ماقالىلار

سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن ئالاقىسى

2024-04-24
A-
A+

سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن ئالاقىسى

 

ئابدۇراھمان جامال

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي پىشىپ يېتىلگەن زاماندا دۇنياغا كەلگەن دۇنياۋى پەيغەمبەر بولۇش ئېتىبارى بىلەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پەيغەمبەردۇر. بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە ھاياتى ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تەجرىبە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەشئەل ۋە ئۈلگە سانىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ۋە ھاياتى بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى ۋە ھاياتىنى تەمسىل قىلىدۇ. بۇ پەيغەمبەردە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ چىدامچانلىقى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جىھادى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زاھىدلىقى ۋە خەلقىنى دىننىڭ ھەقىقەتلىرىگە باغلاشقا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى...نى كۆرەلەيمىز.

قۇرئان كەرىم ئىلاھىي ۋەھىينىڭ خۇلاسىسى ھېسابلانسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى ۋە مىللەتلىرى بىلەن بولغان تەجرىبىلىرىنىڭ خۇلاسىسى سانىلىدۇ.

دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ماقۇللاشلىرىدىن ئىبارەت ھاياتى) ئىنساننىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ھايات مېتودىدىن ئىبارەت، يەنى سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى يۈزى، قۇرئان كۆرسەتمىسىنىڭ ۋە مېتودىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشىدىن ئىبارەت.

قۇرئان كەرىم ھەممە نەرسىنىڭ ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان مەنبە بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بارلىق پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ئۆزگەرمەس ئاساسلىرىنى، پىرىنسىپلىرىنى ۋە ئىنسانىيەت ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

سۈننەت بولسا قۇرئاننىڭ پىرىنسىپلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇنى تەتبىقلاش ھەرىكىتىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىنسانىيەت ھاياتىدا جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىيى ئۆرنەك كۆرسىتىدۇ.  شۇنىڭدەك، سۈننەت قۇرئاننىڭ ئىخچام تېمىلىرىنى بايان قىلىدۇ، ئىنچىكە نۇقتىلارنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ ۋە ئومۇمىي كەلگەننى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

سۈننەتنىڭ ئىگىسى بولغان رەسۇلۇللاھ قۇرئانغا ئەگىشىدۇ، كىشىلەرگە ئۆگىتىدۇ، ئىزاھلاپ بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، تەسەۋۋۇرلىرى، ئىستىلى ۋە ئالاقىسىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ھايات مىزانىغا ئايلاندۇرۇش شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى، ئەخلاقى، ئىبادىتى ۋە ھاياتى قۇرئان مەزمۇنى ۋە مەقسىتىنىڭ دەل ئۆزىدۇر، رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە مەزمۇنلىرىنى كۈندىلىك ھاياتقا تەتبىقلاشنىڭ خەرىتىسىدۇر.

دېمەك، قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ ئالاقىسى بىر-بىرىدىن ئايرىلىشنى قوبۇل قىلمايدىغان، بىردەك ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدىغان، ئىسلامنى بىر پۈتۈن چۈشىنىش، توغرا ئەمەل قىلىش ۋە ساغلام مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن بىردەك ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئالاقىدۇر.

چۈنكى، قۇرئان بىلەن سۈننەت تەۋھىد ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلىش، قەلبنى پاكلاش، ئىنسان ھاياتىنى ۋە مېلىنى قوغداش، ئىستىلىنى تۈزىتىش، ساغلام ئىنسان يېتۈشتۈرۈش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت يارىتىش، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك بەرپا قىلىش مەنبەسىدۇر.

قۇرئان ۋە ئۇنىڭ شەرھى بولغان سۈننەت ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئىككى مەنبەسى بولۇپ ئىنسان، ھاياتلىق ۋە كائىنات ھەققىدە ساغلام يول ۋە توغرا ئىدىيە خەرىتىسىنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ.

سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ پىرىنسىپلىرى، قىممەت قاراشلىرى ۋە يۈكسەك مەقسەتلىرى ئاساسىدا چۈشىنىلىدۇ ۋە تەتبىقلىنىدۇ. قۇرئان بىلەن سۈننەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ ئوقۇشقا ياكى پارچىلاپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىم سۈننەتنى قوغدايدۇ، سۈننەتنىڭ ھەقىقىي قوغدىلىشى قۇرئانغا تايىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئاساسلىق قائىدىلەر، پىرىنسىپلار ۋە مەقسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، سۈننەت ئۇ قائىدە ۋە پىرىنسىپلارنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، سۈننەت قۇرئاننىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرى ئاساسىدا تارماق مەسىلىلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەتنى ئالمىغاندا دىننى تولۇق ۋە ساغلام چۈشەنگىلى بولمايدۇ: «وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا» «پەيغەمبەر بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن ئىشلاردىن چەكلىنىڭلار»[1].

سۈننەت قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشنىڭ، رېئاللىقنى چۈشىنىشنىڭ ۋە ئايەتلەرنى رېئاللىققا باغلاشنىڭ ئاساسىدۇر ۋە ئەمەلىي مېتودىدۇر: «وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ» « بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان (ئەھكاملار)نى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق»[2].

سەھىھ سۈننەت ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىيدۇر، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسىدۇر، پەيغەمبەرىمىزنىڭ نۇرى يېغىپ تۇرىدىغان ھېكمەت خەزىنىسىدۇر، ھىدايەت يولىدۇر، بىلىم-مەرىپەت ۋە مەدەنىيەت بۇلىقىدۇر. شۇڭا، سۈننەتنى ئالمىغاندا قۇرئاننى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ ھەم ساغلام ئەقىدىلىك ۋە توغرا ئىدىيەلىك مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ.

تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەبتىن سۈننەتكە ئىشەنمەي ساغلام مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ:

1.قۇرئانغا ئىشىنىش سۈننەتكە ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ:

قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدا ئىمانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇقەددەس زىچ مۇناسىۋەت بار بولۇپ، ئىككىسى بىر-بىرىدىن ئايرىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈش سۈننەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇنداقلا سۈننەتنى يالغانغا چىقىرىش قۇرئان كەرىمنى يالغانغا چىقىرىشنى تەقەززا قىلىدۇ:

قۇرئان بىلەن  سەھىھ سۈننەت ھەر ئىككىسى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھىيدۇر، قۇرئاننىڭ سۆزى ۋە مەنىسى ۋەھىي بولسا، سۈننەتنىڭ مەنىسى ۋەھىيدۇر. قۇرئان كەرىم تۈزۈلۈشى جەھەتتىن مۆجىزە خاراكتېرلىك تىلاۋەت قىلىنىدىغان ۋەھىيدۇر، سۈننەت تۈزۈلۈشى جەھەتتىن مۆجىزە تۈسىنى ئالمىغان بايان خاراكتېرلىك ۋەھىيدۇر.

2) قۇرئان ۋە سۈننەت ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى ئاساسلىق مەنبەدۇر.

بارلىق مۇجتەھىد ئالىملار قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ ئىسلامنىڭ قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئىككى مەنبە ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاق. شۇڭا، قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى بىر بىرىدىن ئايرىۋەتكەندە، شەرىئەتنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ ھەمدە قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ساغلام مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئاساس بولۇش ئېتىبارى بىلەن بىرىنچى مەنبە بولسا، سۈننەت ئىزاھات ۋە بايان بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئىككىنچى مەنبەدۇر.

3) سۈننەت قۇرئاننىڭ ئەمەلىي تەپسىرىدۇر.

قۇرئاننى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان كىشى قۇرئان نازىل بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئەقلىي ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئەقلىدىن كامىل ۋە ئۆتكۈر بولغاندىن سىرت، خاتالاشماسلىق سۈپىتىگە ئىگە زاتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەت قۇرئاننى ئەڭ توغرا ئىزاھلاپ بېرىدىغان باياندۇر.

قۇرئاننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە دۇنيا -ئاخىرەتلىك توغرا يولغا يېتەكلەش بولسا، سۈننەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قۇرئاننىڭ ھىدايىتى ۋە مەقسىتىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىشتۇر.

قۇرئان كەرىم پىرىنسىپال خاراكتېرلىك قائىدە ۋە ئاساسلارنى بايان قىلسا، سۈننەت قۇرئاننىڭ ئومۇمىي قائىدە ۋە ئاساسلىرىنى ئىزاھلايدۇ. سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ قائىدىلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىنى ئىزاھلىغاندا بەزىدە قۇرئاننىڭ ھۆكمىنى تەكىتلەيدۇ، يەنە بەزىدە ئېھتىياجىغا قارىتا مۇستەقىل تارماق ئەھكاملارنى يولغا قويىدۇ. يەنى سۈننەتنىڭ ئىزاھاتى يا قۇرئاندا كەلگەن ھۆكۈمنى تەكىتلەيدۇ، ياكى قۇرئاندىكى ھۆكۈمنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، ياكى تارماق مەسىلىلەردە مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۈننىتىگە يەنى ھەدىسلىرىگە ئىشەنمەي ۋە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، ئىدىيە، سودا- سېتىق، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ساغلام مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ.



[1]  ھەشىر سۈرىسى: 7-ئايەت.

[2]  نەھل سۈرىسى: 44-ئايەت.