خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى 11-قېتىملىق شۇرا يىغىنى يىغىن خۇلاسىسى

2025-01-15
A-
A+
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 11-نۆۋەتلىك شۇرا يىغىنى خۇلاسىسى
 
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 11- نۆۋەتلىك شۇرا يىغىنى، 2024- يىلى 27-29 دېكابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 تىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلدى. يىغىنىڭ 1- كۈنى ئەتتىگەن بىرلىكىمىزنىڭ 2024 – يىل ئىچىدە بىرلىك ئىچىدىكى ھەر قايسى بۆلۈملەر تەرىپدىن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنىڭ دوكىلاتى يىغىنغا قاتناشقان ئومۇمى ئەزالارغا سۇنۇلدى. يىللىق دوكلاتتىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
چۈشتىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاغا قارىتا دەۋەت ئېلىپ بېرىش مىتودى، مەدرىسە ۋە كۇرسلارنىڭ تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىدە ئسىلاھات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تىمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
يېغىننىڭ 2- كۈنى ئەتتىگەندە، بىرلىكنىڭ نىزامنامىسىگە بەزى تۈزىتىشلەر كۈرگۈزۈلۈپ، تۈزۈتۈلگەن نۇسخىسى بىرلىك ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىندى. يېغىندا يەنە، بىرلىكنىڭ «ياشلار خىزمەت بۆلۈمى» تەسىس قىلىنىش بىلەن بىرگە (مەدرىسىلەر ئارا ئىستىشارە ۋ مەسلەھەت) بۆلۈمى تەسىس قىلىنىشى قارار قىلىندى.
شۇنىڭدەك، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئىشغالچىلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈستىگە پەرز ئەيىن ئىكەنلىكىنى تەكرار تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۆلىمالارنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە، بولۇپمۇ دەۋەت، تەبلىغ ۋە ھەر قايسى سورۇنلاردا «شەقىي تۈركىستان» سۆزىنىڭ تەسبىھگە ئوخشاش زىكىر قىلىنىشى، خەلقىمىزگە ۋە بارلىق ۋەتەن داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا بارلىق خزمەتلىرىدە نىشاننىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» ئاساسىدا بولىشى، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مىللىتىمىزنىڭ دىنى، مىللىي ئەخلاق- پەزىلەتلىرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە، قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە چىقىش ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ داۋا ۋە خىزمەت يولىدىكى ئاساسلىق پېرىنسىپلىرى قاتارىدا كۆرۈشكە تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋام قىلدۇرش قارار قىلىندى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ئەزا ھەربىر ئۆلىمانىڭ، ئۆزنىڭ ئۆلىمالىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، خەلق ئىچىدە ئۆلىمالارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە، ھەرقانداق مەسىلىدە ئۆزى ئۆلگە بولۇپ ئۆلىمالارغا لايىق رەۋىشتە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشى تەكىتلەندى.
ئىككى كۈنلۈك يېغىن ئاخىرىدا، پەتىۋا بۆلۈمى، دەۋەت بۆلۈمى، تەلىم-تەربىيە بۆلۈمى، تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى، مالىيە ۋە بايانات قاتارلىق بۈلۈملەر ئايرىم – ئايرىم بۆلۈنۈپ، مۇزاكىرە ئېلى بارغاندىن كېيىن، 2025-يىلى ئىچىدە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىنى بىكىتىپ چىقتى.
يۇقىرىدىكى مۇزاكىرىلەرگە ئاساسەن ئۆلىمالار بىرلىكى ئالدىمىزدىكى بىر يىل ئىچىدە تۈۋەندىكى خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش قارارى ئالدى.
1- شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى خەلقنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى، مىللىي ئۆرپ ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.
2- ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش، ئىسلام دۇنياسىىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «ئۇخۇۋۋەت» ۋە «ئۇممەت» شۇئۇرىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىسلام ۋە موسۇلمانلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. خەلقئارادا تونۇلغان ئۆلىمالار بىلەن قەرەللك ھالدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنى جانلاندۇرۇش.
3- ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ۋە تۈركىيە ئىچى ۋە تۈركىيە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش.
4- باشتا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ ۋە مەدرىسىلىرىدە دىنى ۋە مىللىي قىممەت قاراش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەرەللىك تەربىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە پەرزەنتلىرىمزىنىڭ ھەر ساھەلەردە يېتىلىپ چىقشى ئۈچۈن ئاتا- ئانىلارغا ئالاھىدە خىزمەت ئىشلەش، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىنى ۋە مىللى جەھەتتىن شۇئۇرلۇق يېتىشىپ چىقشى ئۈچۈن ئوقۇش ماتىرياللىرى تەييارلاش ۋە مەدرىسىلىرىمىزنىڭ دەرسلىكلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى ۋۇجۇتقا چىقرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش.
5- ئىلاھىيات ساھالىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلەرنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش قەرەللىك ھالدا ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
6- ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ سىستىملىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىش.
7- خەلقىمىزنىڭ دىنى ۋە مىللى كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىدىيەۋى خىزمەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ھەرخىل باتىل پىكىر ۋە ئېقىملارغا مايىل بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەۋەت ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش، خەلقىمىزنى توغرا شەكىلدە يېتەكلەش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش، بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئائىلە رىشتىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قىلىش.
8-خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، كىتاب، ژورنال، ۋە ئۈن-سىن بويۇملىرىنى تەييارلاش ۋە تارقىتىش.
باشقا خەۋەرلەر
ھەممىسى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى
سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ھەمشىرىلەر ھەققىدە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتى

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش  ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات
شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامدىكى ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى  بىلەن   ئۈچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ئۈچراشتى .

ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .

2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى
ماركۇ رۇبىئو: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى

تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمىنى (ناھىيە باشلىقى) زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ دوكتۇر ئابدۇلۋارىس خوتەن، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھارۇن قايانىي زىيار

داۋامى ئۇچۇن چىقىش
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەققىدە بايانات

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تە

داۋامى ئۇچۇن چىقىش