ماقالىلار

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت كىملەر؟

2025-01-15
A-
A+

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت كىملەر؟

 

 ئابدۇلئەھەد ھاپىز

بىزنى پۈتكۈل پەيغەمبەرنىڭ ئەۋزىلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۈممەت، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان جامائەت قىلغان رەببىمىزگە چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلىسىگە ۋە ئەسھابى كىراملىرىغا چەكسىز دۇرۇت ۋە سالام يوللايمىز. بىزنى ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە ئەھلى سۈننەت يولىدىن ئايرىۋەتمەسلىكىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمىز.

مەن مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇقۇمۇشلۇق ۋە ئۈممەتكە رەھبەر بولىدىغان زاتلارنىڭ مەلۇماتىنى يوقلىسام، كۆپ سانلىقى ئۆزىنى ئەھلى سۈننەت دەپ ئاتىسىمۇ «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت» (ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە) دېگەن كىملەر؟ ئۇلار قاچان چىققان؟ ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش مۇھىم مەلۇماتلاردىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا بىر پىكرى يوق، باشقىلار نېمە دېسە شۇنى تەقلىد قىلىپ كېتىۋېرىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت» ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ ماقالىنى يازدىم. بۇ ماقالىدا «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت» دېگەن كىملەر؟ قانداق شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىققان؟ دېگەندەك مەسىلىلەر ئومۇمىي شەكىلدە چۈشەندۈرۈلدى. ئاللاھ تائالا توغرا يولدا مېڭىشىمىزغا ۋەسىلە قىلغۇسى.

 

«سۈننەت» ۋە «جامائەت» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئېنىقلىمىسى 

ئالدى بىلەن «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت» ئاتالغۇسىدىكى «سۈننەت» ۋە «جامائەت» دېگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردىكى سۈننەتتىن يول، ئۇسلۇب، مېتود، ئەگىشىپ ماڭىدىغان يول خەرىتىسى، جەمئىيەتلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىيدىغان خۇسۇسىيەت مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ يەردىكى سۈننەتنى مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: سۈننەت بىرخىل ئەقىدە ئەتراپىغا توپلاشقان جامائەت ياكى ئۈممەتنىڭ ئېتىقاد يولىدۇر. بۇ يولدا بىرلەشكەن، ئىتتىپاقلاشقان ۋە ئوخشاش قاراشتا بولغان ئىنسانلار «جامائەت» دەپ ئاتىلىدۇ.[1] سۈننەت بۇ مەنىدە قۇرئان كەرىمدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ﴿قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ سُنَنٌ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُروا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ﴾ «سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ ئۆتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ھەقنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار.»[2] ﴿فَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا﴾ «ئاللاھنىڭ سۈننىتى (قانۇنىيىتى)دە ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.»[3] بۇ ئايىتى كەرىمىدە بايان قىلىنغان سۈننەت ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ۋە تەدبىرى ئۈچۈن بېكىتكەن قانۇن - يولىدۇر. بۇ مەنە ئىسلام ئىستىلاھىدا «ئاللاھنىڭ ئادىتى» دەپ ئىپادىلەنگەن.

دېمەك، سۈننەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۇتقان ئۇسلۇبى ۋە بۇ پەيغەمبەر ئۇسلۇبىنى بىرلىكتە تۇتۇپ ماڭغان ساھابىلەر جامائىتىنىڭ يولىدۇر. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكىتىنى بەرپا قىلغان نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدۇر. ﴿كَمَا أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولًا مِنْكُمْ يَتْلُو عَلَيْكُمْ آَيَاتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ﴾ «شۇنىڭدەك ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى گۇناھلاردىن پاكلايدىغان، سىلەرگە كىتابنى (قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.»[4] شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى بۇيرىغان: ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ وَأُو۟لِى ٱلْأَمْرِ مِنكُمْ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار...»[5]

قۇرئان كەرىم پەرز، ۋاجىپ، ھالال ۋە ھارامنى بېكىتىشتە ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە ئىتائەت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. ﴿إِنَّمَا كَانَ قَوْلَ الْمُؤْمِنِينَ إِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ أَنْ يَقُولُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ . وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَخْشَ اللَّهَ وَيَتَّقْهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ﴾ «(پەيغەمبەرنىڭ) مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەقەت: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.»[6] 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىلەرگە بۇيرۇغان ئىشلاردىن كۈچۈڭلارنىڭ يەتكىنىنى قىلىڭلار. مەن توسقان ئىشتىن قەتئىي يېنىڭلار» دېگەن.[7] 

سۈننەتنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش دىنىمىزنىڭ ئاساسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىشنى بۇيرۇغان: «ئاراڭلاردا مەندىن كېيىن ياشىغانلار كۆپلىگەن بۆلۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ. سىلەرگە مېنىڭ سۈننىتىمگە راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە (يەنى يولىغا) چىڭ ئېسىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېسىلىڭلار ۋە ئۇنى ئېغىز چىشىڭلار بىلەن چىڭ تۇتۇڭلار. يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى ھەر يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىش بىدئەتتۇر. ھەر بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.»[8] 

ئاللاھ تائالا ساھابە كىراملار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُمْ بِإِحْسَانٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ذَلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ﴾ «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتقىچە ئۇلارنىڭ يولىدىن ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر.»[9] ئاللاھ تائالانىڭ ساھابە كىراملارنى ماختاپ، ئۇلاردىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغان مۇسۇلمانلارنى ساھابە كىراملارغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىڭلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش بولۇڭلار، دەپ بۇيرۇغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتتە يەنە ساھابە كىراملارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن تابىئىنلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ماختىشىغا لايىق بولغانلىقىنى كۆرىمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «زامانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ دەۋرىم، ئۇنىڭدىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن قالسا ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ دەۋرى.»[10] ساھابە كىراملارنىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلى تەرىپىدىن ماختىلىشى ۋە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىش شەرتى بىلەن مەدھىيەگە لايىق كۆرۈلۈشى ئەگىشىش بۇيرۇلغان جامائەتنىڭ ساھابىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىدىن باشقىسى دوزاختىدۇر» دېگەن. «ئۇ پىرقە كىم؟» دەپ سورالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا بولغانلار»، يەنە بىر رىۋايەتتە «ئۇ جامائەت» دەپ جاۋاب بەردى.[11]

بۇنىڭغا ئاساسەن «جامائەت» ئۈممەتنىڭ دەسلىپىدە ساھابە كىراملار، كېيىنكى دەۋردە سالىھ ئالىملاردۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكتىن «جامائەت كىم؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر» دەپ جاۋاب بەرگەن. «ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر ئۆلۈپ كەتتى» دېگەندە، «پالانى ۋە پالانى» دېگەن. «ئۇلارمۇ ئۆلۈپ كەتتى» دېگەندە، «مانا بۇ ئەبۇ ھەمزە ئەسسەككەرىي جامائەتتۇر» دېگەن.[12] شەھرىستانى: «جامائەت بىرخىل يول ئۈستىدە ئىتتىپاقلاشقان كىشىلەر توپىدۇر» دېگەن.[13] ئىمام ئىبنى تەيمىيە: «جامائەت جۇغلاشقان دېگەنلىك بولۇپ، بۆلۈنۈشنىڭ زىتىدۇر. بۇ سۆز بىر يەرگە توپلانغان كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن.[14]

ئىسلام تارىخىدا بىرىنچى قېتىم «جامائەت» سۆزى ھەزرىتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكنى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن يىلى كەڭ قوللىنىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىلغا «سەنەتۇلجامائە (يەنى مۇسۇلمانلار بىرلەشكەن يىل)» دېيىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاق ۋە خاتىرجەم ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىنسانلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىغۇدەك ئىختىلاپ ۋە بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولغۇدەك پىكىر ئوخشاشماسلىقى يوق ئىدى. ھىجرى 35 - مىلادى 656 - يىلى ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شەھىد قىلىنىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كۆزقاراشلار ۋە مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. چۈنكى مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش ئىسلامدا چوڭ گۇناھ ۋە قىساس ئېلىنىشى لازىم ئىدى. ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆلتۈرگەن ئىسيانچىلار قىساستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى، چۈنكى قۇرئاندا ﴿وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْكَـٰفِرُونَ﴾ «كىم ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر»[15] دەپ بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتىپ، «ئوسمان ھاكىمىيەتنى قۇرئاننىڭ ھۆكمى بىلەن تۇتماي مۇرتەد بولغان، مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ، شۇڭا ئۆلتۈردۇق» دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى. بۇ ئىسيانچىلار كېيىن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىنمۇ ئەينى قارىشىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەتبىقلاپ، «سەن مۇرتەد بولدۇڭ» دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىسيانچىلار «مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسىگە قارشى چىققان» دېگەن مەنىدە «خارىجىيلەر» ۋە «خاۋارىجلار» دەپ ئاتالدى. بۇ خاۋارىجلار «مۇسۇلمان چوڭ گۇناھ قىلسا ئىماندىن چىقىپ مۇرتەد بولىدۇ، ئۇنى قايتا ئىمانغا دەۋەت قىلىش لازىم» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن ئىسلام تارىخىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىرىنچى گۇرۇھ ۋە مەزھەپ بولدى. بۇ خاۋارىجلار: «چوڭ گۇناھ ئىشلىگۈچى كاپىر بولىدۇ، ئۇنىڭ قېنى، مېلى ۋە خوتۇنى ھالال بولىدۇ (يەنى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مال - مۈلكىنى مۇسادىر قىلىپ، خوتۇنىنى دېدەك قىلىش جائىز) ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىش پەرزدۇر» دەيدۇ.[16] ئىسلام تارىخىدا بىرىنچى مەيدانغا چىققان خاۋارىجلار بۇ ئىنتايىن تار، قاتتىق ۋە ئاشقۇن ئەقىدىسى ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە چوڭ بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ پىرقىنىڭ قالدۇقلىرى كۈنىمىزگىچە كەلگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە تارقىتىش، مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقىرىش بىلەن شۇغۇللانماقتا.

كېيىنكى زاماندا ئەمەۋىي دەۋرىدە خەلىپە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى مەسئۇللار مۇسۇلمانلارغا قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىپ، زۇلۇم قىلغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىگە زىت كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئالىملارغا قارشى ھۆكۈمدارلار ئۆزلىرىنى مۇنداق مۇداپىئە قىلاتتى: «بىز ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ھاكىمىيەتكە چىقتۇق. بىز پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلارمىز. بۇ ئەزەلدە ئىنسانلارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن تەقدىرىدۇر». بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تەقدىر تالاش - تارتىشى مەيدانغا چىقتى ۋە بۇ تالاش - تارتىش نەتىجىسىدە قەدەرىيە ۋە جەبرىيە دەپ ئىككى مەزھەپ پەيدا بولدى. قەدەرىيەلەر: «تەقدىر دەيدىغان نەرسە يوق، ئىنسان قىلغان ئىشىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلىدۇ ۋە قىلغان ئىشىدىن ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ» دېسە، جەبرىيەلەر: «ئىنساننىڭ ھېچقانداق ئىرادىسى يوق، ئۇ قىلغان ئىشلىرىنى مەجبۇرىي قىلىدۇ» دەيتتى. بۇ جەبرىيە مەزھىپىنى قۇرغان ۋە ئىنساننىڭ ھۆر ئىرادىسى يوقلۇقىنى، ھەرقانداق ئىشنى مەجبۇرىي قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنىڭ جەھم ئىبنى سەفۋان ئىكەنلىكى مەنبەلەردە كەلگەن. جەھم ئىبنى سەفۋان ھىجرى 128 - يىلى (مىلادى 754 - يىلى) ئۆلتۈرۈلگەن.[17]

ئىمام ھەسەن بەسرىينىڭ تالىپلىرىدىن ۋاسىل ئىبنى ئاتا قەدەرىيەلەرنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇستازىدىن ئايرىلدى. بۇنى كۆرگەن ھەسەن بەسرى: «اعتزلنا واصل» يەنى «ۋاسىل بىزدىن ئايرىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاسىل ئىبنى ئاتانىڭ ئەقىدىسى مۇتەزىلە مەزھىپى دەپ ئاتالدى. ئۇ قەدەرىيەدىن «قەدەر يوق، ئىنسان پۈتكۈل ئىشىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلىدۇ» دېگەن قاراشنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا باشقا پىكىرلەرنى قوشۇپ بىر مەزھەپ پەيدا قىلدى.

جەبرىيە ۋە قەدەرىيە مەزھەپلىرىگە زامانداش بولۇپ مۇرجىئە مەزھىپى پەيدا بولدى. بۇ مەزھەپ ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ھېچقانداق نەرسىدىن مەسئۇل ئەمەس. كەلىمە شاھادەتنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ پەرز ۋاجىپ ئىشلارنى قىلمىسىمۇ مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرىش ھەققى بار، كاپىرغا تائەت - ئىبادەت قىلغىنىنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، مۇئمىنگىمۇ گۇناھ - مەسىيەتلەرنىڭ زىيىنى يوق، دەيدۇ.[18] چوڭ گۇناھ ئىشلىگەنلەرگە بۇ دۇنيادا ھۆكۈم چىقارماستىن ئۇنى ئاخىرەتكە قويىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇلار «مۇرجىئە (كېچىكتۈرگۈچى)» دەپ ئاتالغان.

ھەزرىتى مۇئاۋىيە ۋە ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار ئارىسىدىكى خەلىپىلىك مەسىلىسى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا سىياسىي سۈركىلىشلەر پەيدا بولدى. ئەمەۋىي ھۆكۈمدارلىرى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا دۈشمەنلىك قىلىپ، ئۇلارغا راۋا كۆرگەن زۇلۇملىرىغا قارشى ئەھلى بەيتنى (پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىنى) قوغدايمىز دېگەن باھانە بىلەن شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىغا چىقتى.

يەنە بىر تەرەپتىن يەھۇدىي، خىرىستىيان ۋە مەجۇسىيلاردىن يالغاندىن مۇسۇلمان بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ كونا دىن ۋە مەدەنىيەتلىرىدىكى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا تارقىتىپ، ئۇنىڭغا ئىسلامىي جاۋاب تەلەپ قىلىشلىرى نەتىجىسىدە ھەرخىل كۆزقاراشلار، ئوخشىمىغان پىكىرلەر، ھەربىر پىكىر ۋە كۆزقاراش تەرەپدارلىرىنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى ئاشقۇنلۇق ۋە پاسسىپلىقلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئايىغى چىقمايدىغان تالاش - تارتىشلارنىڭ ۋە بۆلۈنۈشلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولدى. ئەينى ۋاقتىدىكى ئىسلام دۇنياسى مانا مۇشۇنداق قازان قاينىغاندەك قاينايتتى. مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار مۇسۇلمانلارنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى. چۈنكى ھەر مەزھەپ ئۆز قاراشلىرىغا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن دەلىل كەلتۈرەتتى.

يۇقىرىقىلارنىڭ سىرتىدا ساھابە كىراملاردىن تارتىپ جەمئىيەتتە مەيدانغا كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە باشقا پىتنىلەرگە ئارىلاشماي كەلگەن بىر جامائەت بار ئىدى. بۇلار ساھابىلەرنىڭ پىتنە چىقىشتىن ئاۋۋالقى ھالىتىگە ئەمەل قىلىدىغان، پىتنە چىقىپ مۇسۇلمانلار پىرقىلەرگە بۆلۈنۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ساھابىلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزىگە يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئىدى. بۇلار ئۆزلىرىنى باشقا يېڭى چىققان پىرقىلەردىن ئايرىش ئۈچۈن بەزىدە «ئەھلى سۈننەت»، بەزىدە «ئەھلى ھەق»، بەزىدە «ئەھلى ھەدىس» دەپ ئاتاپ كەلگەن. بۇ جامائەت ئەسلىدە يېڭى پەيدا بولغان بىر پىرقە ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ۋە ساھابە كىرامنىڭ دەسلەپكى يولىنى تۇتۇپ كەلگەن جامائەت ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا (ھىجرى 110 - يىللىرى) مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈن «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت» ئىسمى قوبۇل قىلىنىپ كەڭ قوللىنىلىشقا باشلىدى. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت ۋەلئەسەر» دېگەن ئىسىمنى قوللانغان.[19] «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت» ئىسمىنى ئەبۇللەيس ئەل سەمەرقەندى «شەرھى فىقھۇل ئەكبەر» ناملىق كىتابىدا ئىشلەتكەن.

ئىبنى ھەزم مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مەزھەپلەرنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت، مۇئتەزىلە، مۇرجىئە، شىئە ۋە خاۋارىجلار دەپ بەشكە بۆلۈپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت مەزھىپىنىڭ ھەق يول ئىكەنلىكىنى، قالغان مەزھەپلەرنىڭ ئازغۇن مەزھەپلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنى «ساھابە ۋە تابىئىينلارنىڭ سەرخىللىرىغا ئەگىشىدىغانلار، ئەھلى ھەدىسلەر ۋە ئۇلارغا ئەگىشىدىغانلار» دەپ تەرىپلەيدۇ.[20]

ئىسلام دۇنياسىدىكى داۋالغۇشلار، ھەرخىل مەزھەپلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئەقىدە قاراشلىرى، ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىيالماي گاڭگىراپ قالغان مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئەھۋالى ئەقىدە مەسىلىلىرىنى سىستېمىلاشقان بىر قىلىپ ۋە ئۆلچەم ئىچىدە بايان قىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدۇراتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، يارىلىرىغا مەلھەم بولۇش ئۈچۈن ئىمام ئەزەم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «فىقھۇل ئەكبەر» كىتابىنى يېزىپ، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئەقىدە ئۆلچىمىنى سىزىپ چىقتى. ئىمام ئەزەم بۇ كىتابىدا خاۋارىجلارنىڭ «چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان ئادەم كاپىر بولىدۇ، ئۇنى ئىمانغا دەۋەت قىلىش لازىم، ئۇنىمىسا ئۆلتۈرۈش لازىم» دەيدىغان چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئاشقۇنلۇق ئەقىدىسىنى رەت قىلىپ، «مۇسۇلمان ئادەم چوڭ گۇناھ بىلەن كاپىر بولمايدۇ» دېگەن پىرىنسىپنى بېكىتسە، جەبرىيەلەرنىڭ «كۇفرى بىلەن ئەمەلنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، ئىمان بىلەن گۇناھنىڭ زىيىنى بولمايدۇ» دېگەن، گۇناھ - مەسىيەتنىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋەتكەن ئەقىدىسىنى رەت قىلىپ، «گۇناھ قىلغان كىشى قىلمىشىدىن مەسئۇل بولۇپ، جازالىنىشقا ھەقلىق بولىدۇ. ئەگەر مۇئمىن گۇناھىدىن تەۋبە قىلماي ئۆلسە، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا گۇناھىغا تېگىشلىك جازالايدۇ» دېگەن پىرىنسىپنى بېكىتتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پۈتۈن ئىمان مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا، قۇرئان ۋە ھەدىسكە تايىنىپ ساغلام پىرىنسىپ ۋە ئۆلچەملەر دائىرىسىدە بايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ تۇنجى ئالىملىرىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى ئىمام ئەزەمدىن باشقا ئالىملار ھەتتا ھەسەن بەسرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىدىكى باتىل مەزھەپلەرگە قارشى بەزى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەقىدە مەسىلىلىرىنى بىر پۈتۈن ھالدا سىستېمىلىق ۋە تۇتۇپ ماڭىدىغان بىر ئۆلچەم شەكلىدە بايان قىلمىغان. ئىمام ئەزەمدىن كېيىن كەلگەن ئالىملار ئىمام ئەزەمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىمان ئاساسلىرىنى شەرھلەپ كەلمەكتە.

ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئارىسىدا بەزىدە ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان. لېكىن ھەممىسى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغانلىقى ئۈچۈن، كۆزقاراشلار ئارىسىدىكى ئوخشاشماسلىقلار ئىماننىڭ ئاساسىدا ئەمەس، پەقەت شاخچە مەسىلىلەردە كۆرۈلىدۇ.

ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئەڭ كۆپ مۇئتەزىلىلەرگە قارشى مۇجادىلە قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ پەقەتلا ئەقىلگە تايىنىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان پىكىرلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ھەرىكەت قىلغان. مۇئتەزىلە مەزھىپىدىكىلەر ئەقىلنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن مەنتىق (لوگىكا) ۋە پەلسەپە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پىكىرلىرىنى مەنتىقىي ۋە پەلسەپەۋى ئاساس ئۈستىگە قۇرغانىدى. ئۇلارغا رەددىيە بەرمەكچى بولغان ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭمۇ ئۇلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئۇلار قوللانغان ئۇسۇلنى قوللىنىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن «ئىلمى كالام» ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنى قۇرئان ۋە ھەدىستە كەلگەن ئەقىدە ۋە ئىمان مەسىلىلىرىنى ئەقىل ۋە مەنتىق ئارقىلىق شەرھلەپ، كىشىلەرنى قايىل قىلىش ئىلمى. ئەھلى سۈننەت بىلەن مۇئتەزىلە ئارىسىدىكى ئەڭ قاتتىق جەڭ «قۇرئان مەخلۇقمۇ ئەمەسمۇ؟» دېگەن مەسىلىدە بولغانلىقى ۋە بۇنىڭغا باغلىق ئاللاھ تائالانىڭ كالام سۈپىتى ئۈستىدە كۆپ تالاش - تارتىش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يېڭى چىققان ئەقىدە ئىلمى «ئىلمى كالام» دەپ ئاتالدى.

ئىلمى كالام ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئىمام ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرىي، ئىمام ماتۇرىدىي، ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالىي، فەخرۇددىن رازىي، سەئدۇددىن تەفتازانىي قاتارلىق ئالىملار ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىنى ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەر بىلەن كۈچلەندۈرگەن. مۇئتەزىلە باشتا پۈتۈن باتىل ۋە بىدئەت مەزھەپلەرگە قارشى مۇجادىلە قىلغان. ئۇ مەزھەپلەرنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسكە زىت پىكىر ۋە كۆزقاراشلىرىغا رەددىيە بەرگەن. يۇنان پەلسەپەسىگە مەپتۇن بولۇپ، ئارىستوتېلغا ئوخشاش پىكىر قىلىدىغان مۇسۇلمان پەيلاسوپلارنىڭ خاتا ۋە باتىل قاراشلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى مېتود ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن ئەشئەرىي، ماتۇرىدىي ۋە سەلەفىي دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ. سەلەفىيلەر بىلەن ئەشئەرىي ۋە ماتۇرىدىيلەر ئارىسىدىكى پەرق بولسا سەلەفىيلەر قۇرئان ۋە ھەدىستە ئاللاھ تائالا ھەققىدە ئىشلىتىلگەن مەخلۇققا خاس سۆزلەرنى ئۆز ئەينى قوبۇل قىلىمىز، دەيدۇ. ئەشئەرىي ۋە ماتۇرىدىيلەر ئاللاھ تائالانى مەخلۇققا ئوخشىتىشتىن ساقلىنىش ۋە ئاللاھ تائالانى مەخلۇقلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن پاك ۋە مۇنەززەھ دەپ تونۇش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ھەققىدە ئىشلىتىلگەن مەخلۇققا خاس سۆزلەرنى تەئۋىل (تەپسىر) قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا لايىق مەنە بېرىشكە بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ قولى دېگەن سۆزنى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى دەپ تەپسىر قىلغاندەك. بۇنى «تەئۋىل مەسىلىسى» دەيمىز. بۇ ئۇزۇن مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ئىزاھلاشقا ئىمكان يوق.

ماتۇرىدىيلەر بىلەن ئەشئەرىيلەر ئارىسىدا جۈزئىي مەسىلىلەردە ئوخشىماسلىق بولسىمۇ، ئومۇمەن ھەر ئىككىسى ئوخشاش ئەقىدىدە. ئىمام ماتۇرىدىي ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن، ئىمام ئەشئەرىي ئىراقتا ئۆتكەن.

فىقھىي مەزھەپلەرگە كەلسەك، ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى ھەنەفىي مەزھەپتە. ھەنەفىيلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ماتۇرىدىي مەزھىپىدە. شافىئىي ۋە مالىكىيلەر ئاساسلىق ئەشئەرىي مەزھىپىدە. ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆپ قىسمى سەلەفىيدۇر. سەلەفىيلەرمۇ بىر نەچچە قىسىمغا ئايرىلىدۇ.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ سانلىقى سۈننىيدۇر. سۈننىيلىك يەنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت قۇرۇق بىر ئىسىم ياكى بىر مەزھەپ ئەمەس. سۈننىيلىك بىر ياشاش تەرزى بولۇپ، ئىسلام دىنىنى قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇيغۇن ھالدا بارلىق ئىشلاردا تەتبىقلاشتۇر. يەنى كىم ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ياشايدىكەن، قۇرئان ۋە ھەدىسكە توغرا ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇ ئەھلى سۈننەتتۇر.

ئەھلى سۈننەت يولى ئوتتۇرىدىكى يولدۇر ۋە ئوتتۇرھال يولدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى يەرگە تۈز بىر سىزىق سىزدى ۋە: «بۇ ئاللاھنىڭ يولى» دېدى. ئاندىن ئۇ سىزىقنىڭ ئوڭ سولىغا بىر نەچچە سىزىق سىزدى ۋە: «بۇ باتىل يوللاردۇر» دېدى، ئاندىن: ﴿وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ﴾ «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. شۇ يولدا مېڭىڭلار. ناتوغرا يولدا ماڭماڭلار...»[21] دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى.[22] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە دىندا ئوڭ - سولغا ئېغىپ كەتمەي، دەل ئوتتۇرىدىكى يولدا مېڭىشنى بۇيرىدى. ئەنە شۇ ئوتتۇرىدىكى يول ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿وَكَذَلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا﴾ «سىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئوتتۇرھال ئۈممەت قىلدۇق» دېگەن.[23]

ئىمام تاھاۋىي ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت يولىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «بۇ ئىفرات بىلەن تەفرىتنىڭ[24] ئوتتۇرىسى، تەشبىھ[25]بىلەن تەئتىلنىڭ[26] ئوتتۇرىسى، جەبرىيەلىك بىلەن قەدەرىيەلىكنىڭ ئوتتۇرىسى، ئۈمىدسىزلىك بىلەن مەغرۇرلۇقنىڭ ئوتتۇرىسى، خەۋف بىلەن رىجانىڭ ئوتتۇرىسىدۇر. مانا بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى مۇشۇدۇر. بۆلگۈنچى كۆزقاراشلار، رەت قىلىنغان مەزھەپلەر، مۇشەببىھە، مۇئتەزىلە، جەھمىيە، جەبرىيە، قەدەرىيە ۋە باشقا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتكە خىلاپ، ئازغۇن مەزھەپلەرنىڭ قاراشلىرى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، دەلىللەرگە تايىنىدىغان قايىل قىلارلىق جاۋابلار بېرىلگەندۇر».[27]

يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارنى خۇلاسىلىسەك، «ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت» سۆزى ھىجرى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بۇ ئىسىمغا مەنسۇپ بولغان جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەن، سىياسىي ۋە دىنىي پىتنىلەرگە ئارىلاشمىغان، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەمەلنى ئەسلى بويىچە ساقلاپ كەلگەن، ھەق ئۈستىدىكى جامائەتتۇر. كۈنىمىزدىكى بەزى ئوقۇمۇشلۇق بىلىمسىزلەر سەۋەبىدىن ئەھلى سۈننەت ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل پىكىر ئىختىلاپى مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەسلىدە ئەھلى سۈننەت پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا قۇچاق ئاچقان، ھېچكىمنى چەتكە قاقمايدىغان، ئىسلامنىڭ «پۈتۈن مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» دېگەن شوئارىنى تۇتقا قىلغان جامائەتتۇر.

ئاخىرىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچىمەن. كۈنىمىزدە بەزى مۇتەئەسسىپ ئالىملار: «ماتۇرىدىي ۋە ئەشئەرىيلەر ئەھلى سۈننەت ئەمەس، ئۇلار ئازغۇن پىرقىلەر» دەپ داۋراڭ سالىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يېڭى ئوقۇغان ياشلار ئەشئەرىي ياكى ماتۇرىدىيلارنى مۇسۇلمان ئەمەس، كاپىر دېگەندەك قارايدىغان، ئەشئەرىي يا ماتۇرىدىي بولغان قېرىندىشىنى يامان كۆرىدىغان ئەھۋاللار شەكىللەنمەكتە. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ، ئىككىنچى بىرلىشەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتىگە چوڭ بالايىئاپەتتۇر. ئىماننىڭ ئاساسى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىكى، بارلىقى ۋە شېرىكىنىڭ يوقلىقى)» دۇر. ئۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەر فەرئىي (شاخچە) مەسىلىلەردۇر. ئىماننىڭ ئاساسىدا بىرلىشىپ، شاخچە مەسىلىلەردە ھەركىم ئۆزىنىڭ قارىشىدا قېلىۋەرسە بولىدۇ. يەنى بىراۋنىڭ قارىشى سېنىڭ قارىشىڭغا ئوخشىمىسا، ئۆزۈڭنىڭ قارىشىنى ئۆزۈڭ قانائەت قىلغان دەلىللەر بىلەن چۈشەنسەڭ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ قارىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك. سەندەك كۆز قاراشتا بولمىغان مۇسۇلماننى يامان كۆرۈش، باشقىلارغا يامان كۆرسىتىش قۇرئانغا ۋە سۈننەتكە زىت ئىش قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَٱعْتَصِمُوا۟ بِحَبْلِ ٱللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا۟﴾ «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (دىنىغا) مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار..»[28] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم بىزنىڭ نامىزىمىزغا ئوخشاش ناماز ئوقۇسا، بىزنىڭ قىبلىمىزگە قارىسا ۋە بىز بوغۇزلىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېسە (يەنى ھايۋاننى بىزگە ئوخشاش بوغۇزلاپ يېسە)، ئۇ مۇسۇلمان بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئامانلىقىدا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىدا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلماڭلار (يەنى ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلماڭلار)».[29] ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلۇللاھ مۇئمىنلەرنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، بىر - بىرىنى يامان كۆرمەسلىك، پارچىلانماسلىق ۋە بۆلۈنمەسلىك لازىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرسا، بىز كېلىپ ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلساق توغرا بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بىزنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن. ئاللاھ بىزگە ھەقنى ھەق كۆرسىتىپ ئۇ يولدا مېڭىشنى، باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ ئۇ يولدىن يىراق تۇرۇشنى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن.

 



[1] شەھرىستانىي، «الملل والنحل»، 1 - توم، 47 - بەت.

[2] سۈرە ئال ئىمران، 173 - ئايەت.

[3] سۈرە فاتىر، 43 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[4] سۈرە بەقەرە، 151 - ئايەت.

[5] سۈرە نىسا، 59 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[6] سۈرە نۇر، 51-، 52 - ئايەتلەر.

[7] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[8] ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايىتى، ھەسەن ھەدىس.

[9] سۈرە تەۋبە، 100 - ئايەت.

[10] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.

[11] ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، ئىبنى ماجە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان ۋە «ئىمام مۇسلىمنىڭ شەرتىگە كۆرە سەھىھ ھەدىس» دېگەن.

[12] ئىمام تىرمىزىي رىۋايىتى.

[13] شەھرىستانىي، «الملل والنحل» 1 - توم، 47 - بەت.

[14] ئىبنى تەيمىيە، «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 3 - توم، 157 - بەت.

[15] سۈرە مائىدە، 44 - ئايەت.

[16] ئىسپىرايىنىي، «التبصير» 28 – بەت؛ باغدادىي، «الفرق» 73 - بەت.

[17] تارىخى تەبەرىي، 6 - توم، 6 - بەت.

[18] ئىسپىرايىنى، «التبصير»، 60 - بەت.

[19] ئىبنى ئەبى يەئلا، «طبفات الحنابلة»، 1959 قاھىرە باسمىسى، 1 - توم، 31 - بەت.

[20] ئىبنى ھەزم، «الفصل في الملل والأهواء والنحل»، 2 - توم، 113 - بەت.

[21] سۈرە ئەنئام، 153 - ئايەت.

[22] ئىمام ئىبنى ماجە، ئەھمەد ۋە دارىمىيلار رىۋايەت قىلغان.

[23] سۈرە بەقەرە، 143 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[24] ئىفرات – مەسىلىنى چېڭىتىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش. تەفرىت – مەسىلىنى بوشىتىشتا ۋە سەل قاراشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بولۇپ، ھەر ئىككى توغرا يول ئەمەس، توغرا يول ئوتتۇرھال بولغان ھەق يولدۇر.

[25] تەشبىھ - ئاللاھ تائالانى سۈپەتلەشتە ئىنسانغا ئوخشىتىشتۇر. بۇ قاراشتىكىلەرگە «مۇشەببىھە» دېيىلىدۇ.

[26] تەئتىل – ئاللاھ تائالانى مەخلۇققا ئوخشاتمايمىز، دەپ ئاللاھنىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى بىكار قىلىش، قوبۇل قىلماسلىقتۇر.

[27] «شەرھى ئەقىدە تەھاۋىيە»، 588 - 586 - بەتلەر.

[28] سۈرە ئال ئىمران، 103 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[29] ئىمان بۇخارىي رىۋايىتى.