ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى
ئوبۇلقاسىم ئەھمەدىي
ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەممە جامائەت، ھەتتا شىئە - راپىزەلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ ۋە ھەممىسى ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدا بولۇپ، نىجاتلىققا ئېرىشكۈچى بىردىنبىر جامائەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلىماقتا.
ئۇنداقتا قايسى جامائەت ھەقىقىي ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ھېسابلىنىدۇ؟ ئۇ جامائەتنىڭ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەگە تەۋە جامائەت ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ باشقا جامائەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى ئەنە شۇ ئالاھىدىلىكىرى بىلەن بىلەلەيمىز. تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ بەزى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ھاۋايى - ھەۋەس ۋە نەپسى - خاھىشقا ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل ئىلمىي ئاساسقا تايىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئىلمىي ئاساستىن قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىف، ئىجمائ ۋە قىياس قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنىدۇ. ئۇلار قۇرئان كەرىم ياكى ھەدىس شەرىفتىن ئوچۇق دەلىل بولمىغان مەسىلىلەردە، ساھابىلارنىڭ سۆزى ۋە ياكى مۇجتەھىد دەرىجىسىگە توشىدىغان ئالىملارنىڭ ئىجتىھادىنى ئاساس قىلىدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئېتىقاد ۋە ئەمەللەردە ئوڭچىللىق ياكى سولچىللىقتىن مۇستەسنا لىللا مەيداندا تۇرىدۇ؛ قارشى سەپتىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندىمۇ ئىنساب ۋە ئادالەتنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمايدۇ؛ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىراۋنىڭ پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ؛ ئۆلىمالار ۋە پېشۋالارغا چوقۇنمايدۇ، ھۆرمەتسىزلىكمۇ قىلمايدۇ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزى قوبۇل ۋە رەت قىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ تەقدىر بىلەن ئىنسانىي ئىرادىنىڭ، ئىلىم بىلەن ئىبادەتنىڭ ئوتتۇرىسىنى، شەرىئەتنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى بىلەن زامان ئۆزگىرىشلىرىنى، شەرئىي ھۆكۈملەر بىلەن زامان تەقەززالىرىنى بىر - بىرىگە ماھىرلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرالايدۇ؛ ئۆتمۈش، رېئاللىق ۋە كېلەچەكنى تەڭ نەزەرگە ئالىدۇ؛ ئىسلاھ قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئاۋامغا ئىشلارنىڭ ئاسان تەرىپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ، دىن يولى مېڭىش مۇمكىن بولمايدىغان يول ئىكەن دېگەن قاراشقا ئەكېلىپ قويمايدۇ؛ بېشارەت بېرىدۇ، نەپرەتلەندۈرمەيدۇ؛ ئۆزئارا ھەمكارلىق، كۆيۈنۈش ۋە مېھىر - مۇھەببەتكە چاقىرىدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە روھ بىلەن ماددا ھەر ئىككى تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ۋە ئەنئەنە بىلەن تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ. رېئاللىقنى، ئاۋام - خەلقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئالاھىدە نەزەرگە ئالىدۇ، ئاۋام - خەلقنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئىشەنچ تۇرغۇزىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»[1] دېگەن ئايىتىگە ئۇيغۇن ھالدا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ھەمنەپەس بولىدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەنئەنە ۋە يېڭىلىق ئىشلىرىدا ئىلگىرىكىلەرنىڭ بارلىق ئىش - ھەرىكەت، پىكىر ۋە ئىدېئولوگىيەلىرى يۈزدە يۈز توغرا، بىز بۇنىڭدىن چەتنىمەي مېڭىشىمىز زۆرۈر دېگۈچىلەر بىلەن يېڭىلىق ۋە ئىجادىيەتكە چوقۇنۇپ ئەنئەنىنى پۈتۈنلەي چەتكە قاققۇچىلار ئارىسىنى ماھىرلىق بىلەن ياراشتۇرالايدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە تەشەببۇس قىلىنغان ھەم ساغلام ئەقىلگە ۋە نورمال ئىنسان تەبىئىتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرھاللىقتىن چەتنىمەيدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەرنىڭ ھەر ئىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراش ئارقىلىق نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەقلىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئىشلاردا ئوتتۇرھال ۋە لىللا مەيداندا تۇرۇشنىڭ ساغلام بىر ئىنسانىي تەبىئەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مۇسۇلمانلارنى ئالدىراقسانلىق ۋە سۆرەلمىچىلىك، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سەل قاراش ئىللەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئوتتۇرھاللىق رولىنىڭ قاتناش قوراللىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدىغان مىزاننىڭ رولىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، مىزانى بۇزۇلغان قاتناش قوراللىرىدا ئولتۇرۇپ مەنزىلگە بىخەتەر يەتكىلى بولمىغاندەك، ئىسلام تەشەببۇس قىلغان ئوتتۇرھاللىقتىن چەتنەپ تۇرۇپ كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقنى تەكىتلەيدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئوتتۇرھاللىق قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولغاچقا، ئۇ نوقۇل پىكىر ياكى ئىدېئولوگىيەلا بولماستىن، بەلكى مۇتلەق توغرا يول ۋە دۇنيا - ئاخىرەتلىك بەخت - سائادەتنىڭ كاپالىتى بولۇپ، ئاللاھنىڭ رىزاسى، ياردىمى دەل مۇشۇ يولدا تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلەرگە مەنسۇپتۇر؛ قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفلەردە خەۋەر بېرىلگەندەك، بۇ يولدىن ئوڭ - سولغا چەتنەپ كەتكەنلەر بىلىپ - بىلمەستىن ئۆزلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ، پەيغەمبەرلەرنىڭ، شېھىتلەرنىڭ، پۈتۈن مۇئمىن - مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىگە، لەنىتىگە دۇچار بولغۇچىلاردۇر، ئۇلار توغرا لىنىيەدىن چىقىپ كەتكەن قاتناش قوراللىرى تالاپەتكە ئۇچرىغاندەك، ھالاكەتكە يولۇققۇچىلاردۇر، دەپ قارايدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئوتتۇرھاللىقتىن چەتنەپ كەتكەن ھەرقانداق جامائەت ئۆزلىرى بىلىپ - بىلمەي، خالاپ - خالىماي دىندا سەل قاراپ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە، لەنىتىگە يولۇققان يەھۇدىيلارنىڭ يولىغا ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ ھەقتىن ئازغان خىرىستىيانلارنىڭ يولىغا ياكى ئىسلام دۇنياسىغا بالا - مۇسىبەت بولغان شىئە - راپىزە ۋە خاۋارىجلارنىڭ يوللىرىغا كىرىپ قالىدۇ، چۈنكى توغرا يولدىن چەتنىگەنلەرنى شۇ مەلئۇنلارنىڭ يولى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئوتتۇرھاللىقتىن چەتنەپ كېتىشنىڭ جەننەتنىڭ كاپالىتى بولغان ئىسلامىي سۆيگۈنىڭ يوقىلىشىغا، بىرلىك ۋە كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى بولغان ئىناق - ئىتتىپاقلىقنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ھەتتا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرھاللىقتىن چەتنەپ كېتىشنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلەرنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن پاراسەتلىك مۇئمىنلەرنىڭ بۇنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئوتتۇرھاللىقنى ئەتراپلىق ۋە توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، سەل قاراش ۋە توغرا يول قاتارلىق تۆۋەندىكى مۇھىم ئۈچ ئاساسنى ياخشى چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ:
بىرىنچى ئاساس: چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش
لۇغەت ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بولىدۇ. شەرىئەت ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: ئېتىقاد ياكى ئەمەل جەھەتتە شەرىئەت ئۆلچىمىدىن ھالقىپ كېتىش شەرىئەتتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ.
چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ تۈرلىرى
چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئېتىقاد جەھەتتىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش؛ ئەمەل، يەنى گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەت جەھەتتىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.
بىرىنچى تۈرى ئېتىقاد جەھەتتىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۇچۇرۇپ، پەيغەمبەرلىك مەرتىۋىسىدىن ئىلاھلىق ماقامىغا كۆتۈرۈۋېتىش، ئۇلاردىن مەدەت تىلەش، ئۇلارنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىش، سالىھلارنىڭ قەبرىلىرىگە بېرىپ، پەرزەنت ۋە باشقا ھاجەتلىرىنى تىلەش قاتارلىقلار ئېتىقاد جەھەتتىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزلىرىگە ياقمىغان مۇسۇلمانلارنى شەرئىي دەلىل - ئىسپاتسىزلا كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىشمۇ ئېتىقاد جەھەتتىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ.
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «چوقۇمكى، بۇنىڭ نەسلىدىن قۇرئان ئوقۇيدىغان بىر قەۋم كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان قۇرئانى بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ، ئۇلار مۇشرىكلارنى قويۇپ، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىدۇ»[2].
تارىختىن بېرى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ھەدىس شەرىفتە ئىشارەت قىلىنغان سۈپەتلەر تېپىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ شەرئىي بىلىم قۇرۇلمىسى ئاجىز بولغانلىقتىن قۇرئان ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ئوقۇغىنى ئۇلارنىڭ بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ. يەنى ئۇلار قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلماي ۋە چۈشەنمەي ئوقۇيدۇ، شۇڭا، قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ تۇرۇپمۇ، ھەق يولنى تاپالمايدۇ، ئۇنىڭدىكى ۋەز - نەسىھەتلەردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، مۇسۇلمانلارنى شەرئىي دەلىل - ئىسپاتسىزلا كاپىرلىققا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى ھالال سانايدۇ.
ئىككىنچى تۈرى ئەمەل، يەنى گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەت جەھەتتىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بولۇپ، رامىزان ئېيىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ كۈن ئاتلاتماي روزا تۇتۇش، كېچىچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇش، ئىبادەتنى دەپ ئۆيلىنىشتىن ۋاز كېچىش قاتارلىقلار ئەمەلدە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەمما بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىش چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بەلكى ئىسلام شۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئەمەل يەنى گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەت جەھەتتىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئەھۋالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئاللاھقا سىلەردىنمۇ بەكرەك تەقۋالىق قىلىمەن، لېكىن مەن كېچىسى ناماز ئوقۇيمەن ۋە ئۇخلايمەن، (رامىزاندىن باشقا ۋاقىتتا) كۈن ئاتلىتىپ روزا تۇتىمەن ۋە ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مېنىڭ (ئۈممىتىم)دىن ئەمەس» دېيىش ئارقىلىق ئۇلارغا رەددىيە بەرگەن[3].
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ھەر ئىككى تۈرى خەتەرلىك بولغان بولسىمۇ، لېكىن گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەت جەھەتتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە قارىغاندا، ئېتىقاد جەھەتتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش كۆپ خەتەرلىك. ئېتىقاد جەھەتتە چېكىدىن ئاشقان خاۋارىچلار، شىئە - راپىزىلەر ۋە تەكفىرچىلەر (ئاساسسىزلا باشقىلارنى كاپىرغا چىقارغۇچىلار)نىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن بالا - مۇسىبەتلىرى بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىسالىدۇر.
چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن چەكلەشنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بەزى دەلىللىرى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز)دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھنى شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىيسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، (ئاللاھ ئىيسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن ئاللاھ پاكدۇر»[4].
«(ئى مۇھەممەد!) ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چېكىدىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار، دېگىن»[5].
ئاللاھ تائالا خىرىستىيانلارنىڭ دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «تەركىدۇنيالىقنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلىۋالدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى»[6]. «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئالىملىرىنى، راھىبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغانىدى»[7].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار. شەكسىزكى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ھالاك قىلدى»[8].
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەر ھالاك بولدى». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان[9].
«سىلەرگە چىڭىتىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا چىڭىتىۋالماڭلار. چۈنكى بىر قەۋم ئۆزلىرى چىڭىتىۋالغانلىقتىن ئاللاھ ئۇلارغا چىڭىتىپ قويدى، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلاردىكى قالدۇقلىرىدۇر. ‹تەركىدۇنيالىقنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلىۋالدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى›»[10].
«شەكسىزكى، دىن ئاساندۇر، كىمكى دىننى چىڭىتىۋالىدىكەن، دىن ئۇنى يېڭىدۇ، ئوتتۇرھال بولۇڭلار، يېقىنلاشتۇرۇڭلار، بېشارەت ھاسىل قىلىڭلار، ئەتىگەن - ئاخشام ۋە كېچىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى بىلەن ياردەم تىلەڭلار»[11].
ئىككىنچى ئاساس: سەل قاراش
لۇغەت ئالىملىرى ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەر قانداق بىر مەجبۇرىيەتنى جايىدا ئادا قىلماسلىقنى سەل قاراش دەپ ئاتىغان. «لسان العرب» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى «تفريط» دېگەن سۆزنى «تضييع»، يەنى زايە قىلىۋېتىش دەپ شەرھلىگەن. شەرىئەت ئالىملىرى دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى جايىدا ئادا قىلماسلىق، تائەت - ئىبادەتلەرنى زايە قىلىۋېتىش، شەرىئەت ئۆلچىمىگە يەتكۈزەلمەسلىك قاتارلىقلارنى «تفريط»، يەنى سەل قاراش دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئۇلار بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئىبادەت ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەل قاراش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئەمما ئويغاق تۇرۇپ ئىبادەت ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش سەل قارىغانلىق بولىدۇ، دەپ قارىغان ۋە بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇخلاپ قېلىش سەل قارىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، ھەقىقىي سەل قاراش دېگەن ئويغاق تۇرۇپ، بىر نامازنى يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە كېچىكتۈرۈشتۇر»[12] دېگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلغان.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە مۇسۇلمانلارنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغاندەك، سەل قاراشتىنمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئوتتۇرھاللىققا تەشەببۇس قىلىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوتتۇرھاللىقتىن چەتنەش بولۇپ، شەخس ۋە جەمئىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان، شەيتاننى سۆيۈندۈرىدىغان، ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە دۇچار قىلىدىغان ناچار ئىللەتلەردۇر.
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدە، ئىبادەت، ئەدەپ - ئەخلاق ۋە مۇئامىلە ساھەلىرىگە ئوخشاش تىجارەت ۋە خىراجەت ساھەلىرىدىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاش ئەيىبلەپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. «قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن) قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇۋەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن»[13].
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلانغاندەك، سەل قاراشتىنمۇ ساقلىنىپ، ھەر ئىشتا ئوتتۇرھاللىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان جامائەت بولۇپ، ئۇلار بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا جامائەتلەردىن پەرقلىنىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى زامانىمىزدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، سەل قاراش ئىللەتلىرى بىلەن پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، بۇ ئالاھىدىلىكنى يوقاتماقتا. بۆلۈنگەنلىكى، ئىختىلاپلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەت ۋە شەپقەتلەرنىڭ ئورنىنى بىر - بىرىگە بولغان غەزەپ - نەپرەتلەر ئىگىلىمەكتە. نەتىجىدە دۈشمەنلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، بىر - بىرىنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىغا تىل ئۇزىتىشنى، ھەتتا قېنىنى تۆكۈشنى ھالال سانايدىغان يەرگە بېرىپ يەتتى. مىللەت سەگەكلىك بىلەن بۇ ئىللەتلىرىنى تونۇپ، ھەر ئىشتا قۇرئان كەرىم تەشەببۇس قىلغان ئوتتۇرھاللىققا قايتمىغۇچە، يوقاتقان بىرلىكىنى، ئىناق - ئىتتىپاقلىنى، كۈچ - قۇۋۋىتىنى ۋە ئىززەت - شەرىپىنى ھەرگىز قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ. «ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ - قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ»[14].
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنىڭ كەم - زىيادە قىلىنماسلىقىنى، بەزىلىرىگە ئەمەل قىلىنىپ، يەنە بەزىلىرىنىڭ تەرك ئېتىلمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. تەرك ئېتىش كۆپىنچە سەل قاراشتىن كېلىدۇ. سەل قارىغان ئىنسان چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئىنسانغا ئوخشاشلا توغرا يولدىن تېيىپ كەتكەن بولىدۇ. «ئى مۇئمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر. سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) ئاللاھ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[15].
ئىمام ئەۋزائىي، ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «شەيتان ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى - پەرمان ۋە چەكلىمىلىرىگە قارشى تۇرۇشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراشتىن ئىبارەت ئىككى قورالنىڭ بىرىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتەلىسە شۇنى قىلىدۇ. ۋاھالەنكى ئاللاھنىڭ دىنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن سەل قاراشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى».
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ياخشى ئىش قىلدىم دەپ ئويلاپ، چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەر بىلەن، مەجبۇرىيەتلەرنى جايىدا ئادا قىلىشقا سەل قارىغۇچىلاردىن ئىبارەت ھەر ئىككى تىپنىڭ توغرا يولدىن يىراقلاشقۇچىلار ئىكەنلىكىنى، چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەر زىيان تارتقاندەك، سەل قارىغۇچىلارمۇ چوڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. «سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر»[16].
ئۈچىنچى ئاساس: توغرا يول
توغرا يول دېگەن سۆز «الصراط المستقيم» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولۇپ، بىز ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەستىن ۋە ئۇنىڭدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەستىن، ئىسلام تەشەببۇس قىلغان ئوتتۇرھاللىقنى توغرا چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. «الصراط المستقيم» نىڭ ئەسلى تۈز، توغرا ۋە داغدام يول بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىگىسىنى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدىغان گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئىشلىتىلىدۇ. «الصراط المستقيم» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىفلەردە كۆپ ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، تەپسىرشۇناسلار بۇ سۆز ئۈستىدە كۆپلەپ ئىزدەنگەندىن كېيىن، بۇ سۆزدىن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف، ئىسلام دىنى، ئاللاھقا توغرا تەرىقىدە ئىبادەت قىلىش، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن سەل قاراشتىن خالىي ئوتتۇرھاللىق قاتارلىقلار بىر قانچە خىل كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە توغرا كۆزقاراشلاردۇر. چۈنكى بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى «الصراط المستقيم» يەنى توغرا يولنىڭ يېتەكچىلىرىدۇر.
قۇرئان كەرىمدىكى «الصراط المستقيم» دېگەن سۆزنىڭ ئالدى - كەينىدىكى جۈملىلەر، شۇنىڭدەك چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سەل قاراش ئىللەتلىرىدىن چەكلەپ كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر «الصراط المستقيم» دېگەن سۆزدىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن سەل قاراشتىن خالىي ئوتتۇرھاللىق مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ. سۈرە فاتىھەنىڭ بۇ ئايەتلىرىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)»[17].
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە توغرا يولنىڭ دىندا سەل قاراپ ئۆزىنىڭ غەزىپىگە يولۇققانلار بىلەن، دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ ھەقتىن ئازغانلارنىڭ يولى ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ، راستچىللارنىڭ، شېھىتلەرنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن.
«قۇرئان كەرىمدە تەشەببۇس قىلىنغان ئوتتۇرا ھاللىق» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور ئەلى مۇھەممەد سەللابىي مۇنداق يازىدۇ: يۇقىرىدىكىلەردىن «الصراط المستقيم»نىڭ مەنىسىنىڭ ئوتتۇرھاللىققا دالالەت قىلىدىغانلىقى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. ئوتتۇرھاللىقتا تېپىلىدىغان ياخشى ۋە ئوتتۇرھال دېگەن مەنىلەر «الصراط المستقيم»نىڭ مەنىسىدىمۇ تېپىلىدۇ. سۈرە فاتىھەدە ئاللاھ تائالا بىزگە تەلىم بېرىپ: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى. ئاندىن ئۇ يولنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ: «سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)» دېدى. ئاندىن ئۇنى تېخىمۇ ئىزاھلاپ: «غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس» دېگەن جۈملىنى كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا «الصراط المستقيم» نىڭ ئۆزى ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە سالىھلارنىڭ يولىدىن ئىبارەت ياخشىلارنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولدى. ئۇ يول بولسا ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققانلار بىلەن ئازغانلارنىڭ يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولدۇر.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاللاھ تائالا سۈرە بەقەرەدە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»[18]. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇلاپلا: «شۇنىڭدەك كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇرھال (يەنى ياخشى) ئۈممەت قىلدۇق»[19] دېدى. تەپسىرشۇناسلار بۇ ئايەتتىكى «وكذلك» دېگەن سۆزدىكى «ك» ھەرپى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ ھەرپنىڭ ئىككى جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىنى باغلاش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى يەنى ئۇلارنى ئوتتۇرھال ئۈممەت قىلغانلىقى بىلەن ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىنى باغلاش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى[20].
ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ يەنە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەرگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىلىم ۋە ئىبادەتكە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈش، ھەق ۋە ئادالەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش، ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، بۆلۈنۈش ۋە تەپرىقچىلىقتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، ئىنشائاللاھ بۇ ھەقتە كېيىن سانلاردا توختىلىمىز.



