قۇربانلىق قىلىش ساداقەت ۋە سەمىمىيەتنىڭ نىشانىسى

قۇربانلىق قىلىش ساداقەت ۋە سەمىمىيەتنىڭ نىشانىسى
بسم الله الرحمن الرحيم
إنَّ الْحَمْدَ لِلهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوذُ بِاللهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا، مَنْ يَهْدِهِ اللهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلاَ هَادِىَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ.
أوصيكم عباد الله، ونفسي أولاً بتقوى الله،
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ﴾
أَمَّا بَعْدُ: فَإِنَّ خَيْرَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللهِ، وَخَيْرَ الْهَدْيِ هَدْيُ مُحَمَّدٍ صلى الله عليه وآله وسلم، وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا، وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ، وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ، وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار.
بىزنى بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرگە ساق-سالامەت يەتكۈزگەن رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سانسىز دۇرۇد سالام يوللايمىز.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاشكارا- مەخپى بارلىق ئەھۋاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە پەزلى كەرىمى بىلەن ئىسلامدا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە پەزىلەتلىك كۈنلەر بولغان قۇربان ھېيت ئايىمىگە يېقىنلاشتۇق. ئىسلامنىڭ شىئارى، بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ نىشانىسى بولغان قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدا بىر نەچچە كۈن قالدى. ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئالدىمىزدىكى جۈمە كۈنى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى بولىدۇ.
قۇربانلىق قىلىش – بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا بولغان ۋە دىنىمىزدا بەلگۈلەنگەن مىقداردا ئىقتىساتقا ئىگە بولغان ئەر-ئايال ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَٱنْحَرْ﴾ «سەن رەببىڭ (نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش) ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن.» - (سۈرە كەۋسەر، 2 - ئايەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇربان ھېيت كۈنى قىلىنىدىغان ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى قان ئېقىتىشتۇر (يەنى قۇربانلىق قىلىشتۇر)». (ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى).
قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن يارايدىغان ماللار قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىدۇر. قوي بىلەن ئۆچكە بىر كىشى ئۈچۈن بولىدۇ. كالا بىلەن تۆگە يەتتە كىشى ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. بۇنىڭ شەرتى يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئورتاق بولۇشى كېرەك. بىر كىشىنىڭ نىيىتى قۇربانلىق قىلىش بولماي قالسا، دۇرۇست بولمايدۇ. ئائىلە باشلىقى بولغان كىشىنىڭ قىلغان قۇربانلىقى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
قۇربانلىق قىلىش بىر مالنى كېسىش ۋە ئۇنىڭ گۆشىدىن پايدىلىنىشتىنلا ئىبارەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنە ۋە ھېكمەتلىرى بار.
قۇربانلىق قىلىش - ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن سانسىز نېمەتلىرىگە شۈكرىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.
قۇربانلىق قىلىش – ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ بارلىق مۇھەببەتتىن ئۈستۈن بولغانلىقىنىڭ ئېلانىدۇر.
قۇرنلىق قىلىش – ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلمايدىغانلىقىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر.
قۇربانلىق قىلىش - تەقۋادارلىقتۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى پەرمانلىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن تەسلىم بولۇشتۇر.
قۇربانلىق قىلىش – نەپسىمىزنى بېخىللىقتىن، دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق لەززىتىگە بېرىلىپ كېتىشتىن ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا توسالغۇ بولىدىغان گۇناھلاردىن يىراق بولۇشتۇر.
قىسقىسى قۇربانلىق قىلىش – مېلىمىزنى، جېنىمىزنى ۋە ئىلكىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھنىڭ يولىدا چىن كۆڭلىمىزدىن پىدا قىلالايدىغانلىقىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر.
قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر يەرگە كېلىپ، خۇشاللىقىمىزنى ئورتاقلىشىشتۇر. رەھىم-شەپقەت ۋە مۇھەببەتنى ئۆيىمىزدىن باشلاپ، مەھەللىمىزگە، شەھىرىمىزگە ۋە پۈتكۈل دۇنياغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشتۇر.
قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش – يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇن، ئىگە-چاقىسىز يوقسۇللارنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرۈشتۇر. پېقىر، مۇھتاجلارنىڭ ئۆيلىرىگە خۇشاللىق ۋە مۇھەببەت كىرگۈزۈش، ئۇلارنى خۇشال قىلىش ئارقىلىق خۇشال بولۇش ۋە خۇشاللىقتىن ھەممە بىردەك بەھرىمەن بولۇشتۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ئىبادەتلەر ئاللاھ بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ پۇلىنى يوقسۇللارغا ياكى خەيرىيەت جەمئىيەتلىرىگە بېرىش قۇربانلىق قىلغانلىق بولمايدۇ. قۇربانلىق ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كېسىلىشى لازىم. ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى كېسىلگەن مال قۇربانلىق بولمايدۇ.
ئەسلىدە ھەر كىشى تۇرغان يېرىدە ئۆزىنىڭ قۇربانلىق مېلىنى ئۆزى كېسىشى لازىم. ئۆزى كېسەلمىسە كېسەلەيدىغان كىشىگە كەستۈرۈشى جائىزدۇر. لېكىن قۇربانلىقنى كېسىپ بەرگەننىڭ ھەققىگە قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىدىن بەرسە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەققىگە پۇل يا باشقا نەرسە بېرىش كېرەك. شۇنىڭدەك ئۆز يۇرتىدا ياكى باشقا يۇرتلاردا ۋەكالەت ئارقىلىق قۇربانلىق قىلدۇرسا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار!
ھازىر بىز تۇرۇۋاتقان زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى تەڭداشسىز ئۇلۇغ كۈنلەر بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «كۈنلەرنىڭ ئىچىدە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدەك ئەمەل–ئىبادەت ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ھېچبىر كۈن يوقتۇر» دېگەندە، ساھابىلەر «ئۇنىڭغا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ ئۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟» دەپ سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋا بېرىپ: «بۇ كۈننىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ يەتمەيدۇ، پەقەت ئۆز جېنىنى ۋە مېلىنى ئاتاپ جىھادقا چىقىپ قايتمىغان ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن.
بۇ كۈنلەردە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى: روزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىش، كۆپ ناماز ئوقۇش، كۆپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش، كۆپ سەدىقە بېرىش ۋە ئىنسانلارغا، شۇنداقلا بارلىق مەخلۇقاتقا ياخشىلىق قىلىشتۇر.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ھەج، قۇربانلىق، تەكبىر، تەھلىل قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم ئىبادەتلەر توپلانغان كۈنلەردۇر. شۇڭا، بۇ كۈنلەرنى غەنىيمەت بىلىپ، بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر قىلىدىغان ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا موھتاجمىز. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ۋەتەنسىزلىك دەردى سەۋەبلىك پەرىشان بولۇۋاتقان كۆڭلىمىزگە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇشقا تىرىشىش ئەۋزەل تەسەللىدۇر.
ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە ئەرەفات كۈنى بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ئەڭ شەرەپلىكى ئەرەفات كۈنىدۇر. ئەرەفات كۈنىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھقا زىكىرـ تەسبىھلەرنى كۆپ ئېيتىش ۋە كۆپلەپ دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇش كۈنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشى دۇئا ئەرەفات كۈنى قىلىنغان دۇئادۇر. مەن ۋە مېنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقان زىكىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى: )لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ: لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ(‹ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر› دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىدۇر».
ئەرەفاتتا بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ناھايىتى كاتتا ساۋابلىق ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سورالغىنىدا، «بۇ كۈندە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كېلىدىغان يىلدىكى گۇناھلىرىنى ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن.
ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنى تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن.
أَلاَ إِنَّ أَحْسَنَ الْكَلاَمِ وَ أَبْلَغَ النِّظاَمِ • كَلاَمُ الله ِالْمَلِكِ الْعَزِيزِ الْعَلاَّمِ. كَماَ قَالَ الله ُتَباَرَكَ وَ تَعاَلَى فِي الْكَلاَمِ • وَ إِذاَ قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَ أَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ • أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ ... بِسْمِ اللهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ... إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ الله ِاْلإِسْلاَمُ ... صَدَقَ الله ُالْعَظِيمُ
وقال عليه الصلاة والسلام: "التائب من الذنب كمن لا ذنب له" أستغفر الله العظيم وأتوب إليه، وأسال الله لي ولكم التوفيق
ئىككىنچى خۇتبە
اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ حَمْدَ الْكَامِلِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى رَسُولِنَا مُحَمَّدٍنِ اْلْأَمِينِ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَأَصْحَابِهِ أَجْمَعِينَ تَعْظِيمًا لِنَبِيِّهِ وَتَكْرِيمًا لِفَخَامَةِ شَانِ شَرَفِ صَفِيِّهِ
فَقَالَ عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَائِلٍ مُخْبِرًا وَ اٰمِرًا ﴿اِنَّ اللّٰهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا اَيُّهَا الَّذِينَ اٰمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾
اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلٰى اِبْرَاهِيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اَللّٰهُمَّ بَارِكْ عَلٰى مُحَمَّدٍ وَعَلٰى اٰلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلٰى اِبْرَاهيمَ وَعَلٰى اٰلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزنى بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۆزلىرىگە لايىق تائەت-ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىۋېىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسىلا. قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسىلا. بىزنى قۇربان ھېيتنى ساق-سالامەت، خۇشال-خورام ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسىلا
بىزنى دىنىمىزغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغان، گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەردىن قىلسىلا. بىزنى ھالال يول بىلەن تۇرمۇشىمىزنى قامدىغىلى نېسىپ قىلسىلا. يامان ئىشلاردىن، ناچار قىلىقلاردىن ۋە ھەر تۈرلۈك گۇناھلاردىن ساقلىسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بۇ دۇنيادىن ئۆتۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋم-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، جايىنى جەننەتتە قىلسىلا. ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بالاچاقىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق، ھىدايەت، شەرمى ھايا ۋە گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلسىلا. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم خەلقىمىزنى زالىم خىتايلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزسىلا. ۋەتىنىمىزنى ئازات قىلىپ، سىلىنىڭ سۆزلىرىنى ئۈستۈن قىلىش، دىنلىرىنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن، بىزگە ياردەم، نۈسرەت ئاتا قىلسىلا. ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسىلا، كۇپرىنى ۋە كاپىرلارنى خار قىلسىلا، زالىملارنى ھالاك قىلسىلا. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقازسىلا. ئامىين يا رەببەلئالەمىين.
اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ اَلْأَحْيَاءِ مِنْهُمْ وَالْأمْوَاتِ بِرَحْمَتِكَ يَا أَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ وَالْحَمْدُ للّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
اِنَّ اللّٰهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْاِحْسَانِ وَاِيتَائِ ذِي الْقُرْبٰى وَيَنْهٰى عَنِ الْفَحْشٓاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ



