسىنى پاك قىلىش قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن. نەپسىنى پاك قىلماي تۇرۇپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنسان نەپسى قوش بىسلىق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى بۇلغاش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇنداقلا ئۆزىنى پاكلاش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە. شۇڭا ئىنسان ئەقلى ۋە ئىرادىسىگە تايىنىپ پاكلاش يولىنى ياكى بۇلغاش يولنى تاللايدۇ. ئۆزىنى پاكلاش يولىنى تاللىسا غەلىبە يولىنى تاللىغان بولىدۇ:«ئۆزىنى پاكلىغان ئىنسان غەلىبە قازاندى»(ئەئلا سۈرىسى، 14-ئايەت).
پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئاساسلىق بىر قىسىمى ئىنسان نەپسىنى پاكلاشتۇر:«ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى»(ئال ئىمران سۈرىسى، 164-ئايەت).
بۇ ئايەتتە كەلگەن پاكلاش دېگەن سۆز پاكلىق ۋە تەرەققى قىلىش دېگەن ئىككى مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەقىلنى شېرىكنىڭ خۇراپاتلىرىدىن، قەلبىنى باغرىتاشلىقتىن، ئىرادىنى ھايۋانىي شەھۋەتتىن ۋە ئىتسىلنى ناچار ئەخلاقلاردىن پاكلاش لازىم. شۇنداقلا، ئەقىلنى بىلىم-مەرىپەت بىلەن، قەلبىنى ئىمان بىلەن، ئىرادىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىش بىلەن، ئىستىلنى ئادالەت ۋە ئېسىل ئەخلاقنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم.
ئىسلامدىكى ئىبادەت ۋە ئەدەب-ئەخلاقلارنىڭ مەقستىمۇ ئىنسان نەپسىنى پاكلاشتۇر. ئىنسان نەپسىنى پاكلاپ، يامانلىققا تەشەببۇس قىلىدىغان ھالەتتىن ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىپ ماڭىدىغان ھالەتكە كۆتۈرۈش كېرەك. ئىنسان ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ۋە قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىشى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ئوچۇق روشەن بايان قىلغان مۇناپىقلارنىڭ ناچار ئەخلاقى ۋە رەزىللىكىدىن پاكلىنىشى لازىم.
5. ئائىلە شەكىللەندۈرۈش ۋە ئاياللارغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش:
ياخشى ئائىلە شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى شەرىئەتكە ئۇيغۇن نىكاھ قىلىشتۇر. قۇرئان توي قىلىشنى ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىنىڭ قاتارىدىن دەپ بەلگىلىگەن. ئەر-ئايالنىڭ ھاياتتىكى بەخت-سائادىتىنىڭ رېئاللىققا چىقىشى ئۈچۈن ئەر-ئايال ئارىسىدىكى ئالاقىنى مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش ئالاقىسى بولۇشنى ئىرادە قىلغان:«ئاياللار بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار»(رۇم، 21-ئايەت). بۇ ئايەت ئەر-ئاياللىق ھاياتىنىڭ ئاساسىنى: خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل دەپ بايان قىلدى. قۇرئان ئەر-ئاياللىق ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ناھايىتى كۈچلۈك باغلىنىش ۋە مۇستەھكەم ئەھدە دەپ ئاتىدى.
ئىسلامدىكى ئائىلە قۇرۇشتىن مەقسەت ياخشى پەرزەنتلەرگە ئېرىشىشتۇر. پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئەر-ئايال ئارىسىدا ئېتىقاد جەھەتتىن ئۇيغۇنلۇق بولۇشى لازىم، شۇڭا شەرىئەت كاپىر ياكى مۇشرېكلار بىلەن توي قىلىشىنى ھارام دەپ بېكىتتى.
ئائىلە مەسىلىسىدە قۇرئان كەرىم ئاياللارغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلدى، ئۇلارنى ھېچقانداق ھوقۇقى يوق دەپ قارايدىغان زۇلۇملاردىن ئازاد قىلدى. ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى تولۇق بەلگىلەپ بەردى. ئۇلارنى ئايال، ئانا، قىز بولۇش ئېتىبارى بىلەن ھۆرمەتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئىسلامدا مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسىدا، ئىنسانىي ھۆرمەتتە، تەبىئىي ھوقۇقلاردا، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مۇكاپات-جازالاردا... ئەر كىشىلەر بىلەن ئوخشاش. دېمەك، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردە ئوخشاش.
ئىسلام دىنىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىك ئالاقىسىدۇر. ئىككى جىنسىنىڭ بەخت- سائادىتى بىر بىرىنى تولۇقلاش بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
ياراتقۇچى ئاللاھ ئەر بىلەن ئايال ئارىسىنى يارىتىشتا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكتە باراۋەر قىلىپ ياراتتى. چىقىشىش، خاتىرجەم بولۇش، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، رەھىمدىللىك ۋە ھېسداشلىق ئالاقىسى شەكىللىنىش ئۈچۈن ئىنسان جۇپتىنى ئىنساندىن يارىتىپ بەردى.
ئەر- ئاياللارنىڭ نىكاھ قىلغان چاغدا بەرگەن ۋەدىسى ئەڭ كۈچلۈك ۋەدىدۇر. ئەر-ئاياللىق ئالاقىسى ئاتا-بالىلىق ئالاقىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش باشقا تۇغقانلار ئارىسىدىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئايال كىشى توي قىلغاندا بەخت-سائادەتكە يۈزلەندىم دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئايال كىشى ئىرى ئۈچۈن بارلىق تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىشقا رازى بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ئىلاھىي خىتاب ئەر بىلەن ئايالغا ئوخشاش كەلگەن، شۇنداقلا تەكلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش سالاھىيىتىنىڭ ئىككەيلەن ئارىسىدا ئورتاقلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتمۇ ئومۇمىي كەلگەن. تەكلىپ (مەسئۇلىيەت) سالاھىيىتىدىكى باراۋەرلىكنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈچۈن ھېساب بېرىش، مۇكاپات ۋە جازادىمۇ باراۋەرلىك تولۇق بولغان:«ئەر-ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» (نەھل، 97-ئايەت).
ئەر-ئايال ئارىسىدىكى باراۋەرلىك مەسىلىسى پەرز ئەين دائىرىسىدە توختاپ قالماستىن، پەرز كۇپايە (ئىجتىمائىي پەرز)نىڭ كۆپىنچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. مانا بۇ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە ۋە جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشتە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. پەرز كۇپايىنى ئورۇنداۋاتقانلار ئەرلەر بولۇشى مۇمكىن ياكى ئاياللار بولۇشى مۇمكىن.
6. ئىنسانىيەتكە گۇۋاھلىق بېرەلىگۈدەك ئۈممەتنى يېتىشتۈرۈش:
قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى، ئىلاھىي ۋەزىپىسىنى تەتبىقلايدىغان، ھاياتىنى ئەقىدىسى ۋە شەرىئىتىگە ئۇيغۇن قۇرۇپ چىقىدىغان، پەرزەنتلىرىنى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە تەربىيىلەيدىغان ۋە ئىنسانىيەتنى ياخشىلىق، نۇر ۋە رەھمىدىللىككە يېتەكلەش ئۈچۈن ئىلاھىي ۋەزىپىسىنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزىدىغان ئۈممەت شەكىللەندۈرۈشتۇر:«بىز سېنى پەقەتلا پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا سۈرىسى، 107-ئايەت).
ئىسلام دىنى ئۈممەتنى تىلى ياكى رەڭگى ياكى زېمىنى ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى ئەقىدە ۋە ئىدىيە ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىشنى ئىرادە قىلغان. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە نەرسىدىن ئىلگىرى ئەقىدە ۋە ئىلاھىي ۋەزىپىنى ئاساس قىلىدىغان ھەقىقەتكە ئەزا بولۇشىنى ئىرادە قىلغان.
ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قۇرئاندىكى ئوبرازلىق سۈپەتلىرى:
1) رەببانىي:
بۇ ئۇممەتنىڭ مەنبەسى ئىلاھىي مەنبەدۇر، يۆلىنىشىمۇ ئىلاھىي يولدۇر. چۈنكى بۇ ئۈممەتنى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى شەكىللەندۈرگەن، ئەھكاملىرى پەرۋىش قىلىپ يېتىلدۈرگەن: «شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئۈممەت قىلدۇق»(بەقەرە، 143-ئايەت). يەنە: «ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر...» دېگەن (ئال ئىمران، 110-ئايەت). دېمەك، بۇ ئۈممەتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئىلاھى، يۆلىنىشىمۇ ئىلاھىدۇر، چۈنكى بۇ ئۈممەت ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ مېتودىنى زېمىندا ئەمەلىي تەتبىقلاش ئۈچۈن ياشايدۇ.
2) ئوتتۇراھاللىق:
ئوتتۇراھاللىق بۇ ئۈممەتنى ئىنسانىيەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئۇستازلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان سۈپەت. بۇ ئۈممەت ئېتىقاد، تەسەۋۋۇر، ئىبادەت، ئەخلاق، ئىستىل، تۈزۈم، پىكىر ۋە تۇيغۇغا ئوخشاش ھەر قايسى تەرەپتىن ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.روھ بىلەن ماددا ئارىسىدا، نەمۇنىلىك بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا، ئاقىلانىلىق بىلەن ۋىجدان ئارىسىدا، يەككىلىك بىلەن كوللېكتىپ ئارىسىدا، مۇقىملىق بىلەن تەرەققى قىلىش ئارىسىدا ئوتتۇراھاللىققا ئىگە ئۈممەت.بۇ ئۈممەت ئەڭ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۈممەت.
3) دەۋەت قىلىش:
بۇ ئۈممەت ھەقىقەت، ياخشىلىق ۋە ھىدايەتنى باسۇرۇپ ياتىدىغان ئۈممەت بولماستىن، باشقىلارنى دەۋەت قىلىدىغان ۋە ئىلاھى ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ئۈممەتتۇر. ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە دەۋەت قىلىش، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش بۇ ئۈممەتنى باشقا ئۈممەتلەردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان ئاساستۇر. بۇ ئۈممەت يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن ھەقىقەت مىزانىدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىن بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنياۋىلىق سۈپەتكە ئىگە بۇ ئۈممەت ھەقىقەتنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشى لازىم.
4) بىرلىك:
ئىسلام ئۈممىتى تۈرلۈك مىللەت، تىل ۋە رەڭلەردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، بىرلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر ئۈممەتتۇر. ئىسلام دىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئېتىقاد ۋە شەرىئەت ئاساسىدا بىرلەشتۈرگەن:«ماۋۇ ئۈممەت بىر ئۈممەتتۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» (ئەنبىيا سۈرىسى، 92-ئايەت).
ئاللاھ بۇ ئۈممەتنى ئەقىدە، شەرىئەت، نىشان-غايە، مېتود، ئىبادەت، ئەخلاق، تۈزۈم ...جەھەتلەردىن بىرلەشتۈرگەن. بۇ ئۈممەتنىڭ پەرۋەردىگارى بىر، پەيغەمبىرى بىر، قۇرئانى، قىبلىسى بىر، شەرىئىتى بىر، چوڭ يۇرتى بىر ۋە سىياسى بىرلىكىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ تۇرىدىغان يېتەكچىسى بىر ئۈممەتتۇر:«بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن)ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»(ئەنئام سۈرىسى، 153-ئايەت).
بۇ ئۈممەت تۈرلۈك مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ئۈممەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام قېرىنداشلىقى باشقا ھەر قانداق قېرىنداشچىلىقتىن يۇقىرى تۇرىدۇ، ئىسلام قېرىنداشلىقى ئىماننىڭ ئىپادىسىدۇر: «بارلىق مۆمىنلەر قېرىنداشتۇر» (ھوجۇرات، 10-ئايەت)
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، ئىمان ئاساسىدىكى ئىسلام قېرىنداشلىقى ھەربىرمىللەتنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى-ئىسلام قېرىنداشچىلىقىغا قارىشى چىقمىسا-ئىنكار قىلمايدۇ. ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان كەلتۈرمەيدىغان مىللەتپەرۋەرلىك روھى ھەرگىزمۇ چەتكە قېقىلمايدۇ، بەلكى ئالقىشلىنىدۇ. چۈنكى ھەربىرئىنساننىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن ياخشىلىقنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇلاردىن زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىنساندىكى تەبىئىي تۇيغۇدىن ئىبارەت.
7. ھەمكارلىشىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىغا دەۋەت قىلىش:
ئىسلام دىنى نىشان، قىممەت-قاراش ۋە مېتود جەھەتتە ئالاھىدە بىر ئۈممەت بولۇشقا چاقىرسىمۇ، ئۆزىگە بېكىنمىچىلىك قىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى خەلقئارالىق دىن، بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگەن دەۋەت ۋە ئاللاھنىڭ ھەربىربەندىلىرى ئۈچۈن رەھمەتتۇر.
ئىسلام ئۈممىتى بۇ خەلقئارالىق دەۋەتنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈممەت ھىدايەت تاپقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئىسلاھ بولغاندىن كېيىن ياخشىلىق ۋە نۇرنى بېسىپ يېتىۋالسا بولمايدۇ. باشقىلارنى ئاللاھنىڭ نۇرىغا باشلىشى، ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە ئاللاھ نېسىپ قىلغان ياخشىلىققا چاقىرىشى لازىم. بۇ ئۈممەت كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش، كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزۈش، كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئۈممەتتۇر. بۇ ئۈممەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى باشقىلارنى دەۋەت قىلىشتۇر. بۇ ئۈممەت باشقىلارنى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، دۇنيانىڭ تارلىقىدىن ئاخىرەتنىڭ كەڭلىكىگە يۆتكىلىش ۋە دىنلارنىڭ زورلايديغان زۇلۇمىدىن ئىسلامنىڭ ئەركىنلىك بېرىدىغان ئادالىتىگە چىقىرىش ئارقىلىق ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا بۇيرۇلغان.
ئىسلامنىڭ خەلقئارالىق ۋەزىپىسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇمىي رەھمەتتۇر ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چاقىرىقتۇر. ئىسلامنىڭ رەھىمدىللىكى ياكى ياخشىلىقنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ئىنساننى ئىنسانغا ئىبادەت قىلىشتىن ئازات قىلىش
ئىسلام دىنى خالىس تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ۋە شېرىكنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارىشى تۇرۇش ئارقىلىق ئىنساننى ئىنسانغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئازات قىلدى، شۇنداقلا نەرسىلەر ياكى خىياللارغا قۇلچىلىق قىلىشتىنمۇ ئازات قىلدى. ئىسلام دىنى كىشىلەر مۇقەددەس بىلىپ يۈرگەن ساختا ئىلاھلارنى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلىۋەتتى. ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلارغا ئىبادەت قىلىشىنى ۋە باش قويۇشىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى.
2) ئىنسانىي قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىك:
ئىسلام دىنى دەۋەت قىلغان تەۋھىدنىڭ مېۋىلىرىنىڭ قاتارىدىن ئىنسانىي قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانىي باراۋەرلىكتۇر. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەۋھىد دەۋىتىنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە بىر پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرىدۇر، ئۇنداقتا ھەممە ئىنسانلار ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش دەرىجىسىدە ئوخشاش. شۇنداقلا ئۇلار بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ بالىلىرى بولۇش دەرىجىسىدە باراۋەر.
رەسۇلۇللاھ نۇرغۇن ئادەم توپلاشقان ھەج پائالىيىتىدە:«ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار بىر، ئاتاڭلارمۇ بىر، ھەممىڭلەر ئادەمنىڭ بالىلىرى، ئادەم بالىلىرى ئارىسىدا تەقۋالىقتىن باشقا ئارتۇقچىلىق بولمايدۇ»دېگەنىدى(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھ قۇرئاندا:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر»دەيدۇ. (ھۇجۇرات سۈرىسى، 13- ئايەت).
رەسۇلۇللاھ: «بەندىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىگە مەن گۇۋاھ»دېگەن (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى). دېمەك، بەندىلەرنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي ئىنسانىي جەھەتتىن قېرىنداشتۇر. قېرىنداشلىق:ئۆز-ئارا مۇھەببەت، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن شەكىللىنىدۇ.
ئىسلامدا ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغان دنىي قېرىنداشلىق بار بولۇپ، بۇ قېرىنداشلىق ھەر قانداق قېرىنداشلىقتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ قېرىنداشلىق باشقا تۈردىكى ئىنسانىي قېرىنداشلىق، مىللەت قېرىنداشلىقى ۋە ۋەتەنداش قېرىنداشچىلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ خىل تۈردىكى قېرىنداشلىقنىمۇ ئىسپاتلىغان.
3) ھەممە كىشىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىش:
ئىسلام دنىي بارلىق كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەتنى تۇرغۇزۇشقا دەۋەت قىلغان، بۇ يەردىكى ئادالەت چاقىرىقى پەقەت مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئارىسىدا بولىدۇ.
ئاللاھ قۇرئاندا ئىلاھى دىننىڭ مەقسەتلىرىنى بايان قىلىپ:«بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى ۋە ئادالەت قانۇننى چۈشۈردۇق» (ھەدىد سۈرىسى، 25-ئايەت). پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ۋە ئىلاھى كىتابلارنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت ئىنسانىيەت ھاياتىدا ھەربىرھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى بېرىدىغان ئادالەت ۋە ئادىللىقنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر:«ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» (نىسا، 58-ئايەت).
ئىسلام دىنىدا ئادالەت يېقىن ياكى يىراق تۇغقانچىلىقتىن، ياخشى كۆرۈش ۋە يامان كۆرۈش تۇيغۇسىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ:«ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزەڭلارنىڭ ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا(گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار» (نىسا سۈرىسى، 135-ئايەت).
يەنە:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قوۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، دۈشمىنىڭلارغا ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر»دەيدۇ. (مائىدە، 8-ئايەت). مانا بۇ ئادالەت...
4) دۇنياۋى تىنچلىق:
ئىسلام دنىي ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىققا دەۋەت قىلغان. ئىسلامدىكى ئاللاھ يولىدىكى كۆرەش دەۋەتنى ياكى مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش، مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلغانلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلىش، زېمىندىكى ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئەدەپلەپ قويۇش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان:«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارىشى ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ دوست تۇتمايدۇ (بەقەرە سۈرىسى، 190-ئايەت).
يەنە:«تاكى زىيانكەشلىك، بوزەك قىلىش ۋە ئەقىدە سەۋەبىدىن ئىزىش تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ»دەيدۇ(بەقەرە، 193-ئايەت). رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار مۇداپىئە ئۇرۇشى ئىدى. ئىسلامدىكى ئەسلى قائىدە تىنچلىق، ئۇرۇش قىلىش ئايرىم ئەھۋالدۇر.
5) كەڭ قورساق بولۇش:
ئىسلام دىنى دەۋەت قىلغان پرىنسىپ ۋە قىممەت-قاراشلارنىڭ بىرسى، مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن كەڭ قورساق بولۇش، دۈشمەنلىك قىلمىسا ئۇلارغا ئاداۋەت تۇتماستىن ئالىي ئىنسانىي روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشتۇر. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمان بولمىغانلارنى بىر تاياقتا ھەيدىمەستىن ئىككى تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلغان. بىر تۈرى مۇسۇلمانلار بىلەن دىن سەۋەبلىك ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ ۋە بوزەك قىلىدۇ. يەنە بىر تۈرى بولسا بۇ تۈردىكى قەبىھ ئادالەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمان بولمىغانلارغا قارىتا ئالاقە توغرىسىدا ئېنىق كەسكىن روشەن قانۇننى بەلگىلىگەن:«كۇففارلاردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ. ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتىشىڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» (مۇمتەھىنە، 8-9-ئايەتلەر).
ئاندىن مۇسۇلمانلار بىلەن توختام تۈزگەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىر تۈرى: ۋاقىتلىق توختام بولۇپ، توختام مۇددىتى تۈگىگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ توختامدىپلۇماتىيە ئالاقىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
يەنە بىر تۈرى: داۋاملىق توختامغا ئىگە كىشىلەر بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇلارنى"ئەھل زىممە" (يەنى دائىم ئامانلىققا ئېرىشكۈچىلەر) دەپ ئاتايدۇ. بۇلار پايدا-زىياندا مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمدە بولىدۇ. بۇلار ئىسلام دىيارىنىڭ ۋەتەنداشلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان جامال
(بۇ ماقالە دوكتور يۈسۈپ قەرزاۋىينىڭ"قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز"ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى).