ئىسلام دىنىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىتىقادىنى بۇزۇش ۋە ئېڭىدە تەشۋىش پەيدا قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلارغا قارىتا، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ چاقىرىقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىشنۇرى تۈركەل «دۇنيادىكى تەسىرى كۈچلۈك 100 شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى
نۇرى تۈركەل «دۇنيادىكى تەسىرى كۈچلۈك 100 شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى
«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى 22-سېنتەبىر 2020-يىللىق «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» نى ئېلان قىلدى. ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
بۇ يىللىق «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» تىزىملىكىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكادىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوۋ بايدىن، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ بار ئىكەن.
«دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىكى ھېسسىياتىم ناھايىتى مۇرەككەپ. خەلقىمنىڭ ئازابلىق، ئېچىنىشلىق ھاياتىنى ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىپ، ‹يۈز تەسىرى زور شەخس› ئىنىڭ بىرى بولۇپتىمەن. ئەگەر ۋەتېنىم تىنچ-ئامان بولغان بولسا، خەلقىم ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشىيالىغان بولسا، ماڭا بۇ ئاتاقنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق ئىدى.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق تاللىنىش پەقەت نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شەرىپى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ خەلقئارادا سالاھىيەت قازىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ باش بېتىدە «‹دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس› نى قانداق تاللايمىز» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ تىزىملىكتە دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە يەرلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەر، سەنئەتچىلەر ۋە تەنھەرىكەتچىلەر، ئالىملار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان شەخسلەرمۇ بار. ئۇلار ھەر خىل ئۇسۇلدا دۇنيادىكى كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغانلار، يېڭى رېكوردلارنى ياراتقانلار، قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلەردۇر. يەنى ئۇلار ئىزدىگۈچىلەر، ئۆزگىرىشتىن ۋە ئۆزگەرتىشتىن قورقمايدىغانلاردۇر.»
«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى «‹دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس› نى قانداق تاللايمىز» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تىزىملىكتىكى ھەر يىلى تاللاپ چىقىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر بىرى دۇنياغا ئۆزىگە خاس بىر دەرس بېرىدۇ. بىزنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما ئۇلار كۆرسەتكەن تەسىر بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.»
«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تۇنجى قېتىم 1923-يىلى 3-مارت نيۇ-يورك شەھىرىدە نەشر قىلىنغان. 2004-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى شۇ يىللىق «دۇنيادىكى تەسرى كۈچلۈك 100 شەخس» نى باھالاپ چىقىپ، ئېلان قىلىشقا باشلىغان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ تىزىملىككە كىرگەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ ھېسىابلىنىدىكەن.
http://turkistantimes.com/uy/news-13589.html
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقى
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلىمالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تىلى، ئۈمىدى ۋە يېتەكچىسىدۇر. ئۆلىمالار بىرلىكى مىللىتىمىزگە توغرا يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، خاتا ئېقىملاردىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىشخىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باش
داۋامى ئۇچۇن چىقىشئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش2018-يىلى 10-ئاينىڭ 08 - كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئ
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىر
داۋامى ئۇچۇن چىقىش2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىن
داۋامى ئۇچۇن چىقىشياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىش2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشق
داۋامى ئۇچۇن چىقىشھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان
داۋامى ئۇچۇن چىقىش. ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتىنى تۈرك دىن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز ئارسلان تاشقىن قزغىن قارشى ئالدى.
داۋامى ئۇچۇن چىقىشدوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مە
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھارماس قوغدىغۇچىسى، ئۆمرىنى جىھاد مەيدانلىرىدا، سىياسەت سەھنىلىرىدە، قىلىچى بىلەن، قەلىمى بىلەن، تىلى بىلەن، چىن دىلى بىل
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن
داۋامى ئۇچۇن چىقىشتىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنى
داۋامى ئۇچۇن چىقىشتۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ناھايىتى قېيىن بىر باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
داۋامى ئۇچۇن چىقىشدۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىس
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ دوكتۇر ئابدۇلۋارىس خوتەن، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ھارۇن قايانىي زىيار
داۋامى ئۇچۇن چىقىششەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىنى تىزدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تە
داۋامى ئۇچۇن چىقىش