ماقالىلار

قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى ھەققىدە

2024-09-02
A-
A+

قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى ھەققىدە

ئۇبۇلقاسىم ئەھمەدى

قۇرئان كەرىم «ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدىغان؛ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان»، بالاغىتى (ئىستىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىكى)، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى بايانلىرى بىلەن ئىنسانلارنى ئاجىز قالدۇرغان مۆجىزىلىك كىتابتۇر.

   ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردىكى نۇرغۇن مۆجىزىلەر نامايەن بولۇشقا باشلىدى.

   قۇرئان كەرىمنىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتىكى مۆجىزىلىرى دۇنياغا دوئېل ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن كىشىلەر ئەرەب تىلىنى بىلمىگەنلىكتىن قۇرئان كەرىمنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى مۆجىزىلىرىدىن مەھرۇم قالدى.

   قۇرئان كەرىمنىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتىكى مۆجىزىلىرىدىن باشقا مۆجىزىلەرنىڭ لۇغەتشۇناسلىق ئىلمىنى تەلەپ قىلمايدىغان بولۇشى بىلەن بىرگە، ئەقىل، پىكىر ۋە رېئاللىققا ئويغۇن بولغانلىقى يۈزىسىدىن بولسا كېرەك، نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بۇ ساھەدە كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز. چۈنكى، قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى ھازىرقى دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە قىممەت-قاراشلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

   ئىلىم ۋە ئىلمىيلىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئاقىل ۋە سەركە ئىنسانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۆجىزىلىك ھەقىقەتلەرنى تونۇپ يېتىش ئارقىلىق ئىمان ئېيتىشى، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى ئاسانغا توختايدۇ. دەرۋەقە، ئالىملارنىڭ قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى ھەققىدە ئىلمىي ئىزدىنىشلەرنى، تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىلمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەنگە، ئىلمىيلىككە يۈزلىنىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىدۇر.

   بۇ نۇقتىدا ئىلىم-پەننى قۇرئان كەرىم سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچى، مۆجىزىلىرىنىڭ ئىسپاتلىغۇچىسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ ھەقتە تەتقىقات ئىلىپ بېرىشىمىز، خەلقنى ئۇ تەرەپكە يېتەكلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر. قۇرئان كەرىم داۋاملىق تۈردە كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە مائارىپ سەۋىيەسىگە مۇناسىپ خىتاب قىلدى ۋە كائىناتتىكى قۇدرىتىنىڭ ئاجائىباتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايەن قىلىپ بەردى ۋە ئىنسانلارنى ئاسمان-زېمىن ۋە پۈتۈن كائىناتنىڭ يارىتىلىشىغا نەزەر سېلىشقا تەشەببۇس قىلدى.

   سەۋىيەسىگە كۆرە خىتاب قىلىش قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەقىل ئىگىلىرى بۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇش ئېھتىياجىنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن تېپىشقا ھەر ۋاقىت مۇۋەپپەق بولالايدۇ.

   ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغانسېرى يېڭى سىرلار، يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

   بۇنىڭ ئۆزىلا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنىڭ روشەن دەلىلى بولۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ بۇ كىتابنىڭ ئوخشىشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس.

   قۇرئان كەرىم گېئولوگىيە، ئاسترونومىيە ۋە ياكى باشقا پەن-تېخنىكا كىتابى بولۇپ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېتەكچى، دەستۇر ۋە نىزام سۈپىتىدە نازىل بولدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر}. (بەقەرە سۈرىسى 2-ئايەت).

   قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىك كىتاب بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ نەزىرىنى ئىلىم-مەرىپەت ۋە پەن-تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىشكە قارىتىپ، كائىناتنىڭ نۇرغۇن سىرلىرى ئۈستىدە توختالدى.

   بۇنىڭغا ئاساسەن، قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى ئۈستىدە توختالغان ۋاقتىمىزدا، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، ئازغۇنلىقتىن ھىدايەتكە چىقىرىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

   قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ئاساسلىق ۋەزىپىسىدىن چەتنىتىپ، ئۇنىڭغا يات بولغان مەزمۇنلارغا مەجبۇرى قارىتىشىمىز توغرا بولمىغىنىدەك، قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىشكە تۈرتكە بولىدىغان زامانىۋىي ئىلىملەر ئوتتۇرىغا قويغان بەزى ئىلمىي يەكۈنلەرنى تۈپتىن ئىنكار قىلىپ، تار ۋە چولتا چۈشەنچىلىرىمىز ئۈستىدە قېتىۋېلىشىمىزمۇ توغرا بولمايدۇ.

   بۇ نۇقتىدا ئۆلىمالارنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىشقا بولىدۇ:

   بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئۆلىمالار ئۆزلىرىنىڭ تار، چولتا ۋە كونىچە چۈشەنچىلىرىگە ئېسىلىۋېلىپ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى باش تارتىشقا بولمايدىغان، ھەقىقەت ئىكەنلىكى ناھايىتى روشەن بولغان يېڭى دەۋرنىڭ ئىلىمىي يەكۈنلىرى ئارقىلىق ئىزاھلاشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

   ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىچە بولغاندا، ئىلىم بىلەن دىننىڭ ئارىسىدا ناھايىتى زور بوشلۇق ھاسىل بولىدۇ-دە، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   مۇسۇلمانلار شەرئىي دەلىللەر ئارقىلىق ئىزچىل تۈردە بارلىق ئىلمىي ھەقىقەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىشقا چاقىرىلدى. ئىسلام دىنى ئىلىم-مەرىپەت دىنى بولۇپ، ئۇ تەبىئەت ۋە كائىناتتىكى ئىلمىي نەتىجىلەرگە ھېچقاچان زىت كەلمىدى ۋە كەلمەيدۇ.

   ئىككىنچى خىلدىكى ئۆلىمالار بىرىنچى خىلدىكىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ، يېڭى دەۋر ئىلمىي نەتىجىلىرىگە قارىغۇلارچە چوقۇنىدۇ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ سۆز، بەدىئىيلىك ۋە باشقا تەرەپلىرىگە پۈتۈنلەي كۆز يۇمۇپ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى يېڭى دەۋر ئىلمىي نەتىجىلىرى بىلەن تەپسىر قىلىشقا بېرىلىپ كېتىدۇ.

   «ئىلمىي» دېيىلىۋاتقان يەكۈنلەر بەزىدە خاتا چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. شۇڭا بۇ خىلدىكىلەرنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنىمۇ بىرىنچى خىلدىكىلەرنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنىدىن قېلىشمايدۇ.

   ئۈچىنچى خىلدىكىلەر ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇپ ماڭىدىغان كۆپ سانلىق ئۆلىمالار بولۇپ، ئۇلار قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىشتا ھەر ئىككى تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. دىن بىلەن ئىلىم ئوتتۇرىسىدا زىتلىق پەيدا بولۇشىغا ئورۇن قالدۇرمايدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىپ، ئۇنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىچىپ بېرىشكە خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

   ھەدىس شەرىپتە «ھېكمەت مۇئمىنلەرنىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى بولۇپ، ئۇنى قەيەردە ئۇچراتسا ئېلىشقا ئۇ ئەڭ ھەقلىقتۇر» دېيىلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرى ئىلگىرىكىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ھەر دەۋر ئىنسانلىرىغا ئومۇمىيدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى دەۋر ئىنسانلىرىنىڭمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، يېڭى-يېڭى بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئۇنى تىلشۇناسلىق ئىلىملىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرالمىسا، يېڭى دەۋرنىڭ ئىلمىي يەكۈنلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ، ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىشى لازىم.

   قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرىنى ئىلگىرىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسىگە كۆرە قانداق بايقىغان بولسا، ھازىرقىلارمۇ مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرىنى بايقاشقا تىرىشماقتا. ئەلۋەتتە، كېيىنكىلەرنىڭمۇ بۇ يولدىكى خىزمەتلىرى داۋاملىشىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ مۆجىزىلەرنى بايقاش مېتودى بىزنىڭ مېتودىمىزغا ئوخشامدۇ ياكى پەرقلىق بولامدۇ، بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس.

   بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ غەيبىي ۋە ئىلمىي تەرەپلىرىدە مۆجىزىلەر بايقىلىۋاتقاندەك، ھەر بىر ئايەتنىڭ سۆز تەركىبىدە بولسۇن، مەنىسىدە بولسۇن، چوقۇم ئۆزگىچە مۆجىزىلەر بار.

ئۆلىمالار قۇرئان كەرىم مۆجىزىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن قىممەتلىك كىتابلارنى يازدى. گەرچە قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ۋاقىتتا كۆرىنەرلىك بولغان تەرىپى بايان يەنى خىتاب مۆجىزىسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىز بۇ ھەقتە مۆجىزىنىڭ سۆز ۋە ئىستېمال مەنىلىرى بىلەن تونۇشۇپ بولغاندىن كېيىن توختىلىمىز.

بىرىنچى: ئىجاز ۋە مۆجىزىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

‹ئىجاز› ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۆلىمالارنىڭ ئىستېمالىدا، ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان، ئادەتتىن تاشقىرى ۋە دوئېل ئېلان قىلىش كۈچىگە ئىگە نەرسە مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم مۆجىزىسى دېگەندە، ئىنسانلار ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن مۆجىزىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارغا ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ دوئېل ئېلان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ:

1-قۇرئان كەرىمنىڭ تولۇق ئوخشىشىنى كەلتۈرۈپ بېقىش بىلەن دوئېل ئېلان قىلىش باسقۇچى:

{(ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ»}. (ئىسرا سۈرىسى 88-ئايەت).

2-قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىش بىلەن دوئېل ئېلان قىلىش باسقۇچى:

{ئۇلار قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرىنى ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار»}. (ھۇد سۈرىسى 13-ئايەت).

3-قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرە بولسىمۇ كەلتۈرۈپ بېقىش بىلەن دوئېل ئېلان قىلىش باسقۇچى:

{ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار»}. (يۇنۇس سۈرىسى 38-ئايەت).

{ئەگەر بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنگەن بولساڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا) ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار}. (بەقەرە سۈرىسى 23-ئايەت).

ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلدى؛ ئاخىرى ھەقىقەتكە باش ئېگىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان مۇقەددەس كىتاب، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىسلام دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىردى.

ئىككىنچى: قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرىنىڭ تۈرلىرى.

قۇرئان كەرىم ئىلىملىرىگە دائىر كىتابلاردا، قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى تۈرلىرى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ:

1-سۆز جەھەتتىكى مۆجىزىسى:

ئەرەبلەرنى قارشىلىشىشتىن ئاجىز قالدۇرغان قۇرئان كەرىم مەتىن (تېكست) ۋە ھەرپ، تەركىپ ۋە ئۇسلۇب جەھەتلەردە ئۇلارنىڭ سۆز قانۇنىيەتلىرىدىن چىقىپ كەتمىدى. لېكىن ھەرپلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئىبارىلىرىنىڭ گۈزەللىكى، ئۇسلۇبلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئايەتلىرىنىڭ موڭلۇق ۋە زىللىقى، جۈملە بايانلىرىدا ھالەتنىڭ تەززاسىغا رىئايە قىلىنىشى... يەنە ساناپ تۈگەتكۈسىز نۇرغۇن تەرەپلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ سۆز قابىلىيىتى ئاجىز كېلىدىغان ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەرەب تىلشۇناسلىرى بۇ نۇقتىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ قۇرەيشلەرنىڭ تىلىدا نازىل بولغانلىقىنى، قۇرەيشلەرنىڭ پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى، لېكىن قۇرئان كەرىمنىڭ بالاغەت ۋە پاساھەت جەھەتتە قۇرەيشلەرنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان كىتاب ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن قۇرەيشلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈپ بېقىش بىلەن دوئېل ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.

2-قانۇنچىلىق جەھەتتىكى مۆجىزىسى:

ئىنسانىيەت تارىختىن بىرى شەخسنىڭ بەخت-سائادىتىنى نىشان قىلغان ئەڭ گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش يولىدا تۈرلۈك نەزەرىيىلەر، نىزاملار، قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈش قائىدىلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتتى. كۆپلىگەن پەيلاسوپلار مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا دائىر نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ قالدۇردى. لېكىن، ئۇ نەزەرىيىلەرنىڭ ھېچبىرى قانۇنچىلىق مۆجىزىسىدە قۇرئان كەرىم يەتكەن يۈكسەك پەللىگە يېتەلمىدى.

قۇرئان كەرىم ھەممىدىن ئاۋۋال شەخسنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى:

- تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن شەخسنىڭ ۋىجدانىنى ئازات قىلدى. {(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ -ئاللاھ بىردۇر}. (ئىخلاس سۈرىسى 1-ئايەت).

- شەخسنى ناماز، زاكات، روزا، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى.

- شەخسنى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىش، مەردلىك، سېخىلىق، سەۋرچانلىق، راستچىللىق قاتارلىقلارغا ئوخشىغان گۈزەل ئەخلاققا چاقىردى.

- شەخسنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈردى. {ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر}. (مۇددەسسىر سۈرىسى 38-ئايەت. {كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسىمۇ) ئۆزىگىدۇر}. (بەقەرە سۈرىسى 286-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

قۇرئان كەرىم ئىككىنچى قەدەمدە ئائىلە قۇرۇش تەربىيىسىگە ئۆتتى. چۈنكى، ئائىلە جەمئىيەتنىڭ يادروسىدۇر. قۇرئان كەرىم نىكاھلىنىپ، ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ئائىلە رىشتىنى پاك مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، بىر-بىرىنى چۈشۈنۈش، بىر-بىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئەرنىڭ ئەرلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە، ئايالنىڭ ئاياللىق خۇسۇسىيەتلىرىگە رىئايە قىلىش ئاساسىدا تۇرغۇزدى.

قۇرئان كەرىم: {ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن} دېيىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ قانداق يول تۇتۇپ مېڭىشى كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى:

{ئى مۇئمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر}. (نىسا سۈرىسى 135-ئايەت).

ئىسلامدا قانۇن چىقىرىش ئىنسانلارنىڭ نەپسى خاھىشى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يەنى قورئان كەرىم، ھەدىس شەرىپ ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان دىن، جان، ئابرۇيى، مال-مۈلۈك ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت بەش نەرسىنى قوغداشنى مۇقەررەرلەشتۈردى.

قۇرئان كەرىم يەنە ئۇرۇش قىلىش، تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش دېگەندەك ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئىلغار مۇناسىۋەت شەكىللىرىدۇر.

قۇرئان كەرىم مانا مۇشۇنداق قانۇن-تۈزۈملىرى ئارقىلىق ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان؛ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىدىغان؛ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراملىق بىر ئۈممەتنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

{(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر}. (ئال ئىمران سۈرىسى 110-ئايەت).

3-غەيبىي جەھەتتىكى مۆجىزىسى:

قۇرئان كەرىم رىملىقلار مەغلۇپ بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارسلارنى يېڭىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، دەرۋەقە، قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغىنىدەك، رىملىقلار بىر قانچە يىلدىن كېيىنلا پارىسلارنى يەڭدى.

{رىملىقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ}. (رۇم سۈرىسى 2-4 ئايەتلەر).

4-ئىلمىي جەھەتتىكى مۆجىزىسى:

قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىرى يۇقىرىدىكىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، زاماننىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بىر قاتار مۇجىزىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زامانىمىزدىكى ‹ئىلمىي مۆجىزىلەر› دېيىلىۋاتقان مۇجىزىلەر ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىلمىي مۆجىزە ماھىيەتتە غەيبىي مۆجىزە دائىرىسىگە كېرىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىلمىي مۆجىزىلىرى يېڭى دەۋرنىڭ مەھسۇلىمۇ؟

قۇرئان كەرىم ئىلمىي مۆجىزىلىرى بەزىلەر ئويلىغاندەك، يېڭى دەۋر ئىلمىي كەشپىياتلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۆلىمالار بۇلاردىن خەۋەرسىزمىدى؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئېنىقكى: ياق! ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم ئۈستىدە ئازراق پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى، بۇنى ياخشى چۈشىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم تۇنجى نازىل بولغان ئايىتىدىلا ئىلىمگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى، ۋە ئىلىم ئىگىلەشكە بۇيرىدى، ئۆلىمالارنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى، دەپ جاكارلىدى.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلىم ئىگىلەش توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرى شەرىئەت ئىلىملىرىنىلا ئەمەس، بەلكى، ئىلىم – پەننىڭ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنى ئاسمان - زېمىنلارنىڭ يارىتىلىشىغا نەزەر سېلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ياراتقۇچىسىنى تونۇش ئۈچۈن، ئىلىم – پەنگە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرى كائىناتقا نەزەر سېلىشقا ۋە كائىنات ئىلىملىرىنى تولۇق ئۈگۈنىشكە تەرغىپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ كائىنات ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشىنى ئىرادە قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا ھەرگىز تەرغىپ قىلمىغان بولاتتى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى كائىنات ئىلىملىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن؛ قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى بىلەن ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئىلمىي قانۇنىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار كائىنات ئىلىملىرىدە بىز بۈگۈن ئېرىشكەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەنىدى. يېڭى دەۋرنىڭ ئىلمىي كەشپىياتلىرى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئىشارەت قىلغان، بىز ئىلگىرى بىلەلمىگەن نۇرغۇن ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئېچىپ بەرمەكتە.

   ھازىرقى دەۋر ئىنسانلىرى ئىلمىي كەشپىياتلارنىڭ نەتىجىسىدە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن سىر ۋە مۆجىزىلىرىنى تونۇپ يەتكەنلىكتىن بۇ ساھەگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

قۇرئان كەرىم ئەينى دەۋردىكى ئىنسانلار بىلمىگەن خەۋەرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان

قۇرئان كەرىم شۇ دەۋر ئىنسانلىرى بىلىدىغان ئىلىملەر ئۈستىدىلا توختالمىدى، بەلكى شۇ دەۋر ئىنسانلىرى بىلمىگەن ئىلملەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا غەيبىي شەكلىدە ئىمان ئېيتقانىدى، يېڭى دەۋر ئىلمىي كەشپىياتلىرى مەيدانغا كېلىپ، قۇرئان كەرىم بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىلىملارنىڭ قۇرئان كەرىم خەۋەر بەرگەندەكلا ھەق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنساننىڭ سۆزى بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ۋاھالەنكى، قۇرئان كەرىم نازىل بولغان دەۋردىكى ئىنسانلار بۇ ئىلمىي ھەقىقەتلەردىن ھېچنەرسىنى بىلمەيتتى.

ئۇنداقىكەن قۇرئان كەرىمدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە شەيئىلەرنى بىلگۈچى، ئىنسان ۋە ماددا، كائىنات ۋە ھاياتلىقنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكى مۇقەررەردۇر.

ھازىر ئىلىم-پەن تەرەققى قىلىپ، ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتتى، ئىلگىرىكى ئىنسانلار ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن نەزەرىيىلەرنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى. دىن دۈشمەنلىرى بۇ ئىلىملەرنىڭ قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭمۇ خاتا چىقىشىنى ئىسپاتلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ئەكسىچە، قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىملەرنىڭ ھەق ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

ئەگەر قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ سۆزى بولغان بولسا، بۈگۈنكى تەرەققى قىلغان ئىلىم-پەنلەر ئۇنىڭ سۆزلىكلىرىدىن، خەۋەرلىرىدىن، ئىلمىي ئىشارەتلىرىدىن ۋە قانۇنىيەتلىرىدىن نۇرغۇن خاتالىقلارنى تاپقان بولاتتى.

مەلۇم بىر پەندە ساۋاتسىز ياكى ئىلمى چولتا ئىنسان شۇ پەن ھەققىدە سۆز قىلسا ئۇنىڭ كۆپلىگەن خاتالىقلارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇقەررەر!

ئۇنىڭ مىسالى ناھايىتى كۆپ. تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن پەلسەپە ئالىملىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نەزىرىيىلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا.

بىز ئۇلارنىڭ ئىلىم ۋە پەلسەپەلىرىگە تىل ئۇزاتماقچى ئەمەسمىز، لېكىن ئىنسان ھەر قانچە ئەقىللىق، ئىلىمدە يېتىشكەن بولسىمۇ، ئۆزى ئىگىلىگەن پەندىن باشقا بىر پەن ھەققىدە سۆزلىسە، چوقۇم خاتا سۆزلەپ سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمىز.

ئۇنداقتا ھەر خىل پەنلەر ھەققىدە سۆز قىلغان ساۋاتسىز بىر ئىنساننىڭ كۆپلىگەن سۆزلىرىنىڭ بىر - بىرىگە زىت كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كۆپلىگەن خاتالىقلارنىڭ سادىر بولىشى تېخىمۇ ئېنىق!

يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، ئىلىم-پەن شۇنچە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچ قانداق بىر ئىنسان قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىملەر ھەققىدە بىرەرمۇ زىتلىقنى تاپالمىدى، بەلكى ئاخىرقى نەتىجىدە ئىلىم-پەن قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى تەستىقلىدى ۋە ئۇنىڭغا باش ئەگدى.

ئۇنداقتا قۇرئان كەرىمنىڭ بىلىملىك ياكى بىلىمسىز بىر ئىنساننىڭ سۆزى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكى مۇقەررەردۇر!

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرى ۋە ھازىر ئىمان ئېيتقان نۇرغۇنلىغان ئالىملار بولۇپمۇ بىر زامانلاردا دەھرىلىككە، خوداسىزلىققا چاقىرغان فىزىكا، خېمىيە ۋە ئاستورۇنۇمىيە ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا بىردىن-بىر تۈرتكە بولغان نەرسىنىڭ دەل قۇرئان كەرىم ئىلمىي مۆجزىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

*****