ماقالىلار

پاتىھە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

2024-11-15
A-
A+

پاتىھە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى

(سۈرە پاتىھە مەككىدە نازىل بولغان، يەتتە ئايەتتۇر)

دوكتور ۋەھبە زۇھەيلى

تەرجىمە قىلغۇچى: نىزامىددىن تەمكىينى

 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ﴿١﴾ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ ﴿٢﴾ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ﴿٣﴾ مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ ﴿٤﴾ إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ ﴿٥﴾ اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ ﴿٦﴾ صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ ﴿٧﴾

 

1- ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

2- بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

3- ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىباندۇر.

4- قىيامەت كۈنىنىڭ ساھىبىدۇر

5- پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.

6- بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن.

7- غەزەبكە ئۇچرىغانلار ۋە يولدىن ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىسلام بىلەن نېمەتلەندۇرگەن كىشىلەرنىڭ يولىغا يېتەكلىگىن.

 

پاتىھە سۈرىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي مەزمۇنلار:

بۇ سۈرە قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىنى، دىننىڭ ئۇسۇل ۋە شاخچىلىرىنى، ئەقىدە ۋە ئىبادەت، قانۇن-تۇزۇم، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ۋە ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، ياردەم سوراش، ئىبادەت ۋە دۇئادا ئاللاھنى يەككە-يىگانە بىلىش، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن چەتنىگەن كىشىلەرنىڭ يولىدىن يىراق قىلىپ، ھەق دىن ۋە ساغلام يولغا يېتەكلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يوليورۇقتۇر.

 

بۇ سۈرىنىڭ ئىسىملىرى:

قۇرتۇبى بۇ سۈرىنىڭ ئون ئىككى تۈرلۈك ئىسمى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئىسىملاردىن بىرى "ئەسسالات" (ناماز) دۇر. بۇ ئىسمنىڭ بېرىلىش سەۋەبى: «مەن نامازنى ئۆزەم بىلەن بەندەم ئوتتۇرىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم» دېگەن ھەدىس قۇدسىيدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

يەنە بىر ئىسمى "ئەلھەمدۇ" دۇر. چۈنكى بۇ سۈرىدە "ئەلھەمدۇ" سۆزى تىلغا ئېلىنغاندۇر.

يەنە بىر ئىسمى "فاتىھەتۇل كىتاب"دۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ياكى يېزىش بولسۇن بۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ ۋە نامازمۇ مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار بۇ سۈرىنى «ئۇممۇل كىتاب» ۋە «ئۇممۇل قۇرئان» دەپ قارايدۇ. (بۇ سۆزلەر كىتابنىڭ ئانىسى ۋە قۇرئاننىڭ ئانىسى دېگەن بولىدۇ.)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئۈممۇل قۇرئان، ئۇممۇل كىتاب ۋە ئەسسەبئۇل مەسانىدۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

يەنە بىر ئىسمى «ئەل-مەسانى» دۇر. چۈنكى بۇ سۈرە ھەر بىر رەكئەتتە تەكرارلىنىدۇ.

يەنە "قۇرئان ئەزىم" مۇ دېيىلىدۇ. چۈنكى فاتىھە سۈرىسىدە قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن ئىلىملىرى ۋە ئاساسى مەقسەتلىرى مۇجەسسەملەشكەندۇر.

يەنە بىر ئىسمى "ئەششىفا" دۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «فاتىھەتۇل كىتاب ھەرقانداق زەھەرگە قارشى شىفادۇر.» [بۇ ھەدىسنى ئالبانى "زەئىپ جامىئۇل سەغىر" ناملىق ئەسىرىنىڭ 3951-نومۇرلۇق ھەدىسىدە زەئىپ دېگەن].

يەنە بىر ئىسمى "ئەررۇقىيە" دۇر. فاتىھە سۈرىسى بىلەن قەبىلە باشلىقىغا رۇقىيە قىلغان (يەنى دەم سىلىپ داۋالىغان) كىشىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ سۈرىنىڭ رۇقىيەلىكىنى نەدىن بىلدىڭ؟» دېگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىبنى ئابباسنىڭ: «... كىتابلارنىڭ ئاساسى قۇرئان، قۇرئاننىڭ ئاساسى فاتىھە، فاتىھەنىڭ ئاساسى بولسا بىسمىللاھىررەھمانىررەھىمدۇر» دېگەن سۆزىگە قارىغاندا "ئەلئاساس" مۇ بۇ سۈرىنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر.

يەنە بىر ئىسمى "ئەلۋافىيە" دۇر. چۈنكى فاتىھە سۈرىسى ئىككىگە بۆلۈنمەيدۇ. بىر كىشىنىڭ فاتىھەنى ئىككى رەكئەتلىك نامازدا يېرىمىدىن بۆلۈپ ئوقۇشى جائىز ئەمەس.

يەنە بىر ئىسمى "ئەل-كافىيە" فاتىھە سۈرىسى باشقىسىنىڭ ئورنىنى بېسىپ، باشقىسى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمىغىنى ئۈچۈن "ئەلكافىيە" دەپ ئاتالغان.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئىسىملىرىدۇر. بۇ ئىسىملەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرراقى "ئەلفاتىھە"، "ئۇممۇل كىتاب" ۋە "ئەسسەبئۇل مەسانى" دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر.

سۈرە دېگىنىمىز: ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپراق ئايەتتىن تەركىب تاپقان ۋە سابىت رىۋايەت يولى بىلەن ئىسمى بىلىنگەن، قۇرئان كەرىمنىڭ بىر بۆلۈمىنىڭ ئىسمىدىن ئىبارەتتۇر.

 

سۈرىنىڭ پەزىلىتى:

بۇ سۈرىنىڭ پەزىلىتى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن مەشھۇردۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تەۋراتتىمۇ ئىنجىلدىمۇ ئۇممۇل قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلغان ئەمەس. ئۇ، ئەسسەبئۇل مەسانىدۇر. ئىززەتلىك ۋە شانۇ-شەۋكەتلىك ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا: "بۇ سۈرە مەن بىلەن بەندەم ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنگەندۇر، بەندەمگە سورىغىنى بېرىلىدۇ" دەيدۇ.» [ئەھمەد ۋە نەسائى رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ سەئىد ئىبنى مۇئەللاغا سۈرە پاتىھەنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ بۈيۈك سۈرىلىرىدىن بولغان بىر سۈرىنى ئۆگىتىمەن. بۇ ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىلئالەمىن سۈرىسىدۇر. ئەسسەبئۇلمەسانى (يەنى ھەمدۇ-سەنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكرارلىنىدىغان يەتتە ئايەتلىك سۈرە) دۇر. ماڭا بېرىلگەن قۇرئان كەرىممۇ شۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

بۇ ئىككى ھەدىس شەرىپ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ سَبۡعا مِّنَ ٱلۡمَثَانِي وَٱلۡقُرۡءَانَ ٱلۡعَظِيمَ  تەرجىمىسى: «قەسەم بولسۇنكى بىز ساڭا تەكرارلانغان يەتتە (ئايەتلىك سۈرە) نى ۋە شۇ قۇرئان ئەزىمنى بەردۇق» [سۈرە ھىجر87- ئايەت] دېگەن ئايىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ.

 

ئامىن:

ئامىن كەلىمىسى بولسا دۇئادۇر. (يەنى بىزدىن ئىبادىتىمىزنى قوبۇل قىل، دۇئايىمىزنى قوبۇل ئەيلە، دېمەكتۇر.) بۇ سۆز قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىن ئەمەستۇر. بۇ سۆز بىزدىن بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامغىلا بېرىلگەن. فاتىھەنىڭ ئاخىرىدا "ئامىن" سۆزىنى دېيىش سۈننەتتۇر. «ۋەلادداللىين» دەپ جىم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئامىن دېيىش، بۇ سۆزنىڭ قۇرئاندىن ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىش ئۈچۈندۇر.

فاتىھەدىن كېيىن "ئامىن" دېيىشنىڭ دەلىلى بولسا، ئىمام مالىك ۋە باشقا ئىماملار رىۋايەت قىلغان ھەدىسدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئامىن دېگەندە سىلەرمۇ ئامىن دەڭلار. كىمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆتكەن (كىچىك) گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

 

ئامىننى ئۈنلۈك ياكى ئىچىدە دېيىش ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ كۆز قاراشلىرى:

ئۆلىمالار بۇ ھەقتە ئىككى خىل كۆز قاراشتا بولۇپ، ھەنەفى ۋە مالىكى مەزھەب ساھىبلىرى: پاتىھەنىڭ دۇئالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامىننى مەخپى دېيىش ئۈنلۈك دېيىشتىن ئەۋزەل دەپ قارايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ٱدۡعُواْ رَبَّكُمۡ تَضَرُّعا وَخُفۡيَةًۚ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارغا يالۋۇرۇپ ۋە مەخپى دۇئا قىلىڭلار» [سۈرە ئەئراف 55-ئايەت].

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام نامازدا تۆۋەندىكىدەك تۆت سۆزنى: "ئىستىئازە"(ئەئۇزۇبىللاھى مىنەش شەيتانىر رەجىم) ۋە "بىسمىللاھ"، "ئامىن" ۋە "تەھمىد" (رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) سۆزلىرىنى مەخپى ئېيتىدۇ». يۇقىرىقىدىكى دەلىللەر ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىنىڭ شەرئىي دەلىلىدىن ئىبارەتتۇر.

شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەب ساھىبلىرى: قۇرئان ئىچىدە تىلاۋەت قىلىنىدىغان نامازلاردا "ئامىن"نى مەخپى دېيىش، قۇرئان ئۈنلۈك تىلاۋەت قىلىنىدىغان نامازلاردا ئۈنلۈك دېيىش كېرەك. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشى ئىمامنىڭ "ئامىن" دېيىشى بىلەن بىللە "ئامىن" دەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئىمام "ئامىن" دېسە سىلەرمۇ "ئامىن" دەڭلەر.» دېگەن سۆزىدۇر.

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: "غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلادداللىن"نى تىلاۋەت قىلغاندا، ئالدىنقى سەپتىكىلەر ئاڭلىغىدەك ئاۋازدا "ئامىن"نى  ئۈنلۈك دەيتتى.» [ئەبۇ داۋۇت ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

ۋائىل ئىبنى ھەجەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلادداللىن»نى ئوقۇغاندا، ئاۋازىنى سوزۇپ "ئامىن" دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم»، دەيدۇ. [ئىمام ئەھمەد،  تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].

 

سۈرىنىڭ تەپسىرى:

ئاللاھ تائالا بىزگە ھەربىر ئىش - ھەرىكەت ۋە سۆزلىرىمىزنى "بىسمىللاھ" بىلەن باشلاشنى كۆرسەتتى. ھەرقانداق ئىشنىڭ روياپقا چىقىشىنىڭ كاپالىتى، ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئىسمى بىلەن ياردەم تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەمدۇ-ساناغا ھەقلىق بولغان، يەككە-يېگانە زات ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان ئېھسان ۋە چەكسىز نېمەتلىرىگە قانداق رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمىزنى تەلىم بەردى. بارلىق مەدھىيىلەر پەقەت ئۇنىڭغا خاستۇر، چۈنكى ئۇ پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، ئالەملەرنىڭ ۋە بارلىق مەۋجۇداتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنى ياراتتى ۋە تەربىيەت قىلدى، بارلىق ئىشلىرىغا دائىمى رەھمەت ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەھمىيەت بەردى، بەندىلەر ئوتتۇرىسىدا مۇتلەق ئادالەتنى بەرپا قىلىپ، ئىتائەت قىلغان كىشىگە ساۋابىنى، گەدەنكەشلىك قىلغان كىشىگە جازاسىنى بېرىش ئۈچۈن، جازا ۋە ھېساب كۈنىنى بېكىتتى. بۇ سۈپەتلەر بولسا، بىز ئىبادەت ۋە دۇئالىرىمىزنى يەككە-يىگانە ئاللاھقا خالىس قىلىشىمىزنى، ئۇنىڭ ئەمرىگە تولۇق بويسۇنىشىمىز، ئۇنىڭ غەيرىدىن ياردەم تەلەپ قىلماسلىقىمىز، ئۇنىڭدىن باشقىغا تەۋەككۇل قىلماسلىقىمىز، ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلىرىمىزنى بارلىق تەزىم ۋە رەھمەتكە ھەقلىق بولغان، مەنپەئەت ۋە زىياننى ئىدارە قىلغۇچى يەككە-يىگانە ئاللاھقىلا قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.

گاھىدا ئىنسان نەپسىدىن شەيتانىي غەرەز غالىپ كېلىپ ئەقىل ۋە قەلبنى ھەقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىنساننى شەيتانىي ھەۋەس ۋە ئازغۇنلۇقلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ساقلاپ قالالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، جانابى ھەق بىزلەرگە ھىدايەتنى ۋە تەۋپىقنى قانداق تەلەپ قىلىشىمىزنى، تاكى ھەق ۋە ئادالەت پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرغانغا قەدەر، توغرا ۋە نىجاتلىق يولىنى لازىم تۇتۇشىمىز كېرەكلىكىنى، بۇ يول بولسا، ئەزەلدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە، راستچىللار ۋە سالىھ كىشىلەرگە نېمەت ۋە ئېھسان قىلىپ بەرگەن ئىسلام يولىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۆز نەپسىنى سورىغان ۋە قانداق بولۇشى لازىملىقىنى بىلگەن، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئەقلىنى ئىشقا سالغۇچى بەندىنىڭ شەنىدۇر. ئىسلامنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ شەرىئەتتىن يۈز ئۆرىگەن ياكى شەيتانىي ھەۋەسكە بېرىلگەن، جاھىللىق ۋە ئازغۇنلۇق يولىغا ئەگەشكەن كاپىر، مۇناپىق ۋە ئازغۇنلارنىڭ بۇ نېمەتتىن ھېچ نەسىبىسى يوقتۇر. ئىلاھىي غەزەپكە ھەقلىق بولغان، توغرا يولدىن ئېزىپ ئىسلامىي ئەقىدە ۋە ھىدايەت يولىدىن يىراقلاشقانلار نەقەدەر كۆپتۇر-ھە!.

 پەرۋەردىگارىم، ھىدايەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى بىزگە نېسىپ قىلغىن! بىزنىڭ ھەمدۇ-سانا ۋە  دۇئالىرىمىزنى ھەرۋاقىت قوبۇل قىلغىن! بىزلەرنى شەيتانىي ھاۋايى-ھەۋەس ۋە ئازغۇنلۇقتىن ساقلىغىن!.

يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: بىرىنچىسى ھىدايەت تاپقانلار، يەنە بىرى زالالەتتە قالغانلار. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ بەخت -سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، بەش تۈرلۈك ھىدايەت يولىنى مەرھەمەت قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1- تەبىئىي ئىلھام ھىدايىتى: پەرزەنت تۇغۇلغاندىن تارتىپلا يېمەك-ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجىنى ھېس قىلىدۇ ۋە بۇ تۇيغۇسىنى ئاتا-ئانا ئۇنىڭدىن غاپىل قالغان تەقدىردىمۇ  يېغلاپ ياكى پەرياد قىلىپ ئىپادىلەيدۇ.

2- ھېس-تۇيغۇ ھىدايىتى: بۇ تۈر ئالدىنقى ھىدايەتنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. ئىنسان ۋە ھايۋان، يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ھىدايەتتە ئوخشاشتۇر. بەلكى دەسلەپتە بۇ ئىككى تۈرلۈك ھىدايەت ئىنسانغا قارىغاندا ھايۋاندا مۇكەممەلراقتۇر. چۈنكى ھايۋاندا بۇ تۈرلۈك ئىلھام تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئوتمەيلا تولۇق شەكىللەنسە، ئىنساندا تەدرىجى ھالدا مۇكەممەللىشىدۇ.

3- ئەقلىي ھىدايەت: بۇ تۈر ئالدىنقى ئىككى ھىدايەتتىن تېخىمۇ ئۈستۈندۈر. ئىنسان تەبىئىتى باشقا ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشاشنى تەقەززا قىلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىجتىمائىي ھايات ئۈچۈن تاشقى تۇيغۇلار يېتەرلىك ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھاياتىدا ھېسسىي ئەزالارنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، شەيتانىي ھەۋەسنىڭ ئازدۇرۇشىدىن، خاتالىق ۋە زالالەتتىن ساقلىنىشىدا تۇرتكىلىك رول ئوينايدىغان ساغلام بىر ئەقىلگە ئىگە بولىشى زۆرۈردۇر.

4- دىنىي ھىدايەت: بۇ تۈردىكى ھىدايەت بولسا، ئازمايدىغان ۋە خاتالاشمايدىغان مەنبەدۇر. ئەقىل گاھىدا خاتالىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان خاتالاشقاندا توغرا يولغا باشلايدىغان، شەيتانىي ھەۋايى-ھەۋەسنىڭ تەسىرىگە ئۈچرىمايدىغان كۈچلۈك ۋە كەسكىن يېتەكچىگە ئېھتىياجىلقتۇر. بۇ نۇقتىدا دىنىي ھىدايەت، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن، ئىنسانىيەتنى ساغلام پرىنسىپقا يىتەكلەشتە يېتەرلىكدۇر.

بۇ ھىدايەت بولسا، ئىنسان ھەرۋاقىت ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئىلىشتا قوللىنىدىغان، يامانلىقتىن ساقلىنىشتا تايىنىدىغان، ئىنساننىڭ ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ نىجاتلىققا ئېرىشىشىگە، پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ يۈكسەك ئىلاھىي ھاكىمىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى چەك-چىگرالارنى بىلدۇرۇشكە كېپىللىك قىلىدىغان ئىشەنچىلىك مۇھاپىزەتچىدۇر. ئىنسان ئۆزىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتقان، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھېسابسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، يۈكسەك ھاكىمىيەت ساھىبىغا قەتئى ئېھتىياجىلىق ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھىدايەت يولى، بەخت - سائادەتنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئىنسان ئەڭ كۆپ مۇھتاچ بولغان ھەقىقەتتۇر.

قۇرئان كەرىمدە بۇ خىل ھىدايەتلەرگە كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئىشارەت قىلىنىدۇ: ﴿وَهَدَيۡنَٰهُ ٱلنَّجۡدَيۡنِ «بىز ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟»[1] يەنى بىز ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ، بەخت-سائادەت ۋە بەخىتسىزلىكنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتتۇق.

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيۡنَٰهُمۡ فَٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡعَمَىٰ عَلَى ٱلۡهُدَىٰ «سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق ۋە گۇمراھلىقنى ئارتۇق بىلدى.»[2] يەنى بىز ئۇلارغا ياخشىلىق ۋە يامانلىق يولىنى كۆرسەتكەن بولساقمۇ، ئۇلار يامانلىق يولىنى تاللىدى.

5- ياخشىلىق ۋە نىجاتلىق يولىدا مېڭىش ئۈچۈن ئىلاھىي ياردەم ۋە تەۋپىق ھىدايىتى: بۇ "دىنى ھىدايەت" تىنمۇ گۆزەل ۋە خاسلىققا ئىگە بىر ھىدايەتتۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى داۋاملىق بۇ تۈردىكى ھىدايەتنى تىلەشكە بۇيرۇپ: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېگەن ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىش نەتىجىسىدە ھەرۋاقىت تەلەپ قىلىشىمىزنى بۇيرۇغان بىر ھىدايەتتۇر. يەنى بىزنى توغرا يولغا شۇنداق باشلىغىنكى، بۇنىڭ بىلەن بىللە سېنىڭ تەرىپىڭدىن بىزنى ھەقتىن ئېزىپ كېتىش ۋە خاتالىشىشتىن ساقلايدىغان غەيبى بىر ياردەمنى بىزگە ھەمراھ قىلىپ بەرگىن. بۇ تۈردىكى ھىدايەت ئاللاھ تائالانىڭ قولىدىدۇر. مەخلۇقاتلاردىن ھېچبىر كىشىگە بۇ سالاھىيەت بېرىلمىگەن. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ باشقىلارنى ھىدايەت قىلىشقا ساھىپ ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّكَ لَا تَهۡدِي مَنۡ أَحۡبَبۡتَ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ «شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.»[3]

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّيۡسَ عَلَيۡكَ هُدَىٰهُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يَشَآءُۗ «ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ.»[4]

ئاللاھ تائالا بۇ خىل ھىدايەتنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا خاس ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۖ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ «ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن.»[5]

ئەمما ياخشىلىق ۋە ھەقىقەتكە يىتەكلەش مەنىسىگە دالالەت قىلىدىغان ھىدايەتكە كەلسەك، بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئائىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيم «شەك - شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن.»[6]

 

خۇلاسە: ھىدايەت، قۇرئان كەرىمدە ئىككى تۈرلۈكتۇر:

1-ئومۇمىيي ھىدايەت: بۇ تۈردىكى ھىدايەتتىن، بەندىنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق مەنپەئەتلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇ بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان تۆت خىل ھىدايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2-خاس ھىدايەت: "ياخشىلىق ۋە نىجاتلىق يولىدا مېڭىش ئۈچۈن ئىلاھىي ياردەم ۋە تەۋپىق ھىدايىتى" دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بەشىنچى تۈردىكى ئاللاھ ئۆزىگە خاسلاشتۇرغان ھىدايەت تۈرىدۇر.

زالالەت تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1- بۇنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتتىن يىراقلاشقاندىن ئىبارەتتۇر. مىسالغا ئالساق: سىز بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويغاندا، ما نەرسىنى يوقىتىپ قويدۇم ياكى ئۇ نەرسە ئېزىپ قالدى، دەيسىز. بۇ ئىككىلى تۈردىكى ئازغۇنلۇقنىڭ نەتىجىسى غاپىللىقتىن شەكىللىنىدۇ.

2- زالالەت ئازغۇنلۇققا سەۋەب بولىدۇ. بۇ بولسا، ئىنسانغا باتىل ۋە زالالەت يوللارنىڭ چىرايلىق كۆرسىتىلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى زالالەتتە قويۇشى بولسا تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 1-ئۇنىڭغا ئازغۇن دەپ ھۆكۈم بېرىش. 2- ئۇنىڭغا زالالەتتە قېلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىش.

بىرىنچىسىنىڭ سەۋەبى ئازغۇنلۇقتۇر. (يەنى ئىنساننىڭ ئېزىپ كېتىشىدۇر). بۇنىڭغا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھەققىدە دۇنيادىلا ھۆكۈم بېرىدۇ. نەتىجىدە جەننەت يولىدىن يىراقلىشىدۇ، جەھەننەم يولىنى تۇتىدۇ. ھەق يولدىن ئازغۇچىنىڭ جەننەت يولىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، دوزاخ يولىغا يۈزلەندۇرۇلىشى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ غاپىللىقى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى سەۋەبىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى ياقىلىغان ھۆكۈمدۇر.

ئىككىنچىسىنىڭ سەۋەبى ئىنساننىڭ تاللىشىدۇر. ئىنسان زالالەت يولىنى تاللىغان ئىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى غاپىللىقتا قويىدۇ-دە، ئىتائەتسىزلىك ۋە گەدەنكەشلىكىگە پۇرسەت بېرىش بىلەن بىرگە كۇپۇر ۋە پىتنە-پاساتتا داۋام قىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنى ئىختىيار قىلغان كاپىر ۋە پاسىقلارنى ئازدۇرىغانلىقى، ئەمما مۇئمىننى ئازدۇرمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْمًا بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَ «ئاللاھ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ).»[7]

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿...فَلَن يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ، سَيَهْدِيهِمْ وَيُصْلِحُ بَالَهُمْ «...ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ[8]

كاپىر ۋە پاسىقلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا فَتَعْسًا لَّهُمْ وَأَضَلَّ أَعْمَالَهُمْ «كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ.»[9]

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا يُضِلُّ بِهِ إِلَّا الْفَاسِقِينَ«شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ.»[10]

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ الْكَافِرِينَ «ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ.»[11]

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَيُضِلُّ اللَّهُ الظَّالِمِينَ «ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ.»[12]

شۇنىڭدەك، ئىنسان قەلبىنىڭ ھەقتىن باتىلغا، باتىلدىن ھەقگە ئالماشتۇرۇلۇشى، ئىنسان قەلبىگە مۆھۈر بېسىلىشى، ئىنساندا مەنىۋى قەلب كېسەللىكىنىڭ ئېغىرلىشىشى قاتارلىقلار، مەزكۇر بەندىنىڭ زالالەت يولىنى تاللىغانلىقى سەۋەبلىك جانابى ئاللاھ ھىدايەت نۇرىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىگە كىرىشىنى چەكلىشى، ئۇنى ئازغۇنلۇقتا تاشلاپ قويىشى، ئۇ بەندە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى جازاسىدۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَنُقَلِّبُ أَفْئِدَتَهُمْ وَأَبْصَارَهُمْ «ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەقنى چۈشىنىش ۋە كۆرۈشتىن بۇرىۋېتىمىز.»[13]

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿خَتَمَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ «ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (يەنى ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ).»[14]

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا «ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى.»[15]

 

ھاياتىي قانۇن ۋە ھۆكۈملەر:

قۇرئان كەرىمدە مەنىسىز ياكى مەنپەئەتسىز، ھېكمەتسىز ياكى ھۆكۈم بىلدۇرمەيدىغان بىرمۇ ئايەت كەرىمە يوقتۇر. قۇرئان كەرىم، ئاللاھنىڭ ھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان كىتابتۇر.

قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ يۈكسەك دەستۇرىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا؛ ئاللاھ تائالا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىنسان ھاياتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، دىن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتنى مەنپەئەتكە باغلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. نەتىجىدە ئايەتلەرنىڭ مەقسەتلىرىدىن سۈزۈپ ئېلىنغان ھۆكۈملەر، ئەقىدە ۋە ئىبادەتكە ياكى ئەخلاق ۋە ھاياتقا، شەخس ۋە ئومۇمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئىجتىمائىي ئالاقىسى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقى، شۇنداقلا، ھاياتىي قانۇن-تۇزۇملەرگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ.

سۈرە فاتىھەنىڭ مەزمۇنىدىكى ھۆكۈم ۋە ئۇقۇملار، ئاللاھ بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانغا ئۆلچەملىك ئىبادەت قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ھاياتلىقتىكى ياشاش مېتۇدىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىش بىلەن بىرگە، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قايسى تۈرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى قوبۇل قىلمايدىغان، ساپلىق ۋە مۇكەممەللىكتە تاكامۇللاشتۇرۇلغان، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئادالەتلىك ھەق يولغا ئەگىشىشگە بۇيرۇيدۇ.

سۈرە پاتىھەدىكى بىسمىللاھنىڭ مەنىسى: قۇرئان كەرىمدە تەكىتلەنگەن بارلىق ھۆكۈم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ھېچكىمنىڭ ھەسسىسى يوق بەلكى بارلىق ھۆكۈملەر جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

1- ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىشنىڭ شەكلى: سۈرە پاتىھە بولسا، ناماز ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەردە ئوقۇشىمىزنى ئاللاھ بىزگە تەلىم بەرگەن، بەندە بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باغلاپ تۇرىدىغان دۇئادۇر. چۈنكى بۇ سۈرىنىڭ «بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېگەن ئايەت بىلەن باشلىنىشىدىنلا، ئاللاھ تائالا بىزنى ھەمدۇ-سانا ئېيتىشنى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىزنى بۇيرىغانلىقى، ھەمدۇ-سانانى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئېيتىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇ زاتتىن ھاجەتلىرىمىزنى قانداق سورايدىغانلىقىمىز قاتارلىقلارنى تەلىم بېرىدۇ. دۇئانى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىلەن باشلاش بولسا، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن ۋە ئەدەب-قائىدىلىرىدىن ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.

2- نامازدا فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئوقۇلۇشى: نامازدا فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئوقۇلۇشىنىڭ ۋاجىبلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆزقاراشتا:

بىرىنچى كۆزقاراش: ھەنەفىي مەزھەب ساھىبلىرىنىڭ كۆزقارىشى بولۇپ، نامازدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش ئىمامنىڭ غەيرىگە ۋاجىب ئەمەس، ئەمما يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن قۇرئاندىن قايسى ئايەتنى ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ: نامازدا ئوقۇلىدىغان ئايەت مىقدارىنى ئاز دېگەندە ئالتە ھەرپ بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: ﴿ثُمَّ نَظَرَ «ئاندىن ئۇ قارىدى.»[16]

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەبۇ يۇسۇف ۋە مۇھەممەد قاتارلىقلار، نامازدا قىرائەت قىلىنىدىغان ئايەتنىڭ مىقدارى، ئۈچ قىسقا ئايەت ياكى بىر ئۇزۇن ئايەتتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم، دەپ قارايدۇ. مەزكۇر قاراشلارنى قۇرئان-سۈننەت ۋە ئەقلىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلايدۇ.

بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدىن دەلىل: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ «قۇرئاندىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار.»[17] بۇ ئايەتتە، ئاللاھ بەندىنى نامازدا قۇرئاندىن قايسى ئايەتنى ئوقۇسا بولىدىغانلىقىغا بۇيرۇيدۇ.

سۈننەتتىن دەلىل: نامىزىنى توغرا، دۇرۇس ئوقۇمىغان كىشى توغرىسىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس شەرىپتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ ئەۋۋەل كامىل تاھارەت ئال، ئاندىن قىبلىگە يۈزكەلتۈر، تەكبىر ئېيت، ئاندىن كېيىن قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئۆزۈڭ ياد بىلىدىغاننى ئوقۇ.»[18]

ئەمما ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: «سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بولسا، پاتىھە ئوقۇغاننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشمەيدۇ دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى نامازنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئەقلىي دەلىل: ئاھاد دەرىجىسىدىكى ھەدىسگە ئەمەل قىلىشنى، قۇرئان كەرىمدە كەسكىن دەلىل بىلەن پەرزلىكى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن ھۆكۈمنىڭ ئۇستىگە قويۇش جائىز ئەمەس. لېكىن بۇ ئاھاد دەرىجىسىدىكى ھەدىسگە ئەمەل قىلىش ئۇنىڭ پەرزلىكىنى كۆرسەتمەسستىن بەلكى ۋاجىبلىقىنى بىلدۇرىدۇ. نامازدا سۈرە پاتىھەنى ئوقۇش پەرز ئەمەس ۋاجىب، يەنى پاتىھەنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ناماز مەكرۇھلۇق بىلەن ئادا تاپىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب ساھىبلىرى، ئايەت مەخپى ياكى ئۈنلۈك تىلاۋەت قىلىنىدىغان نامازلاردا، يەنى نامازنىڭ قايسى تۈرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشى مۇتلەق قۇرئان ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەن كۆزقاراشنى قۇرئان-سۈننەت ۋە قىياستىن دەلىل كەلتۇرىدۇ.

قۇرئاندىن دەلىل: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار).»[19]

يۇقىرىقى ئايەت؛ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنغاندا دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ تېڭشاشقا بۇيرۇيدۇ.

تىڭشاش، ئۈنلۈك ئوقۇلغان (جەھرى نامازغا) خاستۇر. تىلاۋەت قىلىنغاندا جىم تۇرۇش بولسا، مەخپى ۋە جەھرى نامازنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۈننەتتىن دەلىل: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا، ئىمامنىڭ قىرائىتى ئۇ كىشىنىڭ قىرائىتى ھېسابلىدۇ.»[20] بۇ ھەدىسمۇ مەخپى ۋە جەھرى نامازنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىياستىن دەلىل: ئەگەر ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشى ئۈچۈن سۈرە پاتىھە ئوقۇش ۋاجىپ بولسا ئىدى، باشقا ئەركانلارغا ئوخشاش، نامازغا كېيىن يېتىشكەن كىشى پاتىھە ئوقۇشتىن ئەپۇ قىلىنمىغان بولاتتى.

 نامازنى ئىمام بىلەن بىللە باشلىغان كىشى بىلەن كېيىن يېتىشكەن كىشىنىڭ قىرائىتىنىڭ نامازدىكى ھۆكمىگە قىياس قىلغاندا، ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش جائىز ئەمەس.

ئىككىنچى كۆزقاراش: مالىكى شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەب ساھىبلىرىنىڭ قاراشلىرى بولۇپ؛ ئىمام بولغۈچى ياكى يالغۇز ناماز ئادا قىلغۈچىنىڭ، نامازدا سۈرە پاتىھەنى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمايدىكەن ئۇنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس.»[21]

يۇقىرىقى ھەدىستىكى ئىنكار لەپزى، ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نامازدا سۈرە پاتىھە ئوقۇلمىسا نامازنىڭ ئادا تاپمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىيي چۈشەنچە بېرىدىغان بولۇپ، "سۈرە پاتىھە ئوقۇمىسا ناماز ئادا بولمايدۇ" دېيىش بولسا، ماھىيەتتە ئۇنىڭسىز نامازنىڭ ئادا تاپمايدىغانلىقىغا يېقىنراقتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سۈرە پاتىھە ئوقۇلمىغان ناماز دۇرۇس ئەمەس.»[22]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىمنى كۆرگىنىڭلەدەك، سىلەرمۇ شۇنداق ناماز ئوقۇڭلار.»[23]

قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەقتىكى ئەڭ ساغلام كۆزقاراش، ئىمام شاپىئىي، ئەھمەد ۋە مالىكى قاتارلىقلارنىڭ كۆزقارىشى بولۇپ، ئومۇمىيي جەھەتتىن ھەركىشى ئۈچۈن ھەر رەكئەتتە فاتىھە ئوقۇش كېرەك دېگەن قاراشتۇر.

شاپىئى مەزھەب قارىشىدا: نامازدا سۈرە پاتىھەنى ھەربىر رەكئەتتە ئوقۇش، پەرز ياكى نەپلە، مەخپى ياكى جەھرى ئوقۇلىدىغان ناماز بولسۇن، ئىمام بولغۈچى، جامائەت بىلەن ياكى يالغۇز ناماز ئوغۇچى كىشى ئۈچۈن بولسۇن، ئوخشاشلا فاتىھەنىڭ ئوقۇلىشى مۇئەييەنلەشتۇرىلىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى: «كىمىكى نامازدا سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمايدىكەن نامىزى ناماز ئەمەس.»[24]

يەنە بىر ھەدىستە: «بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغا ئىمام بولۇش جەريانىدا، تىلاۋەت قىلىش بىراز ئېغىر كەلدى. رەسۇلۇللاھ نامازنى تاماملىغاندىن كېيىن: مەن سىلەرنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ قۇرئان ئوقۇۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۈۋاتىمەن؟ دېۋىدى، ئۇلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز شۇنداق قىلدۇق، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سۈرە پاتىھەدىن باشقىنى ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇماڭلار، چۈنكى كىمىكى نامازدا سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمايدىكەن نامىزى ناماز ئەمەس.»[25]

يۇقىرىقى ھەدىس بولسا، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ قىرائىتى توغرىسىدا مەخسۇس بايان قىلىنغان ئوچۇق دەلىلدۇر. نامازدا سۈرە فاتىھەنىڭ ئوقۇلۇشى قۇرئان كەرىمنى جىم تۇرۇپ ئاڭلاش ئەمرىنى بەرگەن قۇرئان كەرىم دەلىلىدىن مۇستەسنادۇر.

مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەب كۆزقارىشىدا: ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشى ئايەت ئۇنلۇك تىلاۋەت قىلىنىدىغان نامازلاردا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇمايدۇ، ئەمما ئايەت ئۇنلۇك تىلاۋەت قىلىنمايدىغان نامازلاردا فاتىھەنى ئوقۇشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى ئايەتتىكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندا سۇكۇتتا تۇرۇپ ئاڭلاش ئەمرى بولسا، ئايەت ئاۋازلىق تىلاۋەت قىلىنىدىغان نامازلارغا خاستۇر. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرائەت ئۇنلۇك تىلاۋەت قىلىنغان بىر نامازنى تاماملىغاندىن كېيىن، «سىلەردىن بىرەر كىشى ئايەت ئوقۇدىمۇ؟» دەپ سورىدى. بىر كىشى: ھەئە، ئى رەسۇلۇللاھ! دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن نامازدا قۇرئان ئوقۇغىنىمدا، جىم تۇرۇلسۇن» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە نامازغا تۇرغاندا، تىلاۋەت ئۇنلۇك ئوقۇلىدىغان نامازلاردا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ تىلاۋەت قىلىشتىن چەكلەندى.»[26]

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس؛ ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ، ئايەت ئۇنلۇك تىلاۋەت قىلىنىدىغان نامازلاردا قۇرئان ئوقۇشىنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە. ئەمما تىلاۋەت ئىچىدە ئوقۇلىدىغان نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ مۇستەھەبلىكى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن قىرائىتىمنى مەخپى ئوقۇغاندا، سىلەر قۇرئان ئوقۇڭلار.» دېگەن ھەدىسىدۇر.[27]

 

سۈرە فاتىھەنىڭ مەنىلىرىنى ئىسىگە ئېلىش:

ناماز ئوقۇغۇچى نامىزى ئەسناسىدا ئاللاھنىڭ پۈتۈن نەرسىلەردىن قۇدرەتلىك، كۈچلۈك ۋە بۈيۈكلىكىنى، بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا خاس ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن ئالەملەرنى ياراتقۇچى ۋە بارلىق ئىشلارنى ئىدارە قىلغۇچى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى، قىيامەت كۈنى بارلىق ئىشلارنى ئۆز رەھمىتى ۋە چەكسىز كامالى قۇدرىتى بىلەن بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان مەئبۇد بەرھەق ئىكەنلىكىنى، ئىبادەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىشلاردا يەككە-يىگانە ئاللاھتىن ياردەم  سوراشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان ھالەتتە ناماز ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا مەزكۇر بەندىنى ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق يوللىرىنى بىلىپ ئەمەل قىلىشقا يىتەكلەيدۇ ۋە دۇنيا -ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدۇ.

مۇئمىن بارلىق ھاجەتلىرىنى ئاللاھتىنلا سوراشتا؛ ئاللاھ تائالا ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن شەرەپلەندۇرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغان، سالىھلار ۋە شېھىتلەر، راستچىللار ۋە پەيغەمبەرلەر ئەڭ گۈزەل ئۆرنەك بولىدۇ.

جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىكى دەۋىردە ياشىغانلار بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆزقارىىشىدا شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا مۇكەللەپ ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەتتە جازاغا تارتىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى: ﴿وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبۡعَثَ رَسُولا  «پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ، ھېچ ئادەمنى جازالىغىنىمىز يوق.»[28] [سۈرە ئىسرا 15-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

يەنە بىر تۈركۈم ئالىملار: يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا، مەزكۇر كىشىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرمەسلىككە مۇكەللەپتۇر، ئاخىرەتتە ئۆز قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئۇستىگە شەرئىي مەسئۇلىيەت يۈكلىنىش ئۈچۈن ئەقىلنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىنىدۇ. قاچانكى ئەقىل بېرىلگەنكەن، ئاسمان-زېمىندىكى مەخلۇقلارنىڭ يارىتىلىشىنى، كائىناتنى يارتقۇچى زاتنىڭ كامالى قۇدرىتىنى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئويلىنىشى، ياراتقۇچىغا قىلىنىدىغان ئىبادەت ۋە ئۇلۇغلاشتا، تەۋھىدكە يېتەكلىنىش ئۈچۈن ئەقلىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋاجىب بولىدۇ. نەتىجىدە مەزكۇر ئىشلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.

 

نامازدا قۇرئاننى ئەرەبچىدىن باشقا تىلدا تىلاۋەت قىلىش:

فىقھىشۇناس ئالىملار قۇرئان كەرىمنى ئەرەپچىدىن باشقا تىلدا تىلاۋەت قىلىشنىڭ، (قۇرئان كەرىمنى توغرا ئوقۇش ياكى ئوقۇيالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر) قۇرئان ئايەتلىرىدىن بىرەر سۆزلۈكنى ئوخشاش مەنادىكى ئەرەپچە سۆزلۈككە ئالماشتۇرۇپ ئوقۇشنىڭمۇ جائىز ئەمەسلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ قُرۡءَٰنًا عَرَبِيّا  : «قۇرئاننى ئەرەبچە نازىل قىلدۇق.»[29]

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بِلِسَانٍ عَرَبِيّ مُّبِين «قۇرئان ئوچۇق ئەرەبچە تىل بىلەن نازىل بولدى.»[30]

قۇرئان كەرىم لەپزى ۋە مەنىسى بىلەن مۆجىزىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى ئىنسانلار تەرىپىدىن بىرەر سۈرە ياكى ئايەتنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۇرەلمەسلىكىدەك مۆجىزىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئەمەستۇر.

قۇرتۇبى، ئەرەبچە ئوقۇشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى، نامازدا تىلاۋەتنىڭ ئورنىغا مۇمكىن قەدەر تەكبىر، تەھلىل، تەھمىد، تەسبىھ، تەمجىد، ياكى "لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» دېسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

 كاسانى، سۈرە پاتىھەنى ئەرەبچە ئوقۇيالمايدىغان كىشى، فاتىھەنى باشقا تىل بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

 

ناماز ئوقۇغۇچى كىشىنىڭ «ئامىن» دېيىشى:

يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ پاتىھەدىن كېيىن «ئامىن» دېيىشىدە ئىختىلاپ يوق. ئەمما ئەبۇ ھەنىفە ئىمام بولغان كىشى «ئامىن» نى مەخپى دەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىمام مالىك سۈرە پاتىھەنىڭ دۇئا ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئامىن»نى ئىچىدە دېيىشنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: جامائەت بىلەن بىرگە ناماز قىلغۇچى «ئامىن»نى ئۈنلۈك دېمەستىن بەلكى ئىمامغا ئەگىشىپلا «ئامىن» نى دەيدۇ.

شافىئي ۋە ھەنبەلى مەزھىبى ساھىبلىرى، تىلاۋەت ئۈنلۈك قىلىنىدىغان نامازلاردا ئىمام «ئامىن»نى ئۈنلۈك دەيدۇ.

ئىبنى ئەرەبى ۋە قۇرتۇبى، ئەڭ توغرىسى «ئامىن» نى ئۈنلۈك دېيىش، دەيدۇ.

ئىبنى شىھاب ئەززۇھرى مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پاتىھەدىن كېيىن «ئامىن» دەيتتى.[31]

بۇخارىدا: «مەسجىد ئىنسانلارنىڭ پاتىھەدىن كېيىن "ئامىن" دېگەن ئاۋازى بىلەن توشۇپ كېتەتتى»، دېيىلىدۇ.

ھەنەفى ۋە مالىكى مەزھەب كۆزقارىشىدا، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى «ئامىن»نى مەخپى دەيدۇ. شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىبى كۆزقارىشىدا، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچى تىلاۋەت ئۈنلۈك قىلىنغان نامازدا «ئامىن»نى ئۈنلۈك، تىلاۋەت ئىچىدە ئوقۇلىدىغان نامازدا «ئامىن»نى ئىچىدە دەيدۇ.

ۋەسەللەللاھۇممە ئەلا سەييىدىنا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالىھى ۋەسەھبىھى ئەجمەئىن.

 

 


[1] بەلەد سۈرىسى: 10- ئايەت.

[2] فۇسسىلەت سۈرىسى: 17- ئايەتنىڭ بىرقىسمى.

[3] قەسەس سۈرىسى: 56- ئايەت.

[4] بەقەرە سۈرىسى: 272- ئايەت.

[5] ئەنئەم سۈرىسى: 90- ئايەت.

[6] شۇرا سۈرىسى: 52- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[7] تەۋبە سۈرىسى: 115- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[8] مۇھەممەد سۈرىسى: 4-5- ئايەتلەر.

[9] مۇھەممەد سۈرىسى: 8- ئايەت.

[10] بەقەرە سۈرىسى: 26- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[11] غافىر سۈرىسى: 74- ئايەت.

[12] ئىبراھىم سۈرىسى: 27- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[13] ئەنئام سۈرىسى: 110- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[14] بەقەرە سۈرىسى: 7_ ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[15] بەقەرە سۈرىسى: 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[16] مۇددەسىر سۈرىسى: 21- ئايەت.

[17] مۇززەممىل سۈرىسى: 20- ئايەت.

[18] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان مۇتەۋاتىر ھەدىس.

[19] ئەئراف سۈرىسى: 204- ئايەت.

[20] بۇ ھەدىسنى ئىمام قۇرتۇبى زەئىپ دەپ باھا بەرگەن.

[21] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[22] ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنى ھىببان رىۋايىتى.

[23] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[24] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[25] ئەبۇ داۋۇت، تىرمىزى، ئەھمەد، ئىبنى ھىببان رىۋايىتى.

[26] ئەبۇ داۋۇت، تىرمىزى ۋە نەسائى رىۋايىتى.

[27] دارۇل قۇتنى ۋە تىرمىزى رىۋايىتى.

[28] ئىسرا سۈرىسى: 15- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[29] يۈسۈپ سۈرىسى: 2- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[30] شۇئەرا سۈرىسى: 195- ئايەت.

[31] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.